مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1425|ئىنكاس: 10

ئاۋسترالىيىگە ساياھەتكە بارامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11219
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامىنە ئابدۇرېشىت


ئاپتوردىن :
ئاۋسترالىيە مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋسترالىيىدىكى مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش، تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىم  بىلەن، مۇخبىرلىق قىلىپ ئاۋسترالىيىگە باردىم. شۇ جايدا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى بۇ ئەدەبىي خاتىرەم ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
سەپەر
2002 – يىلى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۆمەك باشلىقىنىڭ باشچىلىقىدا توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەك شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 8 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئاتلىنىپ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 1 يېرىمدا شاڭخەيگە يېتىپ كەلدۇق. 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي خەلقئارا ئايروپورتىدىن «بوئىن 777» تىپلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنى شەھىرىگە قاراپ ئۇچتۇق. ئۆزۈم ئايروپىلاندا، خىيال كەپتىرىم ئاۋسترالىيىدە پەرۋاز قىلاتتى. ئۆمرۈمدە چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغاچقىمۇ ياكى ئۆزۈم ساياھەت قىلىشقا ئامراق بولغاچقىمۇ ئىنتايىن ھاياجانلانماقتا ئىدىم. خۇشاللىق ئىلكىدە ئون سائەتتىن ئارتۇق ئۇچقىنىمىز ماڭا بىلىنمەيلا قالدى. 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 6 دىن 50 مىنۇت) سىدنىغا يېتىپ كەلدۇق. ئايروپورتتىن چىقىپ تاموژنىغا كەلگەندە، ھەممىمىز چەت ئەلدە نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.
گاس – گاچىغا ئايلىنىپ قېلىش
ئايروپورتتىن چىقىش بىلەنلا تاموژنىدىن تەكشۈرىدىكەن. تاموژنا خادىمى (ئايال) يېتىلىۋالغان كۈچۈك قولۇمدىكى سومكامنى پۇراپ يېنىمدىن كەتمىدى. تاموژنا خادىمى ئىنگلىزچە بىرنېمىلەرنى دېۋىدى، مەن بىلمىگەچكە قاراپلا تۇردۇم. شۇئان ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل خىجىللىق قاپلىۋالدى. «نېمىشقىمۇ ئىنگلىزچە ئۆگەنمىگەندىمەن؟» دەيتتىم ئىچىمدە. سومكامنى دەرھال يەرگە قويدۇم. تاموژنا خادىمى ئىشارەت بىلەن مېنىڭ ماقۇللۇقىمنى ئالغاندىن كېيىن سومكامنى ئاختۇردى. ئەمەلىيەتتە، سومكامدا ئۇششاق – چۈششەك نەرسىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئەسلىدە سومكامدا يەنە ئالما، مايلىق توقاچلار بولۇپ، ئۇلارنى ئايروپىلاندا يەپ تۈگەتكەنىدۇق. كۈچۈك سومكامغا سىڭىپ قالغان پۇراقتىن مېنى ئايلىنىپ كېتەلمىگەنىكەن. تاموژنا خادىمى مەندىن يەنە گەپ سورىدى. مەن ئۆزۈمچە «سومكىغا نېمە سالغان ؟» دەپ سوراۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ قولۇمنى توقاچ شەكلىدە قىلىپ يۇتۇۋەتكەنلىكىمنى ھەرىكەت بىلەن كۆرسەتتىم. تاموژنا خادىمى مېنى ئەگىپ كېتەلمەيۋاتقان كۈچۈككە سومكىسىدىن بىرنەرسە ئېلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، كۈچۈك مەندىن ئايرىلدى. چىقىش ئىشىكىگە كەلگىنىمىزدە يەنە بىر تاموژنا خادىمى قولۇمدىكى چوڭ سومكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سومكىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر تونۇشۇم شۇ يەردىكى تۇغقىنىغا ئەۋەتكەن سوققان قىزىل مۇچ بار ئىدى. تاموژنا خادىمى ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى (ئۆزۈمنىڭ پەرىزى) مەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاچچىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىدىم. ئۆمەك باشلىقىمىزنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرۈپ ئىككى تال ئالمىسىنى ئېلىپ قالدى (تاموژنىدىن مېۋە – چېۋىنى قەتئىي ئۆتكۈزمەيدىكەن). باشقىلار چىقىپ كېتىپ ئىككىمىزلا قالدۇق. تاموژنا خادىمى بىرنېمىلەرنى دېۋىدى، بىز قاراپلا تۇردۇق. ئۇ ئىككى بىگىز بارمىقىنى يېقىن ئەكىلىپ يەنە بىرنېمىلەرنى دېگەنىدى، ھەر ئىككىمىز ئۇ بىزدىن «سىلەر بىللە كەلگەنمۇ» دېگەن ئوخشايدۇ، دەپ بېشىمىزنى لىڭشىتىپ توختىماي «يېس، يېس» دەپ جاۋاب قايتۇردۇق. شۇ ئەسنادا بىزنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئاۋسترالىيە مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خادىمى يېتىپ كەلگىنىدە تاموژنا خادىمى بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ بىزگە قاراپ:
سىلەر ئەر – خوتۇنمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز چۆچۈپ كېتىپ «ياق، ياق» دەپ جاۋاب بەردۇق.
سىلەر ھازىرلا ئىككىمىز ئەر – خوتۇن دەپسىلەرغۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى.
ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ. بىز ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سىلەر بىللە كەلگەنمۇ؟ دېگىنى ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ قاپتۇق،» دېدۇق.
ئۇ تاموژنا خادىمىغا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇ مىنۇتتا ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنمىگىنىمگە يەنە بىر قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. ئۇلار ئىككى تال ئالمىنى ئېلىپ قېلىپ، سوققان لازىنى ئۆتكۈزدى. ئاۋسترالىيە تۇپرىقىغا قەدەم بېسىپلا تىل ئۇقۇشماسلىقىدىن يۇقىرىقىدەك كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بەردى. يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرەرمىز؟
سىدنى


ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان كۆلىمى 12 مىڭ 407 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سىدنىنىڭ نوپۇسى 6مىلىيۇندىن ئاشىدىكەن، شۇنداقلا ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شەھىرى بولۇپ، بۇ جايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت – كارخانا بار ئىكەن. سىدنىنىڭ ئاھالىسى 140 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن دۇنياۋى شەھەر ئىكەن. سىدنى شەھىرىدە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلاردىن 400 مىڭ كىشى بار ئىكەن. بىز گۈزەل مەنزىرىلەردىن شادلىققا چۆمۈپ دېڭىز باغچىسىغا كەلدۇق. بۇ يەردىن سىدنى چوڭ كۆۋرۈكى، سىدنى ئوپېراخانىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. دېڭىز سۈيى مەۋج ئۇرۇپ باغچىدىكى تۈمەنمىڭ قۇشلار ئۇنىڭغا جور بولۇپ سايراپ كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن. سىدنى ئوپېراخانىسى يىراقتىن قارىسىڭىز قاتار كەتكەن يەلكەنلىك كېمىلەر شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن. بۇ ئوپېراخانىنىڭ ئېگىزلىكى 67 مېتىر، كەڭلىكى 120 نەچچە مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر بولۇپ، ئۇ ئېيتىلىشتا ئوپېراخانا بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە تىياتىرخانا، ئەلنەغمە، كىنوخانا، كۆرگەزمىخانا، مەجلىسخانا، كۈتۈپخانا، ئاشخانا، ماگىزىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قېتىمدا 25 مىڭ ئادەم پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيى ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش سىدنىنىڭ بەلگىسى  ئاۋسترالىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يەردىن ئولېمپىك كەنتىگە باردۇق. بۇ يەردىكى ئولېمپىك باغچىسى نەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھازىر بۇ يەرنىڭ بىر قىسمىغا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەكتەپ سېلىنىپتۇ. يەنە بۇ يەردە 2000 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 27 – نۆۋەتلىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خاتىرە سارىيى بار ئىكەن. بىز ئولېمپىك كەنتى پويىز ئىستانسىسى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، خاتىرە سارىيى ھەم تەبىئي، سۈنئىي باغچىلارنى كۆردۇق. ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئولېمپىك كەنتى ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق، زامانىۋى ئەسلىھەلىرى تولۇق گۈزەل بىر ئولېمپىك كەنتى ئىكەن. كەچتە ئاۋسترالىيە مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش لېدىرى شىڭ مىيلۇن خانىم ۋە باشقا مۇھاجىرلار بىزنىڭ شەرىپىمىزگە زىياپەت بەردى. بىز جۇڭگولۇقلار كوچىسىنى ئايلىنىپ كەچتە مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق.

