ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمۇتۇللاھى ۋە بەركەتۇھۇ
(ناھايتى شەپقەتلىك مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
زاكات جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا پەرىز قىلغان ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر . دىيارىمىزدىكى كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار زاكاتنى ۋاختى ۋاختىدا ئايرىپ جانابى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلسىمۇ ، ئەمما ئاز بىرقىسىم كىشلەر مال دۇنيانىڭ قىزىقتۇرشى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلشى بىلەن ئاللاھ شۇ ئىنسانغا بەرگەن مالنىڭ زاكتىنى ئايرىشنى كۈچىكتۈرمەكتە ياكى تەرىك ئەتمەكتە .
زاكاتنىڭ پەرىز ئىكەنلىگە ھىچ شەك يوقتۇر ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە زاكاتنىڭ پەرىز ئىكەنلىگى توغرۇلۇق ئېنىق توختالغان . جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.(بەقەر سۈرۈسى 43 ئايەت )نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(بەقەر سۈرۈسى 110 ئايەت ) بۇ توغرىستا ئايەتلەر خىلى كۆپتۇر ئاللاھ تەئالاھ مۆمىنلەرنىڭ سۈپۈتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ(نەملە سۈرۈسى 3 ئايەت ) ئەگەر قۇرئان كەرىمنى ۋاراقلايدىغان بولساق زاكاتنىڭ دىنمىزدا قانداق مۇيۇم ئۇرۇندا تۇردىغانلىقىنى بىلۋالماق قىيىن ئەمەس .
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىزمۇنداق دىگەن : ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلدى: 1- ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، (بۇئىسلام دىنىغا كىرىش مۇراسىمى). 2- ناماز ئوقۇش، 3- زاكات بېرىش. 4- بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش، 5- رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، ئەھمەد، بەيھەقى، تىرمىزى، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ، مىشكات 4 نۇمۇرلۇق ھەدىس،
قېرىنداشلار دىمەك زاكات ئىسلامدىكى بەش چوڭ پەرىزنىڭ بىردۇر ، گەر ھەقىقەت شۇنداقك بولسىمۇ ئەمماز ئاز ساندىكى بىرقىسىم مۇسۇلمانلارغا دۇنيانىڭ ئازراق مالدۇنياسى چىرايلىق كۈرنۈپ شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىگە ئەگىشىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقماقتا يەنى : شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ اﷲ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.(بەقەرە سۈرىسى 268 - ئايەت) جانابى ئاللاھ بۈرتۈركۈم كىشلەرنى ئاگاھ لاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ(تەۋبە سۈرۈسى 11 ئايەتنىڭ بىرقىسمى )
سۇيۇملۇك پەيغەمبىرمىز زاكات بەرمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن :ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن اللھ تائالا مال دۇنيا بەرسە، مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمايدىغان كىشىگە، قىيامەت كۈنىسى ئۇنىڭ مېلى، ئىككى دانە زەھەرلىك نەشتىرى بار تاز يىلاننىڭ سۈرىتىدە كەلتۈرۈلىدۇ، يىلان ئۇنى چىڭ تۇتۇپ يۆگىشىپ، ئىككى كالپۇكى ،زاڭىقى ئارىسىدا چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ؛ مانا مەن سېنىڭ توپلىغان ئالتۇن – كۈمۈشلىرىڭ، مانا مەن سېنىڭ مال – دۇنيارىڭ دەيدۇ، ئاندىن ؛« اللھ ئۆز پەزلىدىن مال-دۇنيا ئاتا قىلسا، بىخىللىق قىلغان كېىشىلەر ئۆزلىرىگە ياخشى دەپ گۇمان قىلىپ قالمىسۇن ، بەلكى ئۇ ئۇلارغا ياماندۇر»دىگەن ئايەتنى ئۇقۇدى. بۇخارى، ئەھمەد، 6159 – ھەدىس، نەسەئى 2435 – ھەدىس، سەھىھ، مىشكات 1774 نۇمۇرلۇق ھەدىس
دىيارىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۈزى بەش ناماز ئەمما زاكاتقا كەلگەندە مالدۇنيانىڭ مىھىر مۇھەببىتىدىن ئۈزنى تاتالماي دۇنيانىڭ مال دۇنياسىنى دەپ ئاخىرەتنىڭ مال دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەنە شۇنداق كىشلەرگە بىز تۈۋەندىكى ھەدىسنى سوۋغا سوۋغا قىلمىز .ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە سايلاندى، ئەرەپلەردىن كاپىر بۇلۇشقا تىگىشلىك كىشىلەر مۇرتەد بۇلۇپ كاپىر بۇلۇپ كەتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ ئى ئەبۇبەكرى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛« مەن تاكى كىشىلەر ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، (ھەقىقەتەن مەن يەنى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى) دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇلار شۇنداق گۇۋاھلىق بەرسە، مەندىن قانلىرىنى يەنى جانلىرىنى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، لېكىن، ئىسلام ھەققىنى (يەنى جازالار، خۇن تۆلەشلەرنى، ئوغۇرلۇقتا قولىنىڭ كېسىلىشىنى) ساقلاپ قالالمايدۇ، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش، ئاللاھقىدۇر، (يەنى مەن تاشقى مۇئامىلىنى بىلسەممۇ ئىچكى سىرىنى ئاللاھى بىلىدۇ)دىگەن تۇرسا، سەن ئەمدى كىشىلەر بىلەن قانداق ئۇرۇش قىلىسەن؟ دىدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: اللھ بىلەن قەسەمكى، مەن زاكات بىلەن نامازنىڭ ئارلىقىنى ئايرىۋەتكەن كىشى بىلەن (يەنى ناماز ئۇقۇمىغان ياكى زاكات بەرمىگەن كىشى بىلەن) ئۇرۇش قىلىمەن، (يەنى ئۇنى ئۆلتۈرىمەن) زاكات مالنىڭ ھەققى، اللھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئادا قىلىپ بىرىپ كەلگەن بىردانە ساغلىق ئوغلاق چاغلىق زاكاتنى، ماڭا ئادا قىلىپ بەرمىسە، ئەلۋەتتە مەن شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن، دىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ اللھ بىلەن قەسەمكى، اللھ تائالا ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەلبىنى ھەق ئۈچۈن كۇرەش قىلىپ، ئۇرۇش قىلىشقا كەڭ ئېچىپتۇ، مەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەق، توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم دىدى. بۇخارى مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن. مىشكات 1790 ھەدىس
جانابى ئاللاھنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتىدە چەكسىز ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان بۇلدۇ زاكاتنىڭ ئۈممەتكە پەرىز بۇلشىدىكى ھىكمەتلەرنىڭ بىر قىسمى تۈۋەندىكىلەردىن بۇلۇشى مۇمكىن .
زاكات ئىنساننىڭ نەپسىنى پاكلاپ ، ئاچكۆزلۈك ، بېخىللىق ، تاماخورلۇق .... قاتارلىق رەزىللىكلەردىن پاكلايدۇ.
زاكات ئىنسانىيەت دۇنياسىغا مىھىر مۇھەببەت ئۇرقى چاچىدۇ.
زاكات ئۆز ئارا ھەمكارلىق سۆيگۈ ۋە قرىنداشلىق مىھرىنى كۈچەيتىدۇ .
زاكات مىلىمىزنى كۈپەيتىپ ئۇنۇڭ بەركىتىنى ئاشۇرىدۇ .
زاكات بىرىش جانابى ئاللاھنىڭ بىزلەرگە سان ساناقسىز نىممەتلىرنى بەرگنلىكىنىڭ شۈكرانىسىدۇر .
زاكات بىزلەرنى مال دۇنياغا زىيادە ئامراق بۇلۇپ كىتشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قول ئىلكىمىزدە بار بولغان مال دۇنيانى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بەھرىمان بۇلۇش لەززىتىنى ھىس قىلدۇردۇ .
زاكات بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوترىستىكى كۆۋرۈك بۇلۇپ بۇ ئارقىلىق بايلار كەمبەغەللەرنىڭ تۇرمۇشنى بىلىپ بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوترىستىكى مىھىر مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ .
زاكات ..................كوپ چىكىت سىلەرگە قالدى
زاكات بەرگۈچى قېرىنداشلىرمىزغا زاكاتنى چۇقۇم دەل جايىغا بىرىشنى تەشەببۇس قىلمىز جفنابى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تۈۋەندىكى 8 تۈرلۈك ئۇرۇننىڭ بىرسىگە بىرىلسە بۇلىدۇ .
زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(تەۋبە سۈرىسى 60 - ئايەت)
زاكات بەرگەن ۋاختىمزىدا ئۈزمىزنىڭ ئىبادەت قىلۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز بىزنى مۇشۇنداق بىر ئىبادەتنى ئادا قىلىشقا سەۋەپ بولغان كەمبەغەل قېرىنداشلىرمىز ھۆرمەتلىشمىز ھەم تەشەككۈر بىلدۈرۈش ھىسياتىدا بۇلشىمىز كىرەك . چۈنكى ئاشۇ كەمبەغەل بىچچارىلار بولمىغان بولسا بىز زاكاتتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى جايىغا ئادا قىلاممىغان بۇلاتتۇق .
زاكات بەرگەن ۋاختىمىزدا نىيتىمىز توغرا بۇلىشى قارشى تەرەپتىن مەلۇم بىر نەرسىلەر كۈتمەسلىكىمىز بىز زاكاتنى پەقەت ئاللاھ رىزالىغى ئۈچۈن بىر ۋاتقىنىمىزنى ئۇنۇتماسلىغىمىز ، زاكات بەرگەندە زاكات ئالغۇچىغا مۇلايىم خۇش چىراي بۇلشىمىز ، باشقىلارغا زاكات پۇلمىزنى داۋراڭ سالماسلىقىمىز كىرەك بۇ توغرىستا جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن:«ئى مۆمىنلەر! پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار.» (بەقەرە سۈرىسى 264-ئايەت) ئەڭ مۇيمى زاكاتنى چۇقۇم دەل ئىھتىياجلىق كىشلەرگە بىرشىمىز كىرەك مۇيمى زاكاتنىڭ قولدىن چىقىشى ئەمەس بەلكى نەخ جايىغا تىگىشىدۇر بۇلۇپمۇ زاكاتقا مۇختاج كىشلەر تاتىنىپ ئۈزنىڭ زاكاتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى دىيەلمەيدۇ بىز دەل شۇنداقلارنى ئىزدەپ سۇراپ زاكات بىرشىمىز كىرەكسۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
«ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ بىر ئىككى تال پۇچۇق نان، خورما تىلەپ يۈرگەن تىلەمچى يوقسۇل ئەمەس. ھەقىقىي يوقسۇل كىشى بولسا ئۆزىدە تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك مېلى يوق، مۇھتاج ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، سەدىقە بېرىلمىگەن ۋە باشقىلاردىن ھېچقانداق نەرسە تىلىمىگەن كىشىدۇر.»(بۇخارى )
ئەمدى سىلەردىن سۇراپ باقاي بۇيىللىق زاكتىڭىزنى ئايرىدىڭىزمۇ ؟
تەييارلىغۇچى : ساددا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 09:17 PM