ئـۆچ
(سۆز ئويۇنى)
سوپى - ئىشان ناخشىغا ئۆچ .
دوختۇر - تىۋىپ باخشىغا ئۆچ .
جىنايەتچى ساقچىغا ئۆچ .
ئاقكۆڭۈل يالغانچىغا ئۆچ .
تەمەخور ئالدامچىغا ئۆچ .
قاغا كەپتەرگە ئۆچ .
ھاكاۋۇر كەمتەرگە ئۆچ .
چاشقان مۈشۈككە ئۆچ .
سېۋەتچى يەشىككە ئۆچ .
رەسسام ئۆچۈرۈشكە ئۆچ .
مۇئەللىم كۆچۈرۈشكە ئۆچ .
ئىنسابلىق ھارامغا ئۆچ .
بىلىملىك قارامغا ئۆچ .
بۇلبۇل پاقىغا ئۆچ .
بېشەم خۇتۇن ياقىغا ئۆچ .
تېلىۋېزور چاقماققا ئۆچ .
قانۇن چاقچاققا ئۆچ .
يەر-زىمىن تىرىكتاپقا ئۆچ .
ئەل-جامەئەت نەشىگە ئۆچ .
ئوغرى چاشقان شېشىگە ئۆچ .
قۇياش بۇلۇتقا ئۆچ .
مېۋىلىك دەرەخ قۇرتقا ئۆچ .
قەلەندەر قۇلۇپقا ئۆچ .
جىنكەش قۇرئانغا ئۆچ .
غەيۋەتخور گۇمانغا ئۆچ .
ئاچكۆز ساخاۋەتكە ئۆچ .
پۇرسەتپەرەس ئادالەتكە ئۆچ .
ئۇرۇق-تۇغقان يىراقلىققا ئۆچ .
بۆلگۈنچى ئىناقلىققا ئۆچ .
ئىقتىسادچىل ئادەم ھەشەمەتكە ئۆچ .
غۇرۇرلۇق ئادەم خوشامەتكە ئۆچ .
راخمانجان كامىل
(پەيزىۋات ناھىيلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)
مەنبە: <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>> ژۇرنىلى 2010-يىللىق 3-سانى 48-بەتتىن ئېلىندى.
قېنى مۇنبەرداشلار بىزمۇ داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى ...