مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2931|ئىنكاس: 27

تۈركىيەدىكى قەدىمى جامەلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21732
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيەدىكى قەدىمى جامەلەر

سۇلتان ئەھمەد جامەسى

1.jpg



سۇلتان ئەھمەد جامەسى، ھاۋا رەڭلىك چىنە خىشلار  ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ‹Blue Mosque› ماۋى (ھاۋا رەڭ) جامە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىستانبۇلدا ھازىرقى  سۇلتان ئەھمەد رايونىدا سۇلتان بىرىنچى ئەھمەد تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان جامە؛  مەدرەسە، دارۇلقۇررائ (ئوقۇرمەنلەر ئۆيى)، بالىلار مەكتىپى، گۈمبەز، رەستە،  دۇكانلار، ھاممام، دارۇششىفا (دوختۇرخانا)، ئاشخانا ۋە ئۈچ ئاۋام سۇ ئىچىدىغان  جايلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 1609-1617- يىللىرى ئارىسىدا بىناكار سەدەفكار مەھمەد  ئاغا تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئالتە مۇنارلىق بىردىنبىر سۇلتانلار  جامەسىدۇر. مۇنارىنىڭ ئالتە بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ بىر رىۋايەتكە كۆرە، مەككىدىكى  جامەنىڭ يەتتە مۇنارىدىن ھالقىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن شۇنداق بولغان دېيىلسە، يەنە بىر  رىۋايەتتە بولسا، ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشاھى بىرىنچى ئەھمەد، مۇنارلارنى ئالتۇن  ياساتماقچى بولغان بولسىمۇ، قاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇننىڭ قىممىتى  پادىشاھنىڭ خامچوتىدىن خېلىلا دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن،  جامەنىڭ بىناكارى سەدەفكار مەھمەد ئاغا بۇ بۇيرۇقنى خاتا ئاڭلىۋالغان بولۇپ،  ئالتۇن دېگەن سۆزنى ئالتە دەپ چۈشەنگەن ۋە جامەنى ئالتە مۇنارلىق قىلىپ بىنا  قىلىپ چىققان.


يېڭى جامە


2.jpg


ۋالىدە جامەسى ئەمىنۆنۈ ناھىيەسىنىڭ ئەمىنۆنۈ مەيدانىدا،  مىسىر چاسىسىنىڭ يېنىدىنلا ئورۇن ئالىدۇ... بالىلار مەكتىپى، دارۇلقۇررا، ئاۋام  سۇ ئىچىدىغان جاي، چەشمە، گۈمبەز ۋە خان قەسرىدىن تەركىپ تاپقان بىر يۈرۈش  ئىمارەتلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان جامە، دېڭىز قىرغاقلىرىغا سېلىنغان سۇلتانلار  جامەلىرىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ تەسۋىرىنى  تولۇقلايدۇ. سۇلتان ئۈچىنچى مەھمەدنىڭ ئانىسى ۋە سۇلتان ئۈچىنچى مۇراتنىڭ خانىشى  سافىيە سۇلتان نامىغا ئاتاپ 1597- يىلى بىناكار داۋۇد ئاغا تەرىپىدىن قۇرۇلۇش  ئىشلىرى باشلانغان جامەنىڭ بىناكارلىق ئىشلىرىنى 1598- يىلىدىن كېيىن غەۋۋاس  ئەھمەد ئاغا ئۆتكۈزۈۋالغان. 1603- يىلىغىچە داۋام قىلغان قۇرۇلۇش، سۇلتان  بىرىنچى ئەھمەدنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن يېرىم قالغان. 1661- يىلى سۇلتان  تۆتىنچى مەھمەدنىڭ ئانىسى خەدىچە تۇرخان سۇلتان تەرىپىدىن قايتىدىن باشلىتىلغان  قۇرۇلۇش، باشلىنىپ ئارىدىن 66 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز دەۋرىنىڭ باش بىناكارى  مۇستاپا ئاغانىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا 1663- يىلى تۆتىنچى مەھمەد دەۋرىدە  تاماملاندى.   
  

