مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 924|ئىنكاس: 17

سادا-جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 03:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    تەڭرىتېغىم، ئەي تەڭرى بەرگەن تاغ !سەندە تەڭرىنىڭ بۈيۈكلۈكى بار . سەن جىمى مەخلۇقات -مەۋجۇداتقا شاپائەت قىلسەن. جىلغىلاردا ساڭا مەڭزىنى يېقىپ ئەركىلەپ ئېقىۋاتقان كۆمۈش سۇلار ،باغرىڭدا مەڭگۈلۈك تەبىئەت ناخشىسىنى توۋلاپ ،تولغۇنۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان دەل-دەرەخ ،گۈل-گىياھلار ،پۈتكۈل ئادىمىزات دۇنياسىنى سەگىتىپ ۋە ئۇلارغا ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىپ توختىماي سۈپكۈچلەۋاتقان ساپ ھاۋالار ھەممە ،ھەممىسى سېنىڭ شاپائىتىڭ ، سېنىڭ خاسىيتىڭ.

    سەن ھاياتلىقنىڭ بۆشۈكى ،سەن ھاياتلىققا ھايات قوشقۇچى .مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن ھەم ساڭا تېۋىنىمەن.
مانا بۈگۈن شۇنداق ئاجايىپ ھېسسىياتلار بىلەن قوينۇڭغا كەلدىم، لېكىن قوينۇڭغا باھارىڭدا ئەمەس قىش مەزگىلىڭدە كەلدىم .راست بۇرۇن باھارىڭدىمۇ كەلگەن،يازىڭدىمۇ كەلگەن ،كۈزۈڭدىمۇ كەلگەن، لېكىن قىش مەزگىلىڭدە كەلمىگەنكەنمەن .بۈگۈن كەلدىم ،دوپپامدەك شەھەردە ئىچىم سىقىلغاچقا كەلدىم، ‹‹ئۇھ...››دەپ چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن بىر نەپەس ئېلىۋالسام ،ئىچىم بوشارمۇ دەپ كەلدىم؛جىلغىلىرىڭدا ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ-يىغلىۋالسام، دەرتلىرىم يەڭگىللەرمۇ، دەپ كەلدىم؛چوققىللىرىڭدا ساماغا قاراپ ۋارقىراپ -ۋارقىراپ ھال ئېيتىۋالسام ،يۈرىكىمنىڭ سىقلىشلىرى قويۇپ بېرەرمۇ ،دەپ كەلدىم...

    شۇنداق،دەردىم كۆپ ،تېغىم. دەرتلىرىمنى ئىشەنگەن تاغلىرىمغا ئېيتمىسام كىمگە ئېيتاي !
    ئەنە ،كۆرۈۋاتقانسەن -ھە ،قارا سەللە يۆگىۋالغان شەھەرلىرىمىزنى !مەن...ياق، مەنلا ئەمەس، بىز خېلى زور كۆپچىلىك شۇ يەردە ياشاۋاتىمىز . باغرىڭدىكى قارلار كۆزۈمگە ئاپئاق مامۇقتەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ ،لېكىن شەھىرىمدە تەبىئەتنىڭ بۇ پاك سېلىنچىسى قارا-قۇرا بىلەن بۇلغانغان .ئۇ يەردە قار بەزىدە تېخى ئاسماندا چۈشۈۋاتقاندىلا بۇلغىنىدۇ. كۆككە پۈركىۋېتىلگەن قاپقارا توزانلار قارلارغا خۇددى ئاق پاراشۇتقا ئېسىلغاندەك ئېسىلىپ ياكى ئۇچار گىلەمگە قونغاندەك قونۇپ، لەيلىگىنىچە بېشىمىزغا چۈشىدۇ.ئىس-تۈتەكلىرىمىز ئاجايىپ ھۈنەرلىك. بەزىدە قارنى ئاق پېتى چۈشتى دېگەندىمۇ ،ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنى سۈر گۆش ئېسلىغاندەك ئىسلاپ ئۈلگۈرىدۇ.
    شۇنداق ،بىز شۇنداق ماكاندا ياشاۋاتىمىز. بۇرۇن ھەر بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقاتتى، ئەمدى نۇرغۇن ئۆينىڭ مورىسىنى بىر قىلىۋەتتۇق . بۇ مورىلار شۇنچە ئىگىز، شۇنچە ھەيۋەت .مەن بۇ  مورىلارنى گىگانىت مۇشتەكلەرگە ئوخشىتىمەن .ئۇنىڭدا ئىنسان ئاچكۆزلۈك بىلەن سۈمۈرىۋاتقان ئاچچىق موخۇركىدەك بىر خىل نەپسانىيەتچىلىكنىڭ ئوتى كۆيىدۇ .ئۇنىڭدىن پۈركۈلۈۋاتقان تۈتەك ئىنساننىمۇ زەھەرلەيدۇ، ئاسماننىمۇ زەھەرلەيدۇ.....بىز بۇنى بىلىپ تۇرىمىز ھەم دەپ تۇرىمىز، لېكىن ‹‹تاماكا زەھەرلىك›› دەپ ئېنىق سۆز يېزىلغان تاماكىلارنى قىممەت پۇلغا سېتىۋىلىپ چېكىپ تۇرغاندەك ،ئۇ ئىشنىمۇ يەنە قىلىپ تۇرىمىز .چۈنكى بۇ زۆرۈرىيەت: ئىنسان مەئىشىتى ھامان تەرەققىياتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان.

    ئېھ، تېغىم ،قارلىرىڭنى ئاپئاق پاختىلارنى دەسسەۋاتقاندەك كېتىۋاتقان ئاتلىرىڭغا قاراپ ئۆزۈمچە ھەۋەسلىنىپ قېلىۋاتىمەن .بۇ ئاتلار ئاپئاقچىلىق دۇنياسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ قاشقىسى خۇددى قاردەكلا ئاپئاق .شۇ تاپتا ئۈستىگە چىقىپ مىنسە ، بۇ جانىۋارلار قارلارنى تۇياقلىرىدا دېڭىز بۇژغۇنلىرىدەك چاچرىتىپ ئادەمنى نەقەدەر يايرىتىۋەتكەن بولاتتى-ھە! لېكىن،بىز شەھەرلىكلەر ئاتلارغا مىنمەيمىز.

چۈنكى،ئۇنىڭ ئەيىبى ، بىرىنچىدىن، زامان قەدىمى بىلەن تەڭ ماڭالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شەھەرنىڭ چىرايلىق ئاسفالىت كوچىلىرىغا تېزەكلەپ قويىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن؛ ئۇنىڭ گۆشى ھازىر بىزنىڭ قورسىقىمىزدىنمۇ ئاشمايدۇ .شۇڭا بىز ماشىنىلارغا ئولتۇرىمىز.‹‹ھەر كۈنلۈك مەنزىلمىز››گە ‹‹ۋاقىت››نىڭ ئالدىدا بېرىۋېلىپ، خۇددى تاشپاقا بىلەن بەيگىگە چۈشكەن توشقاندەك بەخىرامان ئوڭدا يېتىۋېلىپ ياكى ئۈستەلدە مۈگدەپ ئولتۇرۇپ ،ئۇنداق ۋاقىتنىڭ نەچچىسىنى ئالدىمىزغائۆتكۈزىۋىتىمىز .ماشىنىلىرىمىزنىڭ ‹‹تېزەك››لىرىنى كۆزىمىز كۆرمىگىنى ئۈچۈنلا خۇش بولۇپ ،ئۇنىڭ تېزەكتىن ئۆتە مەينەتچىلىك تارقىتىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلمايمىز .مېنىڭچە ئاتقا قويغان ئەيۋىمىزنىڭ ئۈچىنچىسى سەل‹‹پۇت تىرەپ›› تۇرالىسا كېرەك. راست! ‹‹كىم ئۇنى ئىنساننىڭ ئاغزىغا تېتىپ قالسۇن››دەپتىكەن!

    قىسقىسى ،بىز شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە ماشىنىلارنى تاللىۋالدۇق.بۇ ماشىنىلار ئىنسان ئەقلىدىن قۇۋۋەت تېپىپ بارغانسىرى تېز چاپىدىغان بولدى .شۇغىنىسى ،پۇتلىرىمىز پۈتۈن قۇۋۋىتىنى شۇ ماشىنىغا بېرىۋەتكەندەك ،بارغانسىرى ھارىدىغان ،ماڭغانسېرى ئېغىرلىشىدىغان ھەتتا سىرقىرايدىغان بولۇپ قالدى.
    بىز ئۆزىمىز تۇرماق ھەتتا مىنگەن ئات-ئۇلاغلىرىمىز يەل قويۇپ بەرسىمۇ خىجىل بولىدىغان نومۇسچانلار ئىدۇق .ۋاھالەنكى ،شۇ چىرايلىق ماشىنىلىرىمىز توختىماي يەل قويۇپ بېرىۋاتسا ھەتتا ئۇنىڭ يەللىرى شۇقەدەر بەدبۇي ،شۇ قەدەر قارا ھەم زەھەرلىك بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ماشىنا دەسلەپ پەيدا بولغاندا بىز بۇ مۆجىزىدىن مەمنۇن بولغانىدۇق ،سەل كۆپەيگەندە ئىنسان مۈشكۈلاتىنى ئاسان قىلدى ،دەپ كۈلدۇق. ماشىنىلار كۆپەيدى ،كۆپىيىۋەردى، بىز كۈلدۇق، كۈلىۋەردۇق،ئاخىرى بۇ خۇشاللىق كۈلكىمىز ئاچچىق كۈلكىگە ئايلاندى.كوچىلارنى قوڭغۇزلاردەك قاپلاپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بەتبۇي پۇراقلىرىدىن نەپسىمىز بوغۇلغاندا ئاخىرى كۆڭلىمىز ئېلىشتى . بىز ئاجايىپ ئاپەت ئىچىدە قالدۇق ،ئىنسان مېتالدىن ياسىغان سېسىق قوڭغۇزلار ئاپىتى ئىچىدە قالدۇق.
گازنىڭ دەستىدىن ،كوچىغا چىقسام،ئاغزى-بۇرنۇمنى ئېتىۋالغۇم كىلىدۇ. ئۆيگە كىرسەم ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقىۋالغۇم كېلىدۇ.مەن ساپ ھاۋانىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇغىلى تۇردۇم .مەنلا ئەمەس ،ھەممىمىز شۇنداق ،چوڭلارمۇ شۇنداق،كىچىكلەرمۇ شۇنداق، ئەرلەرمۇ شۇنداق،ئاياللارمۇ شۇنداق. بىز ھەممىمىز ھاسىراپ قېلىۋاتىمىز ،شەھەر ھاسىراۋاتىدۇ؛ لېكىن بىز ھاسىراپ تۇرۇپ يەنە تاماكىمىزنى چېكىۋاتىمىز، شەھەر ھۆمۈدەپ تۇرۇپ يەنە ھېلىقى گىگانىت مۇشتەكلىرىنى تارتىۋاتىدۇ .ھەر بىر ماشىنىنىڭ ئۆزى بىر چىلىم غاڭزا. بىز ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدۇق.ئۇنىڭسىز بىزگە بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى بىلىنمەيدۇ. بېنزىن-سەلەركە پۇرۇقىغا سېزىك بولۇپ قالىدىغان چوكانلار بارلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم .مەن قورقىمەن ،ئاخىرى بىر كۈن ھەممىمىزلا بۇ پۇراققا سېزىك بولۇپ قالمىغىيدۇق،ئاياللارلا ئەمەس ھەتتا ئەرلەرمۇ سانائەتنىڭ ئىللىتىگە ھامىلدار بولۇپ قېلىپ ،بۇ سېزىكچىلىكنىڭ دەردىنى تارتمىغىيدۇق دەپ قورقىمەن.
پۇرۇخ ۋە ھەر خىل خىمىيىۋىلىك گازلارنىڭ ھىدى ،ھەددى-ھېساپسىز ئادەملەرنىڭ سېسىق تەر پۇراقلىرى، ئەخلەت ۋە باشقا چىقىرىندىلارنىڭ بەدبۇيلىرى، ھېلىقى ئس-تۈتەكلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋانى بىر ئالدى. بۇ بەدبۇيچىلىق ئاسمىنىمىزدىن ئاخىرى بىر كۈن ساپ ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. سۇلىرىنى بۇلغاپ بولۇپ ئەمدى باغرىڭدا ئېقىۋاتقان داغ سۈيۈڭنى چىرايلىق بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ سېتىۋاتقان شەھەرلىكلىرىڭ ھامان بىر كۈنى ھاۋايىڭنى رېزىنكە خالتىلارغا قاچىلاپ سېتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالارمىكىن، دەپ قورقىمەن.
    مېنىڭ قورقىدىغانلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ ،تېغىم! يەر ئاستىلىرىمىزنى كولاپ كۇڭتەي قىلىپ بولدۇق. زېمىنلىرىمىز خۇددى قانلىرى شۈمۈرۋېلىنىپ ،ئىچ-باغرى تارتىۋىتىلگەن مومىياغىلا ئوخشاپ قالدى. ئەگەر دەل-دەرەخ ، گۈل -گىياھلارنى زېمىن ئانىمىزنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىغا ئوخشاتساق ،بۇ چاچلارنىمۇ بىز يۇلۇپ، چەيلەپ بىر يەرگە ئاپاردۇق. بۇ دەل-دەرخلەرنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىن پەيدا بولغان ئىللەتلەرنىڭ شىپاچىسى ئىدى؛ گازلارنىڭ ،پاسكىنا سۇلارنىڭ زەھەرلىرىنى يىلان زەھىرىنى سۇغۇرۋالغاندەك سۇغۇرۇۋالاتتى ؛ ئىنسانىيەتكە ھۇجۇم قىلىۋاتقان قاپقارا ئىس-تۈتەك ،ئاچچىق چاڭ-توزان ، دەھشەتلىك بوران، دەۋرىدە قۇملارغا مەردانىلىك بىلەن مەيدىسىنى كېرىپ قالقان بولۇپ بېرەتتى. ئۇ خۇددى مېھنەت قىلىدىغان ئادىمىمۇ يوق ،مىننەت قىلىدىغان باشلىقىمۇ يوق، خۇدا بەرگەن تەبىئىيلا بىر زاۋۇت ئىدى ؛ يېڭىدىن-يېڭى ھاۋا ئىشلەپ ھارمايتتى؛ ھاۋا قىزىسا ،سالقىنلاشتۇراتتى. ئۇنىڭ ئەجىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى.بىزگەكۆرۈنمەي يوپۇرۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەرنىڭمۇ گېلىدىن شۇ بوغاتتى، دەھشەتلىك شاۋقۇنلارنىڭ ئاغزىنىمۇ شۇ ئېتەتتى. قىسقىسى ،ئۇ دەردىمىزگە داۋا، رەنجىمىزگە شىپا ئىدى !ماكانىمىزنىڭ ھۆسنىگە-ھۆسۈن قوشاتتى. بىز ئۇنى يولىمىزغا پۇتلاشتى ،دەپلا توغرىۋەتتۇق، ئۆزىمىزچە ،شۇنداق قىلساق يولىمىز كېڭىيىدۇ،دەپ ھېساپلىدۇق، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ماھىيەتلىك ياشاش يولىمىزنىڭ تارىيىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ئويلىمىدۇق.
    دەرەخلەرنى كېسىپ ئۆي سېلىپ، ئۆزىمىزگە ماكان ياراتتۇق، دەپ ئويلىدۇق ،ئەمەلىيەتتە ياشاش ماكانىمىزنى يوق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىمىدۇق. تازنىڭ بېشىدىكى تۆت تال تۈكتەك ئۇ يەر-بۇ يەردە غېرىپسىنىپ قالغان دەل-دەرەخلىرىمىز ھەر خىل بۇلغۇنىشلار بىلەن ئەمدى كۈچ ئېلىشالماي قالغان تۆت توكتۇك ئەسكەردەك سالپىيىپ ،سارغىيىپ تۇرۇشقا مەجبۇر.

مەنبە : ‹‹جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى››دىن ئىلىندى.



ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6818
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:24:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىز ئۆزىمىز تۇرماق ھەتتا مىنگەن ئات-ئۇلاغلىرىمىز يەل قويۇپ بەرسىمۇ خىجىل بولىدىغان نومۇسچانلار ئىدۇق .ۋاھالەنكى ،شۇ چىرايلىق ماشىنىلىرىمىز توختىماي يەل قويۇپ بېرىۋاتسا ھەتتا ئۇنىڭ يەللىرى شۇقەدەر بەدبۇي ،شۇ قەدەر قارا ھەم زەھەرلىك بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ماشىنا دەسلەپ پەيدا بولغاندا بىز بۇ مۆجىزىدىن مەمنۇن بولغانىدۇق ،سەل كۆپەيگەندە ئىنسان مۈشكۈلاتىنى ئاسان قىلدى ،دەپ كۈلدۇق. ماشىنىلار كۆپەيدى ،كۆپىيىۋەردى، بىز كۈلدۇق، كۈلىۋەردۇق،ئاخىرى بۇ خۇشاللىق كۈلكىمىز ئاچچىق كۈلكىگە ئايلاندى.كوچىلارنى قوڭغۇزلاردەك قاپلاپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بەتبۇي پۇراقلىرىدىن نەپسىمىز بوغۇلغاندا ئاخىرى كۆڭلىمىز ئېلىشتى . بىز ئاجايىپ ئاپەت ئىچىدە قالدۇق ،ئىنسان مېتالدىن ياسىغان سېسىق قوڭغۇزلار ئاپىتى ئىچىدە قالدۇق.
گازنىڭ دەستىدىن ،كوچىغا چىقسام،ئاغزى-بۇرنۇمنى ئېتىۋالغۇم كىلىدۇ. ئۆيگە كىرسەم ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقىۋالغۇم كېلىدۇ.مەن ساپ ھاۋانىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇغىلى تۇردۇم .مەنلا ئەمەس ،ھەممىمىز شۇنداق ،چوڭلارمۇ شۇنداق،كىچىكلەرمۇ شۇنداق، ئەرلەرمۇ شۇنداق،ئاياللارمۇ شۇنداق. بىز ھەممىمىز ھاسىراپ قېلىۋاتىمىز ،شەھەر ھاسىراۋاتىدۇ؛ لېكىن بىز ھاسىراپ تۇرۇپ يەنە تاماكىمىزنى چېكىۋاتىمىز، شەھەر ھۆمۈدەپ تۇرۇپ يەنە ھېلىقى گىگانىت مۇشتەكلىرىنى تارتىۋاتىدۇ .ھەر بىر ماشىنىنىڭ ئۆزى بىر چىلىم غاڭزا. بىز ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدۇق.ئۇنىڭسىز بىزگە بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى بىلىنمەيدۇ. بېنزىن-سەلەركە پۇرۇقىغا سېزىك بولۇپ قالىدىغان چوكانلار بارلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم .مەن قورقىمەن ،ئاخىرى بىر كۈن ھەممىمىزلا بۇ پۇراققا سېزىك بولۇپ قالمىغىيدۇق،ئاياللارلا ئەمەس ھەتتا ئەرلەرمۇ سانائەتنىڭ ئىللىتىگە ھامىلدار بولۇپ قېلىپ ،بۇ سېزىكچىلىكنىڭ دەردىنى تارتمىغىيدۇق دەپ قورقىمەن.
پۇرۇخ ۋە ھەر خىل خىمىيىۋىلىك گازلارنىڭ ھىدى ،ھەددى-ھېساپسىز ئادەملەرنىڭ سېسىق تەر پۇراقلىرى، ئەخلەت ۋە باشقا چىقىرىندىلارنىڭ بەدبۇيلىرى، ھېلىقى ئس-تۈتەكلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋانى بىر ئالدى. بۇ بەدبۇيچىلىق ئاسمىنىمىزدىن ئاخىرى بىر كۈن ساپ ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. سۇلىرىنى بۇلغاپ بولۇپ ئەمدى باغرىڭدا ئېقىۋاتقان داغ سۈيۈڭنى چىرايلىق بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ سېتىۋاتقان شەھەرلىكلىرىڭ ھامان بىر كۈنى ھاۋايىڭنى رېزىنكە خالتىلارغا قاچىلاپ سېتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالارمىكىن، دەپ قورقىمەن.



ماۋۇ  ئابزاس  راسلام تەسىر قىلدى ماڭا

ئات-ئۇلاغلار   قاتناش  ۋاقتىسىدا پەقەت قاتناش ھادىسىسى بولماپتىكەن

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 809
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8500
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!!
ئەخمەت ئىمىننىڭ «جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى» دېگەن بۇ نەسىرلەر توپلىمىدىكى ھەممە نەسىرلەر شۇنداق بەك ياقىدۇ ماڭا!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3533
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سادالارغا قوشۇلۇپ مېنىڭمۇ خىتاب قىلغۇم بار، تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋاقىرىغۇم بار، ئىنسانلار تەرىققى قىلىڭلار، لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، بىزنىڭ پەقەت مۇشۇ بىرلا يەر شارىمىز بار! توۋلىسام قاتتىق توۋلاپ قويىمەنكەن مۇشۇنداق.

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياىخشى ئەسەر بۇ  مەن كىتابىنى ئوقۇغان

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4718
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:36:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆرمەپتىكەنمەن. كۆرەپ باقسام بولغۇدەك

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ «ئانا تىلىم“ناملىق نەسىرى بەك ياقىدۇ ماڭا!

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74976
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3658
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنىڭ pdfنۇسخىسىنى تاپقىلى بولارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:06:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hezine يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 05:56 PM
بۇ كىتابنىڭ pdfنۇسخىسىنى تاپقىلى بولارمۇ؟

تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقساق بەلكىم تاپقىلىمۇ بولۇپ قالار.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82811
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:37:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش