مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3692|ئىنكاس: 29

بەخىتلىك ئاياللارنىڭ يەتتە چوڭ ئالاھىدىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەخىتلىك ئاياللارنىڭ يەتتە چوڭ ئالاھىدىلىكى



نىكاھ - مەكتەپكە ئوخشايدۇ، خۇشاللىققا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك خۇددى ئۆگەنگەننىڭ كۆپ ياكى ئاز بولغىنىغا ئوخشاش، ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ مەكتەپتە، بەزىلەرنۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، نۇرغۇن تەرەپلەرنى تۈزىتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن تۇرمۇشتا، بەزىلەرنىڭ ئېرىشكىنى كۆز يېشى ۋە قايغۇ بولىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ زادى قانداق ئايال تويدىن كېيىن خۇشال تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ ؟
▲كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار. تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردا بىرلىككە كىلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرىقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.
▲ ئىقتىسادىي جەھەتتە نىسپىي مۇستەقىل ئايال.ئەگەر پۇلدار ئەرگە ياتلىق بولدۇم دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا ئىشلىمەي ئائىلىدە خېنىم بولسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى يولدىشىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەقسىز تاماق بېلىتى دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق بۇنداق قاراش ناھايىتى خەتەرلىك. مۇبادا ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي يولدىشىڭىزغا تايىنىپ قالسىڭىز، نىكاھتا ئاسانلا باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بىر ئايال بەك كۆپ پۇل تاپمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى باقالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر پۈتۈنلەي ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئويلىغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا قايتا - قايتا ئويلىنىڭ. بىز ئائىلە ئايالىنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي كىرىمى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تارتقان جاپالىرى كۆرۈنمەي قالىدىغان ئەھۋالمۇ يۈز بېرىدۇ.
يولدىشىڭىز پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغان ياكى ئائىلىڭىز دۆلەتمەن بولغان ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشلەشكە پەقەتلا ئامال بولمىغان ئەھۋالدىن باشقا، يېنىكلىك بىلەن خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرمەڭ، ئائىلە ئايالى بولىدىغان كۈنلەر ئۇزارغانسېرى، كىرىم بولمىغانلىقتىن، بەزىدە يېتىشەلمەيدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش تەس. يولدىشىڭىز سىزنى كەمسىتمىگەن تەقدىردىمۇ، سىز ئۆزىڭىز ئېھتىمال خاتىرجەم بولالمايدىغان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
▲ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتمىغان ئايال.ئىشەنچ ئەسلىدىنلا بىر خىل سېھرىي كۈچ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئكز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
▲ ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.توي قىلغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئىشى كۆپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللار ئۆزىنى تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن يولدىشىنى، بالىلىرىنى سۆيۈشى تەبىئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك. ئايالنىڭ بىر ئائىلىدىكى مۇھىملىقنى سۆزلىمىسەكمۇ ھەممىمىزگە ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىشى، زىيادە چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك.
▲ چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال. تويدىن كېيىن، ئەر -خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال، چوڭ ئىشلاردا پرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلى ، كىچىك ئىشلاردا ئەك ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى، ھېسىياتنىڭ سۇسلىىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاغرىنىش ۋە كوتۇلداش ھەمىشە قۇلاق تۈۋىدە غوڭۇلداپ تۇرسا، قانداقمۇ خۇشال - خورام بولغىلى بولىدۇ؟
▲بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال.ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر «غوجىدار» بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر، توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال، ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن، كۈڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.
▲ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال.ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى. بولمىسا، ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كېيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ بىر- ئىككى خىل ھەۋىسىنى ساقلاپ قېلىپ، رېئال تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبرىكىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك.



مەنبە     :   جۇڭگو  رادىيو  تورى شىنجاڭ تارماق تورى   .

http://www.radioxj.com/show.aspx?id=15321&cid=27

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، ئاياللار تويدىن كېيىن چوقۇم كۆپ نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13622
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5624 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 04:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىھتىمال توغرىدۇر.

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 04:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن.ئەرنى يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دەپتىكە...بەزى ئاياللىرىمىز پەقەتلا ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئىزدىمەيدۇ،كەشكىچە ئىرىدىن قاھشايدۇ.ئىرىمىز نى ئۆزىمىز گە باغلىماقچى بولساق چۇقۇم ئۇنىڭ ھالىغا يىتىشىمىز،تولا گەپ قىلىپ كۆزىگە كىرۋالماسلىقىمىز.ھەر ۋاقىت يەيدىغان تامىقىنى ھازىرلاپ تۇرىشىمىز كېرەك.بەزى ئاياللار سەندىن مەن قالامتىم دەپ ئېرىگە بەسكە سالىدۇ،لىكىن ئەر كىشى ئاجرىشىپ يەنە قانداق خۇتۇن ئالىمە دىسە ئالالايدۇ،لىكىن ئاياللار ئاجىز تىگىمە دەپلا تىگەلمەيدۇ .شۇڭا ئۆيىمىزنى ياخشى تۇتىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ئېرىمىزنىڭ كۆڭلىنى تۇتىۋېلىشقا ماھىر بۇلىشىمىز كېرەك.

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1652
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7230 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 04:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
870606 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-27 04:15 PM
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن.ئەرنى يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دەپت ...

جانلىق ئىنكاس   

  ئاياللار نىڭ  كۆپقىسمىنى  دوزاق ئەھلى دىگەن  مۇھەممەت ئەلەيھىسالام

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1162 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 06:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا تىگىشلىك تىمىكەن ،بىراق مەن يەنىلام ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئېرىنىڭ تېپىپ ئەكىلىپ بەرگىنگە شۈكۈر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ئايال كىشىنىڭ تاپقان پۇلىمۇ ياخشى ئەمەس بۇنى چۈشەندۈرشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. ئەر كىشى ئۆيلەنگەن ۋاختىدا ئۇ ئايالىنى چوقۇم بېقىشنى ئويلاپ ئالىدۇ ئەگەر ئايال كىشىنىڭ پۇلىنى خەشلىسە ئۇ بۇۋاقىتتا قانداق ئورۇنغا چۈشۈپ قالار..............

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7023
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
870606 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-27 04:15 PM
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن.ئەرنى يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دەپت ...



    مەن بۇ پىكىرنى ئۇنچە قوللاپ كەتمەيمەن، چۈنكى ‹‹ ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن›› دىگەن قاراشتا تىلغا ئېلىنغان ئايال، مەنچە بولغاندا بىرىنچى بولۇپ شۇ ئەرنڭ ئاپىسى، 20 نەچچە يىل ئانىسىنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىپ ، تۇرمۇشلۇق بولغاندا ، بۇ ئەرنىڭ مىجەزى ۋە تەربىلىنىشى ئاساسەن ئانىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ، توغرا نىكاھ تۇرمۇشتا ئايال ئەرگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەقىللىق ، ئۇز، پەزىلەتلىك ئايال بىلەن،  ئەركەكلەردەك خاراكتىرگە ئىگە تەدبىرلىك ئەر بىرلەشسە بۇ خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ئىش بولاتتى...

دىلنازئاي

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11599
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4629 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:11:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلگىلىك دەرىجىدە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تىما يوللاپسىز

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12861
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4228 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:00:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكياخشى تىمابوپتۇ              

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63976
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 07:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ - مەكتەپكە ئوخشايدۇ، خۇشاللىققا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك خۇددى ئۆگەنگەننىڭ كۆپ ياكى ئاز بولغىنىغا ئوخشاش، ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ مەكتەپتە، بەزىلەرنۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، نۇرغۇن تەرەپلەرنى تۈزىتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش