مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 990|ئىنكاس: 6

بالا دەردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 05:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالا دەردى

( ھىكايە )   

ئابدۇمىجىت  مۇھەممەتئېلى

  يارمەمەت ئاكا سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئازراق ناشتا قىلىۋىلىپلا  بىر پارچە زاغرا ناننى پوتىسىغا يۆگەپ،كەتمەننى ئېلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.ئۇ 5-6 كىلومىتىر يول يۈرۈپ، ئۆز تەۋەلىگىدىكى ئورمانلارنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئورمانلارنىڭ ساق ئىكەنلىگىنى جەزمىلەشتۈرگەندىن كىيىن ئورمانلارغا سۇ كىرىدىغان ئېرىقنىڭ بېشىغا بېرىپ، چوڭ ئۆستەڭدىن سۇ ئايرىپ، ئورمانلارغا سۇ باشلىدى. پىشىم ۋاختى بىلەن ئورمانلار سۇغۇرلۇپ بولدى. ئۇ ئۆيدىن ئېلىۋالغان زاغرا ناننى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان لاي سۇغا چىلاپ،تازا مەززە قىلىپ يېگەندىن كىيىن لاي سۇنى چاڭگاللاپ ئېلىپ، بىر نەچچە ئوتلام ئىچتى.ئاندىن كەتمىنىنى مۆرىسىگە ئېلىپ، بىر خىل رىتىمدا غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

ئۆيدە ئايالى-سانىخان يالغۇز بولۇپ، ئېغىلدىكى قويلارغا ھەلەپ ئېتىۋاتاتتى.

-دولقۇن قېنى؟،-دەپ سورىدى يارمەت ئاكا.

-سىلىگە دورا ئېلىپ كەلگىنى ناھيىىگە كەتكەن،-دىدى سانىخان كىپەك يۇقى قوللىرىنى قېقىۋىتىپ،چۆگۈندىكى سۇدا قوللىرىنى يۇيدى. دولقۇننىڭ يەنە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئاڭلىغان يارمەت ئاكىنىڭ ساقاللىرى تىترەپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. ئەسلىدە بۈگۈن ئۇنىڭ سالامەتلىكى يامان ئەمەس ئىدى. شۇڭا دورا ئىچمىسىمۇ بولاتتى. بىراق دولقۇن دادىسىنىڭ خەۋىرى يوقلا ناھىيىگە كەتكەن ئىدى.يارمەت ئاكا ئاچچىغىدا خوتۇنىغا دىۋەيلەپ كېلىپ:

-ھەي، ئەقلىگە پوق يېگەن خوتۇن، مەن ساڭا نەچچە قىتىم دولقۇننى ئۆيدىن چىقارما دىسەم، سەن نىمىشقا گېپىمنى  ئاڭلىمىدىڭ؟ئۆتكەنكى خاپىلىق بىر دەمدە يادىڭدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟،-دىدى.

-دادىسى، ئىشەك جېنىدا بىر پاتقان يەرگە ئىككىنجى قىتىم پاتمايدۇ. ئۇ ئادەم بولغاندىكىن بۇرنىغا سۇ كىرگەندۇ؟ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمىسىلە.،-دىدى سانىخان.

يارمەت ئاكا تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتۈلۈپ كەتتى. سانىخان بىر تاۋاق چاي ئېلىپ، ئۆيدىن چىقىپ، سۇپىدا ئولتۇرۇپ قالغان يارمەت ئاكىغا تەڭلىدى. بىراق يارمەت ئاكا خوتۇنى ئېلىپ كەلگەن چاينى ئىچمىدى. سانىخا ئارتۇقچە گەپ قىلماي،چاينى ئېلىپ، ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا سىرىتتىن موتىسىكىلىتنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازى ئۆي تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى. ئاۋاز ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە توختاپ ھايال ئۆتمەي، ئىككى ساقچى ئۆيگە  كىرىپ كەلدى. ئۇلار پۇخراچە كىيىنگەن ئىدى. يارمەت ئاكا ئۇلارنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى-دە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغاكىلىپ، قول قوشتۇرۇپ تۇردى.

-يارمەت ياسىننىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ؟،-دىدى سېرىق ئۆڭلۈك كۆك كۆزلۈك بىرسى قولىنى شىلتىپ.

-ھەئە، مەن شۇ ،-دىدى يار مەت ئاكا.

-سەن دولقۇننىڭ دادىسىمۇ؟،-دىدى يوغانباش يەنە  بىرسى.

-شۇنداق دىدى ،-يارمەت ئاكا كۈلۈمسىرەپ.

-بىز ناھىلىك ج.خ ئىدارىسىدىن كەلدۇق. ئوغلۇڭ يەنە ئوغۇرلۇق گۇمانى بىلەن ئىدارىمىز تەرىپىدىن تۇتۇلدى. شۇڭا بىز دولقۇننىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، بۇ يەرگە كېلىۋىدۇق،-دىدى.بۇنى ئاڭلىغان يارمەت ئاكىنىڭ جان-پىنى چىقىپ كەتتى. «ھەي ئىسىت!ھەي ئىسىت!»مەن بىر بالا چوڭ قىلدىم دەپ، بالانى چوڭ قىلغان ئىكەنمەن-دە!ئۇ يەنە ئوغۇرلۇق قىپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئىشەك جېنىدا بىر قىتىم پاتقان يەرگە ئىككىنچى قىتىم پاتمايدۇ،دىگىنى نەدە قالدى؟

   ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى: بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى يارمەت ئاكىنىڭ يالغۇز ئوغلى-دولقۇن ناھيە بازىرىدا بىر ئادەمنىڭ بازاردىن سېتىۋالغان بىر خالتا بۇغدىيىنى ئوغۇرلاپ، ئاشلىق بازىرىغا ئاپىرىپ، سېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ، ناھىيىلىك ج.خ ئىدارىسىدا بىر ئاي توختۇتۇلۇپ قويۇلغان ئىدى. شۇندىن كىيىن يارمەت ئاكا دولقۇندىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆيدىن ھېچيەرگە ماڭغۇزمىغان ئىدى. بىراق يارمەت ئاكىنىڭ ئۆيى چوڭ كوچا مەھەللىسىدىن 6-7 كىلۇمىتىر يىراقلىقتىكى ئورمان مەيدانى ئىچىدە بولۇپ، ئەتراپتا كۈنلەپ-كۈنلەپ بىرەر ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايتى. دولقۇن بولسا ئۆزى يالغۇزچىلىقتا زىرىكىپ كىتەتتى. شۇڭا ئۇ بۈگۈن دادىسىنىڭ سەھەردە ئۆيدىن چىقىپ، كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دادىسىغا دورا ئېلىپ كىلىش باھانىسىدا ناھيىىگە كەتكەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيىگە يانا ساقچى كەپتۇ.يارمەت ئاكا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ، ساقچىلارنى سۇپىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى-دە، ئۆيدىن يوغان بىر تاۋۇزنى ئېلىپ چىقتى. ئۇ تاۋۇزنى پىچىپ، ساقچىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ساقچىلار تاۋۇزغا نەزەر-گۈزىرىنى سېلىپ قويماي، ھويلىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغىلى تۇردى. يوغانباش بىرسى يارمەت ئاكىغا: -بۇ قىتىم يەنە جەرىمانە تۆلەيدىغان بولدۇڭلار،-دىدى.

-قانچىلىك تۆلەيمەز،سوجاڭ؟،-دىدىيارمەت ئاكا.

-بۇقىتىم بەش مىڭ يۇەن تۆلەيسىلەر،-دىدى كۆك كۆزلۈك بىرسى.

-ئاھ خۇدا، ئورمان مەيدانى بەرگەن ئازغىنە يىللىق ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇشنى ئاران قامداپ كىتىۋاتقان بۇ ئائىلىدە بەش مىڭ يۇەن پۇل نىمە ئىش قىلسۇن؟

-مەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلاي، غوجىللىرىم. ماڭا 2-3 كۈن مۆھلەت بىرىشكەن بولسىلا.

  -ياق، بولمايدۇ!چوقۇم بۈگۈنلا تاپشۇرىسەن!،-دىدى يوغان باش يارمەت ئاكىغا گۆلىيىپ ،-بولمىسا، ئوغلۇڭ 15 كۈنلۈك كېسىلىپ كېتىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان يارمەت ئاكىنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمىدى. ئۇ ئالدىراپ-تىنەپ:

-بولىدۇ،بولىدۇ. مەن بۈگۈنلا تەييار قىلاي،-يارمەت ئاكا يۈگىرەپ بېرىپ ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىدا تۇرغان كالىسىنى يەشتى-دە، ھازىرلا ئەكىلىمەن دەپ قويۇپ، سىرىتقا ماڭدى. ئۇ چوڭ يولنىڭ بويىغا چىقىپ، ئالدىغا بىرەر خېرىدار ئۇچرىسا، كالىنى سېتىۋەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇنىڭ تەلىيىگە ئالدىغا ھېچقانداق ئادەم ئۇچرىمىدى. ئۇ ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا كالىنى يېتىلەپ ئۆيگە قايتىپ كىردى. يارمەت ئاكىنىڭ كالىنى ساتماي كىرگەنلىگىنى كۆرگەن ساقچىلارنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى.

-كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟،-دىدى يوغان باش.

-شۇ..شۇ...ئالىدىغان ئادەم چىقماي...،-دىدى يارمەت ئاكا دۇدۇقلاپ.

-ئۆيۈڭدە نەخ پۇل يوقمىدى؟،-دىدى كۆك كۆز ساقچى.

-ئازراق بار ئىدى.

-قانچىلىك  بولسا، شۇنچىلىك  ئېلىپ چىق!،-دىدى يوغان باش.

  يارمەت ئاكا ئۆيگە كىرىپ، پارچە-پۇرات پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ، ئىككى مىڭ يۇەن تەييارلاپ چىقتى-دە، ساقچىلارغا ئۇزاتتى. يوغان باش پۇلنى ساناپ كۆرۈپ:

-ئاران مۇشۇنچىلىكمۇ؟،-دەپ سورىدى.

- بارى مۇشۇكەن، سوجاڭ،-دىدى يارمەت ئاكا.

-قالغىنىنى ئەتىدىن قالدۇرماي چوقۇم تەييارلاپ قوي،بىز ئەتە يەن كېلىمىز،-دىدى كۆك كۆز. يوغان باش پۇلنى سومكىغا سالدى. ئىككىسى يارمەت ئاكىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، موتسىكىلىتقا مىنىپ، ھەش-پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى. شۇ كۈنى كىچىسى يارمەت ئاكا زادىلا كۆز يۇممىدى. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن توختاپ قالغان يۆتىلى يەنە قوزغالدى. ئەتىسى ئەتتىگەندە يارمەت ئاكا ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن،كالىسىغا خېرىدار تاپماقچى بولۇپ، ئىشىكتىن چىقىشىغا بىر كىچىك جىپ ئاپتۇمبىل ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. يارمەت ئاكىنى يەنە قورقۇنىچ باستى. «ئەستا! بۇلار يەنە بىر دەمدىلا كەپبوپتۇ-ئەمەسمۇ؟» ساقچى پورمىسى كەيگەن ئىككەيلەن ئاپتۇمبىلدىن چۈشتى-دە، يارمەت ئاكىدىن: -سىللى، يارمەت ئاكا بولامدىلا؟،-دەپ سورىدى.

-شۇنداق، -دىدى يارمەت ئاكا،- مەن كالامنى ئالىدىغان  خېرىدار ئىزدەپ چىققان. كالامنى ساتالىساملا سىلەرگە پۇلنىڭ چالىسىنى بېرىۋىتىمەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساقچىلار ھەيران قالدى. ساقچىلارنىڭ بىرسى:

-بىز سىلىدىن پۇل تەلەپ قىلىپ كەلمىدۇق،موھىم بىر ئىشنى خەۋەر قىلغىلكى كەلگەن.

-نىمە ئىش؟،-دىدى يارمەت ئاكا ئەجەپلىنىپ.

-تۈنۈگۈن دولقۇن ناھيە بازىرىدىن كېلىۋىتىپ، سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدىكى ئورمانلىقتىن ئۆتكىچە، بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىككى لۈكچەك بىلەن ئېلىشىپ، ئېغىر يارىلانغان. لۈكچەكلەر قولغا چۈشتى. دولقۇن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.

-نىمە؟،-دىدى يارمەت ئاكا تېخىمۇ ھەيران بولۇپ.

-تېخى تۈنۈگۈنلا ئىككى ساقچى ئۆيۈمگە كېلىپ، ئوغلۇڭ ئوغۇرلۇق قىلدى دەپ، مەندىن ئىككى مىڭ يۇەن جەرىمانە ئېلىپ كەتتىغۇ؟تېخى بۈگۈن يەنە كىلىپ، ئۈچ مىڭ يۇەننى ئېلىپ كەتمەكچى.

-نىمە؟،-دىدى بىر ساقچى چۈچۈپ،-ھېلىقى يالقۇن بىلەن جۈرئەت دېگەن ئالدامچى كاززاپلار سىلەرنى ئالداپ كىتىپتۇ-دە!

-نىمە؟ ئۇلار ساقچى ئەمەسمۇ؟،-دىدى يارمەت ئاكا.

-ئۇلار ساقچى ئەمەس،-دىدى بىر ساقچى،-بەلكى، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ناھىيىمىز تەۋەسىدە كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يۈرگەن نىمىلەر ئۇ!ئۇلار بىر قانچە قىتىم تۈرمىگە كىرىپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا تۈزەلمەي، كونا كەسپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ يۈرۈيدۇ. بىر ساقچى سومكىسىدىن ئىككى مىڭ يۇەن پۇل چىقىرىپ، يارمەت ئاكىغا بېرىپ:

-بۇ دولقۇن زىيانكەشلىكتىن ساقلاپ قالغان ھېلىقى قىزنىڭ ئائىلسىدىكىلەرنىڭ سىلەرگە بىلدۈرگەن رەخمىتى.،-دىدى. شۇ تاپتا رەخمەت ئاكىنىڭ كۆڭلى بۆلەكچىلا بولۇپ، ھاياجىنىنى باسالمىدى.

-ھېلىقى كاززاپلار تۇتۇلارمۇ؟،-دىدى يارمەت ئاكا.

-ئەلۋەتتە تۇتۇلىدۇ،دىدى بىر ساقچى،- ھازىر بىز  ناھيە بويىچە تورنى كەڭ يېيىپ، بۇ كاززاپلارنى تۇتۇشقا ئاتلاندۇق. بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇ كاززاپلارنى تۇتۇۋالساق، سىلەردىن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىمىز.

ساقچىلار يارمەت ئاكىغا تىزدىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كېلىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئاپتۇمبىلغا چىقىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە غايىپ بولدى. يارمەت ئاكا يېڭى كىيىملەرنى كېيىپ، خوتۇنىنىمۇ جابدۇتۇپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كىلىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدى.

ئاپتۇر- قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى

  2012-يىلى 15-ئىيۇن يېزىلدى.قەشقەر     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 01:41 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 05:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرتىپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋاللار ،شۇبداقار يەنە بىر قىسىم يامان يولدا ماڭىدىغان تاپتىن چىققان نان قېپىلار  پۇل-مال دۇنيا ئۈچۈن ھەر خىل قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىدىغان ئىشلار بار. بۇ ھىكايە جەمىيەتتە بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىر قىسمىغا كىرىدۇ. تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 06:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچى بالام ،بالام،بالام دەپلا ئۈتەمدىكىن دەيمەن،ئىشقىلىپ ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئاتا ئانىلارمۇ يوقتۇ؟ئاتا ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنى دەپ قىلمىغىنى ئاز قالىدۇ،بەزى بالىلار ئۇلارنى بىر ئۆمۈر قاھشىتىپلا ئۆتىدۇ،بەزى بالىلار ھەقىقەتەن پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،ئاتا ئانىمىز بىزنى بىر ئۆمۈر باقسىمۇ بىزدىن ئارتۇق نەرسە تىلىمەيدۇ،پەقەت بىزنى ياخشى ئادەم بولسىكەن،خەخنىڭ قولىغا قاراپ قالمىسىكەن،بەختلىك بولسىكەنلا دەيدۇ،بىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن كىچىككىنە ئىشىمىزمۇ ئۇلارنى ئالەمچە رازى قىلىدۇ،بىز ئۇلارنى قاھشاتساقمۇ بىزدىن قاھشىمايدۇ،ئاللا ھەممە پەرزەنتلەرگە ئىنساپ بەرگەي.....

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 07:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئىككى ساقچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ راست ئوخشايدۇ دەپ ئەرۋاھىم قىرىقگەز ئۇچقان، كۆڭلۈمگە يارىشا ئۇلار ئالدامچى بولۇپ چىقتى،.

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3684
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 08:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىلغۇ دەردى بىر يىللىق ، بالا دەردى مىڭ يىللىق .
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنى ئوقۇپ ئىنكاس يازغان تورداشلارغا رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:56:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلەرگە نېمە دېگۈلۈك .... مۇشۇنداق ئەندىشىدە ئۆتۈۋاتقان ئائىلە باشلىقلىرىدىن قانچىلىك باردۇ ....؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش