مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7205|ئىنكاس: 27

سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇيغۇر قەھرىمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79054
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:21:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu nusxini torgha qoyishinglarni umid qilimen, bashtiki bilar qilinsu.


          سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى  22 ئۇيغۇر قەھرىمان

                        نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بۇنىڭدىن  71 يىل ئىلگىرى، يەنى 1941-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى تاڭ سەھەر 4 تىن  30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى  ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 22 -ئىيۇن ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىغا قارا خەتلەر بىلەن يېزىلدى.
سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى جەڭلىرىنىڭ بىرى برېست قورغىنىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇ 2-جاھان ئۇرۇش تارىخىدىكى جۈملىدىن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇش تارىخىدىكى مۇھىم بىر قەھرىمانلىق سەھىپىسىدۇر. مانا بۇ ئۇرۇشقا قازاقىستاندىن بارغان 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ قاتنىشىپ، قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
يېقىندا قازاقىستانلىق تارىخشۇناس ، پروفېسسور لەيلا ئەخمەتوۋا خانىم مەخسۇس قازاقىستان دۆلەت ئارخىپلىرىنى ۋە رۇسىيە ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىم برېست قورغىنىنى قوغداش ئۈچۈن بولغان تۇنجى جەڭلەرگە 456 نەپەر قازاقىستانلىق ھەربىي خادىمنىڭ قاتناشقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى(1).
لەيلا ئەخموتوۋانىڭ <<برېست قورغىنى. برېستنىڭ قازاقىستانلىق قوغدىغۇچىلىرى >> ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىلگەن 456 نەپەر قازاقىستانلىق ھەربىي خادىمنىڭ تىزىملىكىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20 دىن ئاشىدۇ. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، برېست قورغىنىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان 456 نەپەر قازاقىستانلىقنىڭ 138 نەپىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىدىن، 68 نەپىرى تالدى قورغان ۋىلايىتىدىن بولۇپ، قالغانلىرى باشقا ۋىلايەتلەردىن ئىدى. بۇ ھەربىي خادىملارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 1939-1940-يىلى ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇن تەركىبىدە برېست شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئويلىمىغان يەردىن ئەنە شۇ ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەن.
2010-يىلى، رۇسىيىدە << برېست ئۇرۇشى>> ناملىق ئۈچ قىسىملىق بىر تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەندى . گەرچە، بۇ فىلىمدە برېست قورغىنىنى قوغداش جېڭىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇسلار ۋە باشقىلار قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇنىڭدا يەنە بىر قانچە نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق تىپىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىمۇ قىستۇرما شەكىلدە كىرگۈزۈلگەن.


  يەركەتتىن  برېستقىچە

برېست ھازىر بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بىر ئوبلاست بولۇپ، برېست شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئاھالىسى  310 مىڭدىن  ئارتۇق. برېست شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ چېگرا ئۆتكىلى، بۇ جاي بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنىيە  ۋە پولشادىن  ئىبارەت ئۈچ  دۆلەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.(2)
         برېست ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىڭ ئەڭ غەربىدىكى چېگرا ئۆتكىلى بولغان بولسا، يەركەت شەھىرى  ئۇنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان چېگرا ئۆتكىلى ئىدى. مەزكۇر ئىككى قورغاننىڭ ئارىلىقى 4 مىڭ كىلومېتردىن ئارتۇق بولۇشىغا قارىماي، ئەنە شۇ يەركەت سەھىرىدىن ئالمۇتىغىچە  بولغان ئارىلىقتىكى  كەڭ يېزىلارغا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 20 نەچچە پەرزەنتى قانداق بولۇپ، يىراق برېست قورغىنىغا بېرىپ قالدى؟ بۇ 20 نەچچە ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ  ئاتا-ئانىلىرى تېخى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، ئۇنى  10 يىل بېسىپ ياتقان  چار رۇسىيە  ھۆكۈمىتى   1881-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىلى ۋادىسىنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن 1882-1883-يىللىرى ئارىسىدا  رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىدى.
   ئەگەر،   چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ مەزكۇر ئىش بىرلىكى بولمىغان بولسا، بەلكى مەزكۇر ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۆز تۇپراقلىرىدا تۇغۇلۇپ، ئۆز ئانا يۇرتىدا  ئەركىن ئۆسكەن ھەمدە برېست قورغىنىنى قوغداپ،   ئۇ يەرلەردە نېمىسلارنىڭ ئوقلىرىدا ئۆلۈش قىسمىتىگە دۇچ  كەلمىگەن بولار ئىدى.  چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزگەن  ئىلى شەرتنامىسى نەتىجىسىدە  ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئىككىگە بۆلۈندى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەركەت شەھىرى چار رۇسىيىنىڭ ۋە كېيىنكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ  مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى شەرقىي چېگرا ئۆتكەللىرىنىڭ  بىرىگە ئايلاندى.

    مەزكۇر ئۇيغۇر جەڭچىلىرى برېستىكى  جەڭلەردە قانداق باتۇرلۇق كۆرسەتتى؟  قورال  تاشلاپ ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولغانمىدى؟ بۇ جەڭچىلەر  نېمىشكە باشقا رۇس، ئۇكرائىن، بېلارۇس  جەڭچىلىرىگە ئوخشاش قورال تاشلاپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ ھاياتىنى ساقلاپ قالماي، ئەكسىچە ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغىچە جەڭ قىلدى؟
ئۇلار برېست قورغىنىنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئىلى، چارىن ۋە ئۆسەك دەريا ۋادىلىرىدەك ئەزىز كۆردىمۇ يا؟  ياق!، مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس! ئۇلاردىكى بىرلا روھ ! يەنى دۈشمەنگە تەسلىم بولۇش، قول كۆتۈرۈپ، يۈزىنى قىزارتىپ ،رەقىبى ئالدىدا شۈمشىيىپ تۇرۇش ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ۋە نومۇس، سادىر پالۋاننىڭ ئەۋلادىغا لايىق ئىش ئەمەس!  دۈشمەنگە تەسلىم بولۇش پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يۇرتداشلىرى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ خالاس ! دېگەن روھ ئۇلارنى مەرتلىككە ئۈندىگەن بولۇشى مۈمكىن.
ئەنە شۇ 20 نەچچە ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ قېنى تۆكۈلگەن برېست شەھىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن مۇھىم خەلقئارالىق تۆمۈر يول ۋە تاش يول تۆگىنى ھەمدە دەريا پورتىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن بولۇپ، برېست قورغىنى ئارقىلىق ئۇدۇل موسكۋاغا ۋە رۇسىيىنىڭ باشقا ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرىگە بارغىلى بولاتتى. ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ شەھەر 1812-يىلى ناپولېئون رۇسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، رۇسلار بىلەن فرانسۇزلار ئارىسىدا تالىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان ھەمدە تاكى 1917-يىلىغىچە رۇسىيىنىڭ قولىدا بولغان، كېيىن رۇسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۇكرائىنىيە  جۇمھۇرىيىتىنىڭ  قولىدا بولغان، ئارقىدىن پولشانىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ،  1939-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئۇرۇش قىلماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرى پولشانى بېسىۋالغاندا ،  سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ پولشا ئارمىيىسىنى يوقىتىشىغا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن برېست قورغىنى ئەسلى كېلىشىم بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن( 3).
   ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ شەھەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولۇپ، 3-ئىمپېرىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا ئۆتكىلىگە ئايلانغان ئىدى. بىراق،  سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1941-يىلى، 22-ئىيۇندا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، برېست قورغىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولغان مەزكۇر شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق بۇ جايدىكى تۆمۈر يول لىنىيىلىرىنى بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى جايلىرىغا يۈرۈش قىلىدىغان ئاساسىي ئۆتكەل قىلىش پىلانى بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى.
گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پۈتۈن سەپلەر بويىچە تارمار بولۇپ، ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالمىدى. پەقەت ئەنە شۇ برېست قورغىنىدا جان تىكىپ  قارشىلىق كۆرسىتىش جەڭلىرى داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ھەتتا ئۇنى مەغلۇپ قىلالايدىغان كۈچى بارلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. گەرچە بۇ ئۇرۇشلار موسكۋا، ستالىنگراد، لېنىنگراد ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇرۇشلارغا قارىغاندا كۆلىمى كىچىك ھەم قاتناشقان ئەسكىرى كۈچى ئاز بىر جەڭ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قىممەتلىك تەرىپى ئەينى ۋاقىتتا بۇ قورغاننى ساقلاۋاتقان قوشۇننىڭ ئاخىرغىچە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈش ئارقىلىق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھەربىي روھىنى نامايەن قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  شۇڭا بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئۇرۇشنى ئالاھىدە ئورۇنغا  قويماقتا  ھەم ئۇنىڭ بويسۇنماس روھىنى قايتىدىن گەۋدىلەندۈرمەكتە.
مانا  مۇشۇ تۇنجى جەڭدە ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئۇيغۇر باتۇرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلدى. بىراق، بۈگۈنكى برېست قورغىنىدا ياشاۋاتقان بېلارۇسلار، رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقىلار 71 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئەشۇ شىددەتلىك جەڭلەردەر يىراق قازاقىستاندا، يەنى ئىلى دەرياسى بويىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ   ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك؟!
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى جەڭلىرىنىڭ بىرى ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە بېسىۋالغان پولشا بىلەن سوۋېت بېلارۇسىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارىسىدىكى برېست قورغىنى ئۈچۈن بولغان ئۇرۇش بولۇپ، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، جۈملىدىن 2- جاھان ئۇرۇشى تارىخىدىكى ئەڭ شىددەتلىك جەڭلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان مەزكۇر قىسقا ۋاقىتلىق مۇداپىئە ئۇرۇشىدا 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر قەھرىماننىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن برېست مۇداپىئە جېڭىنىڭ قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى يازغانلىقى باشقىلار  ئۈچۈن تەسىرلىك بولمىسا كېرەك.  بىراق، ئۇلارنىڭ نامى تاكى يېقىنغىچە تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان، ھەتتا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيىلىكلەر برېست قورغىنىنى قوغداش جېڭىدە << ئۇيغۇر>> ناملىق بىر خەلقنىڭ يىگىتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمىغان بولۇشى مۇمكىن .   بۇ  20 نەچچە قەھرىمان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان نامسىز قالغان ئىدى.


