ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ياخشىمۇسىلەر!ياۋروپا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېخى پاراڭلىشىپ باقماپتۇق.بۈگۈن دەل مۇشۇ ياۋروپاغىمۇ، شىنجاڭغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىش نىيىتىدە مەزكۇر تېمىنى يوللىدۇم. كەڭ قېرىنداشلارنىڭ توغرا، سوغۇققان، ھەققانىي مۇنازىرىلەردە بولۇشىغا ئىشىنىمەن.
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ بىزگە بولغان ئەھمىيىتى، رولى، تەرەققىياتى توغرۇلۇق گەپ قىلمىساممۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرمىز بۇ ھەقتە ناھايىتى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە...
بۇ قېتىملىق ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى رايونىمىزدىكى كەڭ توپخۇمارلار ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا خۇشاللىق، تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولغانىدى. 30 مىڭ، 40 مىڭ، 50 نەچچە مىڭ دېگەنگە ئوخشاش جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن يات شۇنداقلا ئاستىرونومىيىلىك بىرلىك ھېسابلىنىدىغان سانلار بىزنى ھەمدە جۇڭگو پۇتبول مۇنبىرىدىكى مۇتەخەسسىس، تەھلىلچىلەرنى خۇشاللاندۇرغان، پەخىرلەندۈرگەن ئىدى.شۇ ۋاقىتلاردا، «ياۋروپالىققا قارىغاندا يەنىلا بىز نوچىكەنمىز.قاراڭلار، ئادەم دېگەن لىق تولۇپ تۇرىدانغا يەر يوق، ئۆتۈشمە يوللاردا، پەشتاقلاردا تۇرۇپتۇ. مەيداننىڭ سىرتىدا يەنە نۇرغۇن ئادەم بار ئىكەن... 90مىنۇت توۋلاپ پۈتۈن زېمىننى تىترىتىۋەتتۇق... ئىتالىيە، ئىسپانىيەدىكى نۇرغۇن ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە بەزىدە مەيداننىڭ يېرىمىمۇ توشمايدىكەن، بىز ئۇلاردىن جىق ئىلغاركەنمىز»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر مودا بولغان، ھەتتا ئالقىشلانغانىدى. ھالبۇكى، بىزنىڭ رېكورت، ئالقىشلىرىمىز 5 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىنلا «ئۆزىنى كۆرسۈتۈش» كە باشلىدى. «نېمانچە يارىماس بالىلار بۇ!!! ... بۇدا كەلمەيمەن...ئاۋۇ مانچىنجى نومۇرلۇق ئاداش ئۆيىگە كېتىپ ئوت قالىسا بولمامدۇ؟؟...بىز تېخى بېشىمىزدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپتۇق، مەنچىلىك ئوينىيالمايدىكەن...مەن ئاتايىتىن يىراق يەردىن ساقىلىمنى كۆتۈرۈپ كەلسەم يۈزۈمنىمۇ قىلمىدى، كۈچ يوق بالىلاركەن... نېمانچە ئاجىز بالىلاربۇ، توختىماي يىقىلىپ... بىرنى تېپىپ ۋاراتار بىلەن قوشۇپ ئۇرىۋەتمەي...»... دېگەنگە ئوخشاش «يۇقىرى ساپالىق»، «قىزىقارلىق»، «ئىلمىي» سۆزلەر خېلىلا باش كۆتۈرۈپ قالدى. بېشىدا «قەھرىمان» ، «ئەزىمەت» نامى بىلەن ئاتالغانلار ئەمدىلىكتە «يارىماس» ، «ناچار» لار قاتارىغا چىقىرۋېتىلدى...
ئەلۋەتتە، مەدەنىيەت ساپا، پۇتبول ھەققىدىكى تونۇش قاتارلىقلاردىكى تەكشىسىزلىك، غەلبىگە بولغان تەقەززالىق ۋە يۈكسەك ئۈمىد، يول جاپاسى، بېلەت قىسلىقى قاتارلىق بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى قېرىنداشلىرىمىز جان ئاچچىقىدىلا يۇقىرىقى گەپلەرنى ئويلانمايلا، مەقسەتسىزلا ئېغىزىدىن چىقىرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن... بىراق، بىز كىچىك بالا ئەمەس. ھەربىر سۆزىمىزگە ۋە شۇ سۆزنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك...
توغرا، كوماندىمىزنىڭ نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. تېخنىكا ۋە تاكتىكا جەھەتلەردە يېتەرسىزلىكلەر يەنىلا كۆپ. يەنە كېلىپ كوماندىمىزنىڭ رەقىبلىرىمۇ تۇرۇپ بېرىدىغان، توپ تېپىشنى بىلمەيدىغان ياغاچ ئادەم ئەمەس.ئۇلارمۇ غەلبىگە، شان -شەرەپكە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە تەشنالاردۇر، خېلىلا يۇقىرى ساپالىق تەنھەرىكەتچى -مەشقاۋۇللاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنلاردۇر...بىر كوماندىنىڭ يېڭىلا قۇرۇلۇپ غەلبە قىلىشى، ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس...بۇنداق كوماندىغا ئۇتسا مەدەت بېرىپ، بېشىدا كۆتۈرىدىغان، ئۇتتۇرسا تىللاپ يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان «قىزغىن» توپ مەستانىلىرى ئەمەس بەلكى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن مۆتىدىللك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن مۇسابىقىلىشىشكە چاقىرىدىغان، مەڭگۈ بىللە ماڭالايدىغان «ئاتا» كەبى توپ مەستانىلىرى كېرەك...
ياۋروپاغا قارايلى : بۇ يىللق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى. س گورۇپ، 2 - ئايلانما. ئىسپانىيە 4 - توپىنى كىرگۈزۈپ بولدى. بىراق، 4 توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئېرىلاندىيە توپ مەستانىلىرى يەنىلا ناخشا ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونا بىلەن خان مادرىدنىڭ 2 - قېتىملىق دېربىيسى.بارسېلونانىڭ توپ مەستانىلىرى ئۇتتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىدى.خان مادرىدنىڭ ئۇتتۇرۋېتىش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى. يېقىنقى 10 نەچچە مەيدان ئۇچرىشىشتا 1 مەيدانلا ئۇتقان كوماندا قارشى تەرەپ مەيدانىدا «ئالەم كوماندىسى»يېڭەلەمدۇ؟ ئەگەر خان مادرىدنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئورنىدا بىزنىڭ يۇقىرىقى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك توپ مەستانىسى بولىدىغان بولسا، بۇرۇنلا (2011 - يىلى 4 - ئايدىكى ئارقا - ئارقىدىن 4 مەيدان ئۇچراشقان ۋاقىت) ۋاز كەچكەن ھەتتا بارسېلونا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.بىراق، خان مادرىتنىڭ توپ مەستانىلىرى ئۇنداق قىلمىدى. كۈتتى، توغرا چەشەندى، ئىلھام - مەدىتىنى ئايىمىدى. دەرۋەقە، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ ئۇزغۇنلۇقنى قولىغا ئالدى.
دېمەك، ياۋروپادىكى توپ مەستانىلىرى ھەرگىزمۇ بىز دېگەندەك، پەقەت يۈزىنى بويىۋېلىپ، يالغان رەڭلىك چاچ بىلەنلا توپ مەستانىسى بولۇپ قالغىنى يوق.
بىز ياۋروپادىكى بەزى مۇسابىقىلەردە تامشىبىنلارنىڭ مەيداننى تازا دېگەندەك تولدۇرالمىغانلىقىنى بەزى -بەزىدە ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.بىز مەيداننىڭ توشمىغانلىقىنىلا ئويلىماي مەسىلىنى يەنە بىر تەرەپتىن ئويلاپ باقايلى. ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ دۆلەت مۇسابىقىسىنى كۆرۋاتقىنىغا 80 يىل، بىرلەشمە مۇسابىقە كۆرۋاتقىنىغا 50 - 60 يىل بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۆز كوماندىسنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەرھېلىمۇ شۇنچە يىلدىن بېرى توختىماي مۇسابىقە كۆرۈۋاتىدۇ.دېمەك،بۇ ۋاقىتتا بىر مەسىلە تۇغۇلدى، ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىل مۇبادا يەنىلا ب دەرىجىلىك مۇسابىقىدە قېلىۋىرىپ، نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولمىسا، كېلەر يىلىنىمۇ دېمەيلى، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مەيداندا قانچىلىك تاماشىبىن قالار ?
دوستلار، مۇشۇ تېمىنى ئوقىۋاتقان، مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز مېنىڭچە، خىلقىمىز ئارىسىدىكى خېلىلا يۇقىرى ساپالىق، توپنى، شىنجاڭ كوماندىسىنى سۆيىدىغان، چۈشىنىدىغانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭلاشقا، ھەممىمىز شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇش -بىلىش ، دوست - بۇرادەرلىرىمىزگە توغرا چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ھەقىقىي توپ مەستانىلى بولۇشقا، شۇنداق توپ مەستانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرايلى.قېرىنداشلار،كوماندىمىز «ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانى»دا يالغۇز قالمىسۇن !!!