|
|
|
|
مەن ئەڭ ئىشەنگەن ئادەم ماڭا ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىكنى ئۆگەتتى.
ۋاقىت ئازابنى ئۇنتۇلدۇرمايدۇ، ئەكىسچە ئادەمنى ئازابقا كۆندۈرىدۇ. سەن كەتتىڭ، مەن سېنى ئۇزاتمىدىم. ئەگەر قايتىپ كەلگۈدەك بولساڭ، ھەرقانچە بوران چاپقۇنغا قارىماستىن سېنى كۈتىۋالغىلى چىقىمەن. شۇنداق بىر ئادىمىڭىز بارمۇ، شۇنچە سېغىنسىڭىزمۇ لېكىن ئىككىنچىلەپ كۆرۈشمەسلىككە قەسەم قىلغان؟
ئادەمنىڭ بەزىدە قاقاھلاپ كۈلىشى خۇشاللىقتىن بولماستىن بەلكى، شۇنچە ئازابلانسىمۇ يىغلىيالماسلىقىدىن.
ئەنسىرەيدىغىنىم: شۇ ئەسلىمىلەر ھېلىھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ، لېكىن سەن بولساڭ ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن.
مۇھەببەتنىڭ پەقەت مۇنداق ئىككىلا نەتىجىسى بار:
چۆچەكلەردىكىسى: مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
ئەمەلىيەتتىكىسى: ئۆلگەن مۇھەببەت
بەزى چاغلاردا خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ كۆڭلىمىز قويمىغانلىقىدىن يەنە چىڭ تۇرۇۋالىمىز.
بەزى چاغلاردا نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقىدىن سۆيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ۋاز كېچىمىز.
بەزى چاغلاردا كۆنۈپ قالغانلىقىمىزدىن يول قالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە مېڭىۋېرىمىز.
سىزنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىپ يىغلاتقان كىشى سىز ئەڭ سۆيگەن ئادەم.
سىزنى ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلگۈدەك كۈلدۈرگەن ئادەم بولسا سىزنى ئەڭ سۆيگەن ئادەم.
مۇھەببەتتە ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز ئۈچىنچى بىر شەخس ئەمەس، بەلكى ۋاقىت!
چاچلىرى ئاقارغۇچە بىر-بىرىگە ھەمراھ بولسىلا ئارىسىدامۇھەببەت بولۇشى ناتايىن. لېكىن ھەقىقىي مۇھەببەت چوقۇم تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يوقالمايدۇ.
تېخىمۇ ياخشى بىرىگە ئۇچرىمىغىنىم يوق. پەقەت كۆڭلۈمدە سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن باشقا بىرىگە ئۇچرىغۇم كەلمىدى.
ئەگەر بىزنىڭ تەقدىرىمىز باغلانغان بولسا بىر-بىرىمىزدىن قېچىپ يۈرسەكمۇ يەنە بىر يەرگە كېلىپ قالىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى: مىژگان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 07:46 PM
|
|
|
|
|
|