|
|
|
|
«مەدەنىيەت بوستانى» دا ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە يالقۇن روزى
رامزان ھېكمىتىگە توشقان ئۇلۇغ كۈنلەردىن بىرى بولغان بۈگۈن، يەنى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى (جۈمە) شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى» پىرۇگىراممىسى «قەلەم، قەدەم ۋە مۇنبەر » تېمىدا مەخسۇس زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئادىل مۇھەممەد تۇران قاتارلىق ئەدىب، ئوبزورچى ۋە مۇنەۋۋەر نەشىرىيات خادىملىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئابدۇقادىر جالىدىن ۋە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «ئىنسانىي پەزىلەت مەنزىلى»، «لاي قەلئەنىڭ سىرى» قاتارلىق 10 پارچە كىتابىنىڭ شىنجاڭ پەن-تىخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرقىلىپ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رىسايەتچى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ ۋەزنىلىك سۇئاللىرى ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئىخچام جاۋابلىرى بىلەن بۇ كىتابلارنىڭ نەشىرقىلىنىش سەۋەبلىرى، كىتابلارنىڭ تېما ۋە مەزمۇن دائىرلىرى، شۇنداقلا يىقىن دەۋىر ئۇيغۇر مائارىپى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى. مائارىپ مەدەنىيەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆرۈمچىدىكى يۇقىرى قاتلام زىيالىيلىرى قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە شىنجاڭ پەن تىخنىكا نەشىرياتىنىڭ باشلىغى ئادىل مۇھەممەد تۇران بۇ كىتابلارنىڭ تىخى نەشىرىياتتىن تولۇق چىقماي تۇرۇپلا3000 پارچىدىن ئارتۇق سىتىلىپ بولغانلىغىنى قەيىت قىلدى. ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە بۇ پىروگىرامما 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە كەچ سائەت 7:30 دا قويۇلىدىكەن. بۇ كىتابلارمۇ پىروگگىراممىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كىتابخانىلارغا سېلىندىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 11:42 PM
|
|
|
|
|
|