ئالجىرىيە خۇددى مىسىرغا ئوخشاشلا دەبدەبىلىك مىسلىسىز تارىخلار يارتىلغان شۇنداقلا گۈزەل ،غەيرىلىككە تولغان ۋە تۈرلۈك تارىخلارنىڭ شاھىدى بولغان تارىخلىرى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ كەلگەن دۆلەت.
ئالجىرىيەنىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى : ئالجىرىيە دېمكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى .
ئالجىرىيە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ،ئافرىقىدىكى زىمىن كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ .شىمالىي قىسمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ، شەرقىي قىسمى تۇنىس ،لىبىيە بىلەن ، جەنۇبىي قىسمى نىگىر ، مالى ۋە ماۋرىتانىيە بىلەن ، غەربىي قىسمى ماراكەش ،غەربىي ساخارا بىلەن چېگىرلىنىدۇ . جەنۇب –شىمال لىنيەسى 2000 كىلومېتر،شەرىق –غەرىب لىنيەسى 1800 مېتر ، دېڭىز قىرغاق لىنيەسى 1200كىلومېتر كېلىدۇ .
دۆلەت رەھبىرى : ئابدۇللا .ئەزىز. بۇتېفلىكا
پايتەختى : ئالجىر
نوپۇسى : 35 مىليۇن 423مىڭ
زىمىن كۆلىمى : 2 مىليۇن381مىڭ 741 كىلومېتىر
دۆلەت بايرىمى : 11-ئاينىڭ 1-كۈنى (1954-يىلى)
مۇستەققىلىق كۈنى : 7-ئاينىڭ 5-كۈنى (1962-يىلى)
ئاساسلىق شەھەرلىرى : ئەننابا ،ئوران(يەنى ۋەھران)
ئاساسلىق دىنى : ئىسلام دىنى (ھەم دۆلەت دىنى)
ئاساسلىق مىللىتى : ئەرەب مىللىتى ، بېربېرلار مىللىتى
ئاساسلىق تىلى : ئەرەب تىلى بولۇپ ، ئورتاق فىرانسۇز تىلى ئىشلىتىلىدۇ .
ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يۆلىنىشى : ئوڭ يۆلۈنۈش
پۇل بىرلىكى : دىنار
بۇ دۆلەتنىڭ كۆپ ساندىكى پۇقراسى ئەرەبلەر ،ئۇنىڭدىن قالسا بېربېرلار (20پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ)؛ ئازسانلىق مىللەتلەردىن _مىزابىتلار ۋە تۇئارېگلار .
نىفىت ۋە تەبىئىي گاز بولسا ئالجىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرىكى بولۇپ ، ئۇمۇمىي ئىقتىسادىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ . ئالجىرىيەنىڭ تەبىئي گاز ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ ، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە 2-چوڭ تەبىئي گاز ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت . نىفىت ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 14-ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئەمدى بىز ئالجىرىيە بىلەن رەسىم ئارقىلىق تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى :
ئالجىرىيەنىڭ نامسىز قەھىرمانلار ئابىدىسى _ئۇ ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، ئۇ ئالجىرىيەنىڭ مادانىيە رايونىنىڭ تاما تېغى ئۈستىگە جايلاشقان
بۇ مەريەم ئانا چېركاۋى _ئالجىردىكى بىر كىچىك تاغ ئۈستىگە جايلاشقان .بۇ چېركاۋغا يىراقتىن قاراڭ ياكى يېقىندىن قاراڭ ئۇنىڭ مەسچىدلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ، چۇنكى مۇھىمى ئۇ ئەرەبلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ياسالغان ۋە بېزەلگەن .
قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ قەدىمىي شەھەر_ تىپاسا.ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ياققىسىغا جايلاشقان .
تىپاسا قەدىمكى دەۋىردە سودا ئالاقىسىنىڭ مۇھىم جايى ئىدى .ئەمما كىيىن يەنە رىمنىڭ بېسىۋېلىشى بىلەن ماۋرىتانىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان مۇھىم جەڭ مەيدانى بولغان .
تاشلى-ئېن-ئايې _ دۇنيا مىراسلىرىغا كىرگەن ئۆڭكۈر ئۆي . ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم ئۆڭكۈر ئۆيلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىچىدە 15مىڭدىن ئارتۇق رەسىم ئويما رەسىم سەنئىتى بار. رەسىملەردە مىلادىن بۇرۇنقى 6000يىل ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە ساخارا قۇملۇقىنىڭ ھاۋا ئۆزگۈرۈشى ، ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئۆزگۈرىشى تەسۋىرلەنگەن . بۇ ئۆڭكۈر ئۆيلەرجايلاشقان تاغلار غەيرى-گۈزەل مەنزىرە ۋە قۇم -تاشلارنىڭ يالىشى بىلەن شەكىللەنگەن ” تاش ئورمانلىق” ىدىن تۈزۈلگەن . يەر شەكلى ئالاھىدە ، ئۇ ئالجىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان .
جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى :جەنۇبىي قىسمى ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق ھاۋارايىغا ،ئوتتۇرا قىسمى ئىسسىق بەلباغ ئوتلاق ھاۋارايىغا مەنسۇپ .
شىمالىي قىسىمغا سۇزۇلغان ئاتلاس تاغ تىزمىسى بولۇپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بىرى تەيلا ئاتلاس تاغ تىزمىسى ،يەنە بىرى ساخارا ئاتلاس تاغ تىزمىسىدىن ئىبارەت . جەنۇبىي ئىككى تارمىقى ۋە ئىككى تاغ تىزمىسى ئارىسىدا ئېگىز تاغ تىزمىسى ،ئويمانلىق ۋە كۆپلىگەن تۇزلۇق كۆللەر بار .ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى ساخارا قۇملۇقى بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ 85 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ .قۇملۇقتا جانئالغۇ تاغ ۋە كۆپلىگەن يىشىللىقلار بار .تاغلىق رايونلاردا كۆپلىگەن ئورمانلىق ۋە ئوتلاقلار بار تىمپىراتۇرىسى يىرىم قۇرغاق يېرىم چۆللۈك ھاۋارايىغا مەنسۈپ . قالغان كەڭ جايلىرى ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق ھاۋارايىغا مەنسۈپ بولغاچقا ، يامغۇر مىقدارى ئاز ، يازدا قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ،بولۇپمۇ 8-ئاي مەزگىلى ئەڭ ئىسسىق، 1-ئاي ئەڭ سوغۇق بولۇپ ، بۇ ئايلاردا ساياھەتكە بېرىشقا ماس كەلمەيدۇ .
ئالجىرىيەنىڭ پايتەختى ئالجىرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
پايتەخت ئالجىرنىڭ مەنزىرىسى
)
ئالجىرنىڭ دېڭىز ياققىسىدىن كۆرۈنۈشى
داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى :
ئالجىرىيەنىڭ ساياھەت بايلىق مەنبەسى ئىنتايىن مول بولۇپ ، 7 تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت سەيلىگاھى بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ- پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسى بولسا :پايتەخىت ئالجىردىكى داڭلىق ئافرىقا مەريەم ئانا چېركاۋى ، 319 مەسچىد ۋە مۇزىيخانا ، شىمالىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ئالتۇن ساھىلى ، جەنۇبىدىكى ساخارا قۇملۇقى ،يەنە ئېگىزلىكتىكى قارلىق تاغلار ۋە قەدىمىي رىم تاشلاندۇق شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار ئىنتايىن داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرى بولۇپ ،ساياھەتچىلەرمۇ ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايلاردۇر .
خەلق تۇرمۇشى : ئالجىرىيەدىمۇ داۋالاش ھەقسىز ، بولۇپمۇ بالنىستا يېتىپ چىققاندىن كىيىنكى پۇتۇن ھەقنى كۆتۈرىدۇ .نامراتلار نىسبىتى ئالتە پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ ، مېيىپلارغا تۇلۇقلىما پۇل بېرىلىدۇ
ئالجىرىيىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئورمانلىق مەنزىرلىرى
ئالجىرىيەنىڭ ئورمانلىرى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ،ئالجىرىيەگە بارسىڭىز چەكسىز كەتكەن قۇملۇق ،يىشىل ئاراللارنىلا كۆرۈپ قالماستىن ،يەنە ئىنتايىن گۈزەل ئورمانلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈسىز .
بۇ ئورمانلىقنىڭ يۇقىرى ئېگىزلىكتىن تارتىلغان سۈرىتى
ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق
ساخارا قۇملۇقى
ساخارا قۇملۇقى ۋە تۆگىلەر
ساخارا قۇملۇقىدىكى ھاياتلىق
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئېلىكتېر ئىستانسى، بۇ ئېلىكتېر ئىستانسى ئالجىرىيىنىڭ ساخارا قۇملۇقىغا جايلاشقان
مەنبە:ساخاۋەتچى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 09:19 PM