پەرتەۋنىيال ۋالىدە سۇلتان  جامەسى


3.jpg


  

بۇ جامە، ئاقسارايدىكى تۆت يول ئېغىزىدا سۇلتان ئىككىنچى  مەھمۇتنىڭ خانىشى ۋە سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئانىسى پەرتەۋنىيال ۋالىدە سۇلتان  تەرىپىدىن 1869-1871- يىللىرى ئارىسىدا سالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جامەنىڭ بىنكارلىق  ئىشلىرىنى ئىتالىيەلىك بىناكار مونتانى ئۈستىگە ئالغان. جامە ۋاكالەتخانا، ئاۋام  سۇ ئىچىدىغان جاي، چەشمە، كۇتۇبخانا، گۈمبەز ۋە مەكتەپتىن تەشكىل تاپقان بىر  قاتار ئىمارەتلەر شەكلىدە لايىھەلەنگەن. بىردىن بالكۇنى بار بولغان ئىككى مۇنار،  جامەنىڭ ئاساسلىق بۆلۈمىدىن مۇستەقىل ھالدا قوشۇمچە بىناغا بىرلەشتۈرۈپ ئىنشا  قىلىنغان. تارىخىي جامە، ئىستانبۇل جامەلىرى ئىچىدە بېزەك ۋە زىننەت ئەشيالىرى  ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن جامەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەردە، ئۆز دەۋرىنىڭ بىناكارلىق  چۈشەنچىسىدىكى غەربنىڭ تەسىرى ۋە 16، 17- ئەسىرلەرنىڭ زىننەتلەش ئۇسۇلىنىڭ  ئۆزىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئالتۇن ھەللەر  بىلەن پارقىرىتىلغان، ھاۋا رەڭلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن، قەلەم ئارقىلىق  روياپقا چىقىرىلغان زىننەتلەشلەر بىناكارلىق ئىستېتىكىسىدا ئالدىنقى پىلاندىن  ئورۇن ئالىدىغان ئامىللاردۇر. جامەنىڭ تاملىرى ئىچى ۋە سىرتىدىن موتىف ۋە ھەللەر  بىلەن بېزەلگەن، قاشتېشى بىلەن قاپلانغان. قاشتېشىدىن ياسالغان مېھراب ۋە مۇنبەر  بولسا ئاددىيدۇر.

  

شاھزادە بېشى جامەسى


4.jpg



شاھزادە بېشى جامەسى، شاھزادە بېشى دەپ جايغا  جايلاشقان... مەدرەسە، بالىلار مەكتىپى، مېھمانخانا، بوتكا، كارۋانساراي، ناماز  ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ئورنى ۋە گۈمبەزلەردىن تەشكىل تاپقان بىر قاتار ئىمارەتلەر  ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ... جامە، قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ  كەتكەن ئوغلى شاھزادە مەھمەتنىڭ نامىغا ئاتاپ، مىمار سىنان تەرىپىدىن ئىنشا  قىلىنغان. قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتولۇقىنىڭ ئەڭ پارلاق  دەۋرىنىڭ ئەڭ كاتتا بىناكارلىق ئۇستىسى مىمار سىنان، شاھزادە جامەسى ۋە  كۇللىيەسىنى 1544- يىلىدىن 1548- يىلىغىچە بولغان 4 يىل ئىچىدە پۈتكۈزگەن. بۈيۈك  ئۇستا مىمار سىنان كېيىنچە قىلغان بىر سۆزىدە، شاھزادە بېشى شاگىرتلىق،  سۇلايمانىييە مۇئاۋىنلىق، ئەدىرنە سەلىمىييە ئۇستىلىق مەزگىلى ئەسەرلىرىمدۇر،  دەيدۇ. دېمەك، شاھزادە جامەسى مىمار سىناننىڭ بىناكارلىق ماھارەتلىرى سەپىرىدىكى  ئاساسلىق دەۋرلەر ھېسابلىنىدىغان بۇ ئۈچ ئابىدە ئەسەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدۇر.  18.42 سم لىق گۈمبىزى 4 چوڭ يېرىم گۈمبەزگە تايىنىپ تۇرىدۇ. فونتان ھويلىسى 12  تۆۋرۈك، 16 گۈمبەزدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئىككىدىن بالكونلۇق قوش مۇنارى  بار. جامەنىڭ رىشاتكىلىرى ئىچىدە يەتتە قەبرە بار بولۇپ، بۇلار: شاھزادە  مەھمەدنىڭ قەبرىسى، سەدرىئەزەم رۇستەم پاشانىڭ قەبرىسى، شاھزادە مەھمۇدنىڭ  قەبرىسى، فاتىمە خانىم سۇلتان قەبرىسى، خەدىجە سۇلتان قەبرىسى، بوسنىيەلىك  كىيئوغۇل ئىبراھىم پاشانىڭ قەبرىسى، مۇستاپا پاشانىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردىن  ئىبارەت.
  

