« سىرلىق »قۇملۇق
ھىكايە
ئابدۇساتتار تەۋەككۇل
ئۇ بۇ ئىشنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.ئۇنىڭ ئۆيى كۆز يەتكۈسىز قاقاس جاڭگاللىقنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.
بىر بۇرجىگى يىزا بازىرىغا بارىدىغان تاشيولنىڭ بۇرجىگىگە تۇتاشقان بولۇپ، ئون نەچچە ئائىللىك ئولتۇراقلاشقان بىر خىلۋەت مەھەللە ئىدى.ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان كاللىسىغا بەكرەك تەسىر قىلغىنى-ئەشۇ قۇملۇق توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلار ئىدى. بۇ قۇملۇق خىلۋەت مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىگىرەك جايلاشقان.ئۇ بۇ يەرلەرگە دۆۋلىنىپ قالغان قۇم-بارخانلىرى ئارىسىغا نەچچە ئون تۈپ، سۆگەت دەرىخى باراقلاپ تۇراتتى. بۇ سۆگەتلەر ئايلاپ-يىللاپ، سۇ كۆرمىسىمۇ كۆكۈرۈپ-ياشىرىپ تۇرىۋىرىدۇ. سىرىتتىن بىرەر ئادەم بۇ مەھەللىگە كىلىپ، بۇنىڭ سەۋىبىنى سورىغۇسى بولسا، يەرلىك كىشىلەر «بۇ ئاشۇ قۇملۇقنىڭ خاسىيىتىدىن.» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.
يېرىم كىچىدە روزىمەت سىرىتتىن ئاڭلانغان ئاجايىپ-غارايىپ سازلارنىڭ ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى. بۇ غەلىتە ئاۋازلار ئۇنىڭغا گويا كونا جەمىيەتتىكى جەڭ دۇمباقلىرى چېلىنىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. «ئەۋلىيا-شىھىتلەرنىڭ روھى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقان بولىشى كىرەك.»دەپ ئويلىدى روزىمەت.ئۇ كىچىك چېغىدا دادىسى ئۇنىڭغا قۇملۇق توغرىسىدا نۇرغۇن ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. روزىمەتنىڭ ئاڭلىشىچە، بۇ قۇملۇق ئەسلىدە قاقاس سايلىق بولۇپ، بىر زامانلاردا چەت مەمىلكەتنىڭ قوشۇنلىرى بۇ مەمىلكەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى نۇرغۇن قوشۇن تارتىپ، ياۋغا قارشى جەڭ قىپتۇ. بۇ قوشۇن كۇچا قوشۇنلىرىنى چىكىندۈرۈپ، مۇشۇ سايلىققا كەلگەندە ياۋنىڭ يارىدەمچى قوشۇنلىرى كىلىپ قالغانلىقتىن ئۇلارنىڭ كۈچى زورۇيۇپ، بۇ مەمىلكەت قوشۇنلىرىنى قىرىپ تاشلىغان. بۇ سايلىقتا نۇرغۇن شىھىتلەرنىڭ قانلىرى دەريا بولۇپ ئاققانمىش. جەسەتلەر ئوچۇقچىلىقتا قالغانمىش. تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن ئۇرۇشتا ئۆلگەن بۇ شىھىتلەرگە تەڭرىنىڭ رەھمى كىلىپ، بىر بوران چىقىرىش بىلەن بۇ سايلىققا قۇم كۆچۈرۈلىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى قۇمغا كۆمىۋەتكەنمىش. بۇ شىھىتلەر تەڭرىنىڭ ئەرىشتىكى كۇرسىغا تازىمغا بېرىپ تۇرارمىش ۋە زىمىندىكى ئىنسانلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى تەڭرىگە يەتكۈزۈپ تۇرارمىش.بۇرۇن يىراق يەرلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قۇملۇققا دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىلىشەتتى. ھەر قىتىم دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزگەندە قارا قوي سويىلاتتى. ئاخىرىدا كىشىلەر قۇملۇققا كۆمۈلگەن شىھىتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئاللاھغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتى. يېقىندىن بۇيان بۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغانلار ئازىيىپ قالدى. پەقەت روزىمەت ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يەردە ئىزچىل دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قانچە كىچىلەرنى مۇشۇ قۇملۇقتا دۇئا-تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىنى بىلگىلى بولمايتى. مانا مۇشۇ ئون نەچچە يىلدا روزىەت تەڭرىدىن بىر پەرزەنىت ئاتاقىلىشنى تەلەپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بىراق تاكى بۈگۈنكىچە بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.
«تۇزكۇرلار» دىدى روزىمەت ئىچىدە «بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولۇپ كىتىشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ بەزىللىرى قاۋاقخانىدىن ئۇدۇللا بۇ يەرگە كىلىشىدۇ-دە، ئاغزىدىن ھېلىقى نىجاسەتتەك بىر نىمە پۇراپ تۇرغىنىغا قارىماي، ئاغزىغا كەلگەننى دەپ، تەڭرىدىن ئاللىقانداق تەلەپلەرنى ئىجازەت قىلىشنى ئۆتىنىدۇ. يەنە بەزىللىرى قىمار سورىنىدا پۇل-ماللارنى ئۇتتۇرۇپ، زىيانغا چىدىماي، ئۇدۇل مۇشۇ قۇملۇققا كىلىشىپ، تەڭرىدىن قىماردا ئۆزلىرىگە ئامەت ئاتا قىلىشنى ئۆتىنىدۇ. بۇنداقلارنىڭ قانداقمۇ تىلىگى ئىجازەت بولسۇن؟ روزىمەت شۇلارنى يادىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرغاندا خوشنىسى سېلىماخۇننىڭ بىر ئىشى ئۇنىڭ ئېسىگە كىلىپ قالدى.
سېلىماخۇن نامراتچىلىقتىن بىر قالام ئوتۇنغا چىقىشالماي يۈرگەن كۈنلەردە ئەشۇ قۇملۇقتىكى خاسىيەتلىك سۆگەت دەرىخىنى كىسىپ قويۇپ، ئىھتىياتسىزلىقتىن كەكە بىلەن بىر پۇتىنى چېپىۋىلىپ، خېلى زامانلارغىچە ئاغرىق ئازاۋىنى تارتىپ يۈرگەنىدى. يىراقتىن بۇ يەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلغىلى كىلىدىغانلار ئىچىدىمۇ سېلىماخۇندەك نىيىتى دۇرۇس بولماي،تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ كىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، يۈرۈيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ھەقىچان. مانا ئەمدى روزىمەت بۇ قۇملۇقنىڭ بىردىن بىر دۇئا-تىلاۋەتچىسى بولۇپ قالدى. بۇ روزىمەت ئۈچۈن زور خوشاللىق ئىدى. «بۇ يەرگە كىلىدىغان ناپاك ئوغرىلارنىڭ شورى قۇرىسۇن، ئىلاھىم.خۇدا ئەندى تىلىگىمنى ئىجازەت قىلسا، ئەجەپ ئەمەس.»-دەپ ئويلىدى روزىمەت. ئۇ تالاغا ئاستا چىقتى. پايانسىز ئاسماننى قاپقارا بۇلۇت قاپلىۋالغان بولۇپ، زىمىن گويا داشقازان بىلەن كۆمتۈرۈپ قويۇلغاندەك ئىدى. روزىمەت ئۆز ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان قۇملۇققا كەلدى. قۇملۇقنىڭ ئىچى شۇنچە سۈرلۈك كۆرىنەتتى. روزىمىت ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ئىسلىشىپ كەتكەن مايماق ئېغىزلىق چۆگۈندىكى سۇدا تاھارەت ئېلىۋالغاندىن كىيىن چەت چۆرىللىرى يىرتىلىپ كەتكەن، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن جەينىمازنى ئۆزى ئالدىن راسلاپ قويغان ئورۇنغا سېلىپ ئولتۇرۇپ، دۇئا-تىلاۋەتنى باشلىدى. ئۇ ئاسمانغا قاراپ، كۆزلىرىدىن مۇنچاقتەك ياش تۆكۈپ، نىدا قىلىۋاتقاندا يىراقتىن كۈچلۈك بىر نۇر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋەتتى. بۇ نۇر بارغانسىرى روزىمەتكە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. «بىمەنە ۋاقىتتا كىلىپ،شىھىتلىرىمىزنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ قويدۇممۇ-قانداق؟»-دەپ ئويلىدى روزىمەت.
ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم قاتتىق قورقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشتى. پىشانىسىدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەر تامچىللىرى ئېقىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ بۇندىن ئىلگىرىمۇ بۇ يەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلغىلى كەلگەندە سۆگەتلىك ئارىسىدىن كىملەرنىڭدۇ پىچىرلاشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالاتتى. «شىھىتلىرىمىز بەلكىم، مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىمنى تەڭرىگە قانداق يەتكۈزۈشنى مەسىلەھەتلىشىۋاتقان بولسا كىرەك.»-دەپ ئويلاپ ئىچ-ئىچىدىن خۇرسەنت بولاتتى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۈچلۈك نۇر پەيدا بولدى. ئۇ قورىققىنىدىن كەينىگە ياندى. ئالاھىزەل بىرەر يۈز قەدەم ماڭغاندىن كىيىن كەينىگە قاراپ باققۇسى كىلىپ، كەينىگە شۇنداق بۇرۇلغان ئىدى، ئەمدى ئۇ يورۇقلۇق بارا-بارا يىراقلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پۇت-قولىغا جان كىرىپ، ئاشۇ يورۇقلۇقنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ماڭغۇسى كەلدى. «بەلكىم، ئاشۇ يورۇقلۇقنىڭ كەينىدىن ماڭسام، خۇدانىڭ نەزىرىگە يولۇقۇپ قېلىشىم مۇمكىن.»-دەپ ئويلىدى، ئۇ. روزىمەت ئاشۇ يورۇقلۇقنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئۇ كۈرەك جۇۋىسىنىڭ پىشىغا نەچچە قىتىم دەسسەپ يىقىلىپمۇ چۈشتى. تۇيۇقسىز بىر بوۋاقنىڭ قىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. روزىمەت توختىدى. بوۋاق ئانچە يىراقتا ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن سۆگەت دەرىخنىڭ يېنىدا كونا خاسىغا ئورالغان بىر بوۋاقنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. دەسلەپتە ئۇ ھەيران بولغىنىدىن نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. كىيىن ئۇ ھەممىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ، قىقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاققا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ مۇشۇنداق كۈننىڭ كىلىشىنى ئۇزاقتىن بېرى كۈتكەن ئەمەسمىدى؟ئۇ كۆزلىرىدىن خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، بوۋاقنى ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى-دە، بىر كىشىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەم ئاياق باسمىغان جىرالار بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاستا ئۆيىگە كىرىۋالدى. خوتۇنىنى چىراق يېقىشقا بۇيرۇپ، ئاجىز چىراقنىڭ يورىقىدا بوۋاققا نەزەر تاشلىدى. پاھ! بوتىلاقنىڭ ئۆزى ئىكەنغۇ-بۇ؟! روزىمەت بوۋاقنىڭ ئوماقلىقىغا مەسلىگى كىلىپ، ئۇنى قولىدا تۇتۇپ ئۇچۇرىۋىدى، تۇيۇقسىز بالىنىڭ قولتۇغىدىن بىر پارچە ئاق قەغەز چۈشتى. روزىمەت قەغەزنى قولىغا ئالدى. ئۇ ھۆكىمەتنىڭ زورلىشى بىلەن ساۋات چىقىرىش كۇرسىدا ئوقۇپ، ئاز-تولا ساۋادىنى چىقىرىۋالغان ئىدى. بۇ قىتىم ئەشۇ قىتىم ساۋات چىقىرۋالغىنى ئەسقاتتى. قەغەزگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغانئىدى:
«بۇ بالىنى بېقىۋالغۇچى بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغاي.»
2
-بۇ مەھەللىدە ئەشۇ تويغا بارمىغان پەقەت ئىككىمىزلا قاپتۇق.مەنغۇ تۈنۈگۈن جاڭگاللىققا قوي باققىلى چىقىپ كىتىپ، توي ئىشىدىن خەۋەر تاپالماي قاپتىمەن. سىلى مۇشۇ مەھەللىدە تۇرۇپ، نىمىشقا بارمىدىلا؟ ئۇلار بىلەن ئۆچ- ئاداۋەتلىرى بارمىتى-يا؟
-مېنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتىممۇ يوق.بىراق ئۇلار ئاللاھ يولىدىن چەتنىگەن دىنسىزلاركەن ئەمەسمۇ؟بىز ئۇنداق ئادەملەرنىڭ تويىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ نەزىر ئېشىنى يېسەك، بىزدەك مۇسۇلمانغا راۋا بولامدۇ؟،-جاڭگالدىن ئىككى كۈن قوي بېقىپ، ھىلىلا قايتىپ كەلگەن قاسىم ئاخۇن قاراساي سۇ
پونكىتىدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان توي مەرىكىسىگە بىللە بېرىپ، پەتىلەپ كىلىش ئۈچۈن، روزىمەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلگەندە روزىمەت تويغا بارغىلى ئۇنىمايۋاتاتتى.دېمىسىمۇ روزىمەت بازارغا بېرىز يولىدا قاراساي سۇ پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بۈگۈن تويى بولغان ئاشۇ ئىككى ياشنى پات-پات كۆرۈپ تۇراتتى. «ھۇ! شەيتاننىڭ گۇماشتىللىرى.»دەيتى،روزىمەت ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە: «ئاللاھ ھەر ئىككىڭنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.» مانا ئەمدى ئىشنىڭ يېڭىسى چىققىلى تۇردى،بۇ مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارمۇ ھېلىقى «شەيتاننىڭ گۇماشتىللىرى» نى دوراپ، قىز-ئوغۇللار ئۆزئارا قولتۇقلىشىپ كىتىۋاتمامدۇ؟ھەي، زادى مۇشۇ قارا سايغا خۇدانىڭ قاغىشى تەككەن. قارا ساينىڭ ئېتىمۇ قارا، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلى قارا. شۇڭا راۋاج تاپالمايدۇ.