قىزىل ئارمىيىنى بىتچىت قىلغان <<چاقماق ھۇجۇمى>>


مەلۇمكى، 1941-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى گىتلېر گېرمانىيىسى شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن تارتىپ، جەنۇبتا قارا دېڭىزىغىچە بولغان 1800 كىلومېتىر لىنىيە بويىچە شىمالىي، مەركىزى ۋە جەنۇب يۆنىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فرونتقا بۆلۈنۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا << چاقماق تېزلىكىدە>> ھۇجۇم قوزغىدى.
    گېرمانىيە بۇ ھۇجۇم ئۈچۈن 181 دىۋىزىيىسىنى ئىشقا سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە 19 تانكا دىۋىزىيىسى، 14 موتورلاشقان دىۋىزىيە ۋە 18 برىگادىمۇ بار ئىدى.
    سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى  5.5 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ،  4300 تانكا ۋە برونىۋىك، 4980 ئايروپىلان ۋە 47200 ھەرخىل زەمبىرەك ھەم مىناميوت ئىشقا سېلىندى (4).
    گېرمانىيە قوشۇنلىرى بەزى ئۇرۇش فرونتلىرىدا ئۇرۇشىنىڭ 3-ھەپتىسىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا 300-600 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرەلىدى ۋە 200 دىن ئارتۇق يېقىلغۇ ئىسكىلاتى، قورال-ياراق ۋە ئوق دورا ئىسكىلاتىنى ئىگىلىدى.
    ئۈچ ھەپتە  ئىچىدە  گېرمانىيە قوشۇنلىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ  28 دىۋىزىيىسىنى تولۇق يوقاتتى  ۋە بۇنىڭدىن باشقا يەنە  72 دىۋىزىيىنىڭ  50% ئەسكىرى ھەم قورال-ياراقلىرى زىيانغا ئۇچراتتى. دەسلەپكى جەڭلەردە قىزىل ئارمىيىدىن  850 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 6 مىڭغا يېقىن تانكا، 6.500 دىن ئارتۇق زەمبىرەك ۋە 3 مىڭدىن ئارتۇق تانكىغا قارشى زەمبىرەك  ھەمدە 12 مىڭ  مىناميوت شۇنىڭدەك 3500 ئايروپىلان ۋەيران بولدى. ئەمما، ئۈچ ھەپتە جەريانىدا گىتلېر  گېرمانىيىسى  قوشۇنلىرىدىن ئاران 100 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ ، 1700 تانكىسى ۋە برونېۋىك ،  950 ئايروپلانىدىن ئايرىلدى  [5].
گېرمانىيە ئارمىيىسى تۇنجى كۈنلەردىكى  جەڭلەردىلا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ   1200 ئايروپلانىنى يوقىتىپ، 66 ھەربىي ئايرودرومىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە بىرىنچى كۈنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە 50-60 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرەلىدى .   سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پۈتۈن سەپلەر بويىچە مەغلۇپ بولۇپ تۇشمۇ -تۇشتىن ئەسىرگە چۈشتى .
  سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  مۇنداق  خەتەرلىك پەيتتە دەرھال موسكۋا ۋە شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنى  ئۇرال ، غەربىي سىبىرىيە، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەشنى قارار قىلدى ھەمدە تېزلىك بىلەن 70% زاۋۇت بەلگىلەنگەن جايلارغا يۆتكەپ بولۇندى. قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارقا سېپىگە ئايلىنىپ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ھەربىي زاۋۇتلار تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، ئالدىنقى سەپنى تەمىنلەشكە باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى، بولۇپمۇ ئاشلىق، يېمەك-ئىچمەك، يېقىلغۇ ھەم خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندى. ئەنە شۇ تۇپراقلاردىكى ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللىرى-بالىلىرى، بوۋاي-مومايلىرى تاپقان-تۈگۈنىنى، پۈتۈن كۈچىنى ئالدىنقى سەپنى تەمىنلەشكە ئىشلەتتى.
   ئەنە شۇ تۇنجى كۈندىكى جەڭلەردە پەقەت برېست قورغىنىنى مۇداپىئە قىلغان سوۋېت ھەربىي خادىملىرىلا ئۇنچە تېز مەغلۇپ بولماي ، جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتەلىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىمۇ بار ئىدى.  بۇ ئۇيغۇر جەڭچىلىرى تەسلىم بولماي ئۆلگىچە  ئېلىشتى.
تارىختىن مەلۇمكى، برېست سېپىلى دەسلەپكى قېتىم 1939-يىلنىڭ  2-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە  فاشىست ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇنى پولشا ئارمىيىسىنىڭ  جەڭچىلىرى  جان تىكىپ قوغدىغان ھەم شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قەھرىمانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى نامايىش قىلغان ئىدى. ئۇرۇشنىڭ  دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا گېرمانىيە سوۋېتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پولشا ئەسكەرلىرىنىڭ برېست سېپىلىدىكى قارشىلىقىنى بېسىشقا كىرىشكەن ھەمدە برېست سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان ئىدى.
گېرمان  فاشىستلىرىنىڭ  برېست  سېپىلىغا قىلغان ھۇجۇمى 1941-يىلنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى تەكرارلاندى.  بۇ قېتىمدا ئۇنى قوغداش قىزىل ئارمىيە  جەڭچىلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى.  22-ئىيۇن كۈنى تاڭ سەھەردە گىتلېر قوشۇنلىرىنىڭ  تۇيۇقسىز قاتتىق بومباردىمانغا  ئۇچراپ، دەسلەپتىلا ئىنتايىن كۆپ ساندا ئەسكەرلەر ۋە تىنچ ئاھالە قۇربان بولدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندا سېپىلدا 15 مىڭ سوۋېت جەڭچىسى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بولغان.  دەسلەپكى  جەڭلەردىلا كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ئۇجۇقتۇرۇلغان، پۈتۈن شەھەردە قىيامەت قايىم بولغاندەك مەنزىرە  شەكىللەنگەن. ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرى بولسا قورشاۋنى بۇزۇپ چىققان، كۆپ ساندا ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ،  سېپىلدا ئوتتۇرا ھېسابتا  3.5 مىندىن 4 مىڭغىچە  جەڭچى قەلىپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.
گەرمان ئارمىيىسى ئۇلارنى  بومباردىمان ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاتاكا ئاستىغا ئالغان بولۇپ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئوق-دورىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە  تىببىي ياردەم بولماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك بېسىملار سوۋېت جەڭچىلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم سەپتىن چىقىرىپ، تەسلىم بولغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. پەقەت ئەڭ  ئىرادىلىك جەڭچىلەرلا تەسلىم بولماي مەرتلىك بىلەن ئېلىشقان.
دۈشمەن كۈچى بولسا ئۇلاردىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولغان. برېست قوغدىغۇچىلىرى  تاكى ئاۋغۇست  ئېيىغىچە ، بەزى مەلۇماتلار بويىچە نويابىر ئايلىرىغىچە  قارشىلىق كۆرسەتكەن. 29- ۋە 30-ئىيۇن كۈنلىرى فاشىستلار ئايروپلاندىن سېپىلغا 500 ۋە 1800 كىلوگراملىق ئېغىر بومبىلارنى تاشلىغان.
سېپىلنى قوغداشقا قاتناشقان جەڭچىلەر ئىچىدە 30 دىن ئوشۇق مىللەت ۋەكىللىرى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.