فاتىھ جامەسى

5.jpg



ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا، ئىستانبۇل پەتھى  قىلىنغاندىن كېيىن سېلىنغان تۇنجى سۇلتانلار جامەسى بىلەن ئەتراپىدىكى بىر قاتار  ئىمارەتلەر... فاتىھ جامەسى، فاتىھ سۇلتان مەھمەد تەرىپىدىن فاتىھ رايونىدا  سالدۇرۇلغان. قۇرۇلۇش خىزمىتى 1467- يىلى باشلانغان فاتىھ جامەسى، 1470- يىلى  پۈتكەن. 1766- يىلى مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە خارابىگە  ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇلتان ئۈچىنچى مۇستافا، 1767 ۋە 1771- يىللىرى  ئارىسىدا جامە مەھمەد تاھىر ئاغىغا رېمونت قىلدۇرغان. فاتىھ جامەسى، ئەدىرنەدىكى  ئۈچ بالكونلۇق جامە بىلەن بەيازىت ۋە سۇلايمانىيە جامەلىرى ئارىسىدا تۈرك بۈيۈك  جامە بىناكارلىقىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. فاتىھ جامەسىنىڭ ئەڭ چوڭ  ئالاھىدىلىكى «چوڭ بىر يۈرۈش ئىمارەتلەرنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان» بولۇشىدۇر.  ھەجىم جەھەتتە ئاياسوفيادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فاتىھ جامەسى  بىلەن بۇ بىر يۈرۈش ئىمارەتلەر (كۇللىيە) نىڭ بىناكارى، ئاتىك سىنان (ئازاتلى  سىنان) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇلغان سىنائۇددىن يۇسۇف بىن ئابدۇللاھتۇر.

بەيازىت جامەسى


6.jpg


     بەيازىت جامەسى، سۇلتان ئىككىنچى بەيازىت تەرىپىدىن  ئىستانبۇلنىڭ بەيازىد رايونىدىكى بەيازىت مەيدانىغا تارقاق ھالەتتە سالدۇرۇلغان.  قۇرۇلۇش ئىشلىرى 1500- يىلى باشلانغان جامە، 1505- يىلى پۈتكەن. بەيازىت جامەسى،  كلاسسىك ئوسمانلى ئۇسلۇبىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسىدۇر. جامە، مەدرەسە، ھاممام،  كارۋانساراي، تاماقخانا، مېھمانخانا ۋە بالىلار مەكتىپىدىن تەشكىل تاپىدىغان بىر  يۈرۈش ئىمارەتلەرنىڭ، بىناكار خەيرۇددىن ياكى بىناكار كامالۇددىن تەرىپىدىن بىنا  قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان  تەتقىقاتلاردا، ياقۇپشاھ بىن سۇلتانشاھ ئىسمىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا  باشلىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. جامەنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى بوش يەردە  گۈمبەزلەر بار؛ سۇلتان ئىككىنچى بەيازىت، قىزى سەلچۇق خاتۇن ۋە تەنزىمات  پەرمانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى مۇستاپا رەشىد پاشانىڭ قەبرىلىرى مۇشۇ جايدىدۇر.  

رۇستەم پاشا جامەسى


7.jpg



رۇستەم پاشا جامەسى، تاختا قەلئەدىكى مىسىر بازىرىغا  يېقىن يەردىكى بورىچىلار بازىرىغا جايلاشقان... ئۇ، ئىستانبۇلنىڭ تەسۋىرىنى  تەشكىل قىلغان ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىناسى ئۆز دەۋرىنىڭ تەسىرى  كۈچلۈك دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى، سۇلايمانىييە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغىمۇ  ھەسسە قوشقان سەدرىئەزەم رۇستەم پاشا (1561-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن  سالدۇرۇلغان. سەدرىئەزەم رۇستەم پاشا قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ كىيئوغلى بولۇپ،  ئىمپېراتورلۇقنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئىنشا قىلدۇرغان بىنالىرى بىلەن نام  چىقارغان. رۇستەم پاشا جامەسى مىمار سىناننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى  ھېسابلىنىدۇ. جامە، رۇستەم پاشانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، 1561- يىلى رەپىقىسى ھۈررەم  سۇلتان تەرىپىدىن پۈتكۈزۈلگەن. رۇستەم پاشا جامەسى، شەھەر ئىچىدىكى ئورنى،  قۇرۇلمىسى ۋە سىنان جامەلىرى ئىچىدىكى ئورنىچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان  پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكتىكى چىنە خىش بېزەكلىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. خۇسۇسەن لالە  موتىفلىرى چۈشۈرۈلگەن چىنە خىشلار، ئوسمانلى چىنە خىشلىرى سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار  ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جامە، 1660- يىلى مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتى ۋە  1776- يىلى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە زىيانغا  ئۇچرىغان بولۇپ، يەر تەۋرەشتە چۈشۈپ كەتكەن گۈمبەر ۋە مۇنارى كېيىنچە رېمونت  قىلىنغان. 1960- 1961، 1964-1969- يىللىرى ئارىسىدا ۋەقىف ئىشلىرى باش ئىدارىسى  تەرىپىدىن رېمونت قىلدۇرۇلغان قۇرۇلۇش، 1992- 1995- يىللىرى ئارىسىدا كەڭ  ئەتراپلىق رېمونت قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن.

نۇر ئوسمانىيە جامەسى


8.jpg


     ئەمنىنۆنۈدە چەمبەرلىتاش بىلەن يېپىق بازار ۋە چوغالئوغلۇ  ئارىسىدا قالىدىغان، شۇنداقلا شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان رايوندىكى چوڭ ۋە گۈزەل  بىر جامەدۇر، نۇر ئوسمانىيە جامەسى... سىرتقى ھويلىسىنىڭ ئىككى ئىشىكىنىڭ بىرى  يېپىق بازارغا، يەنە بىرى چەمبەرلىتاش تەرەپكە ئېچلىدۇ. ئەسەر، تۈرك باروك  بىناكارلىقىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇش بىلەن بىرگە كۆلچەكسىز يېرىم  ئايلانما شەكلىدىكى ئىچ ھويلىسى بىلەن، باشقا جامەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان  مېھرابى بىلەن، 13 تۆۋرۈكلۈك 26 مېتىر ھەجىملىك غايەت زور گۈمبىزى بىلەن،  گۈزەللىك ئابىدىسى مۇنارى بىلەن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داڭلىق خەتتاتلىرىنىڭ كۆڭۈل  ۋە قوللىرى ئارقىلىق روياپقا چىققان زىننەتلىرى بىلەن ناھايىتى گۈزەل بىر  مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. نۇر ئوسمانىيە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشى 1748- يىلى  سۇلتان بىرىنچى مەھمۇد دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، سۇلتان  ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 1755- يىلى پۈتكۈزۈلگەن. قۇرۇلۇشنىڭ  خاتىرە يازمىسى بۇ ۋاقىت ئەسكەرتىلگەن. «ئوسمانلىنىڭ نۇرى» دېگەن مەنىنى  ئىپادىلەيدىغان جامە «نۇرى ئوسمانىي» دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرگە «ئوسمانىيە  جامەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جامەنىڭ باش بىناكىرى مۇستاپا ئاغا، مۇئاۋىنى سىمون  ئۇستىدۇر.

مىھرىماھ سۇلتان جامەسى


9.jpg




     قانۇنى سۇلتان سۇلايمان تەرىپىدىن قىزى مىھرىماھ سۇلتان  نامىغا ئاتاپ سالدۇرغان دەپ قارىلىدىغان كۈللىيە (يۈرۈشلەشكەن ئىمارەتلەر) نىڭ  قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى 1540- يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، جامەنىڭ  خاتىرە تېشىغا يېزىلغان يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، 1547 (ھىجرىيە 954) – يىلى  پۈتكەن. مىمار سىنان باش بىناكار بولغاندىن كېيىن، شاھزادە كۇللىيەسى بىلەن  ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنشا قىلغان تۇنجى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان كۇللىيە  جامە، مەدرەسە، بالىلار مەكتىپى، تاماقخانا، شۇنىڭدەك سۇ قاناللىرى، چەشمە ۋە  ھاجەتخانىغا ئوخشاش جايلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. لېكىن، كېيىنكى  مەزگىللەردە، كۇللىيەگە ئىككى گۈمبەز ۋە بىر قوشماق ھاممام بىلەن مەۋجۇتلۇقى  تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسپاتلانغان ياغاچتىن ياسالغان بىر قەسىر بىلەن بىر  ۋاكالەتخانا قوشۇلغان. لېكىن بۇلاردىن تاماقخانا، كارۋانساراي، قەسىر ۋە ۋاقىت  بەلگىلەش ئورنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىقىرىۋېتىلگەن، يېقىنقى مەزگىللەرگىچە  ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان قوشماق ھاممام بولسا، رېمونت قىلىش ئەسناسىدا ماگېزىنغا  ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويغان. جامە  ھويلىسىدىكى سۇ كۆلچىكى بولسا، ئۆز دەۋرىنىڭ تاش ھۈنەرۋەنچىلىكىنى نامايەن قىلىپ  بېرىدىغان نەپىس بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرگە سۇ قاناللىرىمۇ تەسىس قىلىنىپ،  باغلاربېشى ۋە ئىجادىيە تۆپىلىكلىرىدىكى بۇلاقلاردىن سۇ ئېلىپ كېلىنگەن. بىرى  ھازىرقى جۇمھۇرىيەت يولى، يەنە بىرى سۇلتان تەپەنىڭ شىمالىي ئېگىزلىكلىرى ۋە  پاشالىمانى يولىنى بويلاپ كۈللىيەگە قەدەر بارىدىغان بۇ سۇ قاناللىرىنىڭ بىرىنىڭ  كېيىنكى مەزگىللەردە، ئېھتىمال مىھرىماھ سۇلتان چەشمىسى ئىلاۋە قىلىنغان  ھىجىرىيە 1092 (مىلادى 1681) – يىلىدا تەسىس قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.  مىھرىماھ ‹قۇياش ۋە ئاي› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئورتاكۆي جامەسى


