مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1798|ئىنكاس: 15

دوستۇمنىڭ تويى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25566
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6239
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 10:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                دوستۇمنىڭ تويى

   يىگىرمىگە يېقىن ئېسىل ماشىنا يېزا يولىدا قاتار تىزىلىپ تۇراتتى، خۇددى كۆكتە تىزىلغان تۇرنا توپىدەك. يىگىت تەرەپنىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا سىلەر تەرەپنىڭ ئادەملىرى ماشىنىلاردىن چۈشۈپ نەق بولۇشقان ئىدى. ھەممىنىڭ كۆزى سىلەردە-يېنىڭدىكى قۇتلۇق تويى بولغان دوستۇڭدا ئىدى.
   ساھىبخانا تەرەپنىڭ تەكلىپىدىن كىيىن چوڭلار «ھە قېنى، ئۆزلىرى...» دېگەندەك تەكەللۇپلار بىلەن ئۆيگە قەدەم ئالدى، خۇددى مېھماندارچىلىققا كەلگىنىنى ئۇنتۇپ بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىۋاتقاندەك. ياشلار كەينىگىرەك رەت بىلەن تىزىلىۋاتاتتى، خۇددى ئىش ئۈگنىۋاتقان قۇش باللىرىدەك. ساھىبخانا تەرەپتىن چىققان يىگىرمىچە كىشى بىلەن كۆرۈشىۋاتقان مېھمانلارغا قاراپ دوستۇڭنىڭ ئېغىزىنى تاتلىدىڭ:
  -يۈسۈپجان، قېيناتاڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان چاغدا كۆزىگە قاراپ قالما جۇما، قورقۇپ كېتىپ مۈكىدىغان يەر ئىزدەپ يۈرمە يانا.
-ھاھا...ئاخىرى شۇ ئالتۇن قىزىڭنىڭ غوجىسى بولدۇمغۇ مانا دەپ گىدىيىپ بىر تۇرىۋىلارمىنا، ئاداش.

سىلەر كەڭ ھويلا سۇپىسىنىڭ تۆرىگە باشلاندىڭلار، ئاستىڭلارغا قاتلانغان كۆرپىدە ئايرىم جاي راسلاندى، خۇددى پادىشاھقا جاي راسلانغاندەك.
ئۆي ئىچى خېلى كەڭرى بولسىمۇ، لېكىن مېھمانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ھويلىدىن ئۆيگە داستىخان كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر، نېرىقى ئۆيدىن چىنە-تەخسىلەرنى ئالدىراش كۆتۈرۈپ باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ، ئۇياق-بۇياققا ئۆزىچىلا مېڭىپ يۈرگەن كىچىك بالىلار ھويلىنى بىر ئالغان ئىدى. ئۇنى قوي، بۇنى ئېلىپ چىق، ئىچىدىكى ئۆيچۇ...دېگەندەك ئاۋازلارمۇ ئۈزۈلمەيتى. سەن پەرۋاسىز ھالدا ئۇيان-بۇيانغا بويۇنداپ قاراپ قوياتتىڭ، خۇددى بىرىنى ئىزدەشتۈرىۋاتقاندەك. تېخى قايسى كۈنى دوستۇڭ ھاجىنىڭ تويىغا قولداش بولغان ئەبەيدۇللانىڭ قىز قولداش گۈل تاقىغان چاغدىكى جىددىيلىشپ كەتكەنلىرىنى زاڭلىق قىلىپ تازا كۈلگەنلىرىڭ ئېسىڭگە كەلدى. ئەمدىلىكتە بۈگۈن...باش-ئۇچسىز خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ بىر چاغدا قارشىڭدىكى ساڭا قاراپ تۇرغان ئەبەيدۇللاغا كۆزۈڭ چۈشتى. ئۇ سېنىڭ خىيالىڭنى بىلىۋالغاندەك ھەييار كۆزلىرى ئوينۇتۇپ ساڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ناھايىتى تەمكىن ھالدا ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك چىرايىڭنى تازا پۈرۈشتۈرۈپ، چىشلىرىڭنى چىقىرىپ كۈلگەن بولۇپ ئۇنىڭغا، ئەتىراپقا بىر رەت قارىۋەتتىڭ.
يەنىلا ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىڭ. لېكىن بۇنى جىددىيلىشىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتى. جىددىيلىشىشتىدىن كۆرە قىز قولداشنىڭ، ساڭا گۈل تاقايدىغان قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە بەكرەك قىزىقىۋاتاتتىڭ.
داستىخان مىۋە-چىۋە، نان، چايلار بىلەن تولغاندا تاماق تارتىلدى. پولۇغا ئىشتىھايىڭ بولمىسىمۇ ئۆزۈڭنى تەمكىن كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كاپاملاپ-كاپاملاپ پولۇغا ئېغىز تەگدىڭ.داستىخان ئۈستىدە بولىدىغان ناۋات چاي ئىچۈرۈش، يىگىت ئېشى يىگۈزۈشتەك قائىدە-يوسۇن، رەسمىيەتلەرنى قىلىۋېتىپ بىر چاغ«كەلدى، كەلدى، ئەنە...ۋوي سىڭلىسىكەنغۇ....» دىگەندەك ئاۋازلار بىلەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ھەممىسى بويۇندىشىپ قاراۋاتقان تەرەپكە كۆزۈڭنى يۈگۈرىتتۈڭ. گۈل، دوپپىلار سېلىنغان پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ ئىككى قىز قولداش كېلىۋاتاتتى. قىزلار داستىخان قاتلىۋېتىلگەن يەر بىلەن كېلىپ سىلەرگە يۈزلۈنۈپ تۇردى، سىلەرمۇ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ئۆرە بولدۇڭلار. يان تەرىپىڭدە ئولتۇرغان نامەت تىزىڭغا مۇشىتلاپ، قولۇڭدىن تارتىپ خىرىلداپ كۈلىۋاتاتتى. سېنىڭ كۆزۈڭنىڭ ئۇچىدا ھوميىشلىرىڭمۇ ھېچ كارغا كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تېخىمۇ قاتتىق تارتىۋاتاتتى، باشقا ياشلارمۇ سىلەرگە قاراپ كۈلۈشكەندەك بولدى. پەتنۇس كۆتۈرۈپ كەلگەن قىز پەتنۇسىنى يەنە بىر قىزغا تۇتقۇزۇپ گۈلنى قولىغا ئالدى:
-يۈسۈپجان، گۈلنى قولۇڭلارغا ئېلىپ بېرەيلى، ئۆزۈڭلار تاقىۋېلىڭلار ماقۇلمۇ؟
-نېمە، نېمىشقا ئەمدى، سېنىڭ ئويۇنلىرىڭما بۇ؟
-بولدى، بولدى بىز تاقاپ قويىلى، ما سەت تۇرىدۇ، بولدى...
بوش بولىۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتاتتىڭ. قىز گۈلنى تاقىغۇچە ئۆزۈڭمۇ سەزمەي قىزغا قاراپ تۇرۇپ قالدىڭ. قوشۇما قاشلار، تال-تال كىرپىكلەر ئارىسىدا تىپىرلاۋاتقان بىر جۈپ قارا كۆزلەر قىزنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىدۈرىۋاتاتتى. قىز تىتىرەۋاتقان قوللىرى بىلەن گۈلنى قادىيالمايۋاتاتتى.
-ئاياققا قارىساڭچۇ ھەي، قاراڭلا بۇنىڭغا...
نامەتنىڭ ئاۋازى بىلەن كۈلكە كۆتۈرۈلدى، قىزمۇ، سەنمۇ بويۇنغىچە قىزىرىپ كەتتىڭلار.
ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلگەن ئىدى، سەن يەنىلا كۆزۈڭنى ئۆزمەي قىزغا تىكىلىپ قالغان ئىدىڭ، قىز گۈل تاقاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. يۈسۈپ مەيدە يانچۇقى يوق كۆينىگىڭگە گۈل قادىيالماي قوللىرى كالۋالىشىپ قالغان قىزغا قاراپ خىرىلداپ كۈلىۋاتاتتى.
-يىڭنىنى سانجىۋەتمە يانا ما خاشۇ زىيالىغا.
قىزنىڭ ساڭا بىر قېتىممۇ قاراپ قويمىغىنىغا ئاچچىغىڭ كېلىپ يۈسۈپنىڭ گېپىدىن كىيىنلا يالغاندىن ۋارقىرىۋەتتىڭ.
-ۋايجۇ!...ۋاي، بوشراق....
-سورۇندىن تېخىمۇ چىڭراق كۈلكە كۆتۈرۈلدى، ۋارقىرىشىڭ بىلەن تەڭ قىز قولىنى ئېلىپ قاچتى، خۇددى كۆيگەن قولىنى ئوتتىن نېرى قىلغاندەك. ساڭا دومسىيىپ قارىدى، خۇددى ئانىسىنىڭ ئەركىلىتىشىدىن رەنجىگەن قەغىش بالىدەك. يەنە ئۈندىمەستىن بېشىنى لىڭىشتقىنىچە گۈلنى قايتىدىن تاقىدى، قەغىش بالا «ئاچچىغى»دىن يانغاندەك. قىزلار دوپپىنى كەيگۈزۈپ بولۇپ يەنە تېزلا كۆزدىن غايىپ بولدى، خۇددى شاپپىدە كېلىپ چاچلىرىڭنى يەلپۈتۈپ يەنە يىراققلارغا قاچقان مەيىن شامالدەك.
كېيىنكى رەسمىيەتلەرنى تۈگۈتۈپ ھويلىدىن چىققۇچە تۇرسۇن سېنى نوقۇپ، قولىقىڭنىڭ يېنىغا كېلىپ ھىجاراپ بوش پىچىرلىدى:
-ھېلى بېرىپلا قولداشلار ئۇسۇل ئوينايمىز، ئا سىڭلىسى ماڭا قالسۇن جۇما!
-قايسىسى ئۇ سىڭلىسى دىگىنىڭ!
- گۈل تاقىغىنىچۇ.
-ھەي، قېرى بۇزۇق، خۇتۇن ئېلىپ بولغان ئادەمنى قولداش قىلىپ، دەپ باشقىلار خاپا بولىۋاتىدۇ، يەنە تېخى مەندىن قىز تالىشىسىنا، ماڭ نېرى!
كۇسۇرلاشلىرىڭلارنى ياندا ئاڭلاپ تۇرغان يۈسۈپ گەپ قىستۇردى.
-ھەي ئىككى بۇزۇق، ما ئىككىڭ خىزمەتنى ياخشى قىلىش دەيمەن، خوتۇن قىزلارغا كۆزۈڭنى سېلىشماي!
-ئاداش مەن ئەمەس، ماۋۇ بوۋاي ئاغىنەڭ! قېرىغاندا يەنە شوخلۇق قىلغۇسى كېلىپ قاپتۇ بۇنىڭ.

ناغرا-سۇناينى ياڭرىتىپ، بار دەبدەبىنى قىلىپ كېلىننى يۆتكەپ كەلدىڭلار، خۇددى غالىب قوشۇن غەنىيمەتلرىنى كۆز-كۆز قىلىپ زىمىنغا جار سالغاندەك.
بار شوخلۇقۇڭنى چىقىرىپ، ئۇسسۇل دىگەننى ئويناپ ھېلىقى قىزنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىغان ئىدىڭ، خۇددى بۇلبۇل مۇڭ غەزىلى بىلەن گۈلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولغاندەك. لېكىن، ئۇسسۇل ئوينىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاخىرى تۇرسۇننى تېپىپ چاقچاق قىلغان كىشى بولۇپ سۇرىدىڭ :
-ئۇسسۇل ئوينايمەنەي، لەپەر ئوينايمەن داۋاتاتتىڭ، ھېچ ئۇنداق ئىش يوقتەكقۇ؟
-ھاھا...تازا بىر ئوينۇغۇڭ كەپتىكەن نۇرىمان بىلەن ھە؟
-نۇرىمان؟
-سىڭلىسىچۇ كېلىنچەكنىڭ!
-ھە، ۋاي ماڭغىناھوي، مۇنداقلا دەپ قويدۇم، بىلىسەنغۇ ئۇسسۇلغا قول كۆتۈرۈش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق.
-خوشۇم يوق دە تېخى؟ ھاھا... ھېلىقى «گۇمباڭ-گۇپ»نى چالمايدىغان بوپتۇ. شۇڭا قول كۆتۈرۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ يۈرمە. ھە راس، بىر يەرگە قاچماي تۇر جۇمۇ، ئادىلجان چالىدۇ، دەپ بالىلار ئېسىل تەمبۇردىن بىرنى نەخ قىلىپ قويدى، كەچتە بىڭسىڭنى كۆرىمىز.

مىھمانلارنى ئۇزۇتۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندە غېجەك، داپ، دۇتتار چالىدىغان ئاكىلار بىلەن ھويلىنىڭ سۇپىسىدا شوخ ناخشاڭلارنى باشلىۋەتتىڭلار، خۇددى باھار بەزمىسىدىكى غەزەلكەش قۇشلاردەك. بىردەمدىلا يەنە بىر مۇنچە كىشى سىلەرنى ئورىۋالدى، خۇددى كۈي ئاشىغى گۈللەردەك.
ئۇسسۇلچىلار ھەييار قىلىقلىرى، شوخ ھەركىتى بىلەن مەيدانغا گۈل كەلتۈرۈپ پىرقىرايتى، خۇددى مەيىن شامالغا جۇر بولىۋاتقان كەچ-كۈز غازىڭىدەك. سەن دۇتتار چېلىپ، تازا قايناپ ناخشا ئوقىۋاتاتتىڭ، خۇددى ئىچىڭنى ناخشاڭ بىلەن ئاللىىكىملەرگە ئۆرۈپ بەرمەكچىدەك. تۇيۇقسىز نېرىقى سۇپىنىڭ گىرۋىگىدە ئولتۇرۇپ ساڭا قاراپ تۇرغان ھېلىقى قىزغا كۆزۈڭ تاشلاندى، ئۇياق-بۇياققا تەلمۈرگەن كۆزۈڭ ئاخىرى ئىزلىگىنىنى تاپقاندەك ئىدى، كۆزلۈرۈڭ شاد ئىدى، خۇددى بىباھا ئالتۇنىنى قايتا تېپىۋالغان كىشىدەك، ئېچىرقىغان يولۇچى ئېسىل شەربەت ئوتلىغاندەك. قىز كۆزىنى دەررۇ نېرىسىغا ئېلىپ قاچتى، خۇددى ئۈركىگەن كىيىك بالىسىدەك، ئەنە شۇ ئېلىپ قېچىش بىلەن سېنىڭ ئۇياق-بۇياققا تەلمۈرگەن، ھارغان كۆزلىرىڭ شۇ كۆزگە باغلاندى، خۇددى بىر ئوق بىلەن موللاقلاپ ئوۋچىغا باغلانغان توشقاندەك، دان ئىزلەپ قىسماققا چۈشكەن كەپتەردەك. كۆزلىرىڭلار تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇچرىشىپ قالاتتى، خۇددى چاقماقلار ئۇرۇلغاندەك؛ شۇ ئۇچرىشىشتىن ۋۇجۇدۇڭ لاپپىدە قىلىپ يورىغاندەك بولاتتى، خۇددى چاقماق چېقىپ زىمىننى لاپپىدە يورۇتۇپ ئۆتكەندەك. ئۇنىڭ ئۇسۇلچىلارغا تىكىلگەن كۆزىنىڭ سەن تەرەپكە ئېغىپ تۇرغانلىقىنى پەمىلەيتىڭ، ئويلىرىڭدىن ھوزۇرلىناتتىڭ، خۇددى بۇلۇڭدا يېتىپ قالغان مەس تاتلىق خىياللىرىدا ئەللەيلەنگەندەك.
خېلىدىن كىيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە-كېلىنچەكنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى، خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئىشىك تەرەپكە، ھېلىقى ئورۇنغا كۆزلىرىڭنى كۆزەتچىلىككە قويدۇڭ. ھېرىپ ئۇسسۇل پەدىسىدىن توختاپ ئۆزۈڭ ئاھاڭ سالغان ناخشاڭنى تەمبۇر بىلەن ئېزىپ ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ سىماسى قايتا كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولدى.

①كىرپىگىڭ ئوق، بىر جۈپ قېشىڭ كاماندۇر،         
يارىدارىڭ رەڭگى روي ساماندۇر،
سەۋەب قىلغىن ئاشىق ھالى ياماندۇر،
كىم يولىغا ھەر كۈنى بىدارۇ سەن؟!

ھارغان ئۇسسۇلچىلار، يەنە ئەللىك-ئاتمىشچە ياش سۇپىنى چۆردىشىپ، ناخشاڭغا جۇر بولۇپ ئولتىراتتى. ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرغان قىز ۋە بىر قانچە دوستى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ يوچۇقىدىن يىراقلاردا غۇۋا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى، نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە ناخشىنىڭ ئىچىدىن ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدىغان بۇ ناخشىنى تاللاپ ئوقۇۋاتقىنىڭنى بىلمەيتىڭ، خۇددى مەس كىشى نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمىگەندەك. تەمبۇرۇڭ خۇددى يۈرۈگۈڭدەك ھېسىياتلىق، خياللىرىڭدەك دولقۇنلۇق ھالدا زارلىنىۋاتاتتى.

باشلاپ كىرگەن مېنى ئىشىق يولىغا،
ئايلاندۇرغان مۇھەببەتنىڭ قۇلىغا،
تەشنا قىلغان ۋىسالىڭنىڭ نۇرىغا،
ئۇسسۇزلۇقۇم قاندۇرار ئانارمۇ سەن؟!

مەيىن شامال ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنى لەرزان ئۇسۇلغا سېلىپ ھەممىڭلارنىڭ خىياللىرىڭلارنى يەنە ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتەتتى.
ئاۋازىڭنىڭ بۇنچە ھېسىياتلىق ئىكەنلىكىنى سەنمۇ ئەمدى ھېس قىلىۋاتقاندەك ئىدىڭ، تەمبۇرۇڭنىڭ ئاۋازى ناخشاڭغا جۇر بولۇپ بەزىدە تىتىرەپ زارلانسا، بەزىدە سېنى بەزلەپ بوش ئاۋازدا پىچىرلايتى، بۇ چاغ سېنىڭ تىنىق ئېلىشلىرىڭغىچە ئېنىق ئاڭلىناتتى، سەن كۆزلىرىڭنى بوش يۇمۇپ خۇددى تەمبۇر بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتمەكچىدەك بارغانچە بېشىڭنى تەمبۇرغا يېقىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تولغىناتتىڭ.

سازلىنىدۇ ئەگەر كەلسەڭ سازلىرىم،
پۈتۈپ قالار كەملىرىم ھەم ئازلىرىم،
كەلمىسەڭ قار ئاستىدىدۇر يازلىرىم،
باغرىڭ گۈلگە تولغان نەۋ باھارمۇ سەن؟!

شامال ئاۋازىڭنى يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇردى، خۇددى بارچە كىشىنى ھويلىدىكىلەردەك قىسقىغىنە خىياللارغا چۆمدۈرۈپ، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولغاندەك. تەمبۇرۇڭنى يەنە بىر ھازا ھال-مۇڭ تۆككۈزگەندىن كىيىن قولۇڭنى توختاتتىڭ.  قىسقىغىنا جىمجىتلىقتىن كىيىن چاۋاكلار ئۇرۇلدى، شۇ چاغ نېمىنىدۇر ئېسىڭگە ئالغاندەك بولۇپ ئىشىك تەرەپكە قارىدىڭ. لېكىن، ئۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ناخشاڭ تۈگىگەن شۇ قىسقىغىنە جىمجىتلىقتا غىپلا قىلىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىنى، ئۆزىنى نىمىشقىدۇر سەندىن قاچۇرغىسى كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيتىڭ. ناخشىنىڭ تەسىرىدىن نۇرلانغان كۆزلىرىڭنى نېرىسىغا ئېلىپ قاچتىڭ، يۇلتۇزلارغا ھەمرا بولۇپ سەيلە قىلىۋاتقان خىياللىرىڭ يەنە ۋۇجۇدۇڭغا سىڭىشتى. نېمىشقىكىن سوغۇقلا كۈلۈپ قويدۇڭ.
كۆڭلۈڭ سىرتنى خالاپ تۇراتتى، دۇتتارچى ئاكا ناخشىسىنى تۈگەتكەندە ئاستا ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ.
ئۆينىڭ ئالدىدىكى توپا يول ئاي نۇرىدا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى...
يېنىپ كىرگىنىڭدە قىزنى يەنە بۇرۇنقى ئورۇندا، ئىشىككە يۆلەنگەن ھالدا كۆردۈڭ. ئۇ بۇ قېتىم كۆزلىرىڭگە يۈرەكلىك تىكىلدى، ئورنۇڭغا كېلىپ ئولتۇردۇڭ. يەنە ئۇسسۇل پەدىسى باشلانغان ئىدى. لېكىن ئۇسۇلچىلار قالمىغان، بىر-ئىككەيلەن مۇنداقلا ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. سەن ناخشا ئوقۇماي، تەمبۇر بىلەن تەڭكەش قىلدىڭ. كۆزلىرىڭ يەنە شۇياققا ئاغدى. ئۇ سۇپىنىڭ گىرۋىگىدە ئولتۇرغان بولۇپ، يېنىدا ئۆزىدىن سەللا كىچىك يەنە بىر يىگىت تۇرغاندەك قىلاتتى. ئۇ يىگىتكە ئەركىلەپ سۆزلەۋاتاتتى، يىگىتمۇ شوخلۇق قىلىپ قىزنى ئەركىلىتىۋاتقاندەك ئىدى. سەن ئىچىڭدە سوغۇقلا كۈلۈپ قويدۇڭدە دەررۇ نېرىسىغا قارىۋالدىڭ. لېكىن، كۆزلىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلاتتى، سەن يەنە بىئىختىيار ھالدائۇنىڭغا تىكىلەتتىڭ، ئۇ تېخىچە شۇنداق ئەركىلەش بىلەن ئىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ يەنە سۇس كۈلكە بىلەن ساڭا قاراپ قوياتتى، خۇددى ساڭا ئاللىنېمىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك، سېنى سىناۋاتقاندەك. يىگىتنىڭ ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ، كەينىگە قايرىىغىنىنى كۆردۈڭ، ئۇنىڭ يەنە شوخلۇق بىلەن كۈلۈشى جۇدۇنۇڭنى ئۆرلەتتى. چۈنكى بۇ چاغ ھويلىدا ھېچبىر قىزبالا قالمىغان ئىدى، ياشلارمۇ ئاساسەن تارقىغان بولۇپ ئۆينىڭ چوڭلىرى-ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ قېيىن ئانا، قېيىن ئاتىللىرى ۋە  باشقا چوڭلارلا قالغان ئىدى. سەن ئىچىڭدە يەنە بىر قېتىم سوغۇق كۈلدۈڭ، ساختا پۇل ئېلىپ قالغان سودىگەردەك، يەمچۈككە ئالدىنىپ قەپەزگە سولانغان تومۇچۇقتەك.
مەيىن شامال كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ ئەمدى ئاسماننى قارا تۇمان قاپلىغان ئىدى، خۇددى قەلبڭدەك، ئويلىرىڭدەك. يەنە بىر ئازدىن كىيىن يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، دەل شۇ چاغ تېلىفۇنۇڭ سايراپ قالدى...

-ئاداش، ئانام تاغامنىڭ ئۆيىگە كەپتىكەن، يامغۇرنىڭ ھاۋاسى بار، موتىسىكىلىت بىلەن كەلگىن دەيدۇ، مەن ماڭغاچ تۇراي. نېمە، قولداش تۇرۇپ دەمسەن، خاتىرجەم بولغىن ئاداش، سەھەردىلا ئۈنۈپ بولىمەن.
يۈسۈپجانمۇ ئىشىك تەرەپتە ئولتىراتتى. سەن ئۇنىڭ بىلەن بۇ گەپلەرنى دىيىشىۋاتقاندا قىزنىڭ ساڭا قاراپ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرگەندەك بولدۇڭ. باغ تەرەپتىن موتىسىكىلىتنى يېتىلەپ ئېلىپ كىردىڭ، بۇ چاغ قىز ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
تامچىلاۋاتقان يامغۇر ئەمدى ئەدىگىلى تۇرغان ئىدى، موتىسىكىلىت قاراڭغۇ، ئادەمسىز يېزا يولىنى يورۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. بۈگۈنكى ئۆزۈڭنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن كۈلگۈڭ كەلسە يەنە بىر تۇرۇپ ئۆزۈڭنى، خائىن كۆزلىرىڭنى ئەيىبلەيتىڭ.چۈنكى...
كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ، راسلاغلىق ئورۇنغا شۇڭغۇدۇڭ. تېلفۇنۇڭنىڭ سائىتىگە قارىماقچى بولدۇڭ، لېكىن، سېنى ئەسكەرتىپ تېلفۇنۇڭنىڭ ئىكرانىدا ئېسىغلىق تۇرغان ئوقۇلمىغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىڭنى ئاچتىڭ. ماھىرەدىن-سەن خېلى چاغقىچە ئىنتىلىپ، تەلپۈنۈپ، قوغلاشقان قىز دوستۇڭدىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى، سەن بايىقىدەك خىيالەن يۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلگىنىنىمۇ بىلمىگەن ئىدىڭ.

«-ھە، تېچلىقمۇ، ھەجەپ يوقاپ كەتتىڭزيا، غوجام. تويدا، تويدا دەپ، ئۆزىڭىزلا قىلىۋالمىغانسىز توينى. ھە راس، قىز قولداشلار قانداقراقكەن؟ھاھا...تويدا كونا مۇھەببەتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز ھە!! »
«خاپۇلاپ كەتتىڭىزما، چاقچاق قىپ قويدۇم، ھەي! ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ، ياخشى تۇرغانسىز؟»
«-ۋوجون، مانى!...خەپ جۇما، مەكتەپكىمۇ بارارمىز قېنى، تازا ئەدىپىڭىزنى بەرمىسەم، قاراپ تۇرۇڭ!»

ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ساڭا قىلىقلىرىدەك تاتلىق بىلىندى، تاتلىققىنە كۈلۈپ قويدۇڭ. لېكىن، شۇ چاغ قاراڭغۇ ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىدىن بىرى ساڭا قاراپ سوغۇقىنە كۈلۈپ قويغاندەك بىلىندى، خۇددى سېنىڭ بۈگۈنكى نەچچە قېتىملىق سوغۇق كۈلۈشۈڭدەك.
مەكتەپتە ھەممەيلەن دېگۈدەك سىلەرگە ھەۋەسلىنەتتى، ئۇ سېنىڭ ئامراقلىقىڭ، كۆيۈنۈشلىرىڭدىن خۇشاللىناتتى، دوستلىرى ئالدىدا پەخىرلىنەتتى. سەن ئۇنىڭ ئېسىل خۇيىدىن، ھەممە ھەۋەسلەنگۈدەك چىرايلىقلىقىدىن، تاتلىق قىلىقلىرىدىن سۆيۈنەتتىڭ. ئەنە شۇنداق تاتلىق چاغلارنى، تاتلىقىڭنى يەنە ئەسلىسەڭمۇ ئەسلەيتىڭ. بىراق، بۈگۈنكى ئۆزۈڭنىڭ قىلغانلىرى، كەيپىياتىڭ خىياللىرىڭنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ ساڭا قاراپ كۈلۈۋاتقاندەك ئىدى. ئارتۇق خىياللارغا ئاجىزلىق قىلدىڭ دە، كۆزۈڭنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدىڭ...

دېگىنىڭدەك سەھەردىلا يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە كەلدىڭ، يۈسۈپجان بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغان چاغ ئۇ قىز يەنە شۇ ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. لېكىن، ساڭا قاراپمۇ قويماستىن ئالدىڭدىن ئۆتۈپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى، خۇددى سېنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغاندەك، ئەتىراپتا قاتار تۇرغان يىگىتلەرگە كۆز قىرىنى سالماي كوچا تاماششاسى قىلىۋاتقان مەلىكىدەك. ئەلۋەتتە سەنمۇ لەپلا قىلىپ قارىدىڭۇ يۆسۈپجان بىلەن پارىڭىڭنى داۋام قىلدىڭ.
چۈشكىچە مېھمانلارنى كۈتۈشكە قارىشىپ، دوسىتلار بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۈڭ. چۈشكە يېقىن، يۆسۈپجان ناخشا ئوقۇپ تۇرغان يېرىڭدىن تارتىپ چىقتى.
-ماڭ، ئاداش، ئەتتىگەتىن ئۆيدىكىلەر بىلەن سۈرۈتكە چۈشتۇق. ئەمدى قولداشلار، دوست-ئاغىنە باللار، تويى بولغانلار بىر سۈرەتكە چۈشىۋالايلى.
-تويى بولغانلار؟
-ھاھا...يۈرە...
-ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئۆرۈكلۈك تار يولدا كېلىنچەككە ھەمرابولۇپ چىققان قىز قولداشلار، يەنە يۈسۈپجاننىڭ ئىنىسى تۇراتتى. مەن ئاستا پىچىرلىدىم.
-ھەي، بوۋايچۇ؟
-بوۋاي؟
-تۇرسۇننى دەيمەن.
-ھاھا..قويە ئۇنى، مەندىن نەسىھەت ئاداش، تويۇڭدا بوينى باغلانغان بوۋاينى ھەرگىز قولداش قىلىپ سالما. ھاھا...بايا ئازراق ئىشى چىقىپ قېلىپ كەتتى، بىز چۈشۈپ تۇرايلى.
سۈرەتچى ئارقا كۆرۈنۈش تاللاۋاتاتتى، كېلىنچەك، قولداشلار سېنىڭ ئالدىڭدىلا تۇراتتى. يەنە ئاغزىڭ قىچىشتى بولغاي،نۇرىمان ساڭا لەپ قىلىپ قارىشى ئۇنىڭ ئېغىزنى تاتلىدىڭ:
-ھە راس، تۆنۈگۈن يىڭنىنى قەستەن سانجىۋېتىپ ھەجەپ ئوسال قىلدىڭىزا.
-ئوھ، ما گەپنى، نەگە سانجىۋېتىپتىمەن، كۆكەمە بالا!
-بالا؟ ھاھا...مۇشۇ يەرگە شۇ، قارىڭا. بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالدى ھازىر.
-نەكەن ئۇ، تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان.
-مۇشۇ يە دېدىمغۇ، مانا. نېمە بولىدۇ ئاداش ما يەردە، قارىغىنا.
-يۈرەك
يۈسۈپجاننىڭ گېپى بىلەن يەنە بىر كۈلۈشمەك بولدى.
-ھە، مانداق دېگىن، ئاداش. تېخى نېمانچە ئاغرىيدىكىن دەيمەن، ئەسلى مانداق سىر بار دېگىنە.
قارامكەنسىز جۇمۇ، نەخ جايىنى نىشانلاپسىز.
-ۋوجان، يۈسۈپجانكا ھەجەپ قېلىنكىنا ما دوستىڭىز.
-ھاھا...چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، چاقچاق...
-شۇشۇ...

بۈگۈن باشقىچىلا گەپچى بولۇپ كېتىۋاتقىنىڭنى ئۆزۈڭمۇ سېزىۋاتاتتىڭ...
-ھە، يانا سۈرەتكە چۈشىدىغانلار بارمۇ؟-سۈرەتچى ھەممىڭلارغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى.
-بار، مەن.
-ۋوي، نۇرىمانگۈل، ما ئاچىڭىزغىمۇ بېرىڭ دەيمەن نۆۋەتنى.
-شۇنى دەيمەن، نەخ مودىل بولىدىغان گەپتىكەنتۇق ئەسلى بۇ قىز.
گېپىڭ بىلەن تەڭ قىز يەنە ساڭا دومسىيىپ قارىدى.
-شۇ يۈزى قېلىن تاتىنچاغلىق قىلىپ تۇرساڭلا قارىشىپ، چۈشىۋىرەي دېدىم، بولماپتىما؟
-بوپتۇ، بوپتۇ...ھە رەسسام ئۇستام، ئوبدان بىر تارتىلى... ھە راس ما قىز-ئوغال قولداشلىمۇ بىرە پارچە چۈشۈپ قويمامدۇق؟بىزمۇ بىر مودىل قىزلانىڭ يېنىدا سۈرەتكە چۈشۈپ باقىلى قانداق بولىدىكى قېنى...

سۈرەتكىمۇ چۈشۈپ بولدۇڭلار، لېكىن سېنىڭ يەنە چۈشكۈڭ بار ئىدى، ھېلىقى «مودىل قىز» دائىملا بىرگە رەسىم چۈشكەن يۈسۈپجاننىڭ ئىنىسىدەك.
بىرەر سائەتتىن كىيىن مېھمانلار كۆپەيگىلى تۇردى. قوغۇن-تاۋۇز پىچىلمايۋاتاتتى، يۈسۈپجاننىڭ سۆزى بىلەن ئۆزۈڭ قوغۇن تاۋۇز پىچىلىۋاتقان قازناق ئۆيگە كىردىڭ. ئويلىمىغان يەردە كېلىن، قولداشلار، تۇرسۇن، ئەخمەتلەر شۇ قازناق ئۆيدە تۇراتتى. كۆزلىرىڭ چاقناپ كەتكەندەك بولدى، خۇددى ئۇۋىسىنىڭ ئالدىدا توشقاننى ئۇچىراتقان بۆرىدەك.
-ۋوي، نىمانداق پىچماي تۇرىسىلەر، ئاداش؟ ھە، بولىلى ئەمسە. ماۋۇلارچۇ، مۇشۇ ئۆيگە پالانغان ئوخشىمامدا؟-بوش قىلغان گېپىڭنى ئاڭلاپ قالغان نۇرىمان يەنە ساڭا دومسىيىپ قاراپ تۇراتتى، خۇددى ئەركىلەۋاتقان كىچىك بالىدەك. سەن چىشىڭنى چىقىرىپ كۈلدۈڭ.
-ياق، ئەمدى ئۆز ئادەم ئەمەسما، مىھمانلار سەل كۆپ بولاپ قېلىپ مۇشۇندا بولغان ئوخشايدۇ، توغرا چۈشىنەيلى خانلا. قېنى، قېنى، يۈسۈپجانغا ۋاكالىتەن ئۆز قولۇم بىلەن قوغۇن پىچاي. ئالە ھەي، تۇرسۇن، مالامۇ يىسۇن، ئالە ھە! قېنى، قېنى بېقىشىلى.
قىزلار بىر-بىرىگە قارىشىۋەتكەندىن كىيىن تەڭلا ساڭا قاراپ دومسىيىشتى. ئەخمەتكە كۆزۈڭنى قىسىپ قويۇپ، گېپىڭنى داۋام قىلدىڭ.
-ھەي! قارىغاندا لايىقىڭلاردا بولماي قاپتۇ دە! قالغىنىغا بىز بولغاندىكىن. ما توشۇيدىغانلار بولسا بىز پىچىۋىرەيلى ئاداش، سىرىتتا مۇشۇ نەرسىلەر كەم ھازىر.
نېمىشقىكىن، ئاغزىڭ بېسىقماي سۆزلەيتىڭ، خۇددى پادىشاھقا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى قالمىغان ۋايىزدەك. گەپلىرىڭنىڭ قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ياققانلىقىنى پەمىلەيتىڭ، خۇددى يىمەيمىز دەپ يىيىلىپ شاپاقلىرى دۆۋلەنگەن بايىقى قوغۇندەك. گەپنى ئەخمەتكە قىلاتتىڭۇ قىزلارنى گېپىڭگە دىققەت قىلىۋاتامدۇ يوق دەپ ئوغرىلىقچە قارايتىڭ، خۇددى لاي سۇ ئىچىپ قالغان كالىدەك.
تاۋۇز-قوغۇنلار پىچىلىپ بولدى، «بولدى پىچماڭلار» بۇيرۇقىمۇ كەلدى، لېكىن سىلەر يەنە بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمىدىڭلار، خۇددى بىرەر نەرسىگە قىيالمايۋاتقاندەك، قوغۇن-تاۋۇزنىڭ قوغدۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك. شۇ چاغ يۈسۈپجاننىڭ ھاممىسى كىردى:
-قىزلىرىمىزغا داستىغان سالمىدىڭلارما، ئاش يىمىدىڭلارما قىزلىرىم؟
-بىرى ئاش يەمسىز دېمىسە ئاش، دېگىلى بولمىسا يە!
نۇرىمان ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيگە پالانغان ئاچچىغىنى چىقىرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ قاشلىرى سۈزۈلۈپ، قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى. سەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاچقىمىكىن ئۆزۈڭنى كۈلۈۋېتىشتىن ئاران-ئاران تۇتۇپ قالالىدىڭ، يۈسۈپجاننىڭ ھاممىسى نېمە دىيىشنى بىلمەي بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلىشى نۇرىمان ساڭا قاراپ، ئىككىڭلار تەڭلا كۈلۈۋەتتىڭلار.
-ۋوي، ئاش يەيمىز دېمەي. قوساق ئېچىپتۇ ھە؟ كەمىنە، پېقىر بولىدىكەن سىلە ئاچ قالمايسىلەر خانلار، مانا ھازىرلا...
ئايىغىڭ نېمىشقىكىن چاققان بولۇپ كېتىۋاتاتتى، خۇددى خوشامەتچىنىڭ چاپقاق ئېشىگىدەك.
بىرەر سائەتتىن كىيىن كەلگەن ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ باھانىسى بىلەن تاۋۇز پىچىدىغان كىشى بولۇپ ئۇ ئۆيگە يەنە كىردىڭ، ئۇ چاغ قىزلار بىكار بولغان ئۆيىگە چىقىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى.
-ئاخىرى ئازات بوپسىلەر دە.
-شۇنى دەڭا.
-لېكىن قوسۇقىڭلار ئېچىپ قالارمۇ، بولمىسا ما قوغۇنلارنى ئالغاچ چىقىڭلار، قوغۇن پىچقىلى كىرگەچ تاماق...
-ھاھا...بولدى رەھمەت...
ئۇلار چىقىپ كەتتى. سەن پىچىۋاتقان قوغۇنۇڭنى ئازراقلا پىچىپ تۇرسۇننى چاقىردىڭ.
-ھەي، ئاداش، مەكىلە، تۇتە ما پىچاقنى، سەنمۇ بىر پىچىپ باقە قوغۇننى قانداق بولىدۇ قېنى.
-ھەي، ئادىل، ھەي ئادىل، قارا سېنى، قىزلار يوق زېرىكىپ قاپسەندە، بوپتۇ، ئەكە.
-چاقچاق ئاداش، چاقچاق، پاراڭ بىلەن تەڭ پىچايلى دېمەكچىتىم، ئەسلى.
بىردەمدىن كىيىن ئەخمەتمۇ كىرىپ قالدى.بىردەم تاغدىن-باغدىن پااڭلاشتىڭلار، ئاخىرىدا تېما يەنە قىزلارغا كۆچتى.
-ئادىل، راس، سەل باشقىچە تۇرىدۇغۇ ئەھۋال، ساقتۇ؟
ئەخمەت ماڭا باشقىچە قاراپ تۇراتتى.
-نېمىنى دەيسەن؟
-قارا خۇپسەنلىكىڭنى، ئا سىڭلىسى بىلەن كېلىشىپ قالغان ئوخشىمامسەن.
-ھاھا...دەل تاپتىڭ ئەخمەت، بۇنىڭدىن جىڭ چاتاق چىققان چىراي.
-ۋاي، مېڭىشەۋا، يوق گەپنى تېپىشىدىكەنسە، ھە راس كىچىكلا تۇرۇپ مۇھاببىتى بار قىز بالىمۇ نېمە ئۇ؟
-كىمنى دەيسەن.
-ئاخشام بىر ئاداش بىلەن قىچىغلىشىپلا كەتتىغۇ، چوڭلىنىڭ ئالىدىدا نومۇسمۇ قىلماي.
-ھە، ۋاي مەخسۇمنى دەيدۇ، ئۇكىسى ئۇ، مۇھەببىتى ئەمەس، ئەنسىرىمەي گېپىڭ بولسا دەۋەر.
-ۋاي، قويە، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، ئۇچىرىغان ئادەمگە گەپ قىلىۋىرىدىغان ئىش يوق بىر يەدە.

يەنە بىرەر سائەتكىچە ھېلى سىرتقا ھېلى باغقا كىرىپ-چىقىپ يۈردۈڭ، خۇددى بىرەر نېمىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشىدەك. ئاخىرى ھالسىز بەدىنىڭنى سۆرەپ چوڭ ئىشىك يېنىدىكى يالغۇز ئۆيدە نەغمە-ناۋا قىلىۋاتقان ياشلارغا قوشۇلدۇڭ. شۇندىلا بىر بۇلۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ، ئوقۇلىۋاتقان ناخشىلارغا دىققىتىڭنى ئاغدۇردۇڭ...ئۆز-ئۆزۈڭگە سوغۇق كۈلدۈڭ، خۇددى تۆنۈگۈن كەچتىكى ھېلىقى كۆرۈنمەس كىشى ساڭا سوغۇق كۈلگەندەك. ماھىرەنى ئەسلىدىڭ، ئۇنى سېغىندىڭ، خۇددى ئىلگىرى تالاي رەت تاقەتسىز سېغىنغىنىڭغا ئوخشاش. باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن تەمبۇرنى قولۇڭغا ئالدىڭ، لېكىن بېرىلىپ چالالمىدىڭ، ناخشا ئوقۇپ باقتىڭ، ئاۋازىڭدىن ھېسىيات، مۇڭ ئىزدەپ تاپالمىدىڭ. راھەتسىزلىنىۋاتاتتىڭ، گويا ئالدىڭدىلا بىرى كۆزۈڭگە قادىلىپ تۇرىۋالغاندەك. بېشىڭ ئاغرىۋاتاتتى، خۇددى خاتىرەڭدىكى ئىشلار، خىياللىرىڭ بىر-بىر بىلەن چىقىشالماي كاللاڭنىڭ ئىچىدە سوقۇش قىلىۋاتقاندەك.
ئۆينىڭ كارىدورغا قارىتىلغان ئىشىكى قىيا ئوچۇق ئىدى. سەن ئىشىكتىن سىرىتقا قادىلىپ تۇرۇپ قالغان ئىدىڭ، خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن كىشىدەك. كارىدوردا چىقىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر كۆپۈيۈپ قالغان ئىدى، بۇ قىز تەرەپنىڭ مىھمانلىرىنىڭ ئۇزىغانلىقىنى، نۇرىماننىڭمۇ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مۇنچە كىشىلەر ئارىسىدىن كۆزۈڭ بىرىنى تېپىۋالدى، ئۇ ئۆي ئىچىگە، ساڭا قاراپ قويۇپ ماڭدى، خۇددى سەن بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك. يەنە نېمىشقىدۇر ئورنىڭدىن تۇرغۇڭ، تەمبۇرنى قويغۇڭ، ئۆيدىن چىقىپ بىرىنىڭ كۆزىگە ئاخىرقى رەت قارىغۇڭ كېلەتتى، خۇددى تۈنۈگۈنكىدەك، بايىقىدەك. لېكىن، ئۇنداق قىلمىدىڭ. ئورنىڭدىن مىدىرلىمىدىڭ...

توينى تۈگۈتۈپ ئۆيگىمۇ كەلدىڭ. لېكىن، بىر قىسىمىلا بولۇپ قالغان ئىدىڭ. ئايرىم ئۆيۈڭدە ئۈستىگە قاراپ ياتاتتىڭ، خۇددى بىر ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندەك. توغرا سەن ئويلىنىۋاتاتتىڭ. لېكىن... سەن بۈگۈن نۇرىماننىڭ كۆزىگە قانداق قارىغان بولساڭ، ئۇنىڭغا قانداق چاقچاق قىلغان بولساڭ باشقا بىرىمۇ ماھىرەگە خۇددى شۇنداق...ئويۇڭ مۇشۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيتى. سەن نېمىشقىدۇر تولغۇنۇپ كېتەتتىڭ، نۇرىماننى بۇنىڭدىن كىيىن كۆرەلمەيدىغىنىڭغا ئەمەس، ماھىرەنىڭ باشقا بىرىگە «نۇرىمان» بولۇپ قېلىشىدىن غەم يەپ تولغىناتتىڭ، خۇددى يىلان چېقىۋالغاندەك. كۆزۈڭنى چىڭ يۇمۇۋالدىڭ، خۇددى ئاخشامقىدەك...

بىر-ئىككى كۈن ئۆتۈپ بۇ ئاددى ئىشلار خىيالىڭغا كىرىپ چىقماس بولغان بىر كۈنى يۈسۈپجاندىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى:
-ۋەي ئاداش، تېچلىقما، ئۆيدىما؟ ھە، مانداق گەپ، ئاداش. يىگىت-قىز تەرەپتىن ئەھۋال سورۇشۇپ بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان بىر قائىدە بار، بىلىسەن ھەقاچان.تۆنۈگۈن بىز ئۇلارنىڭكىگە بارغان، بۆگۈن ئۇلار كېلىدۇ. شۇڭا مېھىمان كۈتىدىغانغا قارىشىپ بېرەمدىكىن دەپ.

يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ خېلىدىن كىيىن ئۇلار كەلدى، ئالدىغا چىقتىڭلار. ئۇمۇ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇ ساڭا قارىمىدى، سەنمۇ ئۇنىڭغا قارىمىدىڭ، خۇددى ناتونۇشلاردەك. سەن ئامال بار ئۇنىڭغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن سەي تەييارلايدىغان، شورپا قىلىدىغان ئىشلارغا ياردەملەشتىڭ.
مېھمانلار ئۇزاشقا يېقىن يەنە يامغۇر تېمىشلىغىلى تۇردى، ئۇلار يامغۇرغا قارىماستىن دۇئا قىلىپ چىقتى. ئۇزاتقىلى چىقتىڭلار، كۆزۈڭ...ئۇنىڭغا قارىدىڭ، ئۇمۇ ھەم، خۇددى بىر-بىرىڭلارغا قىيمىغاندەك، بىر-بىرىڭلەرگە چوڭقۇر مېھرىڭلار بار كىشىلەردەك...ئۈچ چاقلىق موتىسىكىلىت ئۆيدىن ئۇزاپ تاكى نېرىدىكى ئەگىمە يولغا بۇرۇلغۇچە، شۇ چاغ ئۇ يەنە ساڭا بىر رەت قايرىلغۇچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇڭ، خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك.
-ماڭە ئاداش، ئۆيگە، سېنى تۈزۈك كۈتۈلمەي قالدۇق، چاي-پاي ئىچكەچ بىردەم پاراڭلىشىمىز.
-ياق، بولدى ئاداش، ئۆيدىمۇ ئازراق ئىش بار ئىدى مەن ماڭاي. راس تارتىنمىدىم، زورلىمىغىن ، رەھمەت.
-ئەمسە ئۇكام سېنى ئاپپىرىپ قويسۇن، موتونى ئېلىپ چىقە، ئۇكام.
ئۇنداق قىلىپ يۈرمىسىمۇ بولاتتى.

موتىسىكىلىت ئەمدى قوزغىلىپ ھېلىقى ئەگىمە يولغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئىنىسى توختاپ تۇرۇپ قالدى.
-نېمىگە تۇرىسەن؟
-قاياققا ماڭىمىز؟
-بىزنىڭ ئۆينى بىلەرسەن؟!
-ھاھا...بىلىمەن، ماڭدىم ئەمسە.
-قاياققا ماڭغۇسى باركىن دىگەنتىڭ، مېڭىپ باققىنا قېنى مېنىڭ ماڭغۇم بار شۇ تەرەپكە.
ئۇ موتىسىكىلىتنى تېزلا نۇرىمانلار ماڭغان يولغا توغرىلاپ يۈرۈپ كەتتى، لېكىن مېڭىپ تۇرۇشىمىزغا قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك چۈشكىلى تۇردى. بىزمۇ مېڭىۋەردۇق.
-نېمىشقا بۇياققا ھەيدەيسەنېي، ساراڭ ئاداش؟
-ھاھا...سېنىڭ ماڭغۇڭ بار تەرەپنىڭ مۇشۇ ياقلىقىنى ئۇقىمەن.
موتىسىكىلىت، يامغۇرنىڭ ئاۋازىدا بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ۋارقىرىشىپ پاراڭلىشىۋاتاتتۇق.
-ھاھا...كىم دەيدۇ ساڭا بۇياققا ماڭغۇسى بار دەپ، ئەمسە نېمە قاياققا ماڭىمىز دەپ سوراپ يۈرۈيسە؟
-ساڭا سىلەرنىڭ ئۆيگە چوڭ يولچى ماڭامدۇق، تۈز يولچىمۇ دېمەكچىتىم مەن.

يېزىنىڭ توپا يولى بىردەمدىلا لاي پاتقاققا ئايلانغان ئىدى. يۈزۈڭلارغا يامغۇر تامچىسى نەشتەردەك ئۇرۇلاتتى، كىيىملىرىڭلار چىپ-چىپ سۇ بولۇپ بەدەنلىرىڭلارغا چاپلىىشىپ كەتكەن ئىدى. موتىسىكىلىتمۇ تېيلىنىپ ماڭالمايۋاتاتتى، نەچچە قېتىم پاتقاققا يىقىلىپ بىر-بىرىڭلارنىڭ ھالىتىگە قاراپ كۈلۈشتۈڭلار. مىڭ بىر جاپادا ئۇنىڭ مەھەللىسىگە كەلگەندە بولسا، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مەھەللىسىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ھالىتىڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكۈڭ كەلمەي قالدى.
-بولدى، يانايلى، بولدى...
-نېمە بولدى؟
-ھېچنىمە، بولدى، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتمىسۇن، مېنى ئۆيگە ئاپپىرىۋەت.
-ھاھا...ساراڭلىكەنسەنغۇ...

ئايرىم ئۆيۈڭدە ئۈستىگە قاراپ ياتاتتىڭ، خۇددى بىر ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندەك. تۇيۇقسىز تەۋرىنىپ ئۆرە بولدۇڭ، قولۇڭغا قەلەم ئالدىڭ، مۇھەببەتنى بىر نېمىگە ئوخشاتماقچى بولدۇڭ، ئوخشىتالمىدىڭ، خۇددى تالاي كىشىلەردەك. يەنە بىر-ئىككى يىل ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئۆزۈڭنى قىياس قىلىپ باقتىڭ، ماھىرەنى قىياس قىلىپ باقتىڭ. ئىككىڭلارنى، ئىككىڭلارنىڭ شۇ چېغىڭلارنى قىياس قىلىپ باقتىڭ، قىياس قىلالمىدىڭ. ئىككىڭلارنىڭ بەخىتلىك كەلگۈسىگە ئىشەنمەكچى بولدۇڭ، ئىشىنەلمىدىڭ. چەكسىز ئىشەنگەن ماھىرەگە ئىشەنمەي قويدۇڭ، خۇددى ئۆزۈڭگە ئىشەنمىگەندەك، كۆزۈڭگە ئىشەنمىگەندەك، ئۆزۈڭدىن ئەنسىرىگەندەك.  ئۆزۈڭدىن سۇئال سورىدۇڭ:
ئەمسە مەن ماھىرەنى...ياق، ياق، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ھەم ياخشى كۆرىمەن، خۇددى ئىلگىركىدەك.
سورالمىغان سۇئالىڭ جاۋاب بىلەن تولدى، لېكىن يەنە بىر مۇنچە سۇئال ساڭا يۈگۈرەپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى...يەنە ئاجىزلىق قىلدىڭدە، كۆزۈڭنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدىڭ، خۇددى كۆزنى يۇمۇۋېلىش بىلەن ھەممە ئىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك...

شېئىر ئاپتۇرى جوڭگۇ سىياسى قانۇن ئونىۋېرىستېتى 2009-يىللىق سىنىپتىن مۇھەممەت ئەلى توختى

-مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرىستېتى 2009-يىللىقتىن ئالىمجان توختى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 11:02 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
2256 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 10:59:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى بىر 2-شەخس تىلدا يېزىلغان ئەسەر دەمدۇق ئەدەبىياتتا ؟؟؟


ئەسەر شۇنداق ئىسىل چىقىپتۇ مەن تېخى ئاخىرىدا ئىككىسىنى تېپىشىۋالامدىكىن دىسەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 11:02 PM  


خەپ  ئىچكى دۈشمەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 04:33:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاخىرىنى قانداق چۈشۈنۈشىمنى بىلەلمىدىميا !

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82810
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4295
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:00:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازىخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 12:01 PM  


ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4403
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىنكاس يېزىپ قۇيۇپ  كەچتە ئۇقۇي ئەمدى ...

تىما ئىگىسىگە رەخمەت.......

مىللەت ئۇرۇشتا يۇقالمايدۇ ، سۈكۈتتە يۇقۇلىدۇ .......

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9646
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 03:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قالغىنىنى ئەتە ئۇقۇي ،

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 07:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82767
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3051
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:17:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخېري بامۇ يا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش