قېرىندىشىم سىزمۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ
جەميەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن،تۇرمۇشىمىز كۈنسايىن ياخشىلنىپ،ھەممىمىزنىڭ ئېستىمال سەۋيىمىز ئېشىپ،ئاددى يىمەكلىكلەرنى ياراتمايدىغان،ئالدىمىزدا بىر ئۈستەل تائام تۇرسىمۇ <<يىگۈدەك نەرسە يوق>> دەپ ۋايسايدىغان ھالەتلەر شەكىللەندى.
قېرىندىشىم: ئەجىبا سىز مەن ئويلاپ باقتىقمۇ؟دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردا ئۇرۇش مالمانچىلىقى بىلەن،يىگۈدەك نەرسىسى يوق ئاچارچىلىق دەردىنى تارتىۋاتقانلارنى...ئاخشام تىلۋېزوردىكى خەۋەردە ،مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردىكى ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتكەنلەرنى،يەنى ئۇرۇش تۈپەيلى رامزان ئېيىدا قىممەت بولسىمۇ يىمەكلىكنىڭ يوقلىقىنى سۆزلەپ كۆزلىرىگە تاراملاپ ياش ئالغان ئادەمنى.كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلىرىم ئاقتى...مانا مۇشۇلارمۇ ئۇرۇش ئۇتىنىڭ ئىسلىرى ئاستىدا يەنە تۇرمۇش كەچۇرمىسە بولمايدۇ.ئۇلارنى ئاچارچىلىق ھەرقانچە قىينىسىمۇ قەلبىدىكى ئىمانى بىلەن ،دۈشمەنگە بويسۇنماي ئاللاھقا سېغىنىپ ياش تۆكىدۇ.
قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ ،بىز تۇرغان بۇ زىمىنغا مول نازۇ نىممەتلەرنى ئاسايىشلىق كۈنلەرنى تەقدىم قىلسۇن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى كۈن ھېلىمۇ ئىسىمدىن كەچمەيدۇ.
ئۇ كۈندە دۇكانلار خۇددى پۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغاندەك قۇرۇغدىلىپ قالغان بۇلۇپ،ھەتتاكى مىنرال سۇلارغىچە قالمىغان ئىدى.ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلمىدى. ئاللاھ ،بۇ زىمىنغا رەھمىتىنى ياغدۇرۇپ،بىزگە ئاچارچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىتمىدى.
كۈنلىرمىز بارغانچە ياخشىلىنىپ،بىر ۋاخ تاماققا نۇرغۇن ئىقتىسات سەرىپ قىلىپ يەيدىغان بولدۇق.بىزمۇ ئەمدى شۈكرى قانائەتلىك بۇلايلى...ئاللاھ بۇ زىمىنغا رەھمىتىنى تېخىمۇ ياغدۇرسۇن!ھەربىر مۇسۇلمان دوس يارەنلىرى بىلەن ئىناق-ئىتپاق بۇلۇپ،ئاتا-ئانىسقا ۋاپادارلىق يەتكۈزسۇن!
مەنبە قەلىمىم