ناخشا قاچىلمايمىز ،ئىلىم پەن قاچىلايمىز
بۇ تېمام سەل يۇمۇرلۇق بولۇپ قالدىمۇ قانداق لىكىن مۇشۇنداق ماۋزۇ قويۇپ قالدىم توغرا چۈشىنەرسلەر،چۈنكى بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار.بىر ئىككى يىلىدىن بىرى ھېلى ئۇ ئىدارە ھېلى بۇ ئورۇندا ئىشلەپ يا مائاشنى تولۇق ئالالماي شۇ خەقنىڭ باشقۇرشىدىن جاق تويۇپ يەنىلا ئاتاڭ بازار ئاناڭ بازار دەپ تېجارەت قىلغان ياخشىكەن دەپ خىزمەت دېگەن باغلاقتىن قۇتۇلۇپ قولۇمدىن كېلدىغانراق بىر كومپيوتىر مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم.
دۇكاننىڭ سودسى ياخشى،ئېلان ئىشلەشتىن تارتىپ كومپيوتىردا قىلىدىغانلا ئىش بولسا قىلىۋرىمەن،لىكىن يېقىندىن بىرى يانفۇنغا مۇزىكا قاچىلايمەن دەپ كېلىدىغانلار كۆپيىپ قالدى، ناخشا قاچىلاش مۇشۇ دومىتكارتلىق يانفونلار چىققادىن كېيىن پەيدا بولغانمىكىن ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇرۇنقى يانفۇن دۇكىنى ئاچىدىغان دوستۇم ھەركۈنى نەچچە يۈز كويلۇق كىرىمى شۇ ناخشا قاچىلاشتىن كىرىدۇ دەپ سۆزلەپ يۈرگەن.ئۇ چاغلاردا بىر سىغىم كارتسىغا ناخشا قاچىلاپ بەرسە 20 كوينى قوقماي ئالاتتى.(ھازىر 5كويغىلا قاچىلاپ بېرىدۇ)چۈنكى ئۇچاغلاردا كومپيوتىرلار ھازىرقىدەك ئائىللىلەرگە كۆپلەپ ئومۇملاشمىغان ياكى كىشلەرنىڭ كومپيوتىر سەۋىيسى تۆۋەنرەك بولسا كېرەك.كېينچە كومپيوتىرنىڭ ئەرزانلىشى بىلەن خۇددى تېلۋوزورەكلا ھەر بىر ئائىلىگە دىگۇدەك كىرىپ كەلدى. ناخشا قاچىلايدىغان تېجارەتمۇ يانفۇن تېجارىتى قىلدىغانلار ئارسىدا ئازلاپ كەتتى، مېنىڭ ناخشا قاچىلماسلىقىمدىكى سەۋەب كومپيوتىرنىڭ دۈشمىنى ۋېرۇستىن ساقلىنش ئۈچۈن. بىر قانچە قېتىم تونۇشلارنىڭ دومىتىكارتاغا ناخشا قاچىلاپ بېرىمەن دەپ ئاخىرى كومپيوتىرىمغا سېستىما قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان...
مانا بۈگۈن دۇكاندا ئولتۇرسام بىر بالا سالام قىلىپ : تېلفونغا ناخشا قاچىلامسىز ئاكا دەپ كىردى. ياق دېدىم ._نېمشقا دەپ ياندۇرۇپ سوراۋاتىدۇ. نېمە ديشىمنى دەرھال بىلمەي،بىز ناخشا قاچىلمايمىز ،كومپيوتىردا ناخشا ئاز،ھەم تاينى يوق ناخشلار دېدىم. بۇ بالا چۈشەنمىگەندەك قىلىپ چىقىپ كەتتى، بە؛لكىم ئۇ:_توردا ناخشا دېگەن كۆپقۇ! دېمەكچى بولسا كېرەك.
ھازىر تېلفوننى سۆزلىششتىن قالسا مۇزىكا تىڭشاش ئۈچۈن تۇتدىكەنمىز،ئىلكىتاپ قاچىلاپ كۆردىغانلارمۇ بەك ئاز، تۇرۇپلا يەنە شۇ ناخشا مۇزىكا ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ناخشا ماكانى يۇرتىمىز، ناخشچى خەلقىمىز، نېمانچلا ناخشا مۇزىكا بېرلىمىز ھە،تېلفون كەلسمۇ ناخشا ياڭرىغان، بەزى ئادەملەرنىڭ يانفۇن مۇزىكىسى پاھ ،پاھ، بەئەينى ياڭراتقۇ، ئۆزى گاس گاچىدەك، تېنچلىقنى تەۋسىيە قىلىدىغان يىغىنلاردا ھەتتا ماۋۇ جاھاننىڭ گېپى قىلىنمايدىغان مەسچىتلەردىمۇ ناماز ۋاقتىلرى تۇيۇقسىز يانفۇن ناخشلىرى ۋاڭشىپ كەتكەن.ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتى چېچلىپ قاپاقلىرى تۈرلۈپ ئەتراپقا قاراۋاتقان، ئەمدى كەسىپى ئىشلاردا، توي تۈكۈنلەر دە،ئاممىۋى پائالىيەتلەردە قويۇلسۇن ئېيتلۋاتىدۇ ئامال يوق،ئەمما 360كۈندە ناخشا تىڭشىپ يۈرۇش ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياراشمايدۇ.ناخشغا بولغان ھېرىسمەنلىك بىزنى ياخشى يولغا باشلىمايدۇ. ناخشا مۇزىكا ئەۋج ئالسا بېھۇشلۇق ئەلدە تارايدۇ،بىخوتلۇق ئادەمنى لايغەزەل قىلدۇ،ۋاقتلىق بىر ھوزۇر شاتلىققا ئىرشىمىز لىكىن بىز مۇزىكا ياكى ناخشنىڭ ئىچىدە ياشمايمىز،رېئال دۇنيادا ياشايمىز، كاللىمىز مۇزىكنىڭ دەردى قاپاق بولۇش ئۈچۈن ئەمەس بىلىم ئىلىش ۋە ئۇنى ئىشلتىش ئۈچۈن يارالغان. قۇلقىمىزغا تىقىۋالغان نەرسىدە بىرەر ھىكمەتلىك بايان،ھىكايە، ياكى ئايەت ھەدىس بولسا بۇنىڭ پايدىسى كۆپ. ناخشنىمۇ ئاز تولا ئىشتىياق ئۈچۈن ئاڭلاپ قويساقمۇ لىكىن دومتىكارتىغا بىرەر يۈز نەچچە يۈز ناخشا قاچىلىۋلىپ ئەتىدىن كەچكىچە تىڭشىاپ يۈرسەك بۇ ئەقىل ئىگسنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. زامان دەپ خەقنى دوراپ ئولتۇرساق-قوپساق مۇزىكا بىلەن ئىش قىلىماي، بىسمللاھ دەپ ئاللاھتىن ئىشلىرىمىزنى ئىلىگىرى قىلىشنى،نەتىجلىك قىلىشنى جىمجىت قىلساق ئاندىن ئوڭۇشلۇق قىلىمىز.
زامان تەلەپ قىلىدىغنى ناخشا مۇزىكا ئەمەس ئىلىم پەن.ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كاللىمىزنى ئاشۇنداق ئۆزىگىمۇ ۋەتەن خەلققىمۇ ئەز قاتىدغان بىلىملەرنى تىڭشايلى!
ئەمدى يەنە بىرسى :_مۇزىكا قاچىلامسىز دەپ كىرسە،،ياق بىز مۇزىكا قاچىلمايمىز بەلكى ئىلىم پەن قاچىلايمىز،قايسى پەننى تاللايسىز دەپ تۇرۋالايمكىن دەيمەن.
مەنبە: ئۆز قەلەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 01:04 PM