|
|
|
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار پىقىر كەمىنىدىن سىلەرگە ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام . ئەزىز تەنلىرىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلۇغ ئىگەمدىن ئاسايىشلىق تىلەيمەن .
ئۇزۇن بوپتىكەن ھەرقايسىلىرى بىلەن دىدارلاشمىغىلى ، ئالدىراشچىلىق بوش قويمىدى ئادەمنى . گەپنى سوزىماي ھە بولدى. ھەر قېتىم كىرسەم بىر ئىككى پارچە رەسىم كىرىشتۈرۈپ سىلەر بىلەن تەڭ مۇنازىرىدە بولاتتىم . بۇ قېتىممۇ شۇ كۆنگەن خۇي ئۇنىڭ ئۇستىگە باشقا تۈزۈكرەك ئالاھىدىلىكىممۇ يوقكەن مېنىڭ، رەسىم بىلەنلا ھەپىلىشىپ ئۆتەپ كېتىدىغان ئوخشايمەن . ئەمما ماۋۇ قېتىمقىسى ئالاھىدىراق .
قانداق دېسىڭىز ئەرەپچە ھۆسۈنخەتتە يېزىلغان چىرايلىق ئىسىملەر تور ئارلاپ يۈرۈپ ئۇچرىتىپ قالدىم ، قارىسام مۇنبەردىكى دوستلىرىمىزنىڭ ئىسمىغا كەلتۈرۈپ تازا ماسلاشتۇرۇپ باش سۈرەت قىلىۋېلىشىنى ئىستەپ توردىن كېچىچە چۈشۈردۈم . يارىسا خىللاپ تاللىۋېلىڭلار . جەمىئىي 90 پارچىگە يېقىنكەن بۆلۈپ ئەۋەتىشنى ئويلاشتىم . ھە راست ئەسكەرتىپ قوياي ئۇ چەتئەلنىڭ تورى بولغاچقا (مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ جۇمۇ لېكىن ) بەزى ئىسىملىرىمىز ئوخشاش بەزىلىرى ئوخشىمىغاچقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئىشلىتىدىغاننى تاللاپ چۈشۈردۈم . يوقلىرىغا مەن ئامال قىلالمىدىم كەچۈرىڭلار ،ئەمىسە مۇبارەك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاپ كەتتىم .
مۇھەممەد
دۇنيا
مەلەك
مەجىد
ئەنەس
ئالىنا
ئېكرام
رۇقىيە
مۆئىمىن
ئۇبەيدە
پەرۋىنە
نىھال
ئىسلام
ساباھ
سەمەر
ھەجەر
ئابدۇلرەھمان
خالىد
ئابدۇلھەلىم
ئابدۇللا
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشتا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈش بەرگەيسىلەر چۈنكى بەزى ئىسىملىرىنى ئىنگىلىسچىگە قاراپ بەزىلىرىنى ئەرەپچىسىگە قاراپ ئۇقۇدۇم . ئەسلى ئاپتورنىڭ ئەمگىكى ئۈچۈن رەسىمنىڭ ھېچيېرىگە چېقىلمىدىم. ئەسلى پېتى كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 11:11 AM
|
|
|
|
|
|