|
|
|
|
شەھەرلەردىكى ئاۋات، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان تۇرمۇشىدىكى رىستۇرانلارنىڭ ھەشەمەتچىلىككە تولغان تويلىرىدىكى زېرىكىپ قالغان تورداشلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ يېزىلىرىمىزدىكى ئاددىي-ساددا ئەمما ناھايىتى قىزىپ كېتىدىغان تويلارنىڭ رەسىملىرىنى سۇندۇق. توي كۆچۈرىدىغان ھارۋا يىگىتنى ساقلاپ ئولتۇرغان مېھمانلار كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىشنى ساقلاپ تۇرغان كېلىنچەك تويى بولىدىغان يىگىت تويغا ماڭغان مېھمانلار، بۇ يەردىكى ئاياللار تويغا بېرىش ئۈچۈن ساتىراشخانىلارغا بېرىپ چاچ ياساتمايدۇ، گىرىم قىلمايدۇ، شۇنداقلا مەخسۇس يېڭى كىيىممۇ كىيمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى تەبىئىي گۈزەللىك بىلەن بۇ تويغا ھېچقانداق بېسىمنى ئۆزىگە يۈكلىمەي، قانغىچە ئويۇن-تاماشا قىلىپ قىلىپ بۇ ئىككى ياشقا بەخت تېلەيدۇ. بۇ يەردە رېستۇرانلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تاماقلىرى يوق، ئەمما بىر قاراشتا ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي يېمەكلىكلىرىمىز تەييارلىنىدۇ. تويدىكى مەشرەپ شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشكەن يىگىت ۋە كېلىنچەك تويدىكى قىززىقچىلىقلار
مەنبە؛ نۇر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 06:53 PM
|
|
|
|
|
|