مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 21

قەشقەردە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2515
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24683
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7222 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەردە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىدا 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى››مۇناسىۋىتى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك  بولغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائلىيەتنىڭ نامى‹‹7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى› ۋە ئاز سانلىق مىللەت داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى›› دەپ ئاتالدى.

بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە بىرلىكتە  كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىمقى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى››گە ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە يازغۇچىلاردىن پەرھات ئىلياس، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم،مۇھەممەت بارات تەشنائى،مۇختار تۇردى،  ئەخمەت ئىمىن،قادىر راخمان،غوجائەخمەت يۇنۇس، مەمتىمىن شىپە ،ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى،تاھىر تالىپ قاتارلىق ئون نەپەر ھۆرمەت ئىگىسى مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئوقۇرمەنلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن   ئېلىپ كەلگەن كىتاپلارغا ئۆز قولى بىلەن مۇبارەك ئىمزالىرىنى قويۇپ بېرىپ ۋە بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ كىتاپ سېتىۋېلىش ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاممىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتتى.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى : ياش تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ <<شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز -ئارا تەرجىمە-نەشر  قىلىش قۇرۇلۇشى>>غا تاللانغان  ئىككى قىسىملىق يېڭى تارىخى رومانى‹‹ئابىھايات››نىڭ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولغىنى ئۈچۈن ئابدۇناسر يۇنۇس بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قىزىق نوقتىسى ۋە بۇ پائالىيەتتىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەم بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ۋە كىتاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە 145كىلومېتىر يىراقلىقتىن سەھەردىلا كەلگەن 76 ياشلىق مويسىپىت،يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزا ‹‹ماشئېڭىز›› مەھەللىسىنىڭ ئىمامى ئىمىن مۆمىن-‹‹ئابىھايات›› رومانىدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلاردىن بىرى  ئىسمايىل بەگنىڭ نەۋرىسى بولۇپ   ئۇمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى شەخس بولۇپ قالدى.بىر قىسىم پىشقەدەم داڭلىق يازغۇچىلار پائالىيەت جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ھال سورىدى.‹‹ئابىھايات›› رومانىنى سېتىۋالغان بىر قىسىم خېرىدارلار بۇ بوۋاينىمۇ ئورىۋېلىپ ئۆز كىتاپلىرىغا ئىمزا قويدۇردى ۋە بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

تۆۋەندە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھوزۇرى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەرياندا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەريوللاندى.

08.jpg

09.jpg
183026pyxy9spygp8g99zv[1].jpg
30.jpg
28.jpg
27.jpg
22.jpg
23.jpg
24.jpg
26.jpg
18.jpg
19.jpg
20.jpg
21.jpg
14.jpg
15.jpg
16.jpg
17.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
13.jpg
06.jpg
07.jpg
02.jpg
03.jpg
04.jpg
05.jpg
01.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 08:34 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە مۇشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى،ئوخشاش توملۇقتىكى خەنچە كىتابلار ئون،يىگىرمە سوم بولسا ئۇيغۇرچە كىتابلار كام دېگەندە ئوتتۇز قىرىق سوم ،نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ قىممەت كىتابلار سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ياكى پۇل خەجلىگۈسى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى كىتابلارنى كىتابخانىدا ئۆرە تۇرۇپلا ئوقىۋېىتدىكەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyghur05 + 10 نەق گەپنى قىلدىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7960
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابخۇمار ،ئىلمخۇمار خەلىق جۇمۇ بىز . مىللىتىمنى سۈيىمەن ،قەشقەرىمنى سۈيىمەن.

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:42:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازېر لام ماڭدىم ئەمسە كىتاپخانغا

ھەممېمېزگە ئۇلۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24193
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7221
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:49:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تولىمۇ ياخشى بىر ئىش بوپتۇ ،ئادەتتە كۆپرەك ئۆتكۇزۇپ تۇرسا بۇ يازغۇچىلارغىمۇ پۇقرالارغىمۇ پايدىسى تىگىدىغان بىر ئىش ھىساپلىناتتى.

تەنھائاشېق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:54:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قەشقەردە بولغان بولسام بىرنەچچە ئىمزالىق كىتاپ سېتىۋالاركەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82807
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3041
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 07:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئىسىت  بالدۇراق بىلگەن بولسامچۇ !   ئەدىبلىرىمىز بىلەن كۆرشۇش پۇرسىتى بولاركەن .   ئەتە يەنە بىركۈن بولسىچۇ بۇپائالىيەت بەك ياخشى بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugdai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 07:09 PM  


مەن ئال ئافاسىي دېگەن نامغا ئا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79764
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3303
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 07:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مېنى چاقىرماپتىغۇ؟

مەن ئال ئافاسىي دېگەن نامغا ئالماشتىم . بۇ نامنى  ئەمدى ئىشلەتمەيمەن.

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7488
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنبە، يەكشەنبىنى بىژكىم بەمىگەندىمۇ ماخەققە؟ يا بالدۇرراق دەپ قويماپتۇ، ماندا ئىشىمىز باتى دەپ. بېرىپ، ئاشۇ يازغۇچىلاربىلەن كۆرۈشۈپ، ئىمزاسىنى قويغان كىتابىدىن ئالمامتۇق دەيمە؟
ئۇيۇشتۇرغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى تازا قىزغانچۇقمۇ نىمە؟ جىق ئەدەم چىرىپ كۆرىشىۋالمىسۇن دىگەن چېغىۋا.
بۇدا ئاشۇنداق ئۇچۇر بولاپ قاسا ھايت دىۋىتىڭلا، قاسىڭلا بوساڭلا.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 10:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ ‹ ئابىھايات› ناملىق رومانىنى تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا ئالغانىدىم.  ئالدىدا ئوقۇشقا پىلانلاپ قويغان كىتابلىرىم بولغاچقا ئوقۇغىدەك بولمىدىم . بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. يازغۇچىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق خەلققە ئارىلىشىپ ئۆتسە تېخىمۇ ياخشى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش