«چۆلگە كەلگەن مىھمان» فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1995-يىلى ئىشلىگەن) سىنارىست-لېي جىجاۋ.رىژىسۇر-گۇاڭ چۈنلەن. ئاساسلىق روللاردا سەلىمە- خۇرشىدە تۇردى. پەرھات-ئەنىۋەر ئابلا ھېيىت ئەنىۋەر-ئابلىز ئابدۇرىشىت قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: شەھەرلىك تۇل ئايال-سەلىمە شەھەرنىڭ ئاۋات تۇرمۇشىدىن قول ئۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ قەدىمى ئىنتايىن ئاز يېتىدىغان بىر چۆلدە بىر ئاشخانا ۋە مىھمانخانا ئاچىدۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئاشخانىغا قاۋۇل، ئەمما جىمغۇر بىر يىگىت كىلىپ ئۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ بېرىدۇ. سەلىمەنىڭ ئىشچانلىقى بىلەن بۇ ئاشخانىنىڭ تىجارىتى بىردىنلا روناق تېپىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. بىر كۈنى بۇ يەرگە بىر ساقچى باشلىقى كېلىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان ھېلىقى ياش غايىپ بولىدۇ.ساقچى بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ھېلىقى يىگىت يەنە پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يوشۇرۇن ھەركىتى سەلىمەدە گۇمان تۇغدۇرغان بولسىمۇ، لىكىن بارا-بارا سەلىمەدە بۇ يىگىتكە نىسبىتەن مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. سەلىمەنىڭ يولدىشى- ئەنىۋەرئەسلى گىيۇلۇگ خادىمى بولۇپ، بىر قىتىملىق چۆل-باياۋاندىكى تەكشۈرۈشتە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. سەلىمە يولدىشىنى ئەسلەپ، باشقا گىيۇلۇگ خادىملىرىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ چۆلدە ئاشخانا ئېچىشنى توختۇتۇپ قويمايدۇ. كۈتمىگەن يەردە سەلىمە ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى رام قىلىۋالغان بۇ يىگىت سەلىمەنىڭ يولدىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قاتىل بولۇپ چىقىدۇ. ساقچىلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرى پەرھاتنى تېپىپ، ئەنىۋەرنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ ھۆكۈم قىلىپ، پەرھاتنى قولغا ئالىدۇ. بۇ فىلىم گىيۇلۇگ خادىملىرىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم بولۇپ، ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىشى تەبىئى، ۋەقەلىكى جىددى بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىر قىتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 25-ئىيۇن يېزىلدى.قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 06:23 PM
|