|
|
|
|
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تورلاردىن چەتئەللەردە ئوقىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يازمىلىرى، تەسىراتلىرى، تاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى، بولۇپمۇ مۇساپىرچىلىقتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئوقۇپ، ۋەتەن ھەققىدە خېلى كۆپ ئوي-خىياللارنى قىلدىم.
بۈگۈن تۇيۇقسىزلار رادىئودىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ‹كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن› ناملىق ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسىنى ياڭراپ قالدى.
راھەت كۆرمەي قالاي جاپادا،
مەيلى سەرسان بولاي تالادا،
مەيلى دۇچار بولاي بالاغا،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن! توختار سەندە ئاخىرقى نەپەس،
ئۆزگە يۇرتقا قىلمايمان ھەۋەس!
ئۆز ئىلىدىن كەچكەن ئەر ئەمەس،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن. ناخشىغا جور بولۇپ، ئوي-خىياللىرىم قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. ۋەتەن دىگەن زادى نىمە؟ ۋەتەننى زادى قانداق سۆيۈش كىرەك؟
ۋەتەن خۇددى ئانىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئانا ۋەتەن دەپ سۈپەتلەيمىز. قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆي، يۇرتنى ‹گۆتەن› دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ‹يىراق گۆتەن ئۇ(يىراق يۇرت ئۇ)، گۆتىنىڭنى تېپىۋال(ئۆيۈڭنى تېپىۋال) قاتارلىق.قومۇلدا ۋ ھەرىپى دائىم گ ھەرىپىگە ئۆزگۈرىدۇ. مەسىلەن:مىۋە.مۆگە،ھايۋا،ھايگان قاتارلىق. ئەگەر موشۇ بويىچە بولغاندا گۆتەن ۋەتەن دىگەن گەپ بولۇپ، ئۆي،ئائىلە يۇرت دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.
ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ۋەتەن مېھرىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى، مەن ئالدى بىلەن يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹يىراق قىرلادىن ئانا يۇرتقا سالام› دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ ھېس قىلغان. كىيىن داڭلىق تارىخچى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ‹موسكۇۋا خىياللىرى› دىگەن ئەسىرىدىن، ھازىر بولسا تەتقىقاتچى ۋە مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەننىڭ ‹ ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار› قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.مەن گەرچە چەتئەللەردە مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان قېرىنداشلاردەك ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى تاتىپ باقمىغان ، لېكىن نۇرغۇن قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ سۇلۇق، باغ-بوستانلىق، گۈزەل تاغ-دەريالاردا يۈرۈپمۇ، موشۇ قۇرغاق قۇملۇق، قاتتىق ئىسسىق،قاتتىق سوغۇق بولىدىغان يۇرتۇمنى بەك سېغىنغان. ئۇ جايلار چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل، ھەممە نىمەت بار بولغان بولسىمۇ، ئاخىرى كىلىپ يۇرتۇمدىكى بىر قۇم بارخىنىدەك مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىغان.بۇمۇ ۋەتەن، يۇرت سۆيگۈسىنىڭ بىر قىسمى بولسا كىرەك.شۇڭا قەدىمقى ئەجداتلار ‹ كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ(ئاياق چەمى) بول› دەپ بىكار ئېيتمىغان.
ھەركىم ئۆز ۋەتىنىدىن كىچەلمەيدۇ. ۋەتەن ئانىدەك مېھىرلىك بولغان ئىكەن ، ۋەتەننى قانداق سۆيۇش كىرەك؟
ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسوللىرى خېلى كۆپ، ھەركىم ئۆز كۈچىگە يارىشا ئىش كۆرۈش كىرەك. ئاددىسى مۇھىت تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، يۇرتىمىزنى پاك تۇتۇشتىن، ، مۇھىت بۇلغۇلنىش، تەبىئەتنىڭ بۇزۇلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كىرەك.ئەڭ مۇھىمى مەرھوم سوپاخۇن سوۋۇروپ گىنىرال ئېيتقاندەك تېخنىكا، بىلىم ئىگەللىشىمىز كىرەك. ۋەتەننى سۆيۈپلا قالماي مەسئول بولىشىمىز، قوغدىشىمىز ، ۋاقتى كەلگەندە ھەتتا ئېزىز جېنىمىزنى ئاتا قىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەركىم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز كىرەك. مەنبە:ئەركنۇر بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 06:18 PM
|
|
|
|
|
|