مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3293|ئىنكاس: 15

تۈركىيە – روسىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 08:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، موسكۋادا پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ناھايىتى ھالقىلىق بىر پەيتتە پەۋقۇلئاددە مۇھىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. گەرچە بۇ زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى سۈرىيە كىرىزىسى بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. ئەسلىدە بۇ مەسىلىگە باشقا بىر پەنجىرىدىنمۇ قاراشقا بولىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سودا - ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە ساياھەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە كىرىزىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى. تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان «نورمال» داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە كىرىزىسى «غەيرىي نورمال» ئىدى. سۈرىيە كىرىزىسى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. قىسقىسى بۇ ئەھۋال ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. ئەردوغان بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى، ئەنە شۇ سوغۇقچىلىقنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 32 مىليارد دوللاردىن 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش؛ ئېنېرگىيە، ساياھەت، يادرو رېئاكتور ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھەر ئىككى رەھبەر، سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى، جەنۋە قارارلىرىنى قوللاش ۋە سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::: ::::::::: ::::::::: ::::::: شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى، ئەسلىدە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ناھايىتى كېچىكىپ كەتكەن ئىدى. بىر يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارغا ئىگە بولۇشىغا قارىماي تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىي بىرەر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلمىغانىدى. تەرەپلەر ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەمدە تۈرلۈك سەۋىيەلەردە بىر بىرىگە سىگنال بەرگەن بولسىمۇ، بىراق سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارمىغانىدى. بۇ ئۇچرىشىش، سۈرىيە كىرىزىسى تۈپەيلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سوغۇقچىلىقنىڭ بىتەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتۇر. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە مەنپەئەتلىرى ھەر بىر كىرىزىس ۋە ئۆزگىرىشتە بىر بىرىگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. سۈرىيە كىرىزىسىدە كۆرۈلگىنىدەك، تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرۇلۇق بەرگەن تەكلىپلىرى بىر بىرىگە تولۇق ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، بۇنداق ئوخشىماسلىقلارنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇش، يۈز تۇرانە سۆھبەت ئېلپ بېرىش، دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ئىجابىيلاشتۇرۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مېنىڭچە، ھەر ئىككى رەھبەر ھەم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مۇقىملىق جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچلىرىنى بەردى. بولۇپمۇ جەنۋە كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمىشىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. رۇسىيە تەرەپ بۇنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويمىسىمۇ، بىراق بەششار ئەسەدسىز بىر سۈرىيەنىڭ سىگناللىرىنى بەردى. بۇ تەرىپى بىلەن رۇسىيە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە يېقىنلاشقان بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە بىردەك قاراشقا ئىگە. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، پۈتكۈل سۈرىيە خەلقى قوللايدىغان بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى لازىمنلىقىنى قوبۇل قىلدى. بۇ بولسا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتە ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. بۇ ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشىمۇ تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسقىسى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ، سۈرىيە مەسىلىسىدە بۇرۇنقى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. ئەمدى نۆۋەت بۇ ھەمكارلىقنىڭ ۋە جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا كەلدى. بۇ قەدەملەرنىڭ بىرىنچىسى، سۈرىيەدە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ھەم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەمدە ئۆكتىچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىشىغا توغرا كېلىدۇ. رۇسىيە بەششار ئەسەدكە، تۈركىيەمۇ ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشى لازىم. شۇنداقتىمۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بەرگىلى بولمىسا، ئىككىنچى قەدەم سۈپىتىدە تەرەپلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى لازىم. بۇ مەقسەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر ئېمبارگو قارارى ئېلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق رۇسىيەنىڭ بۇنداق بىر قارارغا قارشى چىقىۋاتقانلىقى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 19 - ئىيۇلدىكى قارارىنى يەنە بىر قېتىم ۋېتو قىلغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە سۈرىيە كىرىزىسىگە غەرب ئەللىرىنىڭ ئارىلىشىشىنى خالىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. جەنۋە كېلىشىمىگە كۆرە، ئەڭ مۇھىم مەسىلە بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدۇر. بىراق بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، بەششار ئەسەدنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىدۇر. تۈركىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلسا، رۇسىيە بىلەن ئىران قارىماققا بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللىماقتا. بۇنداق دېيىشتىن مەقسەت، رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەدسىز بىر ھاكىمىيەت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ پات - پات ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەگە مۇنداق سىگنال بېرىشكە توغرا كېلىدۇ: بەششار ئەسەدنى قوللاش دېمەك، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى قوللاش دېمەكتۇر. بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىشى، سۈرىيە خەلقىنى بارغانسېرى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلماقتا. ھازىرغا قەدەر سۈرىيەدە 18 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ يۈزمىڭلارچە كىشى تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىدى؛ ھاما، ھۇمۇسقا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر خاراب بولدى. بۇ بولسا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى، قانۇنىي ئاساسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى ۋە يىمىرىلىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۈچىنى يوقاتقان بىر بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كىمگە پايدىسى بار؟ سۈرىيە خەلقىگە قىلچە پايدىسى يوقلۇقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. ئۇنداقتا رۇسىيەگە پايدىلىق دېيىشكە بولامدۇ؟ ئۆز خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى رېئاللىققا قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى، رۇسىيەگە نىسبەتەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر تۈركىيە مۇھىممۇ؟ ۋەياكى كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى مۇھىممۇ؟ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋابلار، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 10:40 PM  


چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 08:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەخمەت ياخشى تېما

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 08:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسيە ئەمدى بولسىمۇ ئىنساندارچىلىق يولىغا مېڭىش قەدىمىنى بېسىپتۇ.بۇنىڭدا تۈركيىەمۇ خىلى كۈچىگەندەك قىلدۇ.تۈركيىە ئوتتۇرا شەرىقتە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ.بۇ دۆلەتتە قويۇق ئىسلام دىنى ۋە دىمۇكىراتىيە تەڭلا مەۋجۇت.شۇڭا غەرىب ۋە ئوتتۇرا شەرىق ئوتتۇرسىدا بىردىن بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالايدىغان دۆلەت.ئاللاھ خالىسا تۈركيەنىڭ كەلگۈسى تېخمۇ پارلاق.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىمۇ؟

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:57:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-27 09:50 PM
تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىمۇ؟

كۆپىنچە ئامما ئاساسەن ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلىدۇ، لىكىن ئىسلام ئەھكاملىرىنى قانۇن قىلمىغان.

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:18:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بۇيان خەۋەرلەردە ‹‹ ۋېتو ›› دىگەن گەپ پەيدا بولۇپ قالدى .   بۇنىڭ مەنىسى نىمە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 09:35:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقالسۇن مۇستەبىتلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4357
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:27:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىشىغا توغرا كېلىدۇ. رۇسىيە بەششار ئەسەدكە، تۈركىيەمۇ ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشى لازىم.


.............................................

ۋىتو دەپ قول كۆتۆرىۋىلىشنى چەكلەشنىڭ ئامالى بولسا، ئامرىكىنىڭ بىۋاستە ھالدا ھەربىي بىسىم ئىشلىتىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   国民党 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 10:27 AM  


سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

خەلق ئادۇۋكاتى 13239850499

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:55:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ سۆزلەر ئامال بار ساپ سۆزلەنسۇن ،باشقا تىلنى ئامال بار ئارلاشتۇرماڭ ....مەنمۇ ئۇقمۇدۇم ئۇ غەلىتە گەپنى ،،،،،،

خەلق ئادۇۋكاتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش