جى خوڭچاڭ
(بۇ فىلىمنى چاڭچۈن كىنو سىتودىيىسى 1979-يىلى ئىشلىگەن.)
سىنارىست-جىن لىدې.رىژىسۇر-لى گۇاڭخەي، ۋاڭ جىشۈن.
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
1931-يىلى جوڭگۇدا ئىچكى ئۇرۇش كۈچۈيۈپ، شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىدا داڭ چىقارغان غەربى شىمال ئارمىيىسى خۇبىي، خېنەن،ئەنخۇي سوۋىت رايۇنلىمىزغا ھۇجۇم قىلغاندا يېڭىلىنىپ قالغان ئەسكەرلەر قېچىپ كېتىدۇ. 21-ئارمىيە جۈنجاڭى-جى خوڭچاڭ ناھايىتى غەزەپلىنىپ، قاچقۇن ئەسكەرلەرنى ئېتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەممە ئۆزى بىلەن جەڭ قىلغان سەبدىشى-جاۋ لاۋچىڭمۇ قاچقۇنلار ئىچىدە بارلىغىنى كۆرۈپ،كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. بۇ چاغدا بىر ياش قاچقۇن جى خوڭچاڭغا:«نىمە ئۈچۈن كومپارتىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز؟نىمىشقا پۇخرالار كومپارتىيەگە ئامراق؟»دەيدۇ.
بۇ مەسىلىدە گاڭگىراپ يۈرگەن جى خوڭچاڭ ھېچنىمە دېيەلمەي قاچقۇنلارنى ئاتماستىن ھەممىنى قويۇپ بېرىدۇ.
ئەتىسى جى خوڭچاڭ سودىگەرچە ياسىنىپ، ئازات رايۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كومپارتىيىنىڭ ئەستايىدىل ھەم بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ-دە،گومىنداڭنىڭ جۈنجاڭلىق ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، كومپارتىيىگە قايىل بولىدۇ.
ئۇ جوڭخۇا مىللىتىنى خەتەردىن پەقەت كومپارتىيەلا قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ رەھبىرى-جۇ گۇاڭيەن بىلەن سىردىشىپ، پارتىيىگە كىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس يېزىش ئارقىلىق، كومپارتىيىگە ئەزا بولۇپ كېرىدۇ. ياپۇن باسقۇنچىللىرى دۆۋلىتىمىزدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايدۇ. جى خوڭچاڭ بىرلەشمە ئارمىيە قىسمىنى باشلاپ، ياپۇنغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ، ياپۇنلارنى قىرىپ ئۆلتۈرۈپ، ياپۇنلارنىڭ قولىدىن ئۈچ شەھەرنى قايتۇرىۋالىدۇ. 1933-يىلى جى خوڭچاڭ تىيەنجىنگە كىلىپ، ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، جىياڭ جىشىنىڭ ياپۇن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىك جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. سۆھبەت ۋەكىلى قىياپىتىگە كىرۋالغان لەن يىشى ئىشپىيۇنلىرى جى خوڭچاڭنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، قاپقان قۇرۇيدۇ. جىياڭ جىشى جى خوڭچاڭنى باش ئەگدۈرەلمىگەنلىكتىن ئۇنى مەخپى ھالدا ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بىر قىتىملىق جەڭدە جى خوڭچاڭ بەختىگە قارشى دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. دۈشمەنلەر تۈرمىدە ئۇنىڭغا يۇمشاق-قاتتىق ۋاستىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما جى خوڭچاڭ كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس باتۇر ئىرادىسى بىلەن جازا مەيدانىدا دۈشمەنلەرنى قاتتىق سۆكىدۇ.ھەمدە ئۇ قار ئۈستىگە «ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلماي، ئۆلمەك ئۆزى نۇمۇستۇر، دۆۋلەت شۇنداق كېتىۋەرسە، بۇ ئەڭ ئەلەم بىر ئىشتۇر.»دەپ يازىدۇ. جى خوڭچاڭ ئارمىيىسى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە يېزىپ قالدۇرىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇنى كۆز ئالدىدىلا ئېتىۋىتىدۇ. ئۇ گەرچە قۇربان بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ شانلىق شەرىپى جوڭگۇ خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ روھى مەڭگۇ ھايات!
يازغۇچى- ئابدۇمىقىت مۇھەممەتئېلى.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى يېزىلدى.قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 11:16 AM