10.jpg


     بۈيۈك مەجىدىيە جامەسى - خەلق ئارىسىدا ئورتاكۆي جامەسى  دېگەن نام بىلەن تونۇلغان جامە – ئىستانبۇل بوغۇز ئىچىدە بەشىكتاش ناھىيەسىنىڭ  ئورتاكۆي رايونىدا دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان يېڭى باروك ئۇسلۇبىدىكى بىر  جامەدۇر. جامە، سۇلتان ئابدۇلمەجىد تەرىپىدىن 1853- يىلى بىناكار ئۇستىسى  نىگوغوس باليانغا سالدۇرۇلغان. ناھايىتى نەپىس بىر قۇرۇلۇش بولغان بۇ جامە باروك  ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، بوغۇز ئىچىدىكى تېپىلغۇسىز بىر جايغا جايلاشقان.  بارلىق سۇلتانلار جامەلىرىدىكىگە ئوخشاشلا، خانىش ۋە سۇلتانلار بۆلۈمىدىن  ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ. كەڭ ۋە ئېگىز پەنجىرىلەر بوغۇزنىڭ  ئۆزگىرىشچان نۇرلىرىنى جامەنىڭ ئىچىگە چۈشۈرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.  پەلەمپەي بىلەن چىقىلىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ بىر بالكونلۇق ئىككى مۇنارى بار. تاملىرى  ئاق كەسمە تاشتىن سېلىنغان. لېكىن گۈمبەزنىڭ تاملىرى قىزغۇچ مۇزايكادىن  ئىشلەنگەن. مېھراب مۇزايكا ۋە قاشتېشىدىن، مۇنبەر بولسا، ئاق ھېقىق بىلەن  قاپلانغان قاشتېشىدىن ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

قىلىچ ئەلى پاشا جامەسى


11.jpg




     قىلىچ ئەلى پاشا تەرىپىدىن 1581- يىلى مىمار سىنانغا  توپخانە مەيدانىدا ئىنشا قىلدۇرۇلغان قىلىچ ئەلى پاشا كۇللىيە (يۈرۈشلەشكەن  ئىمارەتلەر) سى جامە، قەبرە، ئاۋام سۇ ئىچىدىغان چەشمە، مەدرەسە ۋە ھاممامدىن  تەشكىل تاپىدۇ. كۈللىيەنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولغان جامە، بىر ھويلا  رېشاتكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ھويلا رېشاتكىلىرى 1956- يىلى ئېلىپ  بېرىلغان يول ئېلىش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ  قويغان ۋە ھويلىنىڭ تېمى ئارقىغا تارتىلغان. جامەنىڭ كېچىكىپ قالغان جامائەتكە  ئايرىلغان ئورنى بەش گۈمبەز بىلەن يېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ تەرەپتىن  كېچىكىپ قالغان جامائەتكە ئايرىلغان جاينى ئوراپ تۇرىدىغان بالىخانا بىلەن بۇ  قىسىمنىڭ تۇرۇس قىسمى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. تىك تۆت بۇلۇڭ قىلىپ سېلىنغان  جامەنىڭ ئاساسلىق ئورنىنىڭ 12.70 سم ھەجىملىك گۈمبىزى پەنجىرىلىك بىر بەلۋاغقا  دەسسىتىلگەن بولۇپ، گۈمبەزنىڭ ئېغىرلىقى ئىنچىكە پولات سىملار ئارقىلىق تۆت  پايىگە چۈشۈرۈلگەن. ئاياسوفيانىڭ بىناكارلىق ئىستېتىگىنىڭ تەرەققىي قىلغان  ئۈلگىسى دەپ قارىلىۋاتقان جامە، 16- ئەسىرنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ئىزنىك چىنە  خىشلىرى بىلەن بېزەلگەن. جامە، 24 تى گۈمبەز بەلبېغى بولۇپ، جەمئىي 147 پەنجىرە  بىلەن يۇرۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، 1948- يىلى دېڭىز مۇزېيىغا قويۇلغان 16-  ئەسىرگە ئائىت تارىخىي دېڭىز چىرىقىمۇ جامەنىڭ يۇرۇتۇلىشىدا ئىشلىتىلگەن. بىرلا  بالكونى بار بولغان جامەنىڭ مۇنارى بولسا، 19- ئەسىردە رېمونت قىلىنغاندا  يېڭىلانغان ۋە مۇنار باروك ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن. قىلىچ ئەلى پاشا جامەسىنىڭ  دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىغان قىسمىدىكى سەككىز بۈرجەكلىك قىلىپ كەسمە تاش بىلەن  سېلىنغان كۇللىيە مازىرى قىلىچ ئەلى پاشاغا ئائىتتۇر. دېڭىز تەرەپتىكى يەنە بىر  قۇرۇلۇش بولسا، 18 ھۇجرىدىن تەشكىل تاپقان تۆت بۈرجەك قىلىپ سېلىنغان كۇللىيە  مەدرەسەسىدۇر. ھاممام بولسا، جامەنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى گۈمبەزلىك جايدۇر. ھويلا  تېمىنىڭ ئۈستىدىكى ئاۋامنىڭ سۇ ئىچىش ئورۇنلىرىمۇ كۈللىيەگە تەۋە دەپ قارالماقتا.  

  