   70 يىل ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئىسىم-شەرىپلەر


پروفېسسور  لەيلە ئەخمەتوۋانىڭ ماقالىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا ھەم تالدى-قورغان ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلغان 20 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبى كۆرسىتىلمىگەن. ئەمما  ئۇلارنىڭ يۇرتى، ئىسمى ۋە باشقىلارغا  ئاساسەن  ئېنىقلاپ چىقىلغان تىزىملىك تۆۋەندىكىچە(6):
1.        ئىمېر دىلياموف.  1916 –يىلى. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ  ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ  تەشكەنساز يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1939-يىلى، 19-فېۋرالدا ھەربىي سەپكە چاقىرىلغان.  جەڭچى ، ئاتقۇچى. جەڭدە ئۆلگەن.
      2. ئوبۇلقاسىم قادىربېكوف  - 1916پ-تھۇغۇلگان. تالدى قۇرغان ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ يېزىسىلىق. 1939-يلى، فېۋرالدا  ھەربىي سەپكە چاقىرىلغان. جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئولگەن.
2.        غوجىخان قادىروف . ئالمۇتا ۋىلايىتىلىق، 1939-يىلى، ئەسكەر بولغان، ئاتقۇچى،  جەڭچە ئولگەن.
4.         مىرسالى سادىقوف.  1917-يىلى، چىلەك رايونىنىڭ  يېڭى تۇرمجۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1939-يىلى، ئەسكەر بولغان. جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئولگەن.

5.         ئابىلھەيىت سۇپىيېف  1912-يىلى.  ئالمۇتا ۋىلايىتى، ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ كۆكتۆبە يېزىسىدا تۇغۇلغان.  1939-يىلى،  9-ئايدا  ئەسكەر بولغان. جەڭچى  ۋە برېست جېڭىدە ئۆلگەن.
6.        ئابلابوۋ زاخرۇللا.  1912 –يىلى،.  چىلەك ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1940-يىلى، ئەسكەر  بولغان، جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئولگەن.
7.        ھاجىمۇراتوف  نۇردۆۋلېت . 1914-يىلى،. ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىدىن، پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 1940-يىلى، 2-ئاقيدا ئەسكەر بولۇپ،  جەڭدە ئۆلگەن، ئاتقۇچى.

8.         روزاخۇن  ئالايېف . 1910 –يىلى. چىلەك ناھىيىسىنىڭ قارايوتا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1940-يىلى، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى  ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان ھەمدە جەڭدە  ئۆلگەن، ئاتقۇچى. جەڭچى.

9.         غېنىئاخۇن جەلىلوف . 1912 –يىلى،  چىلەك ناھىيىسىنىڭ مالىباي يېزىسىدا تۇغۇلغان.  1940-يىلى،  4-فېۋرالدا ئەسكەر بولغان، جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئۆلگەن.

10.  ھېزىم ئىمىنوف . 1912-يىلى،  چىلەك ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت  يېزىسىلىق.  1940-يىلى، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەسكەر بولغان، جەڭچى، ئاتقۇچى ، جەڭدە ئۆلگەن.

11.          ئىمېناخۇن كامالوف  .  1921 –يىلى تۇغۇلغان،  ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ   تۆكتۆبە يېزىسىدىن ، 1940-يىلى، ئەسكەر بولغان.  جەڭدە ئۆزىنى تانكا بىلەن قوشۇپ پارتلاتقان.

12.         ئابدۇ مۇسابايېف.1915 –يىلى تۇغۇلغان. چىلەك ناھىيىسىنىڭ قىزىل-جىگەدە  يېزىسىلىق س. 4.2. 1940 –يىلى. 4-فېۋرالدا ئەسكەر بولغان. جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئۆلگەن.
13. نازىروف  ماياد ئاخاتوۋىچ  مەيدە ئەخەت ئوغلى نەزىروف. 1916-يىلى، چىلەك ناھىيىسىنىڭ قىزىقىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1940-يىلى، ئەسكەر بولغان.  1941-يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى يارىلىنىپ ئەسىرگە ئېلىنىپ، 1943-يىلى، ئۆلگەن. بۇ جەڭچىنىڭ مىللەت تەركىبى يېزىلمىغان بولۇپ،  تۇغۇلغان يۇرتى ۋە ئىسمىگە قاراپ  ئۇيغۇر ئىكەنلىكى پەرەز قىلىندى.
14.  نىيازوف مەخسۇت نىياز ئوغلى. ( 1914-1996). ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ  سادىر يېزىسىدىن، 1940-يىلى، ئەسكەر  بولغان. برېست قورغىنىنى قوغداش جېڭىدە باشتىن ئاخىرى بولغان ھەمدە  قورشاۋدىن قېچىپ چىقىپ، پۈتۈن ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان. ئۇ برېست جېڭىدە  ئىزۋوت كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىدى.  ئۇ، 1996-يىلى، ۋاپات بولغان.

15.         ئەبەي توختاخۇنوف .  1911 –يىلى، چىلەك ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.  1940-يىلى، 4-فېۋرالدا ئەسكەر بولغان.  جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئۆلگەن.

16.         ساۋۇت ھوشۇروف . ئەمگەكچى  قازاق ناھىيىسىنىڭ يېڭىشەر يېزىسىدا تۇغۇلغان.  1940-يىلى، ئەسكەر بولغان.  برېست قورگۇنىدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ قورشاۋدىن قېچىپ چىققان ھەمدە ھايات قالغان شۇنىڭدەك بارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. پولك ھەربىي كۇرسىنى تۈگەتكەن.    يېقىنغىچ ھايات ياشىغان .
17. تۇرسۇن ھوشۇروف  - 1917 –يىلى چېلەكتە تۇغۇلغان.  1940-يىلى، 2-ئايدا ئەسكەر بولغان ،  جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئۆلگەن.

