ھىندىستان مەمۇرى رايونلىرى
ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى(Republic of India) ئادەتتە ھىندىستان(India) دېيىلىدۇ.جەنۇبى ئاسىياغا جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇپ بېنگال،بېرما،جوڭگو،نېپال،بۇتان،پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىندۇ.سرىلانكا،مالدىۋىلار بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرلىپ تۇرىدۇ.برىتانىيە فېدېراتسىيىسنىڭ ئەزاسى.ھىندىستان جەنۇبى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ يەر مەيدانى 3201446كۋادرات كلومېتېر(ئەمەلىي تىزگىندىكى زېمېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كېلىدۇ،يەر مەيدانى جەھەتتە دۇنيادا يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ھىندىستان يەنە دۇنيادا نوپۇسى ئىككىنچى كۆپ دۆلەت بولۇپ2011-يىلغىچە 1مىليارد210مىليون نوپۇس بولۇپ پەقەت جوڭگونىڭلا ئارقىسىدا تۇرىدۇ،ھىندىستان نوپۇسى دۇنيا نوپۇسنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.
ھىندىستان جۇمھۇريىتنىڭ مەمۇرى رايونلارغا بۆلۈنىشى
ھىندىستان جۇمھۇريىتى جەمىئىي 28 شتات،6 فېدېراتسىيە زېمىنى ۋە 1 دۆلەت باشكەنتى(يېڭى دېھلى) دىن تەركىب تاپقان.
باشكەنتى: يېڭى دېھلى(New Delhi)
شىتاتلار(states):
1.ئاندىرا شىتاتى( Andhra )
2.ئارۇناچال شىتاتى(Arunachal).مەزكۇر شىتاتنىڭ تەۋەلىكىدە جوڭگو بىلەن دەتالاش مەۋجۇت.
3.ئاسسام شىتاتى(Assam)
4.بىھار شىتاتى(Bihar)
5.چاھاتتىسگار شىتاتى(Chhattisgarh)
6.گوئا شىتاتى(Goa)
7.گۇجارات شىتاتى(Gujarat)
8.ھەريانە شىتاتى(Haryana)
9.ھىماچال شىتاتى(Himachal)
10.جاممۇ ۋە كەشمىر شىتاتى(Jammu and Kashmir) مەزكۇر شىتاتنىڭ زېمىنىدا پاكىستان ۋە جوڭگو بىلەن دەتالاش مەۋجۇت.
11.جارقەند شىتاتى(Jharkhand)
12.كارناتاكا شىتاتى(Karnataka)
13.كەرالا شىتاتى(Kerala)
14.مەدىھىيە شىتاتى(Madhya)
15.ماھاراشترا شىتاتى(Maharashtra)
16.مانىپۇر شىتاتى(Manipur)
17.مېغالايە شىتاتى(Meghalaya)
18.مىزورام شىتاتى(Mizoram)
19.ناگالاندىيە شىتاتى(Nagaland)
20.ئورىسسا شىتاتى(Orissa)
21.پەنجاپ شىتاتى(Punjab)
22.راجاستان شىتاتى(Rajasthan)
23.سىككىم شىتاتى(Sikkim)
24.تامىل نادۇ شىتاتى(Tamil Nadu)
25.ترىپۇرا شىتاتى(Tripura)
26.ئۇتتارانچال شىتاتى(Uttaranchal)
27.ئۇتتار شىتاتى(Uttar)
28.غەربى بېنگال شىتاتى(West Bengal)