                 پايتەخت كانبىرا
كانبىرا يەرلىكلەرنىڭ تىلىدا «ئۇچرىشىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە ئىكەن، بۇ شەھەرنى ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق لايىھىچىسى بۇرلېي گرىففىن ئەپەندى لايىھىلىگەن بولۇپ، 1911 – يىلى ئىش باشلىنىپ 1927 – يىلى پۈتكەن ئىكەن. بۇ شەھەر بەئەينى باغچىغىلا ئوخشايدىكەن. كىشى ئۆزىنى شەھەرگە ئەمەس، گۈزەل بىر باغچىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن. بۇ شەھەردە بەش چوڭ بوتانىكا باغچىسى ۋە كۆپلىگەن چوڭ – كىچىك باغچا بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پەقەت پىرىدېنت  بىناسىنىڭ ئەتراپىغا ھويلا تېمى سېلىشقا ۋە بىر پوست بوتكىسى ياساشقا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، باشقا ھەرقانداق قۇرۇلۇش، ئىدارە، جەمئىيەت، مەكتەپ بىناسى ھەتتا چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ئەتراپىغىمۇ ھويلا تېمى سېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. پەقەت خىلمۇخىل گۈللەر ئارقىلىق قاشالاشقىلا يول قويۇلىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى 310 مىڭ بولسىمۇ، ئەمما ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن. بىز بۇ يەردە ئۇرۇش تارىخى خاتىرە سارىيى، تەڭگە پۇل زاۋۇتى ۋە قۇرۇلۇش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پارلامېنت بىناسىغا باردۇق. پارلامېنتنىڭ ئۇچۇر، ئارخىپ مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قىزى روشەن بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە بىزنى باشلاپ پارلامېنت بىناسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. پارلامېنت بىناسى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بۇ بىنادا تۆت مىڭ كىشى ئىشلەيدىكەن. بۇ بىنادىكى بىرلا ۋاقىتتا مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە زىياپەت بەرگىلى بولىدىغان زال ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق كىشى ھەق تۆلىسىلا بۇ يەردە توي ۋە باشقا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزەلەيدىكەن. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلام ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە مەيلى شۇ جايدىكى پۇقرالار بولسۇن ياكى ساياھەتچىلەر بولسۇن، يىغىن زالىغا كىرىپ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاشقا روخسەت قىلىنىدىكەن. پارلامېنت بىناسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.
مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىشلار
چوڭ ئاپتوبۇس (ئىچىدە ھاجەتخانا، قول يۇيۇش ئورنى بار) شۇ يەر ۋاقتى كېچە سائەت 21دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ناراندىرا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بېكەتتە بىزنى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شۆ لى قاتارلىق بەش كىشى كۈتۈۋالدى. ناراندىرا شەھىرىگە كېلىپلا خۇددى ئۆز ئۆيىمىزگە كەلگەندەك ھېس قىلدۇق. بۇ شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى 1996 – يىلى دوست شەھەر بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەينى چاغدىكى شەھەر باشلىقى شۆ لى (ھازىرقى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى)، ھازىرقى شەھەر باشلىقى، باش كاتىپ قاتارلىقلار ئالدى ئۈچ قېتىم، كەينى ئىككى قېتىمغىچە ئۈرۈمچىگە بارغانىكەن. ئۇلار بىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شۆ لى، ئەيبى ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇنجى بولۇپ فوتو سۈرەت رەسىم كۆرگەزمىخانىسىغا كەلدۇق. كۆرگەزمىگە شۇ يەردىكى ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆز قىزىقىشى بويىچە تارتقان، سىزغان سۈرەتلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئائىت سۈرەتلەرنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشقا تېگىشلىكلىرىنى پايدىلىنىدىكەن. باشقىلىرىنى ئارخىب قىلىپ ساقلايدىكەن. باشقا بەدىئىي سۈرەتلەر بولسا باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن دەرىجىگە ئايرىلىپ باھالىنىپ سېتىلىدىكەن. كۆرگەزمىگە كىرىش بېلىتى ئىككى ئاۋسترالىيە دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم ئاپتورلارغا مۇكاپات تەرىقىسىدە بېرىلىدىكەن. كۆرگەزمىخانا گەرچە كىچىك بولسىمۇ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئارانلا ماڭىدىغان 80 دىن ئاشقان بوۋاي – مومايلارمۇ بىر – بىرىنى يۆلىشىپ كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كېلىدىكەن. كۆرگەزمىدىن چىقىشىمىزغا شەھەر باشلىقى يوھان بوتى خانىمى بىلەن كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى. چۈشتە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىزگە زىياپەت بەردى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا ناراندىرانىڭ ھۆكۈمەت زالىدا بىزنى رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي ھەممە ئەمەلدارلار بوينىغا قاتۇرۇپ گالىستۇك تاقاپ، كاستۇم – بۇرۇلكا كىيىۋالغانىدى (باشقا چاغلاردا ئاددىيلا مايكا كىيىۋالىدىكەن). شەھەر باشلىقى يوھان سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى شەھەرنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەك باشلىقىمىزمۇ سۆز قىلدى ۋە شەھەر باشلىقىغا سوۋغا بۇيۇمى تەقدىم قىلدى. كەچتە بىزگە ھۆكۈمەت نامىدىن زىياپەت بەردى. بىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن تاماق زالىغا كىرگىنىمىزدە، زال غىزالانغۇچىلار بىلەن تولغانىكەن. ھەممىمىز ئۇزۇن قويۇلغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق. مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇ بولدىكى، ھېچكىم ھېچكىمنى غىزاغا ياكى ھاراققا زورلىمىدى. ھەممىمىز ئۆز ئىختىيارىمىز بويىچە يەپ ئىچتۇق. قايتىشتا شەھەر باشلىقى ۋە بىللە غىزالانغان ئەمەلدارلار تاماق پۇلىنى ئايرىم – ئايرىم ئۆزلىرى تۆلىدى. ھېچكىم شەھەر باشلىقى ئۈچۈن پۇل چىقارمىدى.
مىلبورىن
مىلبورىن ئاۋسترالىيىنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى بولۇپ، فىللىپ قولتۇقىغا يېقىن بولغان ياردا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 6019 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئاھالىسى 3 مىليون 280 مىڭدىن ئاشىدىكەن. مىلبورىن ئاۋسترالىيىنىڭ سودا – سانائەت مەركىزى بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت – كارخانا بار ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ ئاكسىيە بازىرى ئىكەن. مىلبورىن ئىنتايىن گۈزەل شەھەر بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق باغچا بۇ شەھەرنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ گۈزەل ھۆسن قوشۇپ تۇرىدىكەن. 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئەتىگەندىلا تۇنجى بولۇپ بۇ يەردىكى ئۇرۇش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ خاتىرە سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل مەر – مەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئىكەن. ھەر يىلى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى سائەت 11 دە خاتىرە سارىيىنىڭ ئابىدە خېتىنى سۈنئىي نۇر خۇددى كۈندۈزدەك يورىتىدىكەن. ئۇ يەردىن چىقىپ بوتانىكا باغچىسى قاتارلىق بىرنەچچە باغچىنى ئايلاندۇق.
تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاۋسترالىيىلىكلەر
ئاۋسترالىيە تۇپرىقىغا قەدەم قويغان كۈنىمىزدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ تارىخقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىسلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بارغانلا شەھەردە ئۇلار بىزنى ئالدى بىلەن ئۇرۇش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەتتا بۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولۇپ، خاتىرە سارىيى ئالدىدىلا كۆرگەنلىرىنى خاتىرە قالدۇرىدىغان خىسلىتى مېنى تېخىمۇ سۆيۈندۈردى. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ سۈرىتى، ئۇرۇش قوراللىرى ھەمدە شۇ دەۋرد ئىشلىتىلگەن ھارۋا، ماشىنا قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەر بار بولۇپ، ئاۋسترالىيىگە بارغان بارلىق ساياھەتچىلەر ئالدى بىلەن شۇ يەرنى كۆرىدىكەن. خاتىرە سارايلىرى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىكەن. قاراۋۇللار ئاشۇ ئۇرۇش دەۋرلىرىدىكى كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولۇپ، كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدىكەن. كانبىرادىكى قۇرۇلۇش خاتىرە سارىيىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق لايىھىچىسى بۇرلى گرىففىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ باش ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ (خانىمى كانبىرا شەھىرىنىڭ كۆكەرتىش ئىشىغا مەسئۇل بولغانىكەن)، ئۇلارنىڭ كانبىرا شەھىرىنى لايىھىلىگەنلىكىدەك ئىش – پائالىيەتلىرى ئابىدە قىلىپ تىكلىنىپتۇ. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى مىلبورىن شەھىرىدىكى ھەيۋەتلىك زامانىۋى سودا سارىيىدىكى ئىش بولدى. تۆت قەۋەتلىك بۇ كاتتا سودا سارىيىغا كىرىشىمگە بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك كونا بىناغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ كىشىگە خۇددى جۇلالىنىپ تۇرغان ئېسىل كىيىمگە كونا ياماق سالغاندەكلا كۆرۈنەتتى. بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ يول باشلىغۇچىدىن سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى.
ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونىيىلىك بىر كاتتا باي بۇ كونا بىنانى قوشۇپ بۇ يەرنى سېتىۋالغانىكەن. ئۇ بۇ سودا سارىيىنى سالىدىغان چاغدا كونا بىنانى چېقىۋەتمەكچى بوپتۇ. ئاۋسترالىيە قانۇنىدا مەيلى قۇرۇلۇش ياكى دەل – دەرەخ بولسۇن، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىلا ئۇنى چېقىۋېتىش ياكى كېسىۋېتىشكە قەتئىي يول قويۇلمايدىكەن. ياپونىيىلىك باي يەنە ئون ھەسسە ئارتۇق ھەق تۆلەي دېسىمۇ مۇمكىن بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسلىدىكى لايىھىنى ئۆزگەرتىپ كونا بىنانى سودا سارىيىنىڭ ئىچىگە ئېلىپلا بۇ زامانىۋى سودا سارىيىنى پۈتتۈرۈپتۇ. ئەگەر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ ئىشەنمىگەن بولاتتىم. كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىق مېنى قاتتىق تەسىرلەندۇردى. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئىش ئېسىمگە چۈشتى. ناراندىرادىكى ۋاقتىمىزدا تاماق يېگىلى كىرسەك كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپتۇ. بىز «بۇ يەردە ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئۆچىرەتتە تۇرۇپ غىزالىنامدۇ» دەپ سورىساق، ئۇلار بىزگە: «ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاۋسترالىيىدە ئېرلاندىيىىلىكلەرنىڭ تامىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولىدۇ. ئاۋسترالىيەدە ئىككى مىلىيۇن ئەتراپىدا ئىرلاندىيەلىكلەر پۇشتى بار ، شۇڭا بۈگۈن مۇشۇنداق ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ تاماق ياڭيۇ، سەۋزە، گۆش بىلەن ئېتىلىدىكەن (بىزنىڭ قورداققا ئوخشايدىكەن). بۇ تاماق ئېرلاندىيىدىن ئاۋسترالىيىگە كىرگەنىكەن. تارىخىنى بىلگەندىلا، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇمىغاندىلا قانداق تەرەققىي قىلىش لازىملىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ يۇقىرىقى روھى مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى ۋە تەسىرلەندۈردى. يۇقىرىقىلاردىن ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدۇم.
ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ تۈكۈرۈكى نەگە كەتكەندۇ؟
بۇرۇن چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغاچقا كىنو ئارقىلىقلا ئۇلارنى بىلەتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار ئەدەب – ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ كوچىدىلا بىر – بىرىنى قۇچاقلىشىدىغان، بىر – بىرىگە ئېسىلىشىپ ماڭىدىغان، قاش – كۆزلىرىنى، چاچلىرىنى ئالا – يېشىل بويىۋالىدىغان كىشىلەر ئىدى. بىراق ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئۇلارغا بولغان كۆزقارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. خۇددى مومام كىچىك ۋاقتىمدا «داستىخاندا ئەدەب بىلەن جىم ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش، كوچىدا ماڭغاندا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق، ئۆزىدىن چوڭغا يول بېرىش… » دېگەندەك مەنزىرىنى كۆردۈم. خۇدايا توۋا،  مومامنىڭ دېگىنىنى ئۇلار قىپتۇ. بىز قىلالماپتۇق ئەمەسمۇ دېگەن يەرگە كەلدىم.
كوچىدا ئۇلار ئەدەب بىلەن ماڭىدىكەن، بىلىنمىگۈدەك دەرىجىدە سۇس گىرىم قىلىدىكەن. تاماق ئۈستىلىدە ئاۋازىنى چىقارمايدىكەن. بىر – بىرىگە يول بېرىدىكەن. ئاممىۋى سورۇندا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدىكەن. يولدا تاماكا چېكىپ ماڭمايدىكەن. يولغا تۈكۈرمەيدىكەن. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ مېڭىش – تۇرۇش، گەپ – سۆزلىرى ناھايىتى ئەدەپلىك، مۇلايىم ئىكەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىكىمدە ئاكام تالادىن كىرىپلا ھويلىغا تۈكۈرگەنىدى، رەھمەتلىك مومام: «بالام، كۆرۈنگەن يەرگە قالايمىقان تۈكۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس، تۈكۈرگۈڭ كەلسە ھاجەتخانىغا كىرىپ تۈكۈرگىن. ئەگەر جىن – شاياتۇنلارنىڭ بېشىغا تۈكۈرۈپ سالساڭ، ئۇلار سەندىن ئۆچ ئالىدۇ» دېگەنىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ قورقۇپ پەقەت تۈكۈرمەيدىغان بولغانىدىم. كىملەردىن ئۆگەندۇقكىن تاڭ؟ ھازىر كىشىلەرنىڭ قەدەمدە بىر «چىرت» قىلىپ تۈكۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. شۇنداق تۈكۈرىدىغانلارنى ئۇچراتسام، «بىز قاچانمۇ چەت ئەللىكلەردەك بۇرنىمىزنى قاقمايدىغان، يەرگە تۈكۈرمەيدىغان، پاكىزلىقنى سۆيىدىغان بولارمىز؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن. تۇرۇپ – تۇرۇپ ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ تۈكۈرۈكى نەگە كېتىدىغاندۇ؟ بىزنىڭ تۈكۈرۈكىمىز نېمانچە جىقتۇ؟ دېگەن خىيالغىمۇ كېلىپ قالىمەن.
پاكىزلىقنى، خۇشاللىقنى سۆيىدىغان ئاۋسترالىيىلىكلەر
بۇرۇن باشقىلارنىڭ چەت ئەل توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتىم. «كۆپتۈرۈپ سۆزلەۋاتىدۇ» دەپ ئويلايتتىم. بۇ قېتىم ئۇ يەرگە بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ئىشەندىم. ئالىقانچىلىك يەرنىڭمۇ بوش قويۇلماي كۆكەرتىلگىنىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. مەيلى چوڭ يول، ئىدارە، جەمئىيەت ياكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بولسۇن ھەممە يەر گۈل – چېچەك، دەل – دەرەخ، چىملىق بىلەن پۈركەنگەن. ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى – كەينى ئوخشاش كۆكەرتىلگەن. ئۇقۇشىمچە، ھەممە ئائىلە ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئۆزلۈكىدىن كۆكەرتىدىكەن. ئەگەر كۆكەرتمىسە ھۆكۈمەت ئارىلىشىدىكەن. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ناراندىرا شەھىرىدە بىزنى قەدىمىي ئورمانلىققا ئاپاردى. ئۇ يەردە «كولا» يەنى دەرەخ ئېيىقى بار ئىكەن.
