مىنىڭدە بار سىرلىق ھېكايە،
سىزمۇ بەلكىم بۇرۇن ئاڭلىغان.
جىمى ئەلنى قىلىپ ھەيرانە،
بۇلبۇللاردەك خۇشال سايرىغان.
لېكىن بۈگۈن غېرىپكەن ھالى،
ئالەم كىلەر شۇنداق ئايلىنىپ.
پەقەت پۇلنى كۆرەر كۆزىمىز،
قاپتىكەنمىز قۇلدەك يارىلىپ.
پەقەت پۇلغا ساتتىڭ ھەممىنى،
چىن دوسقىمۇ قىلمىدىڭ ۋاپا.
باشتا ئۇنى يىقىتتىڭ پەملەپ،
ئەمدى كەپتۇ ساڭىمۇ جاپا.
دوستۇڭ كۈلسە تەڭ كۈلەلمىدىڭ،
يا ئۇنۇڭدا بارمىدى ئۈچۈڭ.
تىرىك پېتى يىگۈڭ كىلىدۇ،
گەر ئۇنۇڭغا يەتكەندە كۈچۈڭ.
ھېكايە((2))
بار مىنىڭدە سىرلىق ھېكايە،
ئەمدى بۈگۈن يازاي قانغۇچە.
ئىچى باغرىم تۆكىمەن بۈگۈن،
ئىلھام قۇشى كىلىپ يانغۇچە.
خەلقىم بۈيۈك ئۇيغۇر ئوغلىمەن،
يۇرت ئىشقىدا گۈلخاندەك يانغان.
ھەممە بىزگە ھۆرمەت قىلىشۇر،
چۈنكى خەلقىم ئالدىدا ماڭغان.
كۆپ يىل ئۆتتى كەتتى بوۋىلار،
پەقەت بىزگە قالدى ھىكايە.
شۇلار باسقان مەزمۇت قەدەملەر،
ئەسلەش بىلەن قىلدى كۇپايە.
موزىيلار ئىسىپ ھەممىنى،
ھەيران بۇلۇپ قاراپ كىتىمىز.
بىزمۇ شۇنداق ئىجات قىلمىساق،
نام-نىشانسىز يۇقاپ كىتىمىز.
قالدۇرۇپتۇ كەتمەن-تاغارنى،
شۇنچە بەلەن دەستىلەپ توقۇپ.
يىللار تاشلاپ كەتكەندە بىزنى،
نەۋرەڭ يۈرەر ھېكايە ئۇقۇپ.
قالدۇرمىساق ئۇلارغا دەسمى،
ئۇلار ئادەم بۇلالماس رەسمى.
بىزدىن قېلىپ قانداق قىلىدۇ،
ئۆگەتمىسەك تارتىشنى تەسپى.
مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 08:14 PM