ئەقىل ئۈنچىلىرى
ھېچ ئىش قىلمىساڭ تەپەككۈر قىلىپ تۇر، تەپەككۇر پىچقىڭنى بىلەپ تۇرمىساڭ نادانلىق دۈشمىنىڭنى ئۆلتۈرەلمەيسەن، تەپەككۈر پىچىقىنى بۆلىسەڭ ئۇنىڭدىن ئەقىل ئۈنچىللرى چاچىرايدۇ.
قول قولنى يۇمىسا ، يۈزۈڭنىڭ مەڭگۈ پاسكىنا بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارما.
نۇرغۇن كىشىلەر ھەق -ناھەقنى ، ئاق قارىنى، ھەق نىمە ؟-پايدا ، ناھەق نىمە؟-زىيان، ئاق نىمە؟-كىرىم ، قارانىمە؟- چىقىم دەپ ئايرىۋاتقانلقتىن جەمىيىتىمىز بۇزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ.
دورا شىپالىق بولسىمۇ . ئۇنى كىسەلگە قاراپ يىمىسەڭ زەھەرگە ئايلىنىدۇ.
دىلىدىن ئىنساپ ئادالەت تۈكۈلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ قۇلىدىكى پۇل ، نان ئەينەكتىكى شولىدىن ئىبارەت ، ئۇنى كۆرەلەيسەن، يىيەلمەيسەن ئۇنىڭغا ئىشتىھا ساقلىساڭ ھامان ئاچلىقتىن ئۆلىسەن.
بالاڭغا ۋاپا ، ئىنساپ ، ئادالەتنى ئۆگەتمەي تۇرۇپ پۇل تېپىشنى ئۆگىتىمەن دىگىنىڭ ، خۇددى سۆگەتتىن ئامۇت ئېلىپ يەيمەن دىگەن بىلەن ئوخشاش.
ئىسىڭدە بولسۇنكى ھەر قانداق ۋاقىتم ھەر قانداق جايدا ئۆزۈڭنى ئەلدىن ئايرىپ قارىما ،بىر خەلىق بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ .
ئالدىدا ئىنىق نىشانى بولمىغان ئادەمنىڭ ئارقىدا ئىنىق ئىزىمۇ بولمايدۇ.
سىر ئەسىرلىرىڭنى ئۆز جېنىڭنى ساقلىغاندەك ساقلا، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي پاش بولغان كۈنى دەل سىنىڭ يۇقالغان كۈنىڭ بولىدۇ.
تۇنجى قېتىم يوللىغان تىما بولغاچقا بەزىبىر يىتەرسىزلىكەردىن ساقلانغىىلى بولمايدىكەن ،كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 01:02 PM