مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 12

قوشنىلار ئىناقلىقىغا مىتە چۈشمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 09:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوشنىلار ئىناقلىقىغا مىتە چۈشمىسۇن

بايىنغۇلىن رادىيو- تېلىۋېزىيە ئىستانىسسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم

بىز ھازىرغىچە ھەرقانداق جايدا قوشنىلار ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ مول بولغان قوشنىلار مەدەنىيىتىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ كەلدۇق. شۇڭىمۇ خەلقىمىزدە «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى»،«قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،بولمىسا بۆلەك بول» دىگەندەك ماقال-تەمسىللەر كەڭ تارقالغان.
بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ۋە شەھەرلىشىشنىڭ ئۇچقاندەك تېزلىشىشى بىلەن شەھەرلەردىن شەھەر ئەتىراپلىرىغىچە ، ھەتتا يېزا مەيدانلارغىچە كىشلەر ئىگىز بىنا ياكى ئادەتتىكى بىنالارغا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يېڭىدىن-يېڭى قوشنىلارغا ئىگە بولدى. يېقىندا بىر تونۇشۇمدىن قوشنىلار ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئاڭلاپ قالدىم.
مەلۇم مەھەللىدە ئاستى-ئۈستى ئولتۇرىدىغان قوشنىلار ئازارلىشىپ قاپتۇ. سەۋەبى، ئۈستىدە ئولتۇرىدىغان قوشنىنىڭ بىر كەپسىزرەك 7 ، 8 ياشلىق ئوغلى بولۇپ، بۇ ئوغۇل كۈندۈزىغۇ ئاراملىق بەرمەيدىكەن، يەرگە بىر نەرسىلەرنى خالىغانچە ئېتىۋاتقان ، ئورۇندۇقلارنى سۆرەپ غەلىتە ئاۋاز چىقىرىۋاتقان ، بىردەم بولسا ئاڭلاپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان غەلىتە ناخشىلارنى يۇقۇرى ئاۋازدا قويۇۋالىدىكەن، ئىشقىلىپ بەكلا تىنىمسىز ئىكەن . بۇ ئاز كەلگەندەك ھەر كۈنى ئاخشىمى سائەت 11 ، 12 لەرگىچە شارەكچە ئويناپ ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەرنى پەقەتلا ئۇخلاتماپتۇ. ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر ئۆز قوشنىسىغا چىرايلىققىنە ئۆزلىرىنىڭ توختىماي چىقىۋاتقان تاراق -تۇرۇق ئاۋازدا پەقەتلا ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئوغلىغا تەربىيە قىلىشنى ئېيتىپتىكەن. ئۇلار بەكلا خاپا بولۇپ، بۇ ئۆينى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋالغانلىقىنى، شۇڭا نىمە قىلسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قوشنىسنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتىپتۇ.
نۆۋەتتە، ئۆزىمىزگە ئوبدان نەزەر سالساق بەزى جايلار ، بەزى مەھەللىلەردە ھەتتا يېزىلارغىچە بەزى قوشنىلار مۇناسىۋىتىنىڭ خېلىلا سۇسلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆز-ئارا تاماق سۇنۇش ئەمەس ئۇلۇغ ھېيىت -ئايەملەردىمۇ بىر -بىرىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ ھېيتلاشمايدىغانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز. قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئوبدان بىلىدىغان بىر مەھەللە بار، بۇ مەھەللىگە قاچان ياسالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەسكى كونىراپ كەتكەن ئورۇنداقلار قاتار قىلىپ قويۇپ قويۇلغان ئىدى. بىر تۇنۇشۇمدىن ئاڭلىشىمچە، بۇ ئورۇندۇقلاردا بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇپ زىرىككەن قوشنىلار كۈندە نەچچە سائەتلەپ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردىكەن. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قوشنىلار كۆپ پاراڭلاشسا ياخشى ئەمەسمۇ دەپتىمەن مەن ئۇ تۇنۇشۇمغا.
-ساڭا دىسەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرىدە قوشنىلار ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان مىتە بار.
تونۇشۇمنىڭ سۆزلىرىدىن بەزى قوشنىلارنىڭ دائىملا قوشنىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەزى ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ دائىملا داۋالىنىدىغانلىقىنى،  كېچىسى قانچە قېتىم يۆتىلىدىغانلىقىنى سۆز چۆچەك قىلىشسا ، يەنە بەزى قوشنىلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆز تېمىسى قىلشىدىكەن. ھەتتا بەزىدە مەرھۇملارنىڭ يامان گەپلىرىنىمۇ قىلىشىپ قويىدىكەن. ئاغىرىق بولسا ئۆز ۋاقتىدا داۋالىتىش، شارائىت يار بەرسە چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، نىكاھ تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا مىجەزى كېلىشەلمىسە ياكى ئۆينى داۋاملىق تۇتۇش ئىمكانىيىتى پەقەتلا قالمىسا ئاجىرىشىپ كېتىش مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقەللىي ساۋاتلار. بۇنى يەنە سۆز-چۆچەك قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى بولسۇن؟
نۆۋەتتىكى بىنالىشىش قوشنىلارنى تېخىمۇ ئىخچام ھالەتكە ئەكەلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنىڭ 20 نەچچە يىللىق زور نەتىجىسىدە كۆپىنچە ياشلارنىڭ ئائىلىسىدە بىر ياكى ئىككى پەرزەنت بار .ئوتتۇرا ھەم ياشانغانلار ئائىلىسىدە بەزى ئائىلىلەردىكى ئۆزلىرى بېقىۋاتقان نەۋرىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئادەم سانى ئارانلا بىردىن ئىككىگىچە . بىنا ئۆيدە قول ئىشتىن بوشىغاندا تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتى ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك بار، ئەمما ئۇ نەرسىنى كۆرۈش نورمىدىن ئېشىپ كەتسە سالامەتلىكنى تۈگەشتۈرۈدۇ.
دېمەك، ھازىرقى رېئاللىق بىزنى قوشنىلارغا تېخىمۇ مۇھتاج قىلماقتا، قوشنىلار ئارا تېخىمۇ ئىناق ئۆتۈشكە دەۋەت قىلماقتا. قوشنىلار تېمىسىدىكى گەپ بولغاندا ھەممىمىز ھازىر قوشنىدارچىلىقتا سۇسلۇشۇپ كەتتۇق، ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش دىيىشىپ قويۇمىز- يۇ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈش ئىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلايدىغانلىغىمىز ساناقلىقلا. ھازىر يىغىلىشلار ئاساسەن رېستۇران ياكى مەرىكە زاللىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ كەتتى.
نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى مەھەللىمىزدىكى قولۇم- قوشنىلارمۇ ئۆز- ئارا ھېيت پەتىسى قىلىشمىغىلى. روزا ھېيت كەلسە بەزىلىرىمىز دەرھاللا: ئىشلىرىمىز تېخى تۈگۈمەيۋاتىدۇ، قۇربان ھېيىتتا ھېيىتلىشارمىز دەپ قويۇمىز. ئارىدىن 70 كۈن ئۆتۈپ قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەندە يەنە دەرھاللا كېلەر يىلى ھېيىتلىشايلى دەپ قويۇمىز. بەزىدە ئۆزىمىز ئوتتۇرىغا چۈشۈپ : قوشنىلار ئەمىسە بۈگۈن كەچ بىزنىڭ ئۆيگە پەتىلەپ چىقىڭلار دەپ ئېيتىپ قويساق، قوشنىلار شۇ ۋاقىتتىمۇ تولۇق جەم بولالمايمىز. بەزىلىرىمىزنىڭ شۇ كۈنى ئىشى چىقىپ قالىدۇ. بەزىلىرىمىز باشقا كەيپ سورۇنلاردىن بېرى كېلەلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك بىر ئىشىمىزنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. قوشنىلار ئۆز-ئارا بىر بىرىمىزنىڭ ئىشلىردىن خەۋەرسىز قالىمىز. ئۆتكەندە قوشنىلاردىن بىرەيلەننىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتىكەن خەۋەرسىز قالغاچقا يوقلىماپتۇق.كېيىن بۇ ئىشتىن يۈزىمىز بەكمۇ قىزاردى. قوشنا - ئۇ ھەممىمىزنىڭ بىر بايلىقى. قوشنىلار ئىناقلىقى - ھەممە ئائىلىلەرگە شاتلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەجدادلىرىمىز بىزگە ئاللا بۇرۇن بىلدۈرۈپ قويغان.
ھەممە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇپ مۇھىمى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈللۈكىمىز بىلەن قوشنىلار ئارا ئىناقلىقنى كۈچەيتەيلى. ھاياتلىقتىكى ھەر بىر دەقىقە ۋاقىتنى خوشال ئۆتكۈزەيلى.
قوشنىدارلىق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان كىشىلىرىمىزگە شۇنداق  تەشەببۇس قىلىمىزكى، قوشنىلار ئىناقلىقىغا مىتە چۈشمىسۇن  !


               
مەنبە    :      جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى
   .
http://www.radioxj.com/show.aspx?id=15857&cid=24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 10:00 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ھېكمەت ئىلى....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراقتىكى توققاندىن يىقىندىكى قوشناڭ ئالا دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ بىزدە

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:33:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتمىىسە  يۇرت چۆل كۆرىندۇ

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8916
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:40:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ساپاغا باغلىق ! قورساقنى كەڭ تۇتۇش كېرەك ...................
كىچىككىنا ئىشنى دەپ بىربىرمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى ، ئۇ بالا ھازىر شۇنداق شوخلۇق قىلغىنى بىلەن چوڭ بولغاندا شۇ قىلىقىنى تاشلايدۇ . شۇڭغىچە سەۋر قىلىش كېرەك .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82810
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:26:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11978
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12866 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئۇدۇل قوشنام داۋاملىق«يەرنى كىپەككە سېتىۋال  قوشناڭنى ئالتۇنغا »دەيتتى.....

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشىنلار ئارا ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈش،ئىنسانلار ئارا مېھىر مۇھەببەت تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئاساسىي!
ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم دېگەن گەپ بار،ئادەم بولغان ئىكەن ئىنسانىي قەلب بىلەن ئىنسانىي غەمخورلۇق ۋە مېھىر مۇھەببەتكە ،كۆيۈنۈشكە مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ!
گەرچە ھازىر بىز ماددىي جەھەتتىن تەسەۋۋۇرغا سىغمىغۇدەك سۇرئەت بىلەن تەرەققىي قىلۋاتقان بولساقمۇ لېكىن شۇنىڭغا ماس ھالدا قەلىبلەرنىڭ ئارىسىغا پەيدا بولۇپ قالغان كۆرۈنمەس قورغان تاممۇ كۈنسېرى ئېگىزلەپ بارماقتا،ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنىڭ ئارلىقى كۈندىن كۈنگە يىراقلاشماقتا!!!
ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە مۇقەررەركى كىشلەر روھىي غېرىپچىلىقنىڭ دەردىنى تارتماي قالمايدۇ!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79782
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىمىز ئەسلىدىنلا پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىسىل مەدەنىيەت بايلىغىمىز ئىدى بۇنى قەدىرلەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئاساسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارساقلا چوقۇم بۇ ئەنئەنىمىزنى ياخشى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە شۇنداق يامانلىقلارنى قىلغان خوشنىلىرى بىلەنمۇ ياخشى ئۆتكەن ،بىزمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇتقان يوللىنى تۇتىشىمىز لازىم ، شۇڭا خوشنىلار بىلەن ئىناق ئىجىل ،ئۆتسەك ئىككىلى دۇنيادا بەختىمىزنى تاپقان بۇلىمىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشنا ھەققى يامان دېگەن گەپ بار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش