مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4152|ئىنكاس: 44

تويى بولغان كۈنى ئۆلگەن يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 03:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       تويى بولغان كۈنى ئۆلگەن يىگىت
                                                                 (ھىكايە)
                                                       مۇھەممەدئىمىن ھەسەن   



             بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، كىشىگە باھارنىڭ ئىللىق ھاۋاسى ۋە ھوزۇر ھالاۋىتىنى تولۇق بەخش ئەتكەن ئىدى.مەن ئىشقا ماڭماقچى بولۇپ، دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمغا چوڭ يول دوقمۇشىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسىدىن ئاق رومال،ئاقكۆينەك كىيشكەن، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپ تۇرغان ئاياللار، باشلىرىغا سەللە يۆگەپ، ئۇزۇن پەلتۇ كىيگەن ئەرلەر ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىپ تۇرىۋاتاتتى، مەن بۇ ئائىلىدە كۆتۈرۈلگەن يىغا-زارىنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولۇپ ئۆيگە كىردىم.ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى بۇ يەرگە جۇغلاشقان بارلىق كىشىلەرنى يىغىغا جۆرە قىلىۋاتقان ئىدى.جېنىم بالام، يۈرەك پارەم بالام، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بالام، يالغۇز ئوغلۇم ئىدىڭغۇ بالام، ساڭا كەلگەن بۇ ئەجەل ماڭا كەلسىچۇ بالام، سەن ياخشى كۆرگەن، ئايرىلماسقا ۋەدە بەرگەن خانىمىڭ قالدىغۇ بالام، ۋاي بالام، ئارزۇلۇق بالام، يۈرۈكۈمگە ئوت كەتتى بالام، مەن قانداق چىداي بالام، سەندىن ئايرىلىپ قانداق ياشايمەن بالام، ئادەم دېگەن ھۆل نەرسىكەن، بولمىسا كۆيۈپ كۈل بولاتتىم بالام، ۋاي ئىسىت بالام، كۆزۈمنىڭ نۇرى بالام، ۋاي بالام، ۋاي بالام، ۋاي بالام ……..ئەتراپىدىكى ئاياللار سەبرى قىلسا مەرەمنىساخان بىزمۇ بەك ئازاپلاندۇق، تېخى بالا ئەمەسمىدى، تۈنۈگۈن توي قىلغان، ئەجەپمۇ ئىش بولدىغۇ بۇ! كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك، ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسلا، ئىنسان دېگەن ئاجىز ئىكەنمىز، بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بىشىدا بار، خۇدا جەننەت ئاتا قىلغاي، ئالدىلىرىدىكى بالىلىرىغا قارىسلا، ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋەتمىسلە، سەبرى قىلسىلا دەپ مەرەمنىساخان ئاچىنىڭ بىشىنى تۇتۇپ سەبرى قىلدۇرماقتا ئىدى.
    ۋاي ئىسىت، مەرەمنىساخان ھوشىدىن كەتتى دەرھال سۇ، مەرەمنىساخان بولالماي قالدى.مەرەمنىساخان ئاچىنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ تارتىىشپ قالغان بولۇپ، پۇت- قوللىرى قېتىپ قالغان، ھەممەيلەن ئۆرە توپا بولۇپ كەتتى.
ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئاققۇزۇپ، ئۇچىسىدىكى تويلۇق كىيملىرى بىلەن بىر قىز پۈتۈن بەدەنلىرى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن مەجرۇھلاردەك، يۈرەكلىرى چىدىغۇسىز ئېچىشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۈن-تۈنسىز يىغلىماقتا ئىدى.ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلىسا بىر تەرەپتىن ئالىمجان بىلەن ئۇچراشقان، بىرگە ئۆتكەن، ئايرىلماسقا ۋەدە بېرىشكەن شېرىن دەقىقىلەرنى بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
    يازنىڭ ئەمدى باشلانغان مەزگىلى بولۇپ، بازارلاردا ئەمدىلا پىشقان ئۆرۈكلەر، يېڭى چىققان قوغۇن-تاۋۇزلار بازارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ، يازنىڭ ھىدىنى دىماقلارغا پۇراتماقتا ئىدى. شەھەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىنار دەرەخلىرى تازا يېشىللىققا چۆمۈپ، كىشىگە شەھەر ھوزۇرىنى بېرەتتى.
    ئالىمجان تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ بولالمىغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولغاچقىمىكىن بالىلارچە ئەركە قىلىقلىرى بىلەن غەمسىز ئوينىماقتا ئىدى. بىر كۈنى نەچچە دوستلىرى بىلەن شەھەر ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ، ئۇدۇل كەلگەن بىر دورىخانىغا، ئەتىگەن مىجەزى يوق بولۇپ قالغان ئانىسى ئۈچۈن دورا ئالغىلى كىردى.دورىخانا ئازادە، رەتلىك، چىرايلىققىنە بېزەلگەن بولۇپ، تىزىلغان دورىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن كىشىنى دورا دۇنياسىغا باشلاپ كىرەتتى.
دورىخانىدا ئون ئالتە، ئون يەتتە ياشلاردا ئىككى قىز، كەيگەن خالاتلىرى ئاق پىشماق يۈزىگە تېخىمۇ ئاقلىق قوشۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك سالاپىتى بىلەن بىمارغا دورا چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.  ئالىمجان:
-: ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دورىگەر قىزلار ياخشىمۇسىلەر، مەن ئانامغا دورا ئالماقچى ئىدىم، ئانام ئىچىدىغان دورىلار بارمىدۇ؟
-:بار، دورىنىڭ تۈرى خېلى كۆپ، بىراق مەخسۇس ئانام ئىچىدىغان دورا دەپ دورا يوق دەپ چاقچاق ئارىلاش جاۋاب بەردى بىر قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.لېكىن قىزنىڭ چىرايى خىجىل بولغىنىدىن قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، لېۋىنى چىشلىگەن پېتى يەرگە قارىۋالدى. ئالىمجان :
-: بولىدۇ، مەخسۇس ئانام ئىچىدىغان دورا بولمىسا، مېنىڭ ئانام ئىچىۋاتقان دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەي، دورىخانىدا بارمىكىن دەپ بىر نەچچە خىل دورىنىڭ ئىسمىنى دېدى.
-: ۋىيەي، مۇشۇ دورىلارمىدى، ئانام ئىچىدىغان دورا بارمىكىن دىسلە قانداق دورا بولغىيتتى دەپتىمەن دەپ دورىلارنى ئېلىپ بەردى.
    ئالىمجان دورىخانىدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ، دورىگەر قىزنىڭ خۇشپېئىل، لېكىن تولىمۇ قائىدە-يوسۇنلۇق، ئەدەب- ئەخلاقلىق، مۇلايىم، كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك قىلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى نېمە بولغىيتتى، ئەجەب ئىسمىنى سورىماپتىمەن، خەير يەنە كېلەرمەن، ئالىمجان ئۆيگە كەلدى.
-:ئانا، مانا ساڭا مەخسۇس ئانام يەيدىغان دورا ئېلىپ كەلدىم، دەپ ئانىسىغا ئەركلىدى.ئانا رەھمەت بالام، ئوينىساڭمۇ ئويلاپ ئويناپسەن، مېنى ئۇنتۇپ قالماي دورا ئىلىپ كەپسەن.
-: ئانا، بۇ دېگەن خاسىيەتلىك دورا، مەن بۇندىن كېىين داۋاملىق ساڭا دورا ئېلىپ بىرەي دېدى ئالىمجان. ئانا تاماق تەييار قىلغان ئىدى.
-: بالام بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇر تاماق يەيمىز، ئالىمجان تاماق يىگەچ يەنە دورىگەر قىزچاقنى ئويلاپ قالدى.
-: بالام نېمە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىسەن، تېزراق تامىقىڭنى يە، تاماق سوۋۇپ قالىدۇ. ئالىمجان ئۇخلايدىغان ھوجرىسىغا كىرىپ ياتتىيۇ، لېكىن كۆزىگە ئۇيقا كەلمىدى، يەنە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى، يەنە شۇ دورىگەر قىزچاق ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىۋىلىپ ئۇخلاتمىغان ئىدى.قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىكىن بىر چاغلاردا ئانا سىزگە دورا ئەكەلدىم دەپ توۋلاپ سالدى، لېكىن كۆزى ئۇخلاۋاتاتتى، ئەسلىدە بۇ چۈشىدە يەنە شۇ دورىخانىغا بىرىپ، قىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلپ، كۆڭلى خۇشال ھالدا ئانىىسغا دورا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
-:ئوغلۇم ئالىمجان تۇرە ئورنۇڭدىن ناشتا قىلىمىز، نېمانچە ئۇيقۇ بۇ دەپ توۋلىدى ئانىسى.ئالىمجان ئويغۇنۇپ كۆرگەن چۈشىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ ناشتا قىلغاچ:
-: ئانا، بۈگۈن ساڭا دورا ئەكىلىپ بېرەي، ئانا ھەيران قالدى:  
-: بالام دورىنى مەن يېسەم ئۇنىڭغا سەن ئاشىق بولدۇڭمۇ نېمە؟ دورىنى سەن ئاخشام ئەكەلدىڭغۇ تېخى، دورا يەنە نەچچە كۈن يىتىدۇ.
ئالىمجان ئانىسىنىڭ دورىسىنىڭ تۈگىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، ئاخىرى دورىمۇ تۈگىدى، ئالىمجان بۇ دورىخانىغا يەنە كەلدى.
-:ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم خىسلەتلىك دورىگەر خېنىم، بەرگەن دورىڭىز ئانامنى گەپ قىلغۇدەك قىلدى، رەھمەت سىزگە، يەنە شۇ دورىنى ئالاي دەپ كەلدىم.
-: ھە، ئانىڭىز ئەسلىدە گەپ قىلالمامتى؟ مەن بەرگەن دورا گەپ قىلالماسنى گەپ قىلدۇرىدىغان دورا ئەمەس ئىدى، جاھاندا ئۇنداق دورىمۇ يوق.
-: چاقچاق قىلىپ قويدۇم دېدى ئالىمجان.
-: بۈگۈن ئاسان تۈگەيدىغان، لېكىن كېسەلگە پايدا قىلمايدىغان دورا بەرسىڭىز.
-: نەدە ئۇنداق دورا بولسۇن، قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز.
-:دېمەكچى بولغۇنۇم دورا تۈگىمىسە بۇ يەرگە كېلەلمەي قالىدىكەنمەن، ئانام ساقىيىپ قالسا لازىم بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟
-: ۋاھ، تېخىمۇ قىززىق گەپ بولدىغۇ بۇ، سىزنى كىم سېغىنىپ قالاتتى، دېدى ئادىلەم. ئالىمجان:
-: شۇنداق سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دورىنىڭ تۈرى كۆپ، سېغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارمۇ بار ھەرقاچان، شۇڭا سىز ھېچ كىشىنى سېغىنمايسىز، ئەمما مەن سېغىنىمەن.
-: دورىنىما؟ دەپ سورىدى ئادىلەم.
-: دورىنى ئانام سېغىنىدۇ، لېكىن مەن ……….. مەن شۇ دېگىنىچە تىلىنى چايناپ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي قالدى، ھەم قىزىرىپ كەتتى ئالىمجان، ھەر ئىككەيلەن قىزارغانلىقتىن بىردەم سۈكۈت قىلىشپ قالدى.
-: ئۇكام باش ئاغرىق دورىسى بېرىڭە دەپ بۇلارنىڭ سۈكۈتىنى بۇزىۋەتتى بىر ئايال.
ئالىمجان دورىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى، ئالىمجان قايتىپ كەتكەن بىلەن كۆڭلى دورىخانىدا قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇخلىيالماس، تاماق يىمەس بولۇپ قالدى. پۈتۈن ئوي- خىيالى ئادىلەمدە قالدى. ئەمدى دورا ئۆزىگە لازىم بولۇپ قالغان ئىدى، يۈرىكى دورىخانىغا تەلپۈنەر ئىدى، ئاخىرى يەنە كەلدى.
-: ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم كېسەلگە كېسەل قوشقان خېنىم، ئادىلەم:
-: ئەمدى نېمە بولدى؟ قايسى كېسەلگە قايسى كېسەل قوشۇلدى؟ دادىڭىز ئاغرىپ قالدىمۇ يا؟
-: ياق، دېدى ئالىمجان:
-: دادام ئاغىرىپ قالسىغۇ بولاتتى، بۇ قېتىم مەن ئاغرىپ قالدىم.
-: نېمە؟ سىز ئاغرىپ قالدىڭىز! ھىچ ماڭا مەلۇم بولمىدىغۇ؟ قەيەرىڭىز ئاغرىپ قالدى؟ دەپ سورىدى ئادىلەم.
-: قەيەرىم بولاتتى، يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دېدى ئالىمجان:
-: كىچىكلا تۇرۇپ يۈرىكىڭىز ئاغرىغان بولسا يامان بولۇپتۇ، قانداق دورا بەرسەم بولاركىن دېدى ئادىلەم.
-: دورا رېتىسىپىنى مەن دەپ بېرەي سىز بىرىنىمۇ قالدۇرماي بېرەلەمسىز؟ دېدى ئالىمجان.
-: بولىدۇ، مەندىلا بولسا تولۇق بېرەي دېدى ئادىلەم.
-: ئەمىسە بۇ گەپنى سىز قىلدىڭىز، ۋەدىڭىزدە تۇرىسىز جۇما دېدى ئالىمجان.
-: بولىدۇ، قېنى دەڭە.
-: مانا دورا رېتىسىپى دەپ ئاللىبۇرۇن يېزىپ تەييارلاپ قويغان سۆيگۈ خېتىنى ئادىلەمگە ئىككى قوللاپ تۇتتى.
-: سىز دورا تەييارلاپ قويۇڭ، مەن كېيىن كىلەي دەپ چىقىپ كەتتى.
    ئادىلەم بۇ دورا رىتسىپى دەپ بەرگەن خەتنى ئېچىپ ھەيران قالدى، بۇنىڭدا يېزىلغىنى دورا رېتسىپى بولماستىن، ناھايىتى تەسىرلىك، ئوخشۇتۇپ يېزىلغان سۆيگۈ خېتى ئىدى.خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتى، خەتنىڭ مەزمۇنى تەسىرلەندۈردىمۇ ياكى ئالىمجاننىڭ شوخلىقى تەسىرلەندۈردىمۇ ئىشىقىلىپ، ئادىلەمنىڭ يۈرەكلىرى بىرقىسما بولۇپ، بىر خىل سىزىم، بىر خىل تۇيغۇ يۈزلىرىنى قىززارتىپ، لەۋلىرىنى چىشلىگىلى، بەدەنلىرى قىززىپ چىكىلىرىدىن تەر ئاققۇزۇشقا سەۋەپچى بولدى.ئادىلەمگە ئاستا-ئاستا ئىسسىق ئۆتۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئالىمجاننى ئويلايدىغان، كۆرگۈسى كىلىدىغان بولۇپ قالدى.ئالىمجان ئۆيگە قايتىپ بىرىپ، خوشلىقىدىن ئۆزىنى باسالماي قالدى.ئۆي ئىچىدە بىردەم كۈلسە، بىردەم ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى. لېكىن قورقىنچسىمۇ يوق ئەمەس ئىدى، چۈنكى سۆيگۈ خېتى بىرەلىگەن بىلەن نېمە دەپ جاۋاب كىلىشنى بىلمەيتتى.تەقەززالىق ئىچىدە دورىخانىغا يەنە باردى، بۇ قېتىم شوخلۇق قىلالمىدى، سالامنىمۇ ناھايىتى تەس قىلالىدى، ئالىمجان سالامدىن كېيىن نېمە دىيىشنى بىلەلمەي بىردەم جىم تۇرۇپ قالدى، يۈرىكى دۈك-دۈك سوقاتتى، سەلبى جاۋاب چىقىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتاتتى. جىمجىتلىقنى ئادىلەم بۇزدى.
-: قانداقراق؟ كىسىلىڭىز خىلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
-: مىنىڭ كىسىلىم، تىلىنى چايناپ جاۋاب بەردى ئالىمجان
-: سىز دورا بەرمىگەن تۇرسىڭىز، قانداقسىگە ساقىيپ قالار، سىزنىڭ دورىڭىزغا تەشنا بولۇپ تۇرۇپتىمەن مانا.  
-: مىنىڭ دورامنى پەرھىز تۇتۇپ ئىچمىسڭىز ئۈنۈمى بولمايدۇ دېدى ئادىلەم.
-: قانداق پەرھىز تۇتىمەن؟ دەپ سورىدى ئالىمجان.
-:سىزگە دورا بىرىشتىن بۇرۇن پەرھىزلەرنى دەپ بىرەي، قوبۇل قىلالىسىڭىز ئاندىن دورا بىرەي دېدى، دە پەرھىزلەرنى بىر- بىرلەپ دىيشكە باشلىدى.
    1. ھاراق ئىچمەيسىز. 2. قىمار ئوينىمايسىز. 3. تاماكا قاتارلىق چىكىملىكلەرنى چەكمەيسىز. 4. ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق، ناشايان ئىشلارنى قىلمايسىز. 5. ئاتا- ئانىڭىزنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلمايسىز. 6. دورىنى ئىچمەكچى بولغاندا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدەب- ئەخلاقلىرىمىزغا قەتئى رىئايە قىلىسىز دېدى.
ئادىلەم ئالىمجاننىڭ قىلىقلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرغاندەكلا بىلىۋالغان ئىدى، چۈنكى يۇقىرىقى قىلىقلار ئالىمجاننىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئاللىقاچان ئايلىنىپ قالغان ئىدى.بۇ كۆنۈپ كەتكەن خۇي-مىجەز قىلىقلاردىن ۋاز كىچىش ئالىمجانغا ئاسانغا چۈشمەيتتى.لېكىن مۇھاببەتنىڭ كۈچى ئالىمجاننى بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە ماقۇل قىلدى.ئالىمجان بارلىق شەرتكە قوشۇلدى، بۇنى ئاڭلىغان ئادىلەم خۇشاللىق بىلەن ئالىمجاننىڭ مۇھاببىتىنى قوبۇل قىلدى.بۇ ئىككى ئاشۇق- مەشۇقلارنىڭ مۇھاببىتى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.ئالىمجان ئىشسىز بولغاچقا ئادىلەم بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا، كۈندە دىگۈدەك دورىخانىغا كېلىپ تۇرۇشقا تولۇق ۋاقتى چىقاتتى، ئالىمجان كۈن-كۈنلەپ دورىخانىدىن چىقمايدىغان بولىۋالدى، بۇلارنىڭ سۆيگۈ پاراڭلىرى دورىخانا خوجايىنى ئەخمەتجان ھاجىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھاجىم دەسلەپ بۇلارغا چىرايلىق تەربىيە قىلدى، كىينچە قاتتىقراق تەگدى، لېكىن ئۇلار پىسەنتىگە ئىلمىدى، چۈنكى مۇھاببەت ئالدىدا بۇنچىلىك قىيىنچىلىقلار ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. ئالىمجان ناچار قىلىقلاردىن تەدرىجى قول ئۈزۈپ، باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگەرمەكتە ئىدى.ئالىمجان ئانىسى ئەتكەن تاماققا قۇسۇر چىقىرىپ، تاماق يىگىلى ئۇنىمايدىغان، ئارىلاپ ئانىسىنى دەشكۈللەپ رەنجىتىدىغان، كىچىلەپ ئۆيگە كەلمەيدىغان، كەلسە مەس بولۇپ كىلىدىغان، دوستلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدىغان، پۇل خەجلەپ توشىمايدىغان، جىدەل قىلپ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمايدىغان، يالغۇز ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركە- نايناق قىلىقلىرىنى ئەمدى قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئالىمجاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا ئوغلىنىڭ كۈندە پۇل دەيدىغان ئادىتىنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالغان ئىدى. شۇڭا ئايالى مەرەمنىساخان ئاچىغا:
-: ھەي ئانىسى ئوغلىمىزغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ يۇۋاشلاپ قاپتىغۇ،
-: مەنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم، دېدى مەرەمنىساخان ئاچا، كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى. ئالىمجان بىلەن ئادىلەم كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇردى، ئەخمەتجان ھاجىممۇ بۇلارنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىدىن، چىن مۇھاببىتىدىن تەسىرلىنىپ بۇلارنى ئەيىپلىمەيدىغان بولدى.
بىر كۈنى مەرەمنىساخان ئاچا ئەتتىگەنلىك چايدىن كېيىن ئوغلى ئالىمجاننى چاقىرىپ،
-: ئوغلۇم ساڭا بىرەر ئىش بولدىمۇ ياكى بىرەر يىرىڭ ئاغرىپ قالدىمۇ؟ يۇۋاشلاپ قالدىڭغۇ، نېمە ئىش بولسا ماڭا دە جىنىم بالام، سەندىن ئەنسىرەپ قالدۇق، داداڭمۇ سوراۋاتىدۇ.
-: ياقەي، ئانا ھىچ ئىش يوق دېدى ئالىمجان.
-: ياق بالام راست گەپ قىل، سەن بۇنداق ياۋاش بالا ئەمەس ئىدىڭ، چوقۇم بىر ئىش بولدى.
-: ياق ئانا مەن پەقەت شۇ دىگىنىچە تىلىنى چايناپ زۆرۆر ئىشىم بار ئىدى، بىرىپلا كىلەي دىگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئانا ئوغلىغا ئىشەنمىدى، ئارقىسىدىن ماراپ ماڭدى، ئالىمجان تۈز دورىخانىغا كىرىپ كەتتى، ئانىسى قاراپ قالدى، ئالىمجاننىڭ ئادىلەم بىلەن كۈلۈشۈپ، پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى، قىزچاقنىڭ رومالنى ئالدىدىن چىگىۋالغان، ئۇزۇن كۆينەك كەيگەن ھاجى خىنىملاردەك سالاپىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئانا ئاستا قايتى كەتتى. كىتىۋىتىپ ئوغلىنىڭ دورا ئەكىلىشكە ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى، دورىخانىنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسلىدى ۋە ئوغلۇمنى مۇشۇ قىزچاق ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۆمكىن دەپ ئويلىدى.
ھەش-پەش دىگۈچە بۇلارنىڭ مۇھاببەتلىشىۋاتقىنىغا ئالتە ئاي بولاي دېدى، ئالىمجان ئادىلەمگە توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى. ئادىلەم
-: مۆمكىن بولماي قالارمىكىن، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇقمايدۇ، توي قىلىشىمىزغا قوشۇلامدۇ- يوق؟ بۇنى بىر نېمە دىمەك تەس دېدى. ئالىمجان
-: ئادىلەم سىز مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىدى
-: بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ دېدى ئادىلەم
-: ئۇنداق بولسا بىزنىڭ مۇھاببىتىمىزنى ھېچقانداق توسالغۇلار توسالمايدۇ، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن، مەن سىزنى جىنىمدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن، مەن سىزگە دىسەم ئادىلەم بىزنى بۇ دۇنيادا ئايرىۋىتەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ يوق، پەقەتلا ئۆلۈم.
-: ياق، دېدى ئادىلەم
-: ئۇنداق دىمەڭ، ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭ، خۇدايىم ساقلا
-: ئەمىسە بىز توي قىلايلى، ماقۇل دەڭ دېدى ئالىمجان
-: ئاتا- ئانىمىزغا قانداق دەيمىز دېدى ئادىلەم
-:چوقۇم ئامال تىپىلىدۇ، بىز مۇھاببىتىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورۇقمايلى، ماقۇل دەڭ دېدى ئالىمجان.
-: ماقۇل بىز توي قىلايلى دېدى ئادىلەم، بۇنى ئاڭلاپ ئالىمجان خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى باسالماي قالدى.
بىر كۈنى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا ئالىمجاننى يىنىغا چاقىرىپ،
-: ئوغلۇم، ھىلىقى دورىخانىدىكى قىز كىم؟ ئاناڭنىڭ دىيشىچە سەن ئۇ قىزنى دائىم ئىزدەپ بارىدىكەنسەن، راست گەپ قىل، بۇ ئالىمجاننىڭ بۇ ئىشلارنى دادىسىغا دىيشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. شۇڭا ئالىمجان دادىسىغا بۇ قىزنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگۈرۈپ ياخشى ئادەم بولۇشىغا ئاشۇ قىزنىڭ سەۋەپچى بولغانلىقىنى، بۇ قىز بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دېدى. دادىسى ئالىمجاندىن قىزچاقنىڭ ئەدەب- ئەخلاقى، كىيىم- كىچەك كىيشتىكى پەزىلەتلىرىنى تەپسىلى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ قىزچاققا ھەقىقىقەتەن قايىل بولدى.
-: ئوغلۇم قىزغۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىزكەن، ئاتا-ئانىسىچۇ؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۆيى قەيەردە؟ سورىدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا.
-:دادا، قىزنىڭ ئىسمى ئادىلەم، تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۆيى يىزىدا، ئانىسى دېھقان، دادىسى سەنئەت ئۆمەكتە ئىشلەيدۇ، دېدى ئالىمجان.
-: نېمە دىدىڭ؟ بىر سەھرالىق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ساڭا شەھەرنىڭ قىزلىرى تىپىلماسمۇ؟ بولدى قىل بالام سەھرادىن خوتۇن ئىلىپ بەرمەيمەن، خىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىم، خۇلۇم-خوشنىلىرىم نېمە دەپ قالىدۇ؟ سەن دېگەن شەھەردە تۇغۇلۇپ، شەھەردە چوڭ بولغان، يېزا دىگەنگە ھاۋا يىگىلى چىقسا بولىدۇ. لېكىن خوتۇن ئالغىلى چىقسا بولمايدۇ دېدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا. ئالىمجان بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى.
-:دادا مەن ئۇ قىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام بولمايدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن، ماقۇل دەڭ دادا، ئۆتۈنۈپ قالاي.
-: ياق بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ، مەن ساڭا ئېنىق دەپ قوياي، ساڭا ھەرگىز سەھرالىقنىڭ قىزىنى ئىلىپ بەرمەيمەن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۇ نىيتىڭدىن ۋاز كەچ.
-: ياق دادا مەن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.
-: نېمە سەن مەن بىلەن قارشىلاشماقچىمۇ؟ مەخمۇت ئاخۇن ئاكا كىچىكىدىن تارتىپ يالغۇز ئوغۇل دەپ ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغان ئارزۇلۇق ئوغلىنى بۈگۈن ئاچچىقىغا پايلىماي بىر تەستەك ئۇرۇپ سالدى. ئالىمجانغا بۇ تەستەك بەك ئىغىر كەلدى  بولغاي ئۆيدىن يۈگۈرگەنچە چىقىپ كەتتى. ئۇ يىغلىغان ئىدى، كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا ئادىلەمنىڭ قىشىغا باردى، ئادىلەم بۇنى كۆرۈپ
-:ئالىمجان سىزگە نېمە بولدى، بىرەر يىرىڭىز ئاغرىپ قالدىمۇ؟ ئالىمجان بىر دەم جىم تۇردى، ئاندىن بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەمنىڭ قاتتىق ئىچى ئاغرىدى.
-: خاپا بولماڭ ئالىمجان، بۇ تېخى باشلىنىشى، بۇنىڭدىن ئىغىر كۈنلەرنى كۆرىشىمىز مۆمكىن، مىنڭ ئاتا- ئانام قانداق قىلاركىن؟
-: بولدى، بىز قەتئى ئىرادىگە كىلەيلى، بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز، سىزمۇ ئادىلە غەيرەت قىلىپ ئاتا- ئانىڭىزغا دەڭ، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى.
بىر كۈنى ئادىلەم ئانىسى ئايىمنىساخانغا
-: ئانا بىر ئىشنى دىسەم خاپا بولارسىزمۇ؟ دېدى
-: قىزىم نېمە ئىشتى ئۇ، چاپسان دىگىنە. ئادىلەم قانداق دىيشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى
-: مەن، مەن دىگىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.
-:قىزىم تىلىڭنى چاينىماي گىپڭ بولسا دىمەمسەن؟ ئادىلەم ئاخىرى ئالىمجان بىلەن بولغان ئىشلارنى، ئۇنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. ئادىلەمنىڭ دادىسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن،
-: بۇنداق بىكار تەلەپ، لاغايلاپ يۈرىيدىغان، شەھەرلىك يارىماسقا قىزىمنى ھەرگىز بەرمەيمەن، قىزىم سەن دېگەن  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالى ھىساپلىنىسەن، سىنى خىلى ئەقىللىق، ئەخلاقلىق بالا بولدى دەپ ئويلايتتىم، سىنىڭ ئەقلىڭ مۇشۇنىڭغىلا ئىشلىدىما؟ ئىسىت سەن بەك ئالدىراپ قاپسەن، ئۆزۈڭنىڭ غىمىڭنى ئۆزۈڭ قىلمىساڭمۇ، سىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئاناڭ غىمىڭنى قىلماسمىدى، سەن ئالى مەكتەپتە مۇشۇنداق قىلىشنى ئۈگۈنۈپ كەلگەنمۇ؟ بولدى قىل مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن، ئۇ بىكارتەلەپ شەھەر بالىسى سىنىڭ كۈنۈڭنى قانداق ئالدۇرىدۇ؟ بۇنى ئاڭلىغان ئادىلەم يىغلىغىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.كەينىدىن ئانسى ئايىمنىساخان كىرىپ قىزغا يەنە تەربىيە ئىشلىگىلى تۇردى. ئادىلەم كەسكىن ھالدا
-: ئانا سىلەر نېمە دىسەڭلار مەيلى، لېكىن مەن ئەخلاقىمدىن ھالقىپ كەتمىدىم، لېكىن ئالىمجان بىلەن چوقۇم توي قىلىمەن  دېدى.
ئالىمجاننىڭ ئاتا-ئانسىى ئالىمجاننى ئادىلەمدىن تەلتۆكۈس ئايرىۋىتىش مەقستىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ سەھرادىكى ئۆيىگە نەزەر-بەند قىلدى.
-:ئوغلۇم دېدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا، سىنى بوۋاڭ بەك كۆرگۈم كەلدى، ئەۋەتسەڭلا دەپ تېلېفون قىپتۇ، چوڭ ئاناڭنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ، دەرھال بارمىساڭ بولمىغۇدەك.
-: دادا، مەن ھازىر بارمايچۇ
-: نىمىشقا، چوقۇم بارىسەن، كىچىكىڭدە سىنى ئاشۇلار باققان، مەن سىنى ئۆزۈم قايتۇرۇپ كىلىمەن دەپ مەجبۇرىيى ئاپىرىپ قويدى. ئالىمجان ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئانىسىنىڭ ساقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،
-: چوڭ ئانا سەن ئاغرىپ قالمىغانمۇ؟ سىنى كسەل دەيتتىغۇ. چوڭ ئانا گاڭگىراپ قالدى
-: ھە، مەن ئەسلى ئاغرىپ قالغان، بۈگۈن بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدىم دېدى. ئالىمجان بۇ سەھرادا 15كۈننى 15ئايدەك بەك تەس ئۆتكۈزدى.
ئادىلەم ئالىمجاننىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن تىت- تىت بولۇپ ھەرخىل خىياللارنى قىلماقتا ئىدى. ھەي ئالىمجان ساڭا نېمە بولغاندۇ:ئەجەب يوقاپ كەتتىڭغۇ، ئاغرىپ قالدىڭمۇ يا؟ قەيەرگە كەتكەنسەن، جىددى ئىشىڭ چىقىپ قالغان بولسا كېرەك، بوپتۇ ئەتىغۇ چوقۇم كىلىسەن دىگەندەك شىرىن خىياللار بىلەن بىر كۈن، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن ئۆتتى، ئالىمجاننىڭ ئۆزى تۈگۈل قارسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئاخىرى تەقەززالىق ئىچىدە ئالىمجاننىڭ دوستلىرىدىن سۈرۈشتە قىلدى، ئالىمجاننى ھېچكىم كۆرمىگەن بولۇپ چىقتى. ئادىلەم تىخىمۇ قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئاخىرى ئەڭ يېقىن دوستىى بەختىنسانى ئىزدەپ ياردەم سورىماقچى بولۇپ، ئالىمجاننىڭ يوقاپ كەتكەن ئەھۋالىنى كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇپ سۆزلەپ بەردى. بەختىنسا بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن
-: بولدى ئاداش، كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما، مەن چوقۇم ئىزدىرىگىنى قىلىپ بىرىمەن، خاتىرجەم بول دېدى.
-: رەھمەت ئاداش، خوش خەۋىرىڭنى كۈتىمەن دېدى ئادىلەم.
بەختىنىسا سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بىر ساۋاقدىشىنى ئىشقا سىلىپ، ئالىمجاننىڭ ئانىسىدىن ئالىمجاننىڭ يىزىدىكى چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئۇقتى. دەرھال ئادىلەمنىڭ قىشىغا باردى.
-: ئادىلەم خوش- خەۋەر، خوش- خەۋەر دېدى،
-: نېمە خوش- خەۋەر ئاداش، ئالىمجاننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇڭمۇ؟
-: ھەئە ئاداش، ئالىمجان يىزىغا چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىتىپتۇ، دادىسى ئۇنى مەجبۇرىي ئاپىرىپ قويۇپتۇ.
-: ھە، شۇڭا كەلمەپتىكەندە، بىز يوقلاپ چىقايلى، ئارىلىق قانچىلىك كىلەر؟
-: كشىلەرنىڭ دىيشىچە شەھەردىن 30كىلومىتىر كىلىدىكەن، ئەمما مۇقىم قاتنىشى يوق ئىكەن دېدى بەختىنىسا.
-: ئۇنداق بولسا ماشىنا كۆتۈرە ئىلىپ چىقايلى، ئۇيەرنىڭ ئىسمى نېمە بولغىيتتى؟ دېدى ئادىلەم.
-: ئۇ يەرنىڭ ئىسمى ئۈزۈك ساي ئىكەن دېدى بەختىنسا . بۇ ئىككەيلەن تاكسى كۆتۈرە ئىلىپ سەھراغا قاراپ راۋان بولدى، بۇ يەرنىڭ يوللىرى تېخى ئاسفالىتلاشمىغان بولۇپ، تاشلىق ۋە كاتاڭ بولغاچقا ماشىنا سىلىكىپ بەك تەستە ماڭدى.بىر يەرگە بارغاندا قۇم-بارىخانلىق يولغا كىرىپ قالدى، ماشىنا قۇمدا بەك تەس ماڭدى، قۇملۇقتىن ئەمدى چىقىپ بولاي دىيشگە يولنى سۇ ئىلىپ قاچقان يالىققا كېلىپ قالدى. بۇ يەردىن ئېشەك ھارۋىسى بەك تەس ئۆتەتتى.
-:قىزچاقلار خاپا بولمايسىلەر، ئەمدى ئامال بولمىدى، يول بۇزۇقكەن ئەمەسمۇ دېدى شوپۇر ئۆزۈرخالىق ئىيتپ، ماشىنا قايتىپ كەتتى. بۇ ئىككى قىز ئۆزى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان سەھرا يولىدا پىيادە ماڭماقتا ئىدى، يەنە قانچە ئۇزۇن ماڭسا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بۇلار ماڭا-ماڭا ھىرىپ كەتتى، ئۇسسۇزلۇق تېخى قىينىماقتا ئىدى، ئەتراپتا ئۆي كۆرۈنمەيتتى، بىردەم ئولتۇرۇپ يەنە ماڭدى.پۇتلىرىنى ئاياغ ئاغرىتىپ، بۇنداق ئۇزۇن يول مىڭىپ كۆنمىگەچكە پۇتلىرى قاپىرىشقا باشلىدى. ئاخىرى بولالماي ئاياغلىرىنى سىلىپ، يالاڭ- ئاياغ  ماڭدى.
-: ئاداش ئاۋۇ تەرەپتە دەرەخ كۆرۈندى قارىغىنە دېدى بەختىنىسا. بۇلار يىراقتا كۆرۈنگەن دەرەخلەرنى كۆرۈپ ئۆيگە يىتىپ كەلگەندەك خۇشال بولۇشتى، كۆرۈنگەن دەرەخلەرمۇ ئانچە يېقىن ئەمەس ئىدى، بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن پۇتىنى يۆتكىگىدەك ھالى قالمىغاندا دەرەخلىككە يىتىپ باردى.بۇ دەرەخلەر راستىنلا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدىكى دەرەخلەر ئىدى، بۇلار بىر ئۆينىڭ ئىشكىنى قاقتى، بىر دېھقان ئايال چىقىتى
-: ئەسسالام ئانا دەپ سالام قىلدى قىزلار
-: ھە بالىلىرىم سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار دەپ سورىدى ئايال
-:بىز شەھەردىن چىقتۇق، بەك ئۇسساپ كەتتۇق، ئىچكىلى سۇ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن دەپ ھاسىرغانچە دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالدى، بۇنى كۆرگەن ئاقكۆڭۈل دېھقان ئايال ئىچى ئاغرىپ بۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كىردى ۋە داستىخان سىلىپ،
-: قىزلىرىم ئۆيدە مۇشۇ زاغرا نانلا بار ئىكەن، ئەيىب قىلماي يىسەڭلار دەپ چاي- نان ئەكەلدى. قىزلار
-:رەھمەت ئانا، رەھمەت، بەك مىززىلىك نان ئىكەن دىيشىپ، شەھەردە ئانسى ئىتىپ بەرگەن ئاشنى ناز قىلپ، ئانىسىنى يالۋۇرتىپ ئىچىدىغان بۇ قىزلار ئەمدى بۇ زاغرا نانلارنى خۇددى قاتلىما يىگەندەك ھوزۇر بىلەن يىيىشكە باشلىدى، قورسىقى بىر ئاز تويغاندىن كېيىن، قىزلارغا جان كىردى بولغاي، بۇ شەپقەتچى ئايالغا رەھمەت ئىيتقاندىن كېيىن
-: ئانا بىز ئەمەتئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدۇق، سىلى بىلەلىمۇ؟
-: ھەي بالام بۇ كەنىتتە ئەخمەت ئاخۇن ئىسىملىك كىشىلەر خىلى كۆپ، قايسىنى دەيسىلەركىن دېدى ئايال.
-: بۇ كىشىنىڭ بىر ئوغلى شەھەردە خىزمەت قىلىدىكەن دېدى ئادىلەم .
-: ھە راست ھىلىقى ئەخمەت قىززىقى دېگەن ئادەم شۇكەندە، ئۇنىڭ بىر ئوغلى شەھەردە خىزمەت قىلىدۇ. ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە بولغىيتتى دېدى دېھقان ئانا.
-: ئىسمى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا دېدى ئادىلەم
-: ھەراست مەخمۇت ئاخۇن ئەجەب ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ دېدى دېھقان ئايال.
-: ئەمىسە ئۆينى بىلىدىكەنلا ھە؟ دېدى ئادىلەم
-: بىلىمەن بالام، ئۇ ئۆيگە يەنە 3پوتەي ماڭسىاڭلار بارىسىلەر دېدى دېھقان ئايال.
-:ئۈچ پوتەي يول دېگەن قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ پىچىرلاشتى قىزلار، بۇلار شەپقەتچى ئانىغا رەھمەت ئىيتىپ يەنە يولىغا راۋان بولدى. ئۇلار ئىككسى يەنە بىر ھازاغىچە يول يۈرۈپ، كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئەخمەت ئاخۇن  قىززىقچى دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا ئالىمجان پەشئايۋاندا تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تونۇش بىر قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتى، دە كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.
-:ۋاي ئادىلەم بۇ سىزما؟ چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن؟ قىنى ئۆيگە كىرىڭلار دېدى ئالىمجان. قىزلار ئۆيگە كىردى، ھەمدە قىزغىن ئەھۋاللاشتى، بۇ 15كۈن ئىچىدىكى كۆرگەن كۈنلىرىنى، سىغىنىشلىرىنى ئىيتىشىپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
-: ئالىمجان سىز بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋاتامسىز، ھىچ باشقا ئادەم كۆرۈنمەيدىغۇ؟ دەپ سورىدى ئادىلەم.
-:بوۋام ئەسسىر نامىزى ئوقۇشقا مەسچىتكە چىقىپ كەتتى، مومام قويلارغا ئوت ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى دېدى ئالىمجان چاي قۇيغاچ.
-: قىنى چاي ئىچىڭلار، ئالىمجان قىزلارنىڭ بۇ يەرگە چىقىش جەريانىدا كۆرگەن جاپا- مۇشەققەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئىچى ئاغرىدى ھەمدە كۆڭلى بەكلا بىئارام بولدى، بىر ئازدىن كېيىن بوۋىسى بىلەن مومىسى قايتىپ كەلدى، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشىدىن نەپرەتلەندى، بۇلارغا تەسەللى بىرىپ
-:بولدى بالىلىرىم سىلەر خاپا بولماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرگە ياردەم قىلىمەن دېدى بوۋاي.قىزلار بوۋاي بىلەن موماينىڭ كەچ بولۇپ قالدى، قونۇپ قىلىڭلار، ئەتتىگەندە ئۆزۈم يولغا سىلىپ قوياي دېگەن سۆزلىرىگە ئۇنىماي، دادام تىللايدۇ، چوڭلارنىڭ خەۋىرى يوق چىققان دەپ قايتىپ كىتىشتە چىڭ تۇرىۋالغاندىن كىين، بوۋاي نا ئىلاج بۇلارنى  يولغا سىلىپ قويۇشقا قوشۇلدى ۋە چوڭ ئوغلى ئابدۇكىرەمنى ئېشەك-ھارۋا تەييارلاتقۇزۇپ بۇ ئۈچەيلەننى شەھەرگە ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرىدى.
ئادىلەمنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزنىڭ يىزىغا چىققان كۈنىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلپ،
-:ئادىلەم ئاخشام سەن بەك كەچ كەلدىڭ، تۈنۈگۈن نەگە باردىڭ دېدى.
-: ساۋاقدىشىم بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ئىدىم، تاماققا ساقلىتىپ شۇڭا بەك كەچ قالدىم دېدى ئادىلەم، دادىسى
-:يالغان، سەن يالغان ئىيتىۋاتىسەن، راست گەپ قىل، تۈنۈگۈن بىر كۈن سىنى سۈرۈشتۈرمىگەن ھىچ يەر قالمىدى، بۈگۈن راست گەپ قىلمىساڭ مەن ئاسانلىقچە بولدى قىلمايمەن.ئادىلەم يەنە داۋاملىق يالغان سۆزلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي يىغلاپ تۇرۇپ دادىسىغا بولغان ئەھۋالنى تولۇق ئىيتىپ بەردى.بۇنى ئاڭلىغان ئابدىقادىر ئاخۇن ئاكىنىڭ غەزىىپى قوزغالدى، شۇ ياشقا كەلگۈچە بىرەر قىتتىممۇ تىللاپ باقمىغان قىزىنى بۈگۈن بىر نەچچىنى ئۇرىۋەتتى ۋە بۈگۈندىن باشلاپ دورىخانىغا كىرمەيسەن، ئۆيدىن ھىچ يەرگە بارمايسەن دەپ ئادىلەمنى ئۆيگە سولىۋەتتى.
ئالىمجاننىڭ دادىسىمۇ ئوغلىنى سوتلاشقا باشلىدى
-:ھەي بەغەرەز، سىنى كىم قايتىپ كەلسۇن دېدى، مەن ئۆزۈم ياندۇرۇپ كىلىمەن دىمىگەنمىدىم، نىمىشقا قايتىپ كەلدىڭ؟
-: شۇ چوڭ دادام سەن بارغاچ تۇرغىن، مەن ئەتىلا يىتىپ بارىمەن دىگەنتى، شۇڭا دېدى ئالىمجان.
-:خەپ سىنى، خەپ سىنى، داداممۇ كېلىپ قالار، سەن يالغانچىنى ئەدىپىڭنى بىر بەرمسەم دېدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا.
-: ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دەپ كىرىپ كەلدى ئەخمىتاخۇن بوۋا.
-:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دادا، سىنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى، تىشلىق تۇردۇڭمۇ؟ ئانام ساقمۇ؟ تۇققانلارچۇ؟ دەپ سورىدى مەخمۇت ئاخۇن دادىسىنى كۆرۈپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە.
-: ئوغلۇم، دېدى ئەخمىتاخۇن بوۋا، مەن ئالىمجانلارنىڭ ئىشىنى ئۇقتۇم، بۇ ئىشتا سەن ئاشۇرىۋىتىپسەن دەپ گەپ باشلىغانچە ئالىمجان بىلەن ئادىلەمنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمىغىچە ئوغلىنى قويۇپ بەرمىدى. ئاخىرى- ئالىمجاننىڭ ئاتا- ئانىسى چوڭ دادىسىنىڭ چۈشەندۈرىشى بىلەن ئالىمجان بىلەن ئادىلەمنىڭ ئىپپەتلىك، ھايالىق، ئەخلاقلىق ھالدا بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارىسدا چىن مۇھاببەت بارلىقىنى، لېكىن ھاياسىزلىق قىلىقلارنىڭ يوقلىقىنى، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم مۇھەببەتچىلەرنىڭ ساختا، ناچار قىلىقلىرىنى قەتئى قىلمىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى، ھەم قىلغانلىرىغا خىجىل بولدى.
-: ئوغلۇم دېدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا، بولدى مەن قوشۇلدۇم، خاتالىق مەندىن ئۆتۈپتۇ، مىنى كەچۈر، مەن قانداق قىلسام قىلپ بۇ توينى چوقۇم قىلىمەن، سەن خاتىرجەم بول جىنىم بالام دېدى. ئالىمجان
-: رەھمەت دادا، رەھمەت دەپ خۇشاللىقىدىن يىغلىۋەتتى.
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دەپ كىرىپ كەلدى دورىخانا خوجايىىنى ئەخمەتجان ھاجىم
-: ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام كەلسە دېدى ئابدىقادىر ئاخۇن ئاكا.
ئەخمەتجان ھاجىم گەپ باشلىدى،
-:ئابدۇقادىر ئاخۇن ئاكا ئادىلەم دۇكانغا كىرمىدى، نېمە بولغاندۇ دەپ يوقلاپ چىقىشم، ئادىلەم تىشلىقتۇ؟ دەپ سورىدى ئەخمەتجان ھاجىم.
-:تىشلىق دېدى ئابدىقادىر ئاخۇن ئاكا چۈشەنچە بىرىپ، ھەي ھاجىم، قىزبالا دېگەن بۆشۈكتە ۋاقتىدا بىر بالا ئىكەن، چوڭ بولىۋالسىلا ئۆزى بىلگەن ئىشنى قىلىدىكەن دەپ ئالىمجان بىلەن ئادىلەمنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ شۇ سەۋەپتىن ئادىلەمنى دۇكانغىمۇ كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئىىيتتى.
-:سىلى بالىلارنى بەك خاتا چۈشۈنۈپ قاپلا دېدى ئەخمەتجان ھاجىم، مەنمۇ دەسلەپ بۇلارغا قوپاللىق بىلەن خىلى قاتتىق تەككەن ئىدىم، قارىسام بۇلار بىز ئويلىغاندەك ساختا، ئەخلاقسىز مۇھەببەتچىلەردىن ئەمەس ئىكەن دەپ باشلىغىنىچە ئابدىقادىرئاخۇن ئاكىنىڭ قىزى ئادىلەمنى سولاپ قويغانلىقىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىپ، ئادىلەمنى ماڭا تاپشۇرسىلا دەپ دورىخانىغا ئىلىپ كەتتى.
ئالىمجان بىلەن ئادىلەم نۇرغۇن قىينچىلىق توسالغۇلاردىن كېيىن يەنە جەم بولدى.ئادىلەمنىڭ دادىسى توي ئىشىغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن ئىدى، بىر كۈنى ئالىمجاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا، ئانىسى مەرەمنىساخان ئاچا، ئەخمەتجان ھاجىم قاتارلىق بىرنەچچەيلەن بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇرادىغا يىتىشنى مەقسەد قىلىپ ئادىلەنىڭ ئۆيىگە چىقتى.ئابدىقادىر ئاخۇن ئاكا بۇلارنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئۇققاندىن كېيىن، قىزىمنى تۇققانلار ئىچىدىن بىرىسىگە ماقۇل دەپ قويۇپتىكەنمەن، بىزدىن رەنجىمگەيلا دەپ تۇرىۋالدى.كېيىن ئەخمەتجان ھاجىمنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرىشى، مەخمۇت ئاخۇن ئاكىنىڭ بۇ ئىككى قىز-يىگىتلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قويمىسا ھەقىقەتەن ئوۋال بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش، قايتا-قايتا ئۆتۈنۈش، قول باغلاپ تۇرىۋىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك چۈشەندۈرۈش ئۆتۈنۈشلەردىن كېيىن، ئامالسىز قالغان ئادىلەمنىڭ دادىسى ئاخىرى ماقۇل بولدى، تويلۇقنىمۇ پۈتۈشتى، يەنە 15كۈندىن كېيىن توينى رەسمى قىلىشقا پۈتۈشۈپ غەلبە بىلەن قايتىپ كەلدى. ھەر ئىككى ئائىلە توي تەييارلىقى بىلەن جىددى تۇتۇش قىلدى.
-:ئوغلۇم دېدى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا، ئاخىرى توينىمۇ قىلىدىغان بولدۇق، ئەمدى ئۆزۈڭنى خۇشال تۇت، بىزنىڭ بارلىقىمىز ساڭا مەنسۇپ، سەن بىزنىڭ بىرلا يالغۇز ئوغلىمىز، بۇندىن كېيىن بىزنىڭ بۇ ئائىلىدە شاد-خۇراملىق ئەكس ئەتسە ئىتىدۇكى كۆڭۈلسىز ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ، سەن بەخىتىلىك بولساڭ مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن، سىنىڭ خۇشاللىقىڭ بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئوغلۇم، ماۋۇ باغاقلارنى تارقىتىپ كەل دەپ بىر تۇتام باغاقنى تۇتقۇزدى، ئالىمجان خۇشاللىقىدىن -:رەھمەت دادا دىگەنچە موتوسىكىلىتقا مىنىپ چىقىپ كەتتى، باغاق تارقىتىپ كىتىۋىتىپ ئۆزىنى بىر ماشىنىدىن قاچۇرىمەن دەپ يول سىرتىدىكى سىتولبىغا بىقىنىچە ئۈسۈپ سالدى، لېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ قەيسەرلىك بىلەن ئاغرىۋاتقان بىقىنىنى تۇتقىنىچە باغاقلارنى تارقىتىۋەردى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بىقىنى تىخىمۇ ئاغرىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئاتا-ئانىسغا بىلدۈرمىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن توينىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىشدىن قوروققان ئىدى، ئاتا- ئانسى كۆرمىگەندە بىقىنىنى تۇتۇپ تولغۇنۇپ كىتەتتى، ئۇلار كۆرۈپ قالسا لىۋىنى چىشلەپ چىداپ تۇراتتى، كىسىلىنى يوشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا دىگەندەك، كىچىسى بىقىنى ئاغرىپ بولالماي قالدى، ۋايجان دېگەن يىغلىغان ئاۋاز ئاتا-ئانىسىنى چۆچىتىۋەتتى. ئۇلار دەرھال كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ئوغلى ئۆي ئىچىدە يۇمۇلۇنۇپ، پۇچۇلۇنۇپ ياتقۇدەك، بۇنى كۆرۈپ ۋاي ئىسىت بالام دىگىنىچە دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تال قوۋرىغىسى سەل ئىگىلىپ كەتكەندىن باشقا چوڭ چاتاق يوق دەپ دىئاگنوز قويۇلدى، ئەتىسى بۇلار ئۇزۇندىن بىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن توي ئۆتكۈزۈلدى. ئالىمجان ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ توينى ئۆتكۈزىۋىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتاتتى.توي مۇڭلۇق مۇزىكا ۋە شوخ مەشرەپلەر بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىلىۋاتاتتى، ئالىمجان دوستلىرىنىڭ قىشىدىمۇ ئولتۇرالماي ئاخىرى، ئادىلەم دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئادىلەمنىڭ يىنىدا ياتتى، لېكىن ئالىمجاننىڭ ئاغرىق ئازابىنى ھىچ كىشى بىلمەيتتى، بۇ ئىشتىن ئادىلەم ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ھەيران قالدى، لېكىن گەپ-سۆز قىلمىدى، ئالىمجاننىڭ دوستلىرى غۇدۇلاشتى،
-: قانداق ئاداش بۇ، بىزنى بۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ قىزنىڭ يىنىغا يالغۇز كىرىۋالغىنى نىمىسى، قانداق قىلىق نومۇس قىلمايدىغان، نىكاھمۇ ئوقۇلمىغان تۇرسا، ئەجەب ئىش بولدىغۇ بۇ دىيشىپ بىر ئىغىز-بىر ئىغىزدىن شىكايەت قىلىشتى. ئادىلەمنىڭ ئانسى ئايىمنىساخان بەكراق ئاچچىقلاندى.
-:ھەي ئادىلەم نومۇس، نومۇس قىلساڭچۇ، نەچە قىلىق بۇ، خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان قانداق بالا بۇ، ماڭ دەرھال يىنىڭدىن چىقىرىۋەت، كىشىلەر نېمە دەپ قالىدۇ دەپ ئادىلەمگە خىلى كايىدى، ئەمما ئادىلەم ئالىمجانغا ھىچ نەرسە دىيەلمىدى، ئالىمجان ھىچ ئىش بولمىغاندەك يىتىۋەردى، ئاغرىق تىخىمۇ قىيناۋاتاتتى، توينىڭ تىزراق ئاخىرلىششىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، كۈنمۇ كەچ بولدى، توينى كۆڭۈللۈك ھالدا يۆتكىۋالدى، ئالىمجان ئاغرىق ئازابىدا تىخىمۇ بولالماي قالدى.بۇنى كۆرگەن دادىسى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا دەرھال ئالىمجاننى دوختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدى، كىچىسى ئوكۇل سىلىپ ئاغرىق پەسەيتىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ تاڭ ئىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، باشقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بىقىشنى ئويلىشىپ ئازادلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسغا يۆتكىدى، بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىق دىئاگنوز قويدى، دىئاگنوز نەتىجىسىدە ئىگىلگەن قوۋرۇغا جىگەرنى تىشىۋەتكەن بولۇپ، قورساق بوشلۇقىغا كۆپ مىقداردا قان چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ چىقتى.دوختۇر ساقايمايدۇ، ئامال يوق دېدى، مەخمۇت ئاخۇن ئاكا بىلەن ئايالى مەرەمنىساخان دوختۇرغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى، دوختۇر بىزنىڭ بىرلا ئوغلىمىز بار ئىدى، قۇتقۇزۇپ قالساڭلار، ئۆتۈنۈپ قالايلى، دوختۇر نېمە كەتسە مەيلى خوش بولايلى، ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالساڭلا، ئوغلۇم ئۈچۈن قىنىم لازىم بولسا مەن تەييار دەپ كۆزلىرىدىن تارام- تارام ياشلارنى ئاققۇزۇپ دوختۇردىن ئۆتۈنمەكتە ئىدى. لېكىن ئالىمجاننىڭ كۆزلىرى تارتىشىپ، نەپەس قىينلىشىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى، مەخمۇت ئاخۇن ئاكا ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتى،
-:جىنىم ئوغلۇم مەندىن رازى بول، چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىسەن، تېخى تۈنۈگۈن تويۇڭ بولدى، ئايالىڭ سىنى تۆت كۆزى بىلەن ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ، جىنىم بالام غەيرەت قىل، سىنىڭ جىنىڭغا مىنىڭ جىنىمنى ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە ھازىرلا ئالماشتۇرغان بولاتتىم، ئانىسى مەرەمنىساخان ئاچا يىغلاپ ھۇشىدىن كىىتىپ، ھۇشىغا كېلىپ ئوغلى ئۈچۈن ياش تۆكىۋاتاتتى، ئالىمجاننىڭ لەۋلىرى پىچىرلاپ قالدى.
-:ئوغلۇم نېمە دىمەكچى ئىدىڭ؟ جىنىم بالام دەپ ماخمۇت ئاخۇن ئاكا قۇلىقىنى يېقىن ئاپاردى،ئالىمجاننىڭ ئاغزىدىن
-:دادا، ئانا مەندىن رازى بولۇڭلار، مەن، مەن بولالماي قالدىم، ئادىلەمگە مەندىن سالام دەڭلا، مەن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيمەن، ئۇنى بەخىتىلىك قىلالمىدىم، ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرالمىدىم، مىنى كەچۈرسۇن، دىگىنىچە يەنە بولالماي قالدى.
-:دوختۇر، دوختۇر بالام بولالماي قالدى، تىز ئامال قىلساڭلا دەپ يەنە يالۋۇردى مەخمۇت ئاخۇن ئاكا.دوختۇر ماخمۇت ئاخۇن ئاكىنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ، دولىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىزدە ئامال يوق، بەك كىچىكىپ قاپسىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار دېدى.ئوغلۇم ئالىمجان دېگەن يىغا ئاۋازى بۇلارنىڭ پارىڭىنى بۇزىۋەتتى، يۈگۈرۈپ كىرسە ئالىمجاننىڭ كۆزى يۇمۇلغان ئىدى، ئۇ كەتتى، بارلىق دەرت- ئەلەملىرىنى ئىلىپ كەتتى.

قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن.
                                      مەنبە:http://yarp.cn
                  بۇنى كەمىنە باھادىر 1  يازمىدىم توغرا چۈشنىڭلا جۇمۇ . لىكىن بەك تەسىرلىك چىقىپ تىكەن ،شۇڭا كەڭ مۇنبەر داشلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆچۈرۈپ سۇندۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BAHADER1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 05:30 PM  


ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 1392 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى تەسىرلىك يېزىپسىز!راسىت بولغان ئىشمۇ؟

تۈركەنە

پاك ياشا &

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33947
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1268
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ   بەك  تەسرلىككەن   .  ئىسىت  بىچچارە   قىرىندىشىم     كۈزۈمدىن   ياش  ئالدىڭغۇ

nima disam bola amdi??

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2440
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دىمىسە بەزى ئىشلارغا.. ھەي.....

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4906
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىدىن تۇرۇپ يىزىلىقتىن قىز ئەپ بەرمەيمەن دىگىنى بەك قىزىق بوپتۇ ، كىچىك توي قىلسا مۇشۇنداق بولدىغان گەپ ھەر قانچە ياخشى كۆرسىمۇ ئاۋالتەن سالامەت بولسا ئاندىن بىر ئومۈر خۇشال ئۆتىدىغانلىقىنى بۇ ياش يىگىت چۈشەنمەيدىكەن دىسە !!

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھھھھھھھھ    ئاخىرىغا كەلگەندە يىغلاپ سالدىم،بەك تەسىرلىككەن.

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن تەسىرلىك ، كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولغىدەك ئەسەركەن .

سۆيگۈ  

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60124
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت  ئىگىلىدۇ   سۇنمايدۇ

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6563
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 602 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىپەرۋالىق . ھەي نادانلىق .... ئىسىت بىر جۈپلەر !

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

http://yy.duowan.com/go.html#4

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1515
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمجان دورىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى، ئالىمجان قايتىپ كەتكەن بىلەن كۆڭلى دورىخانىدا قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇخلىيالماس، تاماق يىمەس بولۇپ قالدى. پۈتۈن ئوي- خىيالى ئادىلەمدە قالدى. ئەمدى دورا ئۆزىگە لازىم بولۇپ قالغان ئىدى، يۈرىكى دورىخانىغا تەلپۈنەر ئىدى، ئاخىرى يەنە كەلدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش