|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇنبەر ئەھلى،كەمىنە پەخىردىن دىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
ئەمدى گەپكە كەلسەك،مەن 2012-يىللق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنڭ ئالتۇن مىدال،مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خەۋەرلەرنى مۇنبەر ئەھلىگە تېما شەكىلدە يوللاپ،ئانا تىلىمىزدا خەۋەر قىلىمەن ،مانا 2012-يىلمۇ كەلدى،ئولىمپىينىڭ خاسىيىتى پۇتۇن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتبارىنى قوزغاشقا باشلىدى.2010-يىلى مەن ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالتۇن مىدال ئەھۋالىنى مەن ئىز مۇنبىرىدىكى دوسلارغا تەرجىمە قىلىپ يوللىغانىدىم،مەن 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن(شۇ يەر ۋاقتى) 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە لوندوندا ئۆتكۈزىلىدىغان 30-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالتۇن مىدال ئەمەلىي ئەھۋالىي،مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشى،دۆلىتىمىز ماھىرلىرىنىڭ ھەر خىل خوش خەۋەرلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ،مۇنبەر ئەھلىگە سۇنماقچىمەن.
اللە خالىسا سىلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلالىسام ئۆزۈمنى ئالەمچە خۇشال تۇتقان بولاتتىم.
خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 30-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مىلادىيە 2012-يىل 07-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:12 (شۇ يەر ۋاقتى) لوندون دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلىنىدۇ. (ئېچىلىش مۇراسىمى). ۋاقىت پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن ئېچىلىش مۇراسىمى 2012-يىل 07-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:12 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) دە. قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋاقتىدا كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى 1-يۈرۈش،2-يۈرۈش،5-يۈرۈش،7-يۈرۈش،12-يۈرۈش قاناللىرى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ.
لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنڭ پۇتبول تۈرىدىكى 1-مەيدان مۇسابىقە 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 20:00 دە E گۇرۇپپا گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 1-ئايلانمىسى ئەنگىلىيە vs يىڭى زىنلاندىيە. مۇسابىقىنى مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسى 5-يۈرۈش قانىلى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم
پاكزات فىلىم ستۇدىيىسى
2012.07.24
پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى
|
|
|
|
|
|