18.    مىجىت يۈسۈپوف - 1920 –يىلى چىلەكنىڭ  بايسېيىت يېزىسىدا تۇغۇلغان.  1940-يىلى،10-ئوكتەبىردە ئەسكەر بولغان.  جەڭچى، جەڭدە ئۆلگەن.

19 .          ئابدۇللا ئىسلاموف  ئىسلام ئوغلى،  1919 –يىلى،  پانفىلوف، يەنى يەركەت ناھىيىسىنىڭ قۇرغان  يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئەسكەر بولغان.  جەڭچى، ئاتقۇچىئى، جەڭدە ئۆلگەن.
20. ئەخمەت جەلىلوف ، 1919-يىلى تۇغۇلغان ، يەركەت شەھىرىدە تۇغۇلغان. كومسومول، جەڭچى، ئاتقۇچى، جەڭدە ئۆلگەن.
21.          ئابدۇخېلىل ياقۇپوف  - 1918 –يىلى تۇغۇلغان ، تالدىقۇرغان ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ( يەركەت) ناھىيىسىنىڭ بىرلىك يېزىسىدىن . 1939-يىلى، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەسكەر بولغان. جەڭچى، جەڭدە ئۆلگەن.

22. مۇھەممەد تۇردىيېف. 1921-يىلى، يەركەت ( پانفىلوف) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەسكەر بولغان. سېرزھانت،    كومېنداد ئىزۋوتىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى، جەڭدە ئۆلگەن.
  يۇقىرىقى  ئىسىملاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ تۈگمەن يېزىسىدا  تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلاردىن  زلاۋدىنوف جالال  ئىسىملىك  جەڭچىمۇ بار. ئۇمۇ برېست قورغىنى ئۈچۈن بولغان جەڭدە ئۆلگەن.
برېست قورغىنى ئۈچۈن بولغان جەڭنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان << برېست قورغىنى>> ناملىق فىلىمدە ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە بىر رۇس جەڭچىسىنىڭ دۈشمەن تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، دۈشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكى ۋە ئاخىرى ئۆزىنىڭ قۇربان بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، لەيلە ئەخمەتوۋانىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى-قازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق كۆكتۆپە يېزىسىدا 1921-يىلى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەمدە 1940-يىلى، ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان ئۇيغۇر يىگىتى ئىمىناخۇن كامالوف  1125-ئاتقۇچىلار پولكىنىڭ ئاتقۇچىسى ئىدى. ئۇ، 22-ئىيۇن كۈنىدىكى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، دۈشمەن بىلەن قاتتىق ئېلىشقان . باشقا مىڭلىغان سوۋېت ئەسكەرلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن قورال تاشلاپ ئەسىرگە چۈشىۋاتقان بۇنداق شارائىتتا بۇ ئۇيغۇر يىگىتى قورال تاشلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، دۈشمەن تانكىسىغا قارشى گراناتلارنى تاشلىغان ھەمدە ئاخىرىدا قولىدىكى گراناتلار بىلەن بىرگە تانكىغا ئېتىلىپ بېرىپ، تانكىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزى تانكا بىلەن تەڭ پارتلىغان ئىكەن.
باشقا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەڭچىسىنىڭ يەنە قانداق باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتكەنلىكى نامەلۇم، بۇلار ھەققىدە ھېچ كىم ھېچ نېمە يازمىغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1937-يىللىرى خوجا نىياز ھاجىمغا مەسلىھەتچى سۈپىتىدە مەنسۇر ئەپەندى دېگەن نام بىلەن ئەۋەتكەن، 1944-1946-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چۆچەكتىكى پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئابدۇللا رامازانوف ئىسمى بىلەن ئەۋەتكەن مەخسۇس خادىمى، مەشۇر روزىيېفنىڭ 1970-يىللاردا نەشىر قىلىنغان << قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى >> ماۋزۇلۇق كىتابىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ برېست ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق 20 نەچچە ئۇيغۇر جەڭچىسىنىڭ مەزكۇر جەڭلەردە بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىدى(7).


بىھۇدە تۆلەنگەن بەدەل ۋە قەھرىمانلىقلار


مەلۇمكى،1941-يىلى، 22-ئىيۇندىن تاكى 1945-يىلى، 8-مايغىچە داۋاملاشقان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى 27 مىليون سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋە پۇقراسى ۋە 9 مىليوندىن ئارتۇق گېرمانىيە ئارمىيىسى ھەم ئۇنىڭ ياللانما ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بىلەن ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولدى(8).
گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىغا قارشى ستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پۈتۈن ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە ئادەم بايلىقىنى ئىشقا سېلىپ تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇرۇش گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ، جۈملىدىن ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىن شۇنچە يىراقتا بولۇشىغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىمۇ ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرگۈزۈلۈپ، رۇس، ئۇكرائىن، بېلارۇس قاتارلىقلار سىلاۋىيانلار ۋە باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا مىليونلىغان پەرزەنتلىرىنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ رەھىمسىز ئوقلىرىغا يەم قىلىپ بېرىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئۆزبېكلەر، قازاقلار، تاجىكلار ئەڭ كۆپ ئۆلدى. ئەلۋەتتە بۇ سەپتە يەنە تۈركمەنلەر، قىرغىزلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بار.
مەلۇمكى، سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن ئەڭ كۆپ ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگەنلەر ئۆزبېكىستانلىق بولۇپ، 1 مىليون 433 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئالدىنقى سەپلەردىكى جەڭلەرگە ئەۋەتىلگەن. 450 مىڭ ئادەم، ئۆلگەن 132مىڭ ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. 338 ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق قەھرىمانى بولغان. ئۆزبېكلەردىن تۇنجى بولۇپ، ئەنجانلىق قوچقار تۇردىيېف سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى بولغان. ئەنجان ئوبلاستىن 97 مىڭ ئادەم ئۇرۇشقا بېرىپ، 40 مىڭ ئادەم ئۆلگەن (9).
قازاقىستانلىقلاردىم 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئۇرۇشقا بېرىپ،410 مىڭ ئادەم ئۆلگەن(10) . قىرغىزىستاندىن 360 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يېرىمى دېگۈدەك ئۆلگەن.(11)
4 يىللىق سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا ياۋروپادىن 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەتتەسۇنىڭ ئىلى دەرياسى ۋە چارىن دەريالىرى ۋادىلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت بۇيرۇقى بىلەن ھەربىي سەپكە ئەۋەتىلگەن خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى. سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن بارغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئۆلگەن ھەم يارىدار بولغان بولسىمۇ، بىراق تاكى ھازىرغىچە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئۇرۇش سېپىگە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلار كۆپىنچە ھاللاردا ئانچە تىلغا ئېلىنمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر جاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئىزچىل كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ، بۇ ۋىلايەت ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان شۇنىڭدەك قەدەم-قەدەم ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ۋىلايەت ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ  تېگى-تەكتى ئۇيغۇر ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ۋىلايەتتىن ئۇرۇشقا بارغان 97 مىڭ ئادەم ۋە ئۆلگەن 40 مىڭ ئادەمنىڭ زور كۆپچىلىكىمۇ ئۇيغۇر نەسلىدىن بولۇشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
بۇلاردىن باشقا يەنە پەرغانە ۋادىسىنىڭ باشقا شەھەر ۋە يېزىلىرىدىن بارغان ئۆزبېكلەرنىڭمۇ خېلى كۆپچىلىكىنىڭ تېگى-تەكتىنىڭ ئەسلىدە قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئۆزبېكىلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن  ئەنە شۇ جايلىق ئۆزبېكلەرنىڭ خېلى كۆپچىلىكىنى  ئەسلى ئۇيغۇرلار دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، نوپۇسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە بىز << پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار>> ناملىق ماقالىمىزدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق.
4 يىلغا سوزۇلغان سوۋېت -گېرمان  ئۇرۇشى جەريانىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ھازىرچە تولۇق مەلۇم ئەمەس. بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك ئۇچۇرلار بار. بەزىلەر 200 مىڭ ئۇيغۇر ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يېرىمى ئۆلگەن دېسە ، يەنە بەزىلىرى 100 مىڭ ئۇيغۇر قاتنىشىپ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلگەن دېيىشىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچكىممۇ سانلىق مەلۇمات توپلىغىنى يوق.  ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن    ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە تەركىبى تېخىمۇ مۇرەككەپ  بولۇپ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكىستانلىق ۋە ياكى ئۆزبېك دېگەن رامكا ئىچىگە كىرگۈزىلىدۇ.  قىسقىسى، ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى  سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا ئەڭ كۆپ ئادەم چىقىم بولغان مىللەتلەرنىڭ بىر ھېسابلىنىدۇ خالاس!.
ئەمما،  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن 3 ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى، 1 ئادەمگە كېيىن قازاقىستان خەلق قەھرىمانى دېگەن ئالىي نام بېرىلگەن. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار <<قىزىل يۇلتۇز>>، <<قىزىل بايراق>> ۋە <<1- ۋە 2-دەرجىلىك دەرىجىلىك ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى>> قاتارلىق ئالىي ئوردېنلار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇيغۇرلار موسكۋا، لېنىنگراد، ستالىنگراد ، كىيېف ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەمدە ياۋروپادا بېرلىننى ئىشغال قىلىش جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان. ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى موسكۋانى قوغداش جەڭ مەيدانىدا، لېنىنگراد ئۇرۇش مەيدانىدا، ستالىنگراد ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھەم باشقا ھەر قايسى ئۇرۇش سەپلىرىدە ھەمدە ياۋروپا تۇپراقلىرىدا تۆكۈلدى.
ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى، رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە، مولداۋىيە ۋە كاۋكازىيىنىڭ يېزا قىشلاقلىرى ۋە شەھەرلىرىدە قالدى.
ھازىرغىچە ئېتنىك تەركىبى ئېنىق بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن مەسۈم ياقۇپوف، داداش باباجانوف، سۈلھى لۇتپۇللىن قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ئەڭ ئالىي نام -سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. يەنە بىر نەپەر قەھرىمان مۆردۈن تېيىپوف ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن قاندقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن بۇنىڭغا ئېرىشەلمەي، 1995-يىلى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۇنىڭغا قازاقىستان خەلق قەھرىمانى دېگەن ئالىي قەھرىمانلىق نامىنى بەرگەن.  ئۆزبېكىستانلىق ئۆزبېك ئاتالغان قەھرىمانلارنىڭ ئارىسىدا  يەنە قانچىسىنىڭ ئەسلى تېگى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس.
  4 يىللىق سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىن مەلۇم ساندا تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار يېتىشىپ، چىقىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ  ئىزۋوت، روتا، باتالىيون ۋە پولكلىرىغا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكلىرى پودپولكوۋنىك ۋاخاب غوجامبەردىيېف، پولكنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كوماندىرى ۋە دىۋىزىيىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىستىپادىكى پولكوۋنىك ئابدۇللا ئىزباقىيېف ،مايور م. باراتوف، مايور ئىسھاقوف ، لېيتىنانت ئاۋۇت ساتتاروف ، پولكنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە كوماندىرلىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان خېلەم خۇدابەردىيېف ۋە باشقىلار بار ئىدى. ئاياللاردىن سېرجانت رىزۋان قادىروۋا پۈتۈن ئۇرۇش سەپلىرىنى تاماملاپ ئاخىرى بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ باتۇرلۇق ئوردېنلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى(12).
باتالىيون كوماندىرى ھاشىم نەسىردىنوف، پودپولكوۋنىك ساۋۇت دانىياروف قاتارلىقلار سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ باتالىيون ۋە پولكلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ كۆپلىگەن جەڭلەردە غەلىبە قىلغانلىقى ئۈچۈن << قىزىل يۇلتۇز>> ۋە << قىزىل بايراق>>  ئالىي ئوردېنلىرى  بىلەن مۇكاپاتلانغان.
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگەند رايونىلىق ئۇيغۇر جەڭچىسى قاھار شەرىپوف پولشادىكى جەڭلەر داۋامىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، كېيىن ئەسىرلىكتىن قېچىپ پولشا پارتىزان ئەتىرىتىگە قاتنىشىپ، پولشادا پارتىزانلىق ئۇرۇشلاردا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن پولشا ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەڭ ئالىي پارتىزانلىق قەھرىمانلىق ئوردېنى<< ئالتۇن پارتىزان كرېستى>> بىلەن تەقدىرلىدى(13).
ئۇيغۇرلار پارتىزانلىق ئۇرۇشلارغىمۇ قاتنىشىپ، پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان ئىدى. مەسىلەن ،
شەمشىدىن نىزاموف مىنسك-موسكۋا لىنىيىسىدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىدا ئالاھىدە پارتىزان دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىنى ۋەيران قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا <<قىزىل بايراق>> ئوردېنى بېرىلگەن. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن نېمىس ئارقا سەپ تەمىنات پويىزلىرى، ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى ۋەيران بولدى.
ھاكىم ئەيسايېف بېلارۇسىيە ئورمانلىرىدىكى چوڭ پارتىزان ئەترىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ كوماندىرلىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ پارتىزانلار ئارىسىدا << قارا مىشا>> دېگەن لەقەم بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشى جەريانىدا ئۇنىڭ قەھرىمانلىق نامى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ، رىۋايەتكە ئايلانغان ، ئاخىرىدا ئۇ يارىلىنىپ، پۇتى كېسىۋېتىلگەن ئىكەن (14).
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا داڭلىق ئالىملار ۋە يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى(15).
مەسىلەن،  1925-يىلى، قىرغىزىستاننىڭ  ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىرقى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور ئەزىز ئەيساجان ئوغلى نارىنبايېف 1941-1945-يىلىغىچە سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە كۆپلىگەن جەڭلەرگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى زەمبىرەكچىلەر قوشۇنىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، نۇرغۇنلىغان دۈشمەن ئىستىھكاملىرى ۋە تانكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئوردېن ھەم  مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.
ئەزىز نارىنبايېف  ئۇرۇشتىن كېيىن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇنجى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ۋە پروفېسسور بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، كۆپلىگەن قىرغىز ئالىملىرى ، دۆلەت ئەربابلىرىنى تەربىيىلىگەن ئىدى. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفمۇ ئەنە شۇ ئالىمدىن پەلسەپە دەرسى ئاڭلىغان ئىدى.
گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ مانجۇرىيىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىنى يوقىتىش جەڭلىرىگە قاتنىشىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونىيە ئىشغالىيىتىن قۇتۇلۇشىغا ھەسسە قوشتى. مانجۇرىيىدىكى  ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنى يوقىتىش ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 20 مىڭغا يېقىن سوۋېت جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئارىسىدا قانچە ئۇيغۇر جەڭچىسىنىڭ بارلىقى نامەلۇم. ئەنە شۇ ئۇرۇشقا كېيىنكى ۋاقىتتا ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى خىزمەت ئابدۇللىنمۇ ( 1925-1986)قاتناشقان ئىدى.  ئۇ، خاربىن ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناسى بولۇپ تۇغۇلغان، پروفېسسور تۇغلۇقجان تالىپوفنمۇ ئەنە شۇ مانجۇرىيىدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.
تۇغلۇقجان تالىپوف ( 1925-2012)  ھەربىي سەپتىن قايتىپ، داۋاملىق ئوقۇپ، ئاخىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى فونېتىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ،  دوكتورلۇق ۋە  پروفېسسرلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر  بولغان. ئۇ ھاياتىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا ساھەسىگە بېغىشلىغان ئىدى.
قىسقىسى ، ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۇرۇش سېپىدىن ئەڭ يىراقتىكى ئانا تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆمرىدە ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ئاڭلاپ باقمىغان ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ فاشىزمنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى.
ئۇيغۇر جەڭچىلىرىدىن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى داداش باباجانوف ئۇكرائىنىيىدىكى كىيېفنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر ئالى نامغا ئەرىشكەن. مەسۇم ياقۇپوفمۇ ئۇكرائىنىيىدىكى دنېپىر دەرياسى بويىدىكى جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن ئىدى.
سۈلھى لۇتفۇللىن بولسا تانكىغا قارشى كىچىك تىپتىكى زەمبىرەكنىڭ ماھىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كېيىنكى ئۇرۇشلاردا 18 گېرمان تانكىسى ۋە برونىۋىكىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي نام -سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن ئىدى.
ئاپتوماتچى باتۇر شەرىپوفنىڭ نامى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ موسكۋا ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى بېرلىنغىچە بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىپ، قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن 1945-يىلى، 9-ماي كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن غەلىبە پاراتىغا قاتنىشىشقا تاللىنىپ، پاراتتىن ئۆتكەن. مەزكۇر پاراتقا جەڭچى -ئوفىتسېرلار ئارىسىدىكى قەھرىمانلار، باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەرلا تاللىنىشقا ئەرىشەلەيتتى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى پانفىلوف دىزىۋىزىيىسى تەركىبىدە موسكۋا ئۇرۇش سېپىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى موسكۋانى قوغداش  ئۇرۇشى مەيدانى ھاياتىدىن ئايرىلدى.  بۇلارنىڭ ئارىسىدا قانچىلىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ  گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزلىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمانلىقلىرى بەلكى تارىختىن ئورۇن ئالالمىغان بولۇشى مۇمكىن.  موسكۋانى قوغداپ قالغان  پانفىلوف دىۋىزىيىسىنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ خېلى كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا  ھەر مىللەت پىدائىيلىرنىڭ  باتۇرلۇقى بىلەن موسكۋا قوغدىلىپ قېلىنغان ئىدى.  ئەگەردە بۇ جەڭدە موسكۋا قولدىن كەتكەن  بولسا بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-يىلى ئەمەس،  بەلكى 1941-يىلى تارىخ سەھىپىسىدىن  ئۆچۈرۈپ تاشلانغان بولار ئىدى.  شۇ ۋەجىدىن ستالىن  موسكۋانى قوغداش يولىدىكى ئەڭ  چوڭ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن 28 ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامىنى ھەمدە   <<28 پانفىلوفچىلار>>دېگەن قەھرىمانلىق نامىنى  بەرگەندىن تاشقىرى دىۋىزىيە كوماندىرى ، گېنېرال مايور پانفىلوفنىڭ نامىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان يەركەت شەھىرىگە قويۇپ، ئەسلى كونا يەركەت نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى  يىمىرىلگەندىن كېيىن، 2-جاھان ئۇرۇشى، جۈملىدىن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەسىلىسى قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا . سوۋېت  ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر قىسىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر بۇ ئۇرۇشنى قايتا باھالاپ، بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ماتەم كۈنى ۋە ياكى بىھۇدە قان تۆكۈش دەپ بېكىتكەن. بۇرۇن  بۇ ئۇرۇش << ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى>> دەپ ئاتالغان بولسا، بەزى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر ھازىر بۇ نامنى تاشلىۋېتىپ، پەقەتلا 2-دۇنيا ئۇرۇشى، 1941-1945-يىلىدىكى ئۇرۇش، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاشقا كىرىشكەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 9-ماي غالىبىيەت كۈنىنى << ئەسلەش ۋە ھۆرمەت>> كۈنى دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنى غالىبىيەت كۈنى ئەمەس، بەلكى << خاتىرە ۋە ھۆرمەت كۈنى>> دەپ ئاتىغان.
لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيە قاتارلىق بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرى بولسا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىنىڭ بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئازاد قىلغانلىقىغا ئائىت خاتىرە ھەيكەللىرىنى ئېلىپ تاشلىغان. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قىزىل ئارمىيە بۇ جايلارنى ئازاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى بېسىۋالغۇچىلاردۇر.
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتىينەزەر ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  گىتلېر فاشىزىمىدىن قوغداش جەڭلىرىگە ئاتلىنىپ، سانسىزلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربان قىلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى چوڭ مىللەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ تەگىشلىك نەسىۋىسىنى ئالدى. ئۇيغۇرلارغا قەرىنداش بولغان تۇركىي خەلقلەر ، يەنى ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەن، ئەزەربەيجانلار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە ئېرىشتى. تاتارلار، باشقۇرتلار، چۇۋاشلار، ياقۇتلار، خاكاسلار، ئالتايلار، تۇۋالار، قاراچايلار، بالقارلار بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى فېدېراتسىيە  كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقىغا سازاۋەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئىدارە قىلىش سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشتى.
سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە كېيىنكى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىي مىللەتلەردىن باشقا يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرگىمۇ ئالىي مۇختارىيەت-جۇمھۇرىيەت ھوقۇقلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن موڭغۇل تىللىق بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتى، قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى، كاۋكازلىقلارنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى، چېركەس جۇمھۇرىيىتى ، ئۇگۇر-فىن تىللىق خەلقلەرنىڭ ئۇدمۇرتىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە باشقىلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن .
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە يېتەرلىك يۇقىرى سىياسىي ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىيات يولىغا يۈزلەنمەكتە.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئىچىدە سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇشتا كۆپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ۋە زور بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئاخىرىدا ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمىدى . موسكۋا گەرچە 1947-يىلى، قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشنى ئويلىشىپ، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى شاياخمەتوف ئالمۇتا ئەتراپى، چۈنجە، يەركەت قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش ھەققىدە لايىھە تەييارلاپ، موسكۋاغا مەخسۇس تەكلىپ سۇنغان بولسىمۇ، بىراق موسكۋا بۇ تەكلىپنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى (16). موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بەرمىدى؟ بۇ ھەقتە تۈرلۈك چۈشەنچىلەر ۋە قاراشلار مەۋجۇت، ئاساسلىقى موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆچمەن خەلق دەپ قارىغانلىقى بولسا كېرەك، ئەمما تۈپ مەسىلە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت  ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىدىن جاۋاب ئىزدەش لازىم.


  ستالىننىڭ ئويۇن   قەرتى  بولغان ئۇيغۇر قەھرىمانلىقى

ئۇيغۇرلار  سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەيدانىدا جەڭ قىلىۋاتقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۈپ، رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە بېلارۇسلار ھەمدە شەرقىي ياۋروپالىقلارنىڭ تۇپراقلىرىنى گىتلېر ئارمىيىسىدىن تازىلاۋاتقان ئەشۇ يىللاردا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تۇپراقلىرىدا ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان ئىدى. ئوخشاشلا ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى خۇددى چاگرىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قەرىنداشلىرىنىڭ گىتلەر ئارمىيىسىنى قوغلاپ، بېرلىن ‘غىچە باستۇرۇپ بارغىنىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنى قۇدرەتلىك ئارمىيە دەپ ئاتاپ زامانىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار         قوراللىرى بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى گە قارشى ئۇرۇشلاردا تاۋلاندى دەپ تەرىپلەنگەن گومىنداڭنىڭ مۇنتىزىم يېڭى 2- ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ بارغان ئىدى.
ستالىنگراد ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن قايتىدىن ئۆز كۈچىگە ئىشەنگەن ستالىن ستالىنگراد ئۇرۇشى غەلىبە قىلىپ، ئىككى  ئايدىن كېيىن يىراق ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەن شېڭ شىسەيدىن ۋە غەرب بىلەن بىرلىشىۋالغان جاڭ كەيشىدىن ھېساب ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى. موسكۋانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن   ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى كرېمىل ئەۋەتكەن گېنېراللار ۋە كونسۇللارنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ستالىننىڭ شاخمات تاختىسىدىكى پېچكىسىغا ئايلانغانلىقىنى سەزمەي قېلىشتى.
بۇ ئۇرۇشلاردا ستالىن ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە جەڭ قىلغان بەزى ئوفىتسېرلارنى مىللىي ئارمىيىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرچە ئىسمى ئاشكارىلىرىدىن سوۋېت قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن مىرزىگۇل ناسىروف، سيدەخمەت ئۆمەروف، قوچقاروف ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان يىگىتلەر بار ئىدى.
چىلەكلىك مىرزىگۈل ناسىروف ۋە ئۆزبېكىستانلىق تېگى ئۇيغۇر قوچقاروف قاتارلىقلار غۇلجىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاقسۇ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى . سەيدەخمەت ئۆمەروف بولسا، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەربىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدى. قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى خېلەم خۇدابەردىيېف بولسا، 1947-1949-يىللىرى  ئارىسىدا غۇلجىدا مىللىي ئارمىيە باش شتابىدا ئىسساقبەك مۇنونوفقا  مەسلىھەتچى، كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

بىراق، ستالىن ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 5-ئايدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي مەيدانىنى تولۇق ئۆزگەرتىپ، 9‏- ئايدا   جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق جەڭ قىلىشىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ خۇددى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گىتلېر ئارمىيىسىنى بېرلىنغىچە قوغلاپ بارغىنىغا ئوخشاش مىللىي ئارمىيىنىڭمۇ گومىنداڭ ئارمىيىسىنى شىڭشىڭشاغىچە قوغلاپ بېرىشىگە يول قويمىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ  شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ، ئۈرۈمچى بوسۇغىسىغا يېتىپ كېلىۋاتقان قەدەملىرى  بىردىنلا توختاپ قالدى. 8-ئايدا  جاڭ كەيشىنى ئۆز ئالدىدا باش ئەگدۈرۈپ، يالتا كېلىشىمىدە  ئېرىشكەن مەنپەئەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ستالىن ھۆكۈمىتى بىردىنلا پىلانىنى ئۆزگەرتتى شۇنىڭدەك  ئىلى ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىپ،  مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىدا 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جىم يېتىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە،  مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پىداكار ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلى نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ۋە ئۈچ فرونتتىكى جەڭ غەلىبىسىنىڭ زاراتگاھلىقى قېزىلدى.
ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق روھى برېست، موسكۋا ، ستالىنگراد، لېنىڭراد، كىيېف ۋە بېرلىن جەڭ مەيدانلىرىدا قانداق جارى  قىلدۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقى ئوخشاشلا غۇلجا، جىڭ ، شىخو ۋە باشقا جەڭ مەيدانلىرىدا ئوخشاشلا نامايەن بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى داداش باباجانوف  ئۆزى يالغۇز نەچچە ئونلىغان گېرمان ئەسكەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىھكامىنى يوقىتىپ، چوڭ قوشۇننىڭ ئاتاكىسىغا يول ئاچقان بولسا، زىخرۇللام نادىروفمۇ  جىڭنى ئازاد قىلىش  جەڭ مەيدانىدا ئۆزى يالغۇز  دۈشمەن پوتەيلىرىنى  پاچاقلاپ تاشلاپ، جىڭنىڭ ئازاد قىلىنىش يولىنى ئاچقان ئىدى.  بىراق، بۇ ئىككى قەرھىمانلىقنىڭ پەرقى شۇكى، ئالدىنقىسى سوۋېت زېمىنىنى   گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن ئازاد قىلىش يولىدا كۆرسىتىلگەن بولسا، كېيىنكىسى ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز ئانا تۇپرىقىنى ھۆرلۈككە  ئېرىشتۈرۈش يولىدا كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەمما، تەقدىرنىڭ ئاچچىق يېرى  شۇكى، بۇ قەھرىمانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ستالىننىڭ شاخمات ئويۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇلاسىسى كرېمىلنىڭ بۇ بىپايان زېمىنلەردىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان قىلىندى خالاس! ئوز ئانا تۇپرىقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇشمەن ئوقلىرىدا ئۆلمىگەن باتۇر زىخرۇللام  ئاخىرىدا چۈشكۈنلىشىپ، ئەمگەكچىلەر مەيدانىنىڭ ئىككى مېتىرلىق زەيكەشلىكىدە ئارمان بىلەن   ئۇ دۇنياغا كەتتى، ئۇنىڭ غۇلجا ۋە  جىڭ جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمانلىقلىرى  پەقەت ئاچچىق ئەسلىمە  بولۇپلا   قالدى خالاس!
گەرچە، برېست قورغىنىدا ئەشۇ ستالىننىڭ سوۋېت دۆلىتىنى جان تىكىپ قوغدىغان 20 نەچچە نەپەر، بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر جەڭچىلىرى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى باتۇرلۇق داستانىنى يازغان بولسىمۇ، 4 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئالدىنقى سەپلەرگە ئاتلىنىپ، قىممەتلىك جانلىرىنى پىدا قىلىپ، سوۋېت دۆلىتىنى، ستالىننى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي بىيوروسىنى قوغدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئانا تارىخى ۋەتىنىنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇ ستالىن ۋە كرېمىل تەرىپىدىن جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئويۇنلاردىكى قەرتە سۈپىتىدە ئوينالدى،  شاخمات تاختىسىدىكى پېچكىلار سۈپىتىدە قۇربان قىلىۋېتىلدى.  بۇ رېئال تارىخ، ھەرگىزمۇ  ئاددىي چىقىرىلغا خۇلاسە ئەمەس!
ئەنە شۇ ياۋروپا ۋە شەرقىي شىمال (مانجۇرىيە) جەڭ مەيدانلىرىدا ، برېست قورغىنى، موسكۋا، لېنىنگراد، ستالىنگراد، كىيېف بوسۇغىلىرىدا ئۆزلىرىنى گېرمانىيە ۋە ياپونىيە  ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرىغا، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىغا، يامغۇردەك ياغدۇرىۋاتقان ئوق توچكىلىرىغا تاشلاپ، ئەرلىك كۆرسەتكەن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى  ئۆزلىرىنىڭ  تارىخى ئانا ۋەتىنىدىكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنىڭ خۇددى ياۋروپا خەلقى، رۇسلار، ئۇكرائىنلار، بېلارۇسلار ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئازادلىققا ھەم ھۆرلۈككە تەشنا قەلبىنىڭ  رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز كەتتى.
  ئەشۇ برېست قورغىنىدا سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى سائەتلىرى ۋە بىرىنچى كۈنلىرىدە رۇسلار، بېلارۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقا خەلق پەرزەنتلىرى بىلەن بىر سەپتە دۈشمەنگە تەسلىم بولماي جەڭ قىلىپ، ھالاك بولغان 20 نەچچە قەھرىمان ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنىڭ ستالىن تەرىپىدىن قانداق قۇربان قىلىنغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى.
  ئۇيغۇرلار شەرقتە ياپونىيىگە قارشى، غەربتە گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئەڭ يىراقتىكى خەلق بولۇشىغا قارىماي، بەرىبىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قايناملىرىغا سۆرەپ كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلاندى.  ئۇيغۇرلار 2-دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەيدانغا كەلگەن دۇنياۋى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا تەلىيى ئوڭ كەلگەن ئېزىلگەن خەلقلەرگە ئوخشاش تەلەيلەردىن بەھرىمەن بولالمىدى. ئۇلارنىڭ  سىياسىي تەقدىرى  دۇنياۋى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قىستۇرما كۈي سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇڭلۇق مۇقام سادالىرىغا جۈر بولدى!. مانا بۇ تارىخ ! مانا بۇ تارىخنىڭ  ئوخشىمىغان بەتلىرى !  ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە خەلق ئۆز تارىخىنىڭ   قاراڭغۇ ۋە يورۇق تەرەپلىرىنى بىلىشى ھەم ئۇنى خۇلاسىلاپ، ئاچچىق ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشى زورۇر  !   ئەقىللىق، گۈللەنگەن  ۋە غالىپ  مىللەتلەر بۇ ھەقىقەتنى ئاللابۇرۇن يەكۈنلەپ بولغان.
مەن << برېست ئۇرۇشى>> ناملىق كىنونى  ۋە قازاق ئالىمەسى لەيلا ئەخمەتوۋانىڭ برېست ئۇرۇشىغا قاتناشقان قازاقىستانلىق جەڭچىلەر ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن  كېيىن ئەشۇ يۇقىرىدا بايان قىلغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كەلدى.  بەلكى رۇسىيىلىكلەرنىڭ  70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن برېست ئۇرۇشى ھەققىدە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ كىنو ئىشلىشى، قازاقىستانلىق ئالىم لەيلا ئەخمەتوۋانىڭ ئۆمۈر بويى ئەشۇ تارىخىي ئىزلارنى ئىزدەپ،  70 يىل بۇرۇن بۇ قورغاندا  ئۆلۈپ كەتكەن قازاقىستانلىق  جەڭچىلەر ئۈچۈن يازما ئابىدە تىكلىشى   تەسسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك ؟ شۇنداق سورىغىم كېلىدۇ، بىز ئۇيغۇرلار ئۆز قەھرىمانلىرىمىزنى بىلەمدۇق؟ ئۆز ئۆتمۈشىمىزنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك سەھىپىلىرىنى ئېنىقلاشقا، ئۆگىنىشكە، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە قانچىلىك ئېتىبار  بېرەلىدۇق؟



پايدىلانغان ئەسەرلەر

1.        .  1941-يىلى، 22-ئىيۇن.   برېست قورغىنى. برېست قورغىنىنىڭ قازاقىستانلىق قوغدىغۇچى ھەربىيلىرى. www.zona.kz (رۇسچە)
2.        برېست قورغىنى ھەققىدە ۋىكىپېدىئادىكى ئۇچۇرلار.  ( رۇسچە)
3. شۇ ئۇچۇر.
4. سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى. 1992.   2-سان. 4-بەت.
5.   زۇبوۋانىڭ تەھرىرلىكىدىكى  ئىككى توملۇق << رۇسىيە  20-ئەسىر تارىخى، 1937-2007>>.  Мئوسكۋا.  2009.  37-بەت
6. 1941-يىلى، 22-ئىيۇن.   برېست قورغىنى. برېست قورغىنىنىڭ قازاقىستانلىق قوغدىغۇچى ھەربىيلىرى. www.zona.kz (رۇسچە)
7. مەشۇر روزىيېف . قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. ئالمۇتا.
8. بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى  ۋەتەن ئۇرۇشىدا 18 مىليون ئادەم ئۆلگەن دەپ ئېلان قىلغان، بىراق، 2005-يىلى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي تۈردە 27 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بېكىتتى.  ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە چۇشكەن ئەسكەرلەرنىڭ سانىمۇ   ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا سوۋەت ھۆكۈمىتى بۇ ساننى يوشۇرغان.
9. http://www.konkurs.senat.org/article/Z_M_Ibragimovu.html
10. http://karakesek.ru/content/0/read62.html
11.  http://www.for.kg/ru/kyrgyzstan_history/78/
12. مەشۇر روزىيېف . قايتا تۇغۇئۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. ئالمۇتا. 1976. "قازاقىستان نەشىرىياتى".166-169-بەتلەر.
13. مەشۇر روزىيېف ، شۇ ئەسەر.168-بەت
14. مەشۇر روزىيەف .شۇ ئەسەر. 169-بەت.
15.  تۇغلۇقجان تالىپوف ۋە ئەزىز نارىبانيېف بىلەن سۆھبەتلەر جەريانىدا خاتىرىلەنگەن مەلۇماتلار.
16.  قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى  پرېزىدېنت ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلار.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 12:03 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gomnam + 20 دەلىللەر يېتەرلىك
sazguri + 108 دەلىللەر يېتەرلىك كۆ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 128   باھا خاتىرىسى

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32879
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12083 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:04:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ يۇلتۇز پىدايىرى دىگەن فىلىمىدىمۇ ئاز سانلىق مىللەردىن قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ نامى ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ ...ئاردىن 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ
ئەسلىمىسىدىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ نامى تىلغا ئىلىنىدۇ.... ئۇلار سىتالىن دەۋىردە ئاز سانلىق مىللەرلەرنى ئانچى گەۋدىلەندۇرۇپ كەتمەيدۇ لىكىن خاتالىق بولسا جەمەتىنى سۆرەپ چىقىپ تەكشۇرەتتى بىر تەرەپ قىلاتتى...

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:04:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار قەيەردىلا بولمىسۇن قەھرىمانلىق  جاسارىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:22:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەنىتى ستالىننىڭ بىزلەرگە قىلغان ئىپلاسلىقلىرى ئاز ئەمەس.شۇنداقتىمۇ بۇ بەدبەختنىڭ سۈرىتىنى دەرسخانىغا ئېسىپ قويىدۇ تېخى.....

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:55:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئۇقۇپ بولدۇم...............
ئالغان تەسىراتلىرىم: سوۋىت ئىتپاقىدىكى ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىدا ئۆلگەن سانى خىلللا كۆپ ،باشقا مىللەتلەر سوۋىت مەھشەر كۈنىدە ئىرشىكەن ئىمتىيازلاردىن بىرسىگىمۇ ئىرشەلمىگەن  سىتالىن دىگەن (ئاغزىمغا سەت گەپ كەلگەن) نىڭ بالىسىنىڭ ئوينىغان سىياسىي قىمارنىڭ پىچكىسى بولغان  ئاجىز ئۇيغۇرخەلىقىم!!!!!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:26:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىھۇدە تۆكۈلگەن قان ! ... شۇ ......لار ئۈچۈن قەھرىمانلىق قلىش ئەرزىمدۇ ؟!

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت.......بىھۇدە تۈكۈلگەن قان !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ئەمىلىيەتتە روسلاردۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋېلىپ ئىشىمنى تۈگىتىپ ئوقۇي . قىزىقىمەن نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ تارىخىي ماقالىلىرىگە .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نىمىشقا دائىم شۇلاردەك كىشىلەر ئۈچۈن ئوق ئاتىمىز؟ئۆزىمىز ئۈچۈن نىمىش قىلالىدۇق؟چىڭگىزخان دەۋىرىدىمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار جەڭ قىپتىكەن،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى داد دىگۈزگەن خەلقىمىز نىمىشقا شۇلاردەك كىشىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغاندۇ؟جىنىنى سىلىپ بىرىدۇ؟بۇنى نەبىجان تۇرسۇن ئاكىمىز جاۋاب بىرىپ بولۇپتۇ،يەنە بىر سەۋەبى دۈشمەنگە نەپرىتى كۈچلۈك ئەمەس!ئوخشاشلا شۇ دەۋىردە ئىلىدا ۋە دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىز كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆز يۇمغان!ئەنە ھەممىدىن شۇلار ئەڭ ئەسلەشكە تىگىشلىك كىشىلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 01:27 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش