تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەركىزى بانىكىسىنىڭ زاپاس مەبلىغىنى يىل ئاخىرىغىچە 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى ئىشقا ئېشىش ئالىدا تۇرىدۇ.
تۈركىيەباش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ بۇ نىشاننى پات ـ پات تىلغا ئېلىپ تۇراتتى.
ئەردوغان 2012 ـ يىللىق لوندون ئولېمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بارغان بولۇپ، لوندوندا تۇرۇشلۇق تۈركلەر بىلەن ئىفتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
ئەردوغان مەركىزى بانكا زاپاس مەبلىغىنىڭ 99 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ھەققىدە خۇش خەۋەر بەردى.
ئەردوغان مەركىزى بانكا زاپاس مەبلىغىنى يىل ئاخىرىغىچە 100 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە يىل ئاخىرىغا قەدەر بۇ نىشاندىن ھالقىپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) غا بولغان قەرزىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) غا تۈركىيەنىڭ 5 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئولېمپىك مۇسابىقىلەر بار ئىدى.
ئولېمپىك كومىتېتى باشلىقى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە يېپىق شەكىلدە توختىلىپ ئۆتكەن ئوردوغان «ئولېمپىك مۇسابىقىسىنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارماقتىمىز» دېدى.
ئەردوغان 2020 ـ يىللىق ئولېمپىك مۇسابىقىلىرىغا نامزات بولغان ئۈچ شەھەرنىڭ بىرسى ئىستانبۇل ئىكەنلىكىنى
ھەمدە ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەتلەر شەھىرى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 09:45 PM