شەمسى پاشا جامەسى


12.jpg


     شەمسى پاشا جامەسى، شەمسى پاشا رايونىدىكى شەمسى پاشا  يولى بويىدىكى دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان. ھويلىسىنىڭ ئىككى ئىشىكى بار بولۇپ،  بىرى دېڭىز تەرەپكە، يەنە بىرى باغچا تەرەپكە ئېچىلىدۇ. كەسمە تاشتىن قاپلانغان  بۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىدە يېزىق يوق. ھويلا تاملىرىدا كلاسسىك شەكىلدىكى تومۇر  بارماقلىق پەنجىرىلەر بار. باغچا تەرەپتىكى ئىشكتىن كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە كىچىك  بىر دائىرە ئىچىگە ئېلىنغان جاي، سول تەرەپتە بولسا، تاھارەت ئالىدىغان يەر  كۆرۈلىدۇ. ھويلىنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرىنى ‹ل› شەكلىدىكى مەدرەسە ئوراپ  تۇرىدۇ. ئىبادەتخانا ھىجرىيە 988 (مىلادى 1580) – يىلى مىمار سىنان تەرىپىدىن  سېلىنغان. تۆت بۈرجەك قىلىپ سېلىنغان جامەنىڭ بىر گۈمبىزى قوغۇشۇن بىلەن  قاپلانغان. گۈمبەز، سەككىز بۈرجەكلىك بىر بەلباغنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلغان.  بەلباغنىڭ تەرىپى بۇلۇڭلاردىكى يېرىم كىچىك گۈمبەزلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن.  بۇلاردىن باشقا بەلباغلاردا تۆت پەنجىرە بار. جامەنىڭ كېچىككەن جامائەتكە  ئايرىلغان قىسمى ۋە ئوڭ تەرىپى ئون قاشتېشى تۆۋرۈك بىلەن كۆتۈرۈلگەن بىر راۋاق  بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۈستى تۈزدۇر. كەسمە تاشتىن سېلىنغان جامەنىڭ بەلباغلىق  ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە تۆت مىسرالىق تۆۋەندىكى شېئىر يېزىلغان: شەمسى پاشا ئەيلەدى،  بۇ جامىيى بۇنياد چۈن، ئومارىز كىم ئولا مەرھۇمۇن يەرى دارۇسسالام. ئۇلۋىيا  خاتىف گۆرۈنجە دىدىكىم تارىخى، سەجدەگاھ ئولسۇن ھابىبىن ئۈممەتىنە بۇ ماكان.  تەرجىمىسى: بۇ جامەنى شەمشى پاشا سالدۇردى، مەرھۇمنىڭ جايىنىڭ جەننەت بولۇشىنى  ئۈمىد قىلىمىز. غەيىبتىن بىر سادا ئېيتتىكى، بۇ ماكان پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىگە  سەجدىگاھ بولغاي. لېكىن يازمىدا يىل، ئاي، كۈن يېزىلمىغان. تارىخىي مىسرانىڭ  ئەبجەد ھېسابى 988 دېگەن ساننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، ھىجرىيە 991-1064  (مىلادى 1583-1636) – يىللىرى ئارىسىدا ياشىغان ۋە «شەقائىقى نۇئمانىييە» گە شەرھ  يازغان نەۋئىزادە ئاتائى ئەپەندى، بۇ شەرھىسىدە ۋە ياياباشى زادە ئەششەيخ خىزىر  ئەپەندى قىلغان سۆزلىرىدە، ‹980- (1572م) يىللىرى ئەتراپىدا ئۈسكۈداردا شەمسى  پاشانىڭ جامە شەرىف، دارۇلھەدىس (ھەدىس مەدرەسەسى) ۋە خانىقالىرى پۈتۈپ، بۇ  يەرلەردىن ھەدىشسۇناس، تەپسىرشۇناس ۋە مۇتەسەۋۋۇپلار يېتىشىپ چىققانىدى›  دېگىنىگە قارىغاندا، 988 دېگەن سان خاتا بولۇپ چىقىدۇ. بەلباغ قىسمى ئاق ۋە  قىزىل قاشتېشىدىن ياسالغان بۇ ئىشكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇنار ئىشىكى باردۇر. بۇ  كىچىك ئىبادەتخانا يۇقىرى – تۆۋەن پەنجىرىلىك بولۇپ، ئۈست پەنجىلىرى تاقاقلىق  تۇرىدۇ، ناھايىتى نەپىس كۆرۈنىدۇ. يېرىم گۈمبەزلىرى ۋە قاشتېشى مېھرابى ئاسما  ھالەتتە تۇرىدۇ. مۇنبىرى كېيىنچە ياغاچتىن ياسالغان، جامەنىڭ ئىچى چىنە خىش ۋە  ھۆسنخەتلىك بېزەكلەردىن يىراقتۇر. سول تەرەپتىكى مازارنىڭ جامەنىڭ ھويلىسىغا  قاراپ تۇرىدىغان چوڭ پەنجىرىسىگە يوغان بىر تۆمۈر رېشاتكا قويۇلغان. بۇ كەڭ  پەنجىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تامغا پاتۇرۇلغان كىچىك تارتمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.  گۈمبەزنىڭ مەركىزى ۋە بەلبېغىغا ھۆسىنخەتلەر بىلەن ئايەتلەر يېزىلغان. ئوڭ  تەرەپتىكى مۇنارى ئىبادەتخانىغا ئوخشاش كەسمە تاشتىن سېلىنغان بولۇپ، بالكونىنىڭ  تۆۋەن قىسمى ئاسمىدۇر. مۇنار، كېچىككەن جامائەتكە ئايرىلغان يەر تەرەپكە بىر ئاز  قايغان بولۇپ، جامەنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ۋە بۈلۈڭ تەرىپىگە دەسسىتىلگەن.

  

ھاجى بايرامى ۋەلى جامەسى


13.jpg




   

         ھاجى بايرامى ۋەلى    جامەسى، ھاجى بايرامى ۋەلىنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ھىجىرىيە 831،    مىلادىيە 1427/1428- يىللىرى سېلىنغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ناھايىتى كۆپ قېتىم    رېمونت قىلىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى بىناكارى ھەققىدە    مەنبەلەردە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ھۇل قىسمى تاشتىن، تاملىرى خىشتىن، ئۆگزىسى    كاھىشتىن سېلىنغان ھاجى بايرامى ۋەلى جامەسى شىمال – جەنۇب تەرەپكە    سۇزۇلىدىغان شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، زېمىن قەۋىتىدە 437 كم، ئۈست قىسمىدا 262    كم لىق پايدىلانغانلىقى بولىدىغان ئورنى بار. قۇرۇلۇشنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ھاجى    بايرامى ۋەلىنىڭ قەبرىسى، شەرق تەرىپىدە ئوگۈست ئىبادەتخانىسى بار. قۇرۇلۇشنىڭ    شەرق تەرىپىدە، مەركىزىدىن شىمال قىسمىغا قاراپ داۋاملاشقان يۇمىلاق بەلباغلىق    تۆت بۇلۇڭلۇق قاپارتمىلار ئوراپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك بار بولۇپ، بۇ ئىشىكنىڭ    شىمال تەرەپ تۆۋەن بۇلۇڭىدا كېچىكىپ قالغان جامائەت ئۈچۈن ئايرىلغان جايدىكى    يەنە بىر ئىشىك بىلەن چىلەخانىغا چىققىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق    تەرىپىنىڭ غەرب تەرەپ ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. پەلەمپەيسىمان بىر خىل    كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان بۇ تەرەپ، ئۆز ۋاقتىدا كېچىكىپ قالغان جامائەت ئۈچۈن    سېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنچە تاملىرى ئېتىلىپ بىر يان ساھە ھالىتىگە كەلگەنلىكى    ئۈچۈن، بۇ شەكىلدە بىر خىل كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان. جامەنىڭ ئىككى بالداقلىق    غەرب تەرىپىنىڭ ئاياللار قىسمىغا كېيىنچە ئىلاۋە قىلىنغان ئىككىنچى قىسمىنىڭ    جەنۇب تەرىپىدىكى كەمەر ئاسقۇسىنىڭ ئۈست ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە يازمىلار بار.    بىرى تۈركچە، يەنە بىرى ئەرەبچە يېزىلغان ھەر ئىككى يازمىدا، 1714- يىلىدىكى    رېمونت خىزمەتلىرىگە دائىر ئوخشاش ئۇچۇرلار ئورۇن ئالىدۇ.


مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 10:21 PM  


قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ئېسىل مەسچىتلەرھە ! شۇنچە يىل ئۆتسىمۇ يەنىلا كۆركەم ، بىجىرىم تۇرۇپتۇ .
قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا يوقالغان مەسچىت-مەدرىسەلەر Unq~lt%2  
  < /5  
قەشقەر تارىختا مەدىنىيەت بۆشۈكى، ئىلىم -مەرىپەت مەركىزى بولغان، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمى گۈزەل ماكان. يەنە بىر نۇقتىدىن ئىيىتقاندا، قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلارشقان. ئىسلام مىمارچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بولۇپمۇ ئاتالمىش «مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تارىخى مەدىنى يادىكارلىقلىرىمىز يوقالغان ياكى باشقىلارغا شەخسى مۈلۈك قاتارىدا سىتىۋىتىلگەن. MT)q?NcG

تەپسىلاتى :http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=14207&fpage=2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 09:11 PM  


ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەر مۇ بارامىز تۈركىيەگە اللە نىسىپ قىلسا!

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4434
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن! بۇلارنى كۆرۈپ، «چالىقۇشى»دىكى مەسچىتلەر، ئۆي-بىنالار ئېسىمگە چۈشتى.

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قوشكېزەك. لېكىن نەپرەت مېھر-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېىتىشكە قادىر.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81950
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
colamqi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 09:19 PM
جمەنىڭ سۆرەتلىرى نىمانداق كىچىك دەيمەن،تازا بىر ئىنىق ...

ھې سولامچى ئاداش  ئى ئىسم چىقمىغانما سىلىگە


ماۋۇ جامەلەرنىڭ 3د ھالىتىنى ماۋۇ يەردىن كۆرەڭ http://www.torhumar.com/mosque-three-dimensional-panorama.html

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7960
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:37:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بارغۇم بار مۇشۇ تۈركىيەگە، ئاللاھ يول بەرگەندە چۇقۇم بىر بېرىپ كۆرۈپ كىلىمەن.سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە مىنىڭ ئەڭ بارغۇم كىلىدىغان دۆلەتلەر.

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7960
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
colamqi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 09:19 PM
جمەنىڭ سۆرەتلىرى نىمانداق كىچىك دەيمەن،تازا بىر ئىنىق ...

ماۋۇ تورداشقا باشقىچە ئىسىم چىقمىغانمىدۇ ؟  مىنىڭ باشقا نىيتىم يوق ئنكاس ئىگىسى، توغرا كۆرسىڭىز بۇ ئىسىمنى ئالماشتۇرۋەتسىڭىز قانداق ؟ غەيرىلا تۇردىكەن

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئۇنداق قىلىشىپ ك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49444
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مىللىچە-ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە ...

ئاجايىپ دۇنياكەن بىرىگە ئىنتىزار بىرىگە بىزار‹‹‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78753
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 09:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانمۇ بىزلەرگە جۈمە نامىزىنى ئاشۇ جامەلەردە ئوقۇش نىسىپ قىلار ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش