مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 6

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتلىقنى تۇغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1196
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 03:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .
ئائىلە ــــ  بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ . دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ .
ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا ، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا ، ئەقلى ئويغىنىشقا ، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ .
شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ .
ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر ـ مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك ، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى .
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيلەتكۈزسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز . »
گېئورگې خېربېرت : « بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى .
ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .
تۇرسى : « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى .
فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا ، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ » دېگەن ماقالى بار .
بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا ، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن .
ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ . بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى ، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ .
ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ . ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە  ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي ، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ .
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك .
ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ .

مەنبە : «ئەخلاق پەزىلەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى»

يىقىلغان  يەردىن  دەس  تۇر  !!!!

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 04:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ . [s:6]

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

تەقدىر ، قولۇڭنى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 6238 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 04:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا بىر قولىدا دۇنيانى،بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ........ [s:2]

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟ قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟ تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ، كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 540
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6140
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 04:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز دېمەك ئانادېمەك،ئانا دېمەك كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنلىرى دېمەكتۇر.قىزلارنىڭ قىز ۋاقتتىكى تەربىيىسى ئۇنىڭ ئانىلىق تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئانا بولغاندىن كېيىن ،باققان پەرزەنتىگە ئۇنىڭ مىجەز خۇلىقى ۋە تەربىيىلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.دېمەك،ئانىلارنىڭ ساپاسى مىللەت ساپاسىغا بىۋاسە مۇناسۋەتلىك.بىزنىڭ كۆپ ساندىكى قىزلىرىمىز ئۆمۈر - بۇيى ئاددا-ساددا ياشاپ ،يۈكسەك غايە ۋە ئۇلۇغۋار ئىستەك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ،ئۆزلىرىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.بىر قىسىم ئاياللىرىمىز ئەرلەرگە ئوخشاش ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىپ،مىللەتكە،ۋە ۋەتەنگە شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.ئادەم تولۇپ -تاشقان مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك ئارقىلىقلا بەختىكە ئېرىشەلەيدۇ....
تىما ئىگىسىگە رەھمەت

ھاياتلىقنى تۇغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1196
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-15 08:23:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيلەتكۈزسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز . »

يىقىلغان  يەردىن  دەس  تۇر  !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2432
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5712
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-15 10:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ! [s:2] يوللىغۇچىغا رەھمەت!

سۇلغانگۈل

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 1349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 08:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ!  يوللىغۇچىغا رەھمەت!

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش