ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ھەربىرىڭىزلەرگە خاتىرجەملىك نېسىپ بولسۇن!
ئۇيغۇر تىلىم
بارچە تىللار ئاراسىدا، كۆكتە چولپان ئۇيغۇر تىلىم،
دىلخانىلەر پادىشاھى، ئورنى ئاسمان ئۇيغۇر تىلىم،
دۇنيالارنى بىلىشكە ھەم ،يولنى ئاچقان ئۇيغۇر تىلىم،
قەلبداشقا مۇھەببەتتىن، ئۇرۇق چاچقان ئۇيغۇر تىلىم،
گۈزەللىكتە قەلىبلەرگە، خويمۇ ياققان ئۇيغۇر تىلىم.
تۈرەلگەندە بۇ زىمىنغا ،سېنىڭ بىلەن جاكار سالدۇق،
كۈلكىمىزنى قايغۇمىزنى، بىماللا بايان قىلدۇق،
ياشاش ئۈچۈن كۈرەشلەردە، بىزمۇ بار دەپ داۋراڭ سالدۇق،
ئۆتمۈشلەرگە، تارىخلارغا ،ئۆچمەيدىغان ئىزلار سالدۇق؛
ئۆزلۈكنى ھەم دۇنيالارغا، كەڭ تاراتقان ئۇيغۇر تىلىم.
پەخىرلىنىپ ماختىناتتىم ،بىزگىلا خاس بولغاچ تىلىم،
سېنىڭ بىلەن ياشاپ كۈلگەن، ھەريان خۇشال ياڭراپ سازىم،
ئۈگەنگەنتۇق سىر ھېكمەتنى ،بولغاچقا سەن ئانا تىلىم،
سەن بولغاچقا قەددىمىز تىك ،كۆڭۈللەر توق، ئەمەس يېرىم،
سېنىڭ بىلەن بىز مۇقامنى ،ھەم ياڭراتقان ئۇيغۇر تىلىم.
جاھان ئەھلى ئالدىدا كەڭ، بىزلەرگە شان شەرەپ بەرگەن،
شۇ قاراڭغۇ دىللارغا ھەم ،نادانلارغا ئەقىل تەرگەن،
سېنىڭ بىلەن ئوڭ سولنى ھەم،توغرا خاتا يولنى سەزگەن.
جاھالەتمۇ زالالەتمۇ،سەن بولغاچقا بىزدىن بەزگەن،
دەۋر بىلەن «تەڭ ماڭالماي»،چېنىپ قالغان ئۇيغۇر تىلىم.
ئۇنۇتمىغىن ئۆتكەن كۈننى ،قۇرۇتمىغن چۇرۇقنى ھەم،
دەيمىز لېكىن يىراقلاشتۇق،«ئەڭگۈشتەر»دىن بىز مۇشۇ دەم،
قىلالمىدق قەدرىنىمۇ،بولغاچ بىزنىڭ ئەقلىمىز كەم،
دۈچ كەلگەندە خىرسلارغا ،چۈشتى باشقا تۈمەنمىڭ غەم،
ئەمدىلىكتە بوينىنى ھەي!!!! قىسىپ قالغان ئۇيغۇر تىلىم.
نە سەۋەپتۇر كۆز تەگدىمۇ،بىلەلمىدىم ھەيرانىمەن،
شۇ تىلىمنى ،شۇ گۈلۈمنى ،ئىزدەپلا مەن ۋەيرانىمەن،
زەپ كۆيۈشكەن شۇ يارىمنى، ئىزدەپ يۈرۈپ سەرسانىمەن،
تىل ئىشقىدا كۆيگەنلەرگە، بولار ئىدىم غەمخانە مەن،
ھەمرا چىقىپ «قوش»ماق لىشىپ، غېرىپ بولغان ئۇيغۇر تىلىم.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 02:36 PM