مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1561|ئىنكاس: 16

شىنجاڭ كالتەك توپچىلىرىغا ئاپىرىن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر كلوگرام قۇرۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3330
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 03:36:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11دىن 35مىنۇت، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسىدىكى ھەربىر ماھىر ئۈچۈن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىز ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي خارەكتېرلىق ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسى 0گە قارشى 8نەتىجە بىلەن 4يىلدىن بۇيان ئۇدا چىمپيون بولۇپ كېلىۋاتغان گۇيلىن كوماندىسىنى يېڭىپ، 8-نۆۋەتلىك جوڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ Bدەرىجىلىكلەر تۈرىدە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
كالتەك توپ(baseball)ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئامىرىكىدا تەرەققىي قىلغان. 1839-يىلى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 1845-يىلى مۇسابىقە قائىدىلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە بۇ قائىدىلەر تا ھازىرغىچە قولىنىلىپ كەلمەكتە. 1860- كالتەك توپ ماھىرلىرى كەسىپلەشكەن. كالتەك توپ 1873-يىلى ئامىرىكىدىن ياپونىيىگە تارقىلىپ كىرگەن ۋە ياپونىيىدە ناھايىتى تېز ئومۇملاشقان. 1992-يىلى كالتەك توپ تۈرى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان. ھازىر ئامىرىكا ۋە ياپونىيە كالتەك توپنى دۆلەت توپى قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا كالتەك توپ يەنە فېلىپپىن، تەيۋەن، كورىيە، لاتىن ئامىرىكىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.
كالتەك توپ جوڭگودىمۇ بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، جۇڭگو كالتەك توپ جەمىيىتى 1981-يىلى خەلقئارا كالتەكتوپ بىرلەشمىسىگە، 1985-يىلى ئاسىيا كالتەك توپ بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. ھازىر جۇڭگونىڭ شەرقى قىسىم رايونلىرىدا بىر قەدەر مۇھىم تەنھەرىكەت تۈرى قاتارىدا ئوينىلىپ كەلمەكتە.
جۇڭگودا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت بايرىمىنىڭ كالتەك توپ تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كالتەكتوپ مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كوماندىلارنىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، جەمئىي 41كوماندا قاتناشقان. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كوماندىسى ئىشتىن سىرتقى كوماندا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن Bدەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا بولۇپ، گۇرۇپپا ئىچىدە 5مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى. بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئازراق جىددىيلەشكەنلىك سەۋەبىدىن 5كە قارشى 11نەتىجە بىلەن جۇڭشەن ئونۋېستىتى كوماندىسىنى يەڭدى. قالغان 4مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبلىرىنى 0دە قالدۇرۇپ يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى.
24-چىسلا ئەتىگەن سائەت 9يېرىمدا ئەزىمەتلىرىمىز كونا رەقىبى گۇيلىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. گۇيلىن كوماندىسى ئۇدا تۆت يىل چىمپىيون بولغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى كوماندىمىز گۇيلىن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ ئىككىنجى بولغانىدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 10:45ئۆتتى، ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىپ بىر-بىرىگە ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمىدى. نەتىجە يەنىلا 0دە 0 ئىدى. ئارلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا قارشى تەرەپ تېرىنىرى كوماندىمىز تېرىنىرى لىتىپجانغا "قارىغاندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 0دە 0چىقىپ ۋاقىت قوشۇپ ئوينىغۇدەكمىز" دېدى. تېرىنىر جاۋابەن:"خاتىرجەم بول، بىز ھازىرلا نومۇر ئالىمىز" دېدى. دېگەندەكلا، 3مىنۇتتىن كېيىن ماھىرىمىز مۇھەممەتجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى نومۇرنى ئالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ماھىرلىرىمىز ئون مىنۇت ئىچىدە يەنە ئۈچ نومۇر ئالدى.  قارشى تەرەپ ھەرقانچە تىركىشىپمۇ نۇمۇر ئالالمىدى. گەرچە رىپىر يەنە 5مىنۇت ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ مۇسابىقە يەنىلا كوماندىمىزنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.
ئەزىمەتلىرىمىز غەلبە تەنتەنىسى قىلىپ ساما تاشلىدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن گۇيلىن كوماندىسى ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
16نەپەر ماھىرىمىز تۆۋەندىكىچە

كەۋسەر(ئەڭ ئېسىل توپ ئاتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى)
ئالىمبېك
ئېرشات
بەختىيار
ئەسقەر

  ئەخمەتجان
ئەكرەم
(يۇقارقى 7ماھىر بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردى)

مۇھەممەتجان
   ئېرشات

  مەخمۇت
ئەسقەر شاد

  قاسىمجان
     ۋارىس
      ئېلزات
    نىجات
    شەۋكەت

     تېرىنىر :
   لېتىپجان
   قەيسەر

كوماندا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى

  ئۆركەش مۇئەللىم
  تۇرسۇن مۇئەللىم

   كوماندا خادىمى(棒球部经理):
  دىلنىگار

پىدائىيلار:
ئاقمارال
يۇلت  

رازىيە

مۇسابىقىدىن كېيىن، ھەرقايسى كوماندىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا كوماندىمىز بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تەبرىك ئۇچۇرى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن ئەزىمەتلىرىمىز مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستىتى يېنىدىكى ئاماننىساخان رېستۇرانىدا غىزالانغاچ غەلبە تەنتەنىسى قىلدى. تېرىنىر لېتىپجان ۋى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، كوماندا باشلىقى كەۋسەر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىياپەتتە كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۆركەش مۇئەللىم يۇقىرىنىڭ يېڭى يوليۇرۇقىنى يەتكۈزدى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئەزىمەتلىرىمىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە جەمىيىتى كالتەك توپ بىرلەشمىسىگە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سورۇندا كەۋسەر، بەختىيار قاتارلىق بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماھىرلار يېڭى ماھىرلارغا بولغان تەكلىپ تەلەپلىرى ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئېيتتى. قاسىمجان، ئېلزات قاتارلىق يېڭى ماھىرلارمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماھىرلارغا بولغان تىلەكلىرىنى بايان قىلدى. سورۇن بەختىيارنىڭ تېرىنىر لېتىپجاننى تېزراق ئۆيلەپ قۇيۇش توغرىسىدىكى چاقچىقى بىلەن يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرۈلدى.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 10دىن 13مىنۇت ئۆتكەندە ئەزىمەتلىرىمىز T69نۆۋەتلىك بېجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان پويىزنىڭ 14ۋە 15-ۋاگونىغا ئولتۇرۇپ غەلبە مېۋىسى بولغان چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ،  شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. 26-چىسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6يېرىملاردا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا چۈشىدۇ.
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، سەپىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. شۇنداقلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتىتىنىڭ ئاپتۇنۇم رايونىمىز كالتەك توپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل كۆزىنى ئايىماي، تېزراق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، مەخسۇس كالتەك توپ مەيدانى قۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك كەسپىي كوماندا قۇرۇپ چىقىپ، ئازىمەتلىرىمىزنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا ھەمدەمدە بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.
بۇ جەرياندا كالتەك توپ كوماندىسىغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەيدان ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ كالتەك توپ كوماندىسىغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن شىنجاڭ ئونۋېرستىتىغا ۋە رەھبەرلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، ۋە ئۇلارنىڭ كوماندىمىزنى داۋاملىق قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.


تۆۋەندىكىسى مۇسابىقىدىن  كۈرۈنۈشلەر ۋە كىيىنكى خاتىرە سۈرەتلەر

2347008r7ac12la8kukssr.jpg

2346434z0f704hjj4pp0pb.jpg


234700fnhhiv95h1etde8i.jpg

234659xxpkr7tnkxbxs7s6.jpg


234700nhdbzl9s0jh5bukr.jpg


234658hlm5yzz9jme22lzl.jpg


234658mipamfpfkpkku21o.jpg


234659cdwammtgz20c0mxd.jpg

234715amur8f4lg4d8gz45.jpg


2346420h9zv8211q1vvc2j.jpg

2346410avonsnss3s0oajt.jpg


23465953wodn4isoqhqn5i.jpg


23465831l19zsrmnzitr9q.jpg


234657cv0h3sb108xz1k8r.jpg


234658jq0p2qqd0d2qqecg.jpg


234643razik5ihu9kqkg1e.jpg


234642n2anjnhsan66hhra.jpg


234643fpnpnsfvvuzxvqxx.jpg


234640ad3dz7cpapmvxedc.jpg





2012-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ خەۋىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 01:11 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-27 11:25 AM):
http://v.youku.com/v_show/id_XNDMyMzAzNjg0.html سىن ھۆججىتى دىگەن مانا  
23464222o32qqaa82nnrhj.jpg
234640288kfpwer4cktcfk.jpg
2346432e9i6qdfg68if6xf.jpg
2346425kxff22j2a9c56l4.jpg
2346424ssxxrd7xs2mz7xl.jpg
2346410avonsnss3s0oajt.jpg
234658b9vb5n0p9xb3fp00.jpg
234657m8xknxq2cnkm8xx4.jpg
234657dreisnr2lpnkhmhz.jpg
234643w8q18gvnz0guenwj.jpg
234641lbgml6mqemb6m3h7.jpg
234640288kfpwer4cktcfk.jpg
خىيالچان بالا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:15:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ باقاي دېگەن تىزراق يوللارسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:40:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى بىزدىنمۇ نىمە ، ئېلىشقانلار يوققەن ھەرنىمە بولسا !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:41:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەردە ئاتا بوۋىللىرىمىزدىنلا تەنتەربىيە تالانتى بار.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:45:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسىىنىڭ غەلبىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ‹كالتەك توپ›،‹ئالمۇچ توپ›،‹قاۋاق توپ ›...دىگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان بىر خىل ئويۇن بۇلىدىغان .ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوينايتۇق،ناھايىتى قىزىيتى.بۇ توپ تۈرى ھازىرمۇ يىزىلاردا قىش مەزگىلدىكى ئارسالدى ۋاقىتلاردا ئوينۇلۇپ داۋاملاشماقتا.ئويناش قائىدىللىرى ھازىرقى زامانىۋى كالتەك توپتىن جىق پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.بۇ تۈرنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

كومپاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەن شۇدە ...! تېخىمۇ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز !

sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:17:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھتىن ئەزىمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن !

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:53:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەزمەتلەرگە ئاپىرىن !
ئۇلارنىڭ بۇ يىللاردىكى جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شۇ شان - شەرەبلىرى بىلەن بىزنى دۇنياغا قايتىدىن تۇنۇتتى ، بىزدىن ناخشا -ئۇسۇل چولپانلىرىلا ئەمەس مۇنداق ئەزمەتلىرىمىزنىڭمۇ بارلىغىنى جاھان ئەھلىگە باشلىرىمىزنى ئىگىز  كۈتۈرۈپ تۇرۇپ جاكالايمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 12:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 11 پۇلۇم بەك ئازتى...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:56:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا مەكتىۋىم شىنجاڭ ئونۋېرستېتىنىڭ تەنتەربيەدىلا ئەمەس ، ئوقۇتۇش سەۋيىسى ۋە پەن-تېخىنىكا جەھەتلەردىمۇ دۇنياۋى يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش