دېھقان ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، ئالدى بىلەن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
تۆۋەندە مەن بىر دىېھقان ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلىمەن. بۇ ئىشنى ھەل قىلىش يولىنى بىلدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىنى ئايماي، مەسلىھەت كۆرسىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئالىمجان جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت ناھيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بالا. تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ئالى مەكتەپكە بىر نەچچە نۇمۇر كەملەپ قېلىش سەۋبى بىلەن بارالمغان. كىچىكىدىنلا چېچەن، ئەدەپلىك، خۇش پېئىل، ئاق كۆڭۈل، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۇيغۇر مىللى چالغۇلىرىنىڭ بىر نەچچە خىلىنى بىمالال چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان جۇشقۇن چوڭ بولغان ئالىمجاننىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش جاپاكەش دېھقان بۇلۇپ مۇشۇ پېتىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە چىدىماي، ئۇنى ياخشىراق كۈن كۆرەرمىكىن دېگەن ئۈمدىتتە تۇرپاندىكى مەلۇم بىر قوغداش خادىملىرىنى تەربىيلەش مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئالىمجان بۇ مەكتەپتىن لاياقەتلىك كېنىشكىنى ئالغاندىن كېيىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر ناھيىسىدىكى توقۇمچىلىق زاۋۇتىدا قوغداش خادىمى بۇلۇپ ئىشلەش جەريانىدا توي قىلغان. كېيىنكى يىلى بالىسى تۇغۇلغاندا كۆپرەك پۇل تېپىپ ئائىلىسنى بېقىش ئۈچۈن شىخەنزىگە بېرىپ بىر زاۋۇتتا ئىشلىگەن.
مەلۇم بىر كۈنى ئالىمجان زاۋۇتتىكى خىزمەتدېشى بىلەن بىرگە خىزمەتدېشىنىڭ ئاكىسى ئاچقان ئاشخانىغا تاماققا كىرگەن. شۇ جەرياندا خىزمەتدېىشىنىڭ ئاشخانىسىغا سرىتتىكى يەنە بىر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كىرىپ جىدەل چىقىرىپ، جوزا- ئورۇندۇقلارنى چاققان، ئاشخانا ئىگىسىنىمۇ ئۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتدېشى بىر قانچە ئاغىينىسىنى چاقىرغان ۋە <بىز ئۇرۇشمايمىز، پەقەت دىيىشىدىغان گەپ بار> دەپ ئالىمجاننىمۇ بىللە بېرىشقا ئۈندىگەن. ئالىمجان بىللە بارغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇرۇشۇپ كەتكەن. ئالىمجان ئۇلارنىڭ جىدىلىگە قېتىلمىغان ھەم ئىشنىڭ چوڭيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى توسقان. كېيىن جىدەل ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن تاراپ كەتكەن. ئالىمجانمۇ زاۋۇتقا قايتىپ ئىشقا چۈشكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى ساقچىلار كېلىپ ئالىمجاننى تۇتقان. ئەمەلىيەتتە قارشى تەرەپ يارلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان بۇلۇپ، زىيانلانغۇچىنى ھەقىقى ئۇرغانلار قېچىپ كەتكەن. ھېچىنىمدىن خەۋەرسىز بىخارامان يۈرگەن ئالىمجان تۇتۇلغان. ئاشخانا خوجايىنى باشقىلار قېچىپ كەتكەچكە، پۇل تۆلېتۋېلىش ئۈچۈن ئالىمجانمۇ مېنى ئۇردى، دېگەن.
ئالىمجان ئۇرمىدىم دېسىمۇ ساقچىلار ئىشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئالىمجان پەقەت بىرنى ئۇردۇم، دېگەن. ئۇ كۆڭلىدە: بۇنداق دېگەنگە ئانچە چوڭ ئىش بولماس، بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىم مۇمكىن، دەپ ئويلىغان.
ئەمما ئىش مۇشۇ بىرنى ئۇردۇم، دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان. سوت ئالىمجاننى 1 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
بۇ سوتتا ئالىمجانغا ئاقلىغۇچى ئاۋدۇكات بولغان بىرى (ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم ئاۋدۇكاتلىق ئورنىدىن) 5000يۈەن ئالغان. سوتتىن كېيىن ئالىمجاننىڭ داسى قادىرنىڭ (65ياش) بالىغا پەقەتلا چىدىماي ئازاپلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادۋۇكات قادىرغا تېلفۇن قېلىپ ئەگەر 8000مىڭ يۈەن بەرسە ئالىمجانغا بېرىلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقى، ھىچ بولمىسا سىرىتتا ئىجرا قىلىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىقان. قادىر ئۆيدىكى ئۆپكە تۇبىركىليۇز كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئايالىنى (60ياش) داۋالىتىش ئۈچۈن تەقلىگەن 10مىڭ يۈەندىن 8000يۈەننى ئادۋۇكاتقا بەرگەن. ئادۋۇكات 4000يۈەننى ئىش ئورنۇمغا تاپشۇرىمەن، دەپ ھۆججەت يازغان، قالغان 4000يۈەننى ئۆزۈمگە خىراجەت قىلىمەن، دەپ ھۆججەت يازمىغان. كېيىن ئارلىقتا يەنە تېلفۇن قىلىپ 4000يۈەن ئالغان (مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى كىشلەرگە خەجلەيمەن، دەپ). ئەمما، بىر قېتىىمۇ ئالىمجان بىلەن كۈرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللىگىلى بارمىغان. قادىر سۈرۈشتە قىلسا، ئاۋال سىلەر سوتتىن سۈرۈشتە قىلىپ، ماڭا ۋاقتىنى ئۇقتۇرۇڭلار، مەن سوتتىقىلا بارىمەن. دەپ مەيلى قادىر بولسۇن، مەيلى ئالىمجان بولسۇن، ھېچقايسىسى بىلەن باھانە كۆرسىتىپ يۈز تۇرانە كۆرۈشكىلى ئۇنمىغان. قادىر تېلفۇن قېلىپ سۈيلەپ تۇرغاندىن كېيىن 200يۈەن پۇل ئېلىپ (قاتناش چىقىمى) دەپ، بىر قېتىم كۆرۈشكەن. ئۇندىن باشقا پۇلنى ئېلىپلا ئۆزىنى زادىلا كۆرسەتمىگەن. 2- قېتىملىق سوتتا ئوخشاشلا بۇرۇنقى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان. ئادۋۇكات يەنە نارازىلىق ئەرىز سۇندىغانلىقى، 3- سوتتا چوقۇم ھەل قىلدىغانلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. قادىر پۇل بەرمەي دېسە بالىغا ۋە ئىلگىرى خەجلىگەن پۇلغا ئىچى ئاغرىغان. پۇل بېرەي دېسە يېنىدا پۇل قالمىغان، شۇڭا، يۇرىتتكى بىچارە ئاغرىق ئانا كىشلەردىن پۇل سوراپ ئەۋەتكەن. ئادۋۇكات ئاخىرقى 2000يۈەننى ئېلۋېلىپلا قارسىنى كۆرسەتمىگەن. ھەتتا 3- سوتقا قاتناشمىغان. سوت ئادۋۇكات بىلەن ئالاقىلاشالمىغان. قادىر تېلفۇن قىلسا ئۆزىنىڭ قەشقەرگە ماڭغانلىقىنى سوتقا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىقان..........
قادىر بىر دېھقان، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىسى. ئۆيدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يوق. ئاتمىشتىن ئاشقان ئادەم كېلىنى ياشقا توشمىغان نەۋرىسىنى يىتلەپ ئۈرۈمچىدە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەن. ھەتتا تاماق يەيدىغانغا پۇل يوق ئاشخانىلاردا پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلغان. ئۆيدە ئېغىر كېسەل ئانا ھۆرىخان ئارا كۈندە بىر قان تۈكۈرۈپ نىمجان ياتقان. ئەمگەك كۈچى يوق يەرلەر تېرىقسىز قالغان. بىر ئائىلە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. بىر ئادۋۇكات- ياق بىر ئالدامچى، قانۇننى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، بىز بىلەن ئوخشاش بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئاشۇ ھالدىكى دېھقاننى قاقتى- سوقتى قىلىپ ئالدى كەينى بۇلۇپ 18مىڭ يۈەندەك پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. قادىر، كېلىنى، ياشقا توشمىغان كىچىك بالا قاتالىقلارنىڭ چىقىمى بۇلۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ بۇ جەريانىدا تارتىقان زىيىنى 30مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ئادۋۇكاتنىڭ بۇ قىلمىشى، بۇ پۇللارنى ئالداپ ئېلۋېلىشقا كىرەمدۇ؟ ئۇ قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر دېھقاندىن قايتا- قايتا پۇل تەلەپ قىلىپ ئېلىشى قانۇنسىز قىلمىشمۇ- ئەمەس؟
سوت ئېچىلغان جاي شىخەنزە شەھرى، ئادۋۇكاتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۇنداقتا ئادۋۇكاتنىڭ قىلمىشى قانۇنسىز قىلمىش بولسا قادىر قەيەرگە ئەرىز قىلىشى كېرەك؟ مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەردىن خەۋەردار تورداشلارنىڭ مەسلىھەت بىرشىنى سورايمىز.
ئەسكەرتىش: يۇقاردىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلدىغان تورداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- تۈزۈملەردىن خەۋەرسىز يولداشلارنىڭ يۇقاردىكى دېلودىكى كىشلەرگە قالايمىقان باھا يازماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 10:51 AM