نەچچە مىڭ مو يەردىكى كۆز يەتكۈسىز بۇ تەبىئىي ئورمانلىقتا تۈرلۈك – تۈمەن دەرەخلەر بولۇپ، ئارىمىزدىن بىرسى دەرەخنىڭ ساڭگىلاپ قالغان قوۋزىقىنى ئازراقلا تارتقانىدى، شۇ يەرلىك كىشى ئۇنىڭ مېھمان ئىكەنلىكىگە قارىماي ۋارقىراپ كەتتى. مەن ۋارقىرىغان كىشىنى ئورمان قاراۋۇلى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر يولۇچى بولۇپ خالىسانە ئورمان ئاسرىغۇچى ئىكەن. قايتىدىغان چاغدا شۇلاردىن بىرسى كولا دەرىخدىن بىر تال يوپۇرماقنى ئۈزۈپ ماڭا خاتىرە ئۈچۈن بەردى. بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى ئىكەن. ئۇلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراش، يېشىللىقنى سۆيۈش روھى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى.
قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان ئاۋسترالىيىلىكلەر
ئاۋسترالىيىگە بېرىپلا ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئەگەر يولدا بىرمۇ ماشىنا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىل چىراغ يانسا، بىز بولساق يۈگۈرۈپلا ئۆتۈپ كېتىمىز. بىراق ئۇلار يېشىل چىراغ يانمىغۇچە جايىدا جىم تۇرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن يېقىندا ئوقۇغان بىر ماقالە ئېسىمگە كەلدى:
بىر جۇڭگولۇق يىگىت چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ شۇ يەردە بىر چەت ئەللىك قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇلار كوچىدا كېتىۋاتقاندا يىگىت قىزىل چىراغقا پىسەنت قىلماي يولدىن كېسىپ ئۆتۈپتۇ. ھېلىقى قىز بولسا يېشىل چىراغ يانغاندىن كېيىن، يولدىن ئۆتۈپ يىگىتكە «ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى قوغداشنىمۇ بىلمىسىڭىز، مېنى قانداق قوغدايسىز؟» دەپ يىگىتتىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. بۇ يىگىت جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ جۇڭگولۇق قىز بىلەن يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى كوچىدا قىزىل چىراغ يېنىپ تۇرسىمۇ ھېلىقى قىز يۈگۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. يىگىت يېشىل چىراغ يانغاندىن كېيىن ئۆتۈپتۇ. ھېلىقى قىز «قاراڭ سىزنى، يولدا ماشىنا بولمىغاندىكىن قىزىل چىراغقا قارىماي ئۆتسىڭىز بولمىدىمۇ؟ سىزنىڭ كاللىڭىز بەك قاتمال ئىكەن، ئايرىلىپ كېتەيلى» دەپ كېتىپ قاپتۇ.
ئۇلار قاتناش قائىدىسىنى نازارەتچىسىز ئىجرا قىلىدىكەن. ماشىنىلار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر – بىرىنى يانداپ ئۆتمەيدىكەن. ئۆزئارا يول بېرىدىكەن. قانۇن ئالدىدا ھەممە باپ – باراۋەر ئىكەن. بىر كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ زۇڭلىسى ئەگىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان كوچىدىن ماشىنىسىنى ئەگىلدۈرگەنىكەن، ساقچى كېلىپ:
_ كەچۈرۈڭ باش مىنىستىر ئەپەندى، سىز قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز. جەرىمانە تۆلەڭ، دەپتۇ.
باش مىنىستىر دەرھال ساقچىدىن ئەپۇ سوراپ جەرىمانە تۆلەپتۇ (شۇ يەرنىڭ گېزىت خەۋىرى). ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول بېسىشقا توغرا كەلگەندە ھەر ئىككى سائەتتە بىر توختاپ، شوپۇر ۋە يولۇچىلار يېرىم سائەت دەم ئېلىپ ئاندىن ماڭىدىكەن. ماشىنىغا ۋاقىت ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ ئورنىتىلغان بولۇپ، شوپۇرنىڭ دەم ئالغان – ئالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدىكەن. بارىدىغان جايغا مىنۇت ئۇيان – بۇيان بولماي دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارىدىكەن. ۋاقىت قارىشى بەك كۈچلۈك ئىكەن. ئاۋسترالىيىدىكى كۈنلىرىمدە بىرمۇ ساقچى كۆرمىدىم. ھەممە كىشى ئۆزلۈكىدىن قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىكەن.
ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاۋستراليىلىكلەر
ئاۋسترالىيە باي دۆلەتلەر قاتارىغا كىرسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھەرگىز ئىسراپچىلىق قىلمايدىكەن. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بۇزۇپ – چاچمايدىكەن. ھەتتا بولكىنىڭ ئۇۋىقىنىمۇ زايە قىلمايدىكەن. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر نەچچە ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
ناراندىرا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ھۆكۈمەت نامىدىن بىزگە زىياپەت بەرگەندە، ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى يەپ بولۇپ، بولكا پارچىسى بىلەن تەخسىنى پاك – پاكىز سىپاپ يەۋەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ھەممىمىز شۇنداق قىلدۇق. تەخسىلىرىمىز خۇددى يالاپ قويۇلغاندەك قۇرۇقدالدى. ناراندىرادىكى ئەيبى ئائىلىسىدە چوڭ – كىچىك يەتتە ماشىنا بار ئىكەن (بىز تەكلىپ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ماشىنىلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن)، شۇ جېنىدا ئۇ ئايالىنىڭ ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئالدىغا تارتىپ يەپ تەخسىسىنى پاكىزلاپ قويدى. بىز قاراپلا قالدۇق. كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ناننىڭ ئۇۋىقىنى دەسىسە يامان بولىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلسا خۇدايىم كەچۈرمەيدۇ…» دېگەن سۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىزدىچۇ؟ شۇ ئەسنادا كۆز ئالدىمغا رېستۇرانلىرىمىزدىكى ئىسراپچىلىق، ئۈستى – ئۈستىگە قاتلىنىپ كېتىدىغان تەخسىلەر ھەتتا چوكا تەگمەي شۇ پېتى قالىدىغان قورۇمىلار كەلدى. بىز شۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىپ نازۇ – نېمەتلەرنى خارلىساق، ئۇنىڭ ئۇۋالى بىزنى تۇتماسمۇ؟
ناراندىرا شەھىرىدە كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بىر ئەرنىڭ بىرنەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ تۇرسام، بىرنەچچە كۈنلۈك بولغان بوۋاقنى ئاپىسى كۆتۈرۈپ ماگىزىن ئارىلاپ يۈرۈپتۇ. قارىسام بوۋاقنىڭ كۆزى تولۇق ئېچىلماپتۇ. مەن تەرجىمان ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. ئاپىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئانا – بالا ئىككىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئاۋسترالىيىلىكلەر چېنىقىشنى نول ياشتىن باشلايدىكەن.
ئۇيغۇر تائاملىرى ئاۋسترالىيىدە بولغان  بولسا
ئاۋسترالىيىدىكى چېغىمىزدا مەيلى چوڭ شەھەرگە بارايلى ياكى كىچىك شەھەرگە بارايلى، ھەممىلا يەردە جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىغا كىردۇق. بۇ ئاشخانىلارنىڭ سودىسى بەك ياخشى ئىكەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەر كىرىپ غىزالىنىدىكەن. بۇ ئاشخانىلارنىڭ ئېچىلغىنىغا ئالدى 30 – 40 يىل (تەيۋەن، شياڭگاڭدىن بارغان جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسى كۆپرەك ئىكەن)، كەينىگە بىرنەچچە يىل بوپتۇ. سودىسى بەك ياخشى ئىكەن. ئۇندىن باشقا ياپونىيىلىك، پاكىستان، تۈركىيىلىكلەر ئاچقان ئاشخانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئويلاپ كەتتىم. ئەگەر ئۇيغۇر تائاملىرى ئاۋسترالىيە بازىرىغا كىرسە گەپ يوق بەك ئاقىدىكەن. بىزدە «بۇدۇن»، «ئەنجۈر»، «ۋىسال» قاتارلىق ئاشخانىلاردا ئېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇ يەردە ئېتىلسە، چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ. سىدنىدىن قايتىدىغان چېغىمىزدا زىياپەت ئۈستىلىدىكى ناننى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالغانىدىم. 1984 – يىلى چۆچەكتىن ئۇ يەرگە بارغان ئاناتولى (پرودكا) 15 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى بەش تونۇر نان يېقىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ نانلىرىنى نە – نەلەردىن خېرىدارلار كېلىپ سېتىۋالىدىكەن. ئىگىلىشىمچە، ئۇ يەردە 25 كىلولۇق بىر خالتا ئۇن 15 ئاۋسترالىيە دوللىرى بولۇپ، ئاناتولى بىر خالتا ئۇندا 120 نان ياقالايدىكەن. بىر ناننى ئىككى ئاۋسترالىيە دوللىرىغا ساتىدىكەن (9 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ). شۇنداق بولغاندا ئاناتولى بىر كۈندە 200 ئاۋسترالىيە دوللىرى كىرىم قىلىدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن «كۆپ پايدا تاپىدىكەنسىز» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا:
_ بۇ يەردە ئەمگەك كۈچى قىممەت، دەپ جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى مەندەكلا سۆزلىگەچكە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگىلىيەلىدىم. مەن شىنجاڭدىكى داڭلىق ئاشپەز – ئۇستاملارنىڭ شۇ يەردە ئاشخانا ئېچىپ ئۇيغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلدىم. ئېرلاندىيىدىن كىرگەن ياڭيۇ بىلەن گۆش قورۇمىسىغا خاتىرە كۈن تۇرغۇزغان يەردە، بىزنىڭ پولۇ، پېتىرمانتا، ئۆپكە – ھېسىپ، لەغمەن، كاۋاپلىرىمىز، چۆچۈرە، ئۈگرىلىرىمىز چەت ئەل بازارلىرىغا كىرسە ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوقۇم تائاملىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە پۈتۈپ، ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم خاتىرە كۈنى ئورنىتىشى مۇقەررەر !
خاتىمە:
مەن ئاۋسترالىيىدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. مېنىڭ مەقسىتىم، ئۇلارغا چوقۇنۇش ئەمەس، ئەلۋەتتە! سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىش ھەم ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىش. بىر كۈنلەر كېلەر، ئۇلارمۇ بىز تەرەپكە كەلگەندە «بۇلار نېمىدىگەن ئەدەپلىك، مۇلايىم، پاكىز – ھە؟» دەپ قالار. ئاسمىنىمىزمۇ ئوخشاش، قوياشمۇ بىر قۇياش. ئۇلاردا بار تاغ – دەريا بىزدىمۇ بار ئەمەسمۇ؟
شۇنداق، ھامان بىر كۈنى ئۇلارمۇ بىزنى ماختايدىغان بولىدۇ.

مەنبە:تۇرمۇش خاتىرسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8069
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5046 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 01:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ سىلىڭلار ئاۋىستىرالىيەلىكلەرنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىنى تاپالماي كەلدىڭللارما؟


مىنىڭچە بۇ ساياھەت خاتىرسىگە ئازىراق ئەدەبىيات ئىلمىنىتى قېتىلغاندەك ....

ئەسلى مۇشۇنى يازغان كىشى ئىككىلى تەرەپنى سېلىشتۇرۇپ يازغان بولسا ياخشى چىقاتتى ...


ئۇلارنى ماختاپلا ئۇچۇرۋىتىپتۇ ...



ئاۋۇ قۇرلۇش بىزنىڭ قەشقەردىكى شەرقى كۆل باغچىسىدىكىدىن ئۆرنەك ئېلىپ سېلىنغان قۇرلۇش جىمۇ

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5227 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋسترالىيە قانۇنىدا مەيلى قۇرۇلۇش ياكى دەل – دەرەخ بولسۇن، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىلا ئۇنى چېقىۋېتىش ياكى كېسىۋېتىشكە قەتئىي يول قويۇلمايدىكەن. ياپونىيىلىك باي يەنە ئون ھەسسە ئارتۇق ھەق تۆلەي دېسىمۇ مۇمكىن بولماپتۇ.


ماۋۇ يەردە ئاتا بوۋىللىرىنىڭ ئىزى چۈشكەن ئۆيلەرنى ، كىشىلەرنى زار قاقشىتىپ  چېقىۋاتىدۇ .
يەر ھۆكۈمەتنىڭ بولغاندىكىن بىزمۇ قارشىلىق قىلمىدۇق ، ئىختىيارلىرى بۇيىچە ئىشلەتسىلە ھۆكۈمىتىكام دەپ قول باغلاپ تۇرماقتىن ئۆزگە نە چارە ؟؟؟؟ پارتىيىمىزنىڭ يېڭى يېزا قۇرلۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلاشمىساق بولامدىغان ؟

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي خىسلەت ئالجىريەگە ئەمدى كەلسەم  ئاۋىستىرالىيەگە باشلاپ ماڭدىڭىزغۇ

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بەكلا  بارغۇم بار ئاۋىستىرالىيەگە.............

مىللەت ئۇرۇشتا يۇقالمايدۇ ، سۈكۈتتە يۇقۇلىدۇ .......

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرنىمۇ كۆردۇقمۇ ئەمدى ئىبىيام بىر يەرنى كۈرۈپ كەلگەن سىزنىڭ سايىڭىزدە رەھمەت ھە سىزگە

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11219
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 02:08 PM
ھەي خىسلەت ئالجىريەگە ئەمدى كەلسەم  ئاۋىستىرالىيەگە ب ...

قەدىمىڭىزنى تىز قىلىڭ بولمىسا يىتەلمەي قالىسىز ..مەن مۇشۇنداق چاپسان ماڭىمەن

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇرسەت بولسا بىزمۇ باشقا دۆلەت كىشىلىرىدەك خالىغان چاغدا ، خالىغان جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلساق ھە ؟!

ئاھ ئۇرۇش ـــ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1401
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10367
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 04:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋسترالىيىنى بەك پاكىز ،ئېسل ،ئادەملىرىنىڭ ساپاسىمۇ يۇقۇرى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،بېرىش مۈمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ .
مەنمۇ كەسپ ئالماشتۇرۇپ ئەرتىس ياكى مۇخبىر بولايمىكىن ،مۇشۇ كەسپتىكىلەرنىڭ سىرتلارغا ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولىدىكەن .

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولارسەن ساقىلىڭ بىلەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7914
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلىرىمىز پەقەت ئاشخانا ئېچىش، ناۋايچىلىق قىلىش بىلەنلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىمۇ تەڭ ئىزدەنسە ياخشى، ئاۋىستىرالىيە ھەممە جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت.

نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش