قارچۇقتا قاتقان سىما
تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق چېكىلدى ،ئالدىراشلا ئىشىككە يۈگۈردۈم .قارىسام بىرى ماڭا دوستىڭىز « ....جاننىڭ ئۆيىدىكىلەر سىزنى دەرھال بىر كېلىپ كەتسۇن دەيدۇ» دەپلا كېتىپ قالدى .مەن نېمە بولغىنىنى تازا ئاڭقىرالماي ،ئۇ نېمىشكە ئۆزى كەلمىگەندۇ؟دېگەندەك سوئاللار ئىچىدە ئەنسىرەپ دەرھال ئۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چاپتىم .
ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم بىرمۇنچە كىشىلەر جىددى يۈرۈشمەكتە ،ھەممە بەكلا ئالدىراش ،نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ئۆيگە كىردىم .ئۆيدە دوستۇم تورۇسقا تىكىلگىنىچە قاراپ ياتىدۇ ،يېنىغا كېلىپ قارىسام يەنىلا شۇنداق ياتىدۇ،ئىسمىنى چاقىرىپ:« دوستۇم نېمە بولدۇڭ،مەن پالانى دوستۇڭ ،مېنى تونۇدۇڭمۇ ؟»دەپ سورىسام يەنە جىم ،ئۈندىمەستىن تورۇسقا قاراپ ياتىدۇ.بەكلا ھەيران قالدىم .بۇ دوستۇم بىلەن كىچىك چېغىمىزدىن باشلاپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ ،ئاساسەن دېيىشمەيدىغان گەپلىرىمىز يوق ئىدى،توۋا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ؟
ئۆيدىكىلەردىن ئۇنىڭ بۈگۈن نەلەرگە بارغانلىقىنى سورىسام،ئۇلار :«ئۇ ئەتىگەندىلا بىر يېقىن دوستۇمنىڭ تويى بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتكەن،خېلى بىر ۋاقىت بولغاندا قايتىپ كېلىپ ،ياتقانچە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى »دېدى.
ھە ئەمدى ،بۇ دوستۇمنىڭ نېمىشكە بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
دوستۇم خېلى بولغان بىر قىزغا كۆيۈپ قالغىنىنى ،ئۇنىڭ بىلەن گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغىنىنى ،لېكىن ئىككىسىنىڭ ئۆيىنىڭ يىراقلىقى ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئۇ يەنە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىزنى ئۆيىگە يېقىن جايغا بەرمىسە بولمايدىغانلىقى،ئۇ قىزنىڭ بىر قانچە قېتىم ئوپىراتسىيىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۈچۈن يېقىن جايغا ياتلىق قىلمىسا ئۆيىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ماڭا بەكلا ئازاپلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەنىدى .
ئۇ يەنە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ،لېكىن ئۈمىدنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ،ئۆزى بېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەي دېگەندە ھېلىقى قىزنىڭ ئۇنى توسۇپ قالغانلىقىنى ،يەنى مېنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويماڭ دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.
ئۇنىڭدىن :«ئاداش ساڭا نېمە بولدى ؟ھەرقانچە گەپ بولسا ماڭادېگىن ،ياكى ...خان بىلەن بىرەر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭلارمۇ؟»دېسەم ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ،لېكىن باشقا گەپ قىلمىدى .
داۋامى بار ،داۋاملىق ئىنكاسقا يوللىنىدۇ.(كەچۈرۈڭلار ۋاقىت قىس بولغاچقا شۇنداق بولۇپ قالدى)