مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1667|ئىنكاس: 0

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۇرپانغا كېلىشى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10396
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9133
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 8158 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          تۇرپاننىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى باۋدۇن يۈسۈپ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرمچىگە ( مەركىزىي كومىتېتقا ) چىققان ئىدى .ئابباسوف باۋدۇن يۈسۈپكە : << ئەخمەتجان سىلەرنىڭ تۇرپانغا چۈشمەكچى بولىۋاتىدۇ ،قانداق دەيسىلەر؟ >> دېگەندىن باۋدۇن يۈسۈپ قوشۇلۇپ، خۇشال ھالدا ئابدۇراخمان مۇھىتىغا دەرھال تېلفۇن بېرىپ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۇرپانغا چۈشىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى ، ئابدۇراخمان مۇھىتى جىددىي تەييارلىق كۆرۈپ ئەخمەتجان قاسىمىنى قىزغىن قارشى ئالماقچى بولدى .
      1947 - يىلى 2-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىرھاجىيوف، تىيىپ ھاجى، قالى ئاباكوف، نۇرىدىن بەگ، ئۇيغۇر سايرانى، باۋدۇن يۈسۈپ قاتارلىق يەتتە كىشى بىلەن بىللە تۇرپانغا كېلىپ نۇرغۇن ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشى بىلەن ئابدۇراخمان مۇھىتىنىڭ ھويلىسى ئالدىغا كېلىشىگە تۇرپان خەلقى ئەخمەتجان قاسىمىنى پىكاپ بىلەن كۆتۈرۈپ يېڭى شەھەرنىڭ بىموڭ تېشىدىكى يىغىن ئېچىش ئۈچۈن راسلاپ قويغان مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. بۇ جايغا يىغىلغان ئادەم 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ئەخمەتجان قاسىمى ئاممىغا يىغىن ئاچتى. بۇ يىغىنغا تۇرپاندا تۇرۇشلۇق 231- برىگادا باشلىقى تەنزىمىن ۋە يۇرت ئاخۇنلىرىمۇ قاتناشتى .
ئەخمەتجان قاسىمى يىغىنغا قاتناشقانلارغا نۇتۇق سۆزلەپ << مەن ئەخمەتجان قاسىمى بولىمەن، يېقىندا مەن سىلەردىن رۇخسەتسىز خەلق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 11 بېتىمگە قول قويدۇم، بۇ 11 بېتىم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شىنجاڭ خەلقى ئەكسىيەتچى ھاكىميەتنىڭ زۇلىمىغا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ . زۇلۇم-زومبۇلۇق، چىدىغۇسىز دەرت-ئەلەم، بالايى-ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتى قالمىدى. ئېزىش - ئېزىلىشنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپ ، ئاخىر < پىچاق گۆشتىن ئۆتۈپ سۆڭەككە يەتتى > دەپ ئالدى بىلەن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تاقەت قاچىسىنى چېقىپ، زۇلۇمغا قارشى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەشكە ئاتلاندى. جۈملىدىن تۇرپان خەلقىمۇ ئەكسىيەتچى ھاكىميەتنىڭ زۇلىمىنى يەتكىدەك تارتىۋاتىدۇ. تۇرپان قەدىمدىن تارتىپ ئەكسىيەتچىلەرنىڭ زۇلىمىغا، قانلىق باستۇرىشىغا ئۇچراپ كەلگەن جاي، تارىختىن بۇيان تۇرپان ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى كۆرەشنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ كەلدى . بىز ھەرمىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ 11 بېتىمنى قوغدىشىمىز،ئەكسىيەتچىلەرگە ، مىللىي مۇناپىقلارغا بولغان كۆرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم. بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز، ئۇلارنىڭ دوستى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز . بۈگۈن- ئەتە ئۇلار چوقۇم خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولماي قالمايدۇ . بىز ئېكىسپىلاتورلارغا ، زومىگەر مۇستەبىتلىككە ، زۇلۇم سالغۇچى ئىستىبدات ھاكىميەتكە قارشىمىز، ھېچقاچان خەنزۇلارغا قارشى ئەمەسمىز ، بىز 11 بېتمگە ئاساسەن يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملەيمىز . 11 بېتىمنىڭ ھەقىقي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز . مانا بۇ ئالدىمىزدا تۇرغان پوتەيلەرنىڭ نېمە كېرىكى بار ؟ بۇ پوتەيلەر ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟ بۇنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ خەلق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىشى، ھۆكۈمەت خەلقنى ھىمايە قىلىشى كېرەك . ئۇنداق بولماي ئەكسىچە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىكەن ، خەلق بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ .تۇرپان خەلقى ئەزەلدىن سەۋىرچان . تېنىچلىق سۆيەر، ئادالەتپەرۋەر، جاسارەتلىك خەلق، سىلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابىي جاسارىتىڭلارنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. سىلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابىي جاسارىتىڭلارغا مىڭ  رەھمەت، سىلەرنىڭ بىرلىك -ئىتتىپاقلىقىڭلارغا مىڭ رەھمەت. سىلەرنىڭ شىجائەت بىلەن تېنىچلىقىنى ھىمايە قىلىش ئارزۇيىڭلارغا مىڭ رەھمەت ، سىلەرنىڭ ھۆرلۈك-ئازادلىق، ئەركىنلىك، تېنىچلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان قورقماس، پولاتتەك ئىرادەڭلارغا مىڭ رەھمەت، سىلەرنىڭ ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بېتىمنىڭ ھەقىقىي ئىجراسى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىق، غەيرىتىڭلارغا مىڭ رەھمەت >> دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەسىرلىنىپ ھاياجان ئىچىدە ئالقىشلار ياڭرىتىپ كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن << ياشىسۇن ئەخمەت ئەپەندىم ، ياشىسۇن ئەركىنلىك >>دەپ شۇئارلارنى توۋلاپ ئەخمەتجان قاسىمىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى .
             ئەخمەتجان قاسىمى يىغىن ئارلىقىدا يەنە << ۋەئەتسىمۇ بىھەببىلاھى جەمىئەن ۋەلاتەپەررە قۇ >> دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ يىغىنغا قاتناشقان ئاخۇنۇملاردىن  مەزمۇنىنى سورىغاندا ئاخۇنۇملار بۇنىڭ مەنىسىنى يېشىپ << ھەممىمىز بىرلىكتە ئىتتىپاق ئۆتەيلى! ئىتتىپاقسىزلىق قىلمايلى! >> دېگەنلىك دەپ جاۋاپ بەردى .خەلق ئاممىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئەخمەتجان قاسىمىغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى. شۇ پەيىتتە ئاستانە خەلقىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنى تەكلىپ قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئەخمەتجان قاسىمى سائەت 12 لەر ئەتراپىدا ئابدۇراخمان مۇھىتى ھەمرالىقىدا ئاستانىدىكى ئۈچكۆۋرۈكنىڭ شىمالىدىكى كەڭ سايغا كەلگەندە ئاستانە ۋە قاراغوجىدىن بولۇپ 1000 دەك كىشى قىزغىن قارشى ئېلىپ پىكاپتىن چۈشىشىگە مۇيدىن يۈسۈپ ( قاراغوجىلىق، ھازىر ھايات ) ئەخمەتجان قاسىمىنى كۆتىرىپ ئابدۇل پەرسانىڭ ئېتىنىڭ ئۈستىگە ئالدى . ئەخمەتجان قاسىمى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئاممىغا سالام ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن كۆپچىلىككە قاراپ << مەن ئەخمەتجان قاسىمى بولىمەن ، مەن بۇ يەرگە سىلەردىن ھال سوراش ئۈچۈن كەلدىم . مەن خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ 11 بېتمگە ئمزا قويدۇم. مېنىڭ قەلبىم سىلەر بىلەن قەلىبداش . مەقسىدىم، ھەرىكىتىم سىلەر بىلەن ئوخشاش، نىشانىمىز ئورتا ، سىلەر سۇ-سۇ دېسەڭلار، سۇ تەييار. ئالدىرىماڭلار، ھەممىڭلارنىڭ بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ، ئىتتىپاقلىشىپ 11 بېتىمنىڭ ھەقىقىي ئىمزاسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن >> دېگەندە ھاياجانلانغان خەلق << ياشىسۇن ئەركىنلىك ! >> ، << ياشىسۇن تېنىچلىق >> ، << 11 بېتىمنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى ! >> دەپ شۇئار توۋلاپ يىغىن مەيدانىنى جانلاندۇرۋەتتى .
           بۇ دەل جۈمە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن جۈمە ۋاقتى بولۇپ قېلىش سەۋەبى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامما بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەھمۇت ئاكا ( قاراغوجا كارساڭلىق ) نىڭ ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ ئامما بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتىدى . نامازدىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ قاراغوجا ئەتراپىغا كەلگەندە ( ئېغىزدىكى پاختا زاۋۇتى ئالدىغا قاراغوجىدىن تەشكىللەنگەن 30 نەچچە ياش ئەخمەتجان ئۆتىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە چارچاڭ(ھەر خىل مېۋە-چىۋە ،يېمەكلىكلەرنى جوزا ئۈستەللىرىگە تىزىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ قارشى ئېلىش سورۇنى) راسلىغان . ئەخمەتجان قاسىمى بۇ سورۇنغا كەلگەندە پىكاپتىن چۈشۈپ ئامما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئامما قىزغىن قارشى ئېلىپ ئالدىن تەييارلىغان ئىككى دانە ئالتۇن مېدالنىڭ بىرىنى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەيدىسىگە (بۇنى قاراغوجىلىق ئەمەت بوجاڭ قادىغان) يەنە بىرىنى رەھىمجان سابىر ھاجىغا ( بۇنى مويدىن يۈسۈپ تاقىغان ، قاراغوجىلىق ، ھازىر ھايات ) تاقىغان . ئاندىن 30 دىن ئارتۇق ياش تىزىملانغان بىر پارچە تىزىملىكىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا سۇنۇپ << بىز ئۆزىمىزنى سىزگە تاپشۇردۇق >> دېگەندە ، ئەخمەتجان قاسىمى تىزىملىكىنى كۆرۈپ << رەھمەت سىلەرگە! بىز ئاتا-ئاناڭلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە 11 بېتمنى قوغداش يولىدا ئىنقىلاب قىلىمىز ، كېين كۆرۈشەيلى ! >> دەپ چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا پىچانغا ئۆتۈپ كەتتى . يەنە ( قاراغوجا خەلقى بۇ ئىككى دانە ئالتۇن مېدالنى تەييارلاشتا تۇردى سوجاڭنىڭ ھەمىدىخاننىڭ ئالتۇن بۆكىنى پۇل يىغىش قىلىپ 12 تۈمەن يۈەنگە سېتىپ ئېلىپ بۇلۇڭ مەھەللە 1- كەنىتتىكى روزى ئالتۇنچىغا سوقتۇرغان ) .
ئەتىسى ئۈرۈمچى (مەركىزىي كومىتېتىت) باۋدۇن يۈسۈپكە تېلفۇن قىلىپ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دەرھال قايتىپ چىقىشىنى ئېيتقانىدى. باۋدۇن يۈسۈپ بۇ خەۋەرنى تېلفۇن ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن پىچاندىن قايتىپ تۇرپاننىڭ ئۈستى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتتى .
دېمەك ئەخمەتجان قاسىمى تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن تۇرپان خەلقىنىڭ ئەكسىيەتچىلەرگە بولغان قارىشى ئىنقىلاب روھى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ۋەزىيەت بىر قەدەر ياخشىلىنىپ 11 بېتمگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى .
         
      *ئەمەت بوجاڭ 3 ناھىيە قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان . ئۈچ ۋىلايەتكە كېتىۋېتىپ گومىنداڭغا قارىشى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قۇربان بولغان .


     مەنبە : 1988 -يىلى نەشىر قىلىنغان << تۇرپان تارىخ ماتېرىياللىرى(1)  >>  ناملىق كىتاب .
     

ئەسكەرتىش : نەگىلا كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز چاپلاڭ ، ئەمما چوقۇم مەنبەگە << يارغول مۇنبىرى>> دەپ يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! رەھمەت .                                       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 02:45 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
budak810 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
taturyul + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Xaparang + 100 ساقلىۋالدىم رەھمەت
Bilge + 10 قىممەتلىك ماتېريال.
bugaltir + 10 تاقىمىسڭلار بولمامدۇ .
ئىپارە + 10 تاقىمىسا بولمايدۇ!
oguz2 + 10 مۇشۇمۇ تاقىغۇدەك تىمى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 160   باھا خاتىرىسى

سۇبىھى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش