«مۇز تاغقا كەلگەن مىھمان »فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى چاڭچۈن كىنو سىتودىيىسى 1963-يىلى ئىشلىگەن.)
سىنارىست-بەيشىن. رىژىسۇر-جاۋ شىنشۈي. ئاساسلىق روللاردا:
ئامىر-ئابلىمىت غوجى. جىڭ گۈلەندەم-ئايشەم كىرىم.
جا گۈلەندەم-گويۈمېن.نەۋرۇز-مۇھەممەت شىرىپ. تاشمەت-داۋۇت ئاۋۇت. ياڭ پەيجاڭ-ئىن خېسىن قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ فىلىمدەا 1951-يىلى يازدا شىنجاڭنىڭ سالىر تېغىدا ئايال ئىشپىيۇن گۇلباھار گۈلەندەم سىياقىغا كىرىۋىلىپ، چارۋۇچى-نەۋرۇزنىڭ ئايالى بولۇپ تېگىۋالىدۇ. قاراۋۇلخانىغا يېڭىدىن كەلگەن جەڭچى-ئامىر بىلەن گۇلەندەم كىچىگىدىن تارتىپلا ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ، قاراۋۇلخانىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ ئاخباراتىنى ئوغۇرلاپ، باندىتلار باشلىقى-جاھاندارغا خەۋەر قىلىپ تۇرىدۇ. دۈشمەننىڭ مۇز داۋاندىن ئۆتۈش سۈيقەستى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ،باندىتلار كاتىۋىشى-ئامانباي جىڭ گۈلەندەمنى ئېلىپ،ئارمىيىمىزنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا ئوغۇرلۇقچە كىرىدۇ. گۈلەندەم رازۋىتچىك كالا قەستقە ئۇچرىغاندا تارىسىنى ئۈزۈۋەتكەن راۋاپنى كوماندىر ياڭ پەيجاڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ھەم ئامىر بىلەن گۈلەندەم قايتىدىن جەم بولىدۇ. يالغان گۈلەندەمنى ئىشپىيۇنلار پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. ئامانباي پۇرسەت تېپىپ، ئارمىيىمىزنىڭ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا ئارمىيىمىز قۇرغان قاپقانغا چۈشۈپ، مەغلۇپ بولىدۇ. ئامىر بىلەن گۈلەندەم توي قىلىپ، مۇرات-مەخسىدىگە يېتىدۇ. ئارمىيىمىز بارلىق باندىتلارنى يوقۇتۇپ، ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى يېزىلدى.قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 09:59 PM