-ئەگەر شۇ تويغا بېرىپ، ئادەمگەرچىلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلمىسەك، كۈزلۈك سۇ تەقسىماتىدا ئۇلار بىزگە سۇ بەرمىسە قانداق قىلىمىز ؟-دىدى قاسىم ئاخۇن يەنە. ئۇ روزىمەتنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىۋاتاتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ روزىمەت ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى. راست، بۇ يۇرۇتتا سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن ھەر قىتىملىق سۇغۇرۇش مەزگىلىدە كىشىلەر سۇ تالىشىپ، بىر –بىرىنىڭ گاللىرىنى سىقىشىپ كىتىدۇ. ئۆلۈم ۋەقەسى چىقمىغاندىمۇ يارىنىش،ئېغىر دەرجىدە قانسىراش ھادىسلىرى پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. تېخى قىش كۈنلىرىچۇ؟ بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر سۇ تاپالماي، چۆرىللىرى قومۇش بېسىپ كەتكەن كۆلنىڭ تېگىگە چاپلىشىپ كەتكەن مۇزلارنى چوقۇپ ئەپكىلىپ، ئېرىتىپ ئىچىشىدۇ. مۇز ئېلىۋاتقان كىشىلەر ئۆز ئارا مۇز تالىشىپ، سوقۇشمىسىمۇ خۇددى خورازلاردەك بازلىشىدۇ.
مۇشۇلارنى ئويلىغان روزىمەت قاسىم ئاخۇنغاقاراپ ئېغىر بىر تىندى-دە، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، يۇيۇلمىغىنىغا ئۇزاق بولغانلىقتىن قاسماقلىشىپ كەتكەن يەكتىگىنى كىيىپ، قاسىم ئاخۇن بىلەن بىللە مېڭىپ كەتتى.
قاراساي سۇ پونكىتىنىڭ ھويلىسى بۈگۈن ئالاھىدە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان ناخشىلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 5-6 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا خۇددى قىرىنداشلاردەك بولۇپ كەتكەن ساۋاقداشلار يىغىلىپ، بۈگۈنكى تويغا جەم بولۇشتى.بەزىللىرى يىراق جايلارغا تەقسىم بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،كۆڭلى يېقىنلىرى ئاساسەن كەلدى. ئۇلار ئايرىلغىنىغا ئۇزاق زامان بولۇپ كەتكەندەك،ھاراق بوتۇلكىللىرىدىن نەچچىنى قۇرۇقداپ، كۆكسى-قارنىنى بوشىتىۋىلىشتى. بىر-بىرىگە دەرت-ھەسرەتلىرىنى، خوشاللىقلىرىنى ئېيتىشتى.
روزىمەت بىلەن قاسىم ئاخۇن تويغا كەلگەندە ياشلار ئۆيدىن ئۇزاپ چىقىۋاتاتتى.
-ساڭا بەخت تىلەيمەن، ئاغىنە.دەۋاتاتتى بىر مىھمان ياش دەلدەڭشىپ ئالدىدىكى سۆگەتنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ: ھەر ھالدا بۇ سۆگەت قۇرۇپ قالمىسۇن.... ئۇلار قايتىشتى.
توي بولغان يىگىت قاسىم ئاخۇن بىلەن روزىمەتنى ئۆيىگە باشلىدى. يىگىت نىمە ئۈچۈندۇر بەكمۇ پەرىشان كۆرىنەتتى. بۇنى كۆرگەن روزىمەتمۇ ھەيران قالدى. ....
روزىمەت تويدىن قايىتقاندا چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىتتىك ئۆيگە كىرىپ سۈت شىشىسىدىن سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاققا سىنجىلاپ قارىدى-يۇ،داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
1994-يىلى 4-ماي يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 09:19 PM