مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 942|ئىنكاس: 3

باتۇر مونا (تارىخىي داستان ،چەتئەل فىلىمى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

* تۇرمۇشتىكى ئېچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14226
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10365
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2650 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 07:27:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





فىلىم تەرجىمىسى توغرىسىدا
1. فىلىمنى ئىسمى
فىلىمنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 赛德克·巴莱
چەتئەلچە ئىسمى: Seediq Bale
دۆلىتى: جۇڭگو تەيۋەن
رېژىسسور: ۋېي دېشىڭ 魏德圣 Te-Sheng Wei ؛ 1968-يىلى تەيۋەندە تۇغۇلغان.
خەنچە  赛德克·巴莱  دىگەن خەت تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق تىلىدىكى ھەقىقى ئەزىمەت، ھەقىقى ئەركەك دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئەسلى تەلەپپۇزى بويىچە سەدىق بالەي دىيىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ئاخسا شۇمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە «ئەجدات روھى» «ئەجدات ۋەسىيىتى» دەپ ئېلىنسىمۇ فىلىمنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا تازا ماس كەلمىگەندەك ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن باشتا «ھەقىقى ئەزىمەتلەر» دەپ ئالغان ئىدىم ھەم مۇشۇ ئىسىم ماس كەلگەن ئىدى... كىيىن بۇ فىلىمدىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى لازىم بولۇپ، ماتىريال ئاختۇرغۇچە فىلىمدىكى باش قەھرىمان مونا روداۋ توغرىسىدىكى  ئۇچۇر ئۇچراپ، ئۇ كىشىگە ئاتاپ قۇرۇلغان مەخسۇس مۇزىينىڭ ھازىر تەيۋەندە بارلىقىنى بىلدىم، ۋە بۇ كىشىگە بىرخىل ھۆرمىتىم ئېشىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ كىنونىڭ ئىسمى «ھەقىقى ئەزىمەتلەر» دىن «ئەزىمەت مونا» غا كىيىن ئادەمگە تېخىمۇ يېقىن تۇيغۇ بېرىدىغان «باتۇر مونا» غا ئۆزگەردى.
2. فىلىمدىكى بىر قىسىم ئىسىم-ئاتالغۇلار: كىنودا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 30 دەك ئىسىم، 7-8 دەك يەر جاي ناملىرى، 12 دەك قەبىلە-قەۋمنىڭ ئىسىملىرى ئۇچرايدىكەن... بۇ ئىسىملارغىمۇ تەرجىمە جەرياندا خېلى باش قاتۇرۇشقا توغرا كەلدى..مەسىلەن: (1) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 蕃族، 蕃人 بولۇپ، بۇ  ئەينى چاغدا ئەزگۈچىلەر ۋە ياپونلار تەرپىدىن سەدىقلەرنى كەمىسىتىپ ئېيتىلغان سۆز ئىكەن.. خەنزۇچە مەنىسى يات تائىپە، ياتلار، چەتئەللىكلەر، كەلگۈندىلەر دىگەندەك مەنىگە ئىگە ئىكەن...بۇلارنى زۇلپىخار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ياتلار، يات تائىپە دەپ ئالغان ئىدىم، كىيىن قارىسام يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ياپونلارنى 异族, 异人 خەت بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى ئۇچراشتى، دىمەك 蕃人 نى يات دەپ ئالساق بولمايدىكەن، شۇنداقلا ياپونلار ئۆزى يات يەردىن باستۇرۇپ كىرىپ شۇ يەرلىك خەلقنى يات دەپ ئاتىشى ئەقىلغە سىغمايدىكەن.. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى بەدەۋىلەر، پەسلەر دەپ ئۆزگەرتتىم، چۈنكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق تېخى ئىپتىدائى جەمئىيەت مەزگىلىدە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، شۇنداق بولغاچقا بەدەۋىلەر مۇۋاپىق كېلىدىكەن ئەمما ئۇ سۆزنىمۇ ئىشلەتكۈم كەلمىدى، چۈنكى مەندە بۇ مىللەتكە قارتا بىرخىل ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالغان ئىدى..ئۆزى ھۆرمەت قىلغان ئادەمنى كەمىسىتىغان ئىش نەدە بار...شۇنىڭ بىلەن زادى ياپونلار نىمە دەپ ئاتايدىغان بولغىيتى دەپ يەنە ماتىريال ئاختۇرسام ياپونلار "ban" دەپ ئاتايدىكەن..مۇشۇنداق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە «فەن» لەر دەپ ئالدىم. چۈنكى ban مۇ خەنزۇلار تەلەپپۇزىدىكى فەنگە يېقىن كېلىدىكەن...   (2) شۇ چاغدا فەنلەرنىڭ 12 قەبىلىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسىمى باركەن، خەنزۇچە تەلەپپۇزى بويىچە قىلىنغا تەرجىمە بىلەن فەنچە تەلەپپۇز قەتئى ئوخشىمايدىكەن. مەسىلەن : 道泽 بۇنى ھەممەيلەن داۋزې دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز، ئەمما فەنلەر «تۇدا» دەپ ئاتايدىكەن..شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر مۇشۇنداق ئاتالغۇ ئۇچرىسا گۇگۇللاشقا توغرا كەلدى..12 قەبىلىنىڭ ھەممە ئىسىملىرىنى گۇگۇلدىن ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ يۈرۈپ تېپىپ چىقتىم. (3) ياپونلارنىڭ ئىسمىمۇ خېلى ئاۋارە قىلدى...ياپونچە ئىسىمنى خەنزۇلار باشقىچە تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئەمما مەن يەنىلا ئەسلىسى بويىچە ئالاي دەپ بەيدۇ، گۇگۇللارغا مۇراجەت قىلسام بەزىلىرىنى تاپقىلى بولدى، يەنە بەزىلىرىنى تاپقىلى بولمىدى، تاپالمىغانلىرىمنى كىنودىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىشقا توغرا كەلدى... (4) بۇ كىنو داستان خاراكتىېرىلىق كىنو ئىكەن، داستاندا ۋەقەلىك، دىئالوگ يەنە ناخشا-مۇزىكىلار بىرلىكتە ئورۇنلىنىدۇ... بۇ كىنودىكى ناخشىلار ئاساسلىق ئىپتىدائى جەمئىيەت كىشىلىرىنى تۇتىملارنى، قەھرىمانلارنى مەدھىلەيدىغان قەسىدە خاراكتىرىلىق شىئېر بىلەن تىلاۋەت ئوتتۇرسىدىكى سۆزلەر ئىكەن، بۇنى ئېلىشتا خەنزۇچسىدە قانداق بولسا شۇنداق تۈز تەرجىمە قىلىندى.... (5) ئىلاج بار ئېغىز تىلىغا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئىخچام سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىندى...ئۇزاقراق جۈملىگە توغرا كەلگەندە شۇ پىرسۇناژ شۇ گەپنى دەپ بولغۇچە بىزمۇ خېتىنى ئوقۇپ بولالايمىزمۇ-يوق دىگەننى بەك ئويلاشتىم، تەڭ ئوقۇپ بولالىغانغا قەدەر قىسقارتىشقا تېگىشلىك سۆزلەرنى قىسقارتتىم.

3. فىلىمنىڭ باش قەھرىمان مونا روداۋ توغرىسىدا
بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1 مېتىر 90 سانتىمېتىر،  1880-يىلى تۇغۇلۇپ 1930-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. تەيۋەندىكى سەدىق مىللىتىنىڭ ماخىپور قەبىلىسىنىڭ ئاقسىقىلى، روداۋ لۇخېنىڭ چوڭ ئوغلى، ئىلگىرى ياپونىيەگە بېرىپ توكيو، ناگاساكى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى قورال ياراق زاۋۇتلىرى، ھەربىي مەكتەپلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ پەن تەخنىكىسى، قورال ياراقلىرى، ھەربىي تۈزۈلمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەن. ئۇ تەيۋەنگە قايتقاندىن كېيىن قەبىلىسىدىكىلەرگە،  ياپونلارنىڭ دەھشەتلىك سىياسەتلىرىگە سەۋرىچان بولۇشىنى، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىم ياپونلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئەمەلى كۈچىنى تونۇپ، ياپونلارغا ھەمكارلىشىپ باشقا بوي سۇنمىغان قەبىلە، رايۇنلارنى بويسۇندۇرۇش ھەركەتلىرىگە قاتناشقان.
تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشايدىغان ئاتايالاي (Atayal)مىللىتىنىڭ (تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدىغان 2-چوڭ مىللەت) ئاقساقىلىنىڭ دىيىشىچە 1920-يىلى مونا روداۋ ئاتايلايلارنىڭ ئوۋ مەيدانىدىن پايدىلىنىپ، نەنتۇ ناھىيسىدە ئۆز قەبىلىسىدىكلەرنى يېتەكلەپ ياپونلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 26 دەك ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. بۇ «سالاماۋ ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان. بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولسا ياپونلار «ئىسپانىيە يۇقۇملۇق زۇكامى» سەۋەبلىك ئاتايالايلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنى شۇ چاغدىكى پارلامىنت ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم سەدىق ۋەكىللىرى ئېتراپ قىلغان. «باتور مونا» دىگەن كىنو مونا روداۋنىڭ «ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، باشقا قەبىلىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش» ئىشىنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن. فىلىم رىژېسسورى ۋېي دېشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «قەھرىماندىمۇ كەمچىلىك بولىدۇ» مونا روداۋغا ھازىرقى زامان نۇقتىنەزىرى بىلەن باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ئەينى چاغدىكى شەرت-شارائىت، تارىخى ئارقا كۆرنۈشكە قاراش كېرەك. ئىپتىدائى جەمئىيەتتە ئوۋ مەيدانى مەلۇم بىر توپنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى ئىدى، ئوۋ مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغان قەبىلە ياكى جەمەت ھاياتلىق مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. شۇڭا قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا دائىم ئوۋ مەيدانىنى تالىشىش جېڭى بولۇپ تۇراتتى.. بۇنىڭ ئۈچۈن قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا دوستلۇق  بىلەن دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى..بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ، بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلسا بەزىدە بۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلاتتى....


مونا روداۋنىڭ ھەيكىلى

  4-ۋۇشى ۋەقەسى
1930-يىلى قەبىلە ئىچىدىكى بىر قېتىملىق توي مۇراسىمىدا مونا روداۋنىڭ چوڭ ئوغلى شۇ يەردىكى ياپۇن ساقچىسى يوشىموراغا ھۆرمەت شارابى تۇتىدۇ، يوشىمورا بۇنى رەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياشلا ئۇنى قورشىۋېلىپ، قاتتىق ئۇرىدۇ. كېيىن مونا روداۋ ئالاھىدە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئۇ ساقچىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ ھەتتا بۇ ئىشنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىدۇ. ئەينى چاغدا ساقچىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى مونا ئوبدان بىلەتتى. ھەمدە ياپونلارنىڭ ئاسمىلاتسىيەسى، ئەنئەنىنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرىگە قاتتىق نارازى بولۇپ تۇرغان ياشلارغا ئەمدى توپىلاڭ كۆتۈرمەي ئامال يوق ئىدى.. شۇنىڭ بىلەن 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونلار تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھى» غا ياپونلارنى «نەزىرلىك» قىلىدۇ. مانا بۇ ۋۇشى ۋەقەسىدۇر.
5. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى
ياپونلارنىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقى ئاچلىق، تاشقى ياردەمنىڭ پەقەت بولماسلىقى سەۋەبىدىن مونا روداۋ ئوغلى تودو موناغا تەسلىم بولۇشنى ئېيتىپ قويۇپ، ئۆزى تاغقا كىرىپ كېتىدۇ. تودو مونا تەسلىم بولۇشنى خالىماي سىڭلىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرەشكە ۋۇشىدىكى 12 قەبىلىنىڭ 6 سى جەمئى 1236 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، 644 ئادەم ئۆلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 267 ئادەم ياپونلار ۋە باشقا قەبىلىدىكىلەر تەرپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ، 290 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ..
6. مونا روداۋنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلىشى

مونا روداۋنىڭ جەسىتىنىڭ ۋۇشىغا يۆتكىلىشى 1973-يىلى

مونا روداۋ ئۆلگەندىن كيىن (قاچان ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس) 1933-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلىدۇ، ئەمما جەسەت پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتمىگەن بولۇپ، يېرىمى دىگۈدەك مومياغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.. 1934-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى تەيبېي «ئىمپېريىە ئۇنۋېرسىتتى» (ھازىرقى تەيۋەن ئۇنېۋېرستىتى) دا كۆرگەزمىگە قويىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ. 1973-يىلى ۋۇشىغا يۆتكىلىپ دەپنە قىلىنىدۇ.
7. مونا روداۋنىڭ ئائىلىسى

ئوتتۇردىكى مونا روداۋنىڭ ئوغلى داداۋ مونا

مونا روداۋنىڭ باتان ۋالىس دىگەن ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن 2 ئوغۇل 3 قىز پەرزەنتلىك بولغان. چوڭ ئوغلى تودو مونا تەسلىمنى قوبۇل قىلماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان، كىچىك ئوغلى  باسو مونا شۇ قېتىمقى جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن.. چوڭ قىزى ماخوڭ مونا (1907-يىلى تۇغۇلۇپ، 1973-يىلى دۇنيادىن ئۆتكەن)  بولۇپ، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇنىڭ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولۇپ تۇرغاندا چوڭ ئاكىسى قەبىلە ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك  قىلىپ جەڭ قىلىۋېتىپ تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماسلىققا، ئەۋلادلارنى ساقلاپ قېلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ..
ئۇ مونا روداۋ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر ھايات قالغۇچى ھىساپلىنىدۇ..كىيىن يىتىم بالىلارنى بېقىۋلىپ تەربىلەيدۇ ھەمدە ئىسمىنى خەنزۇچە 张秀妹 گە ئۆزگەرتىپ 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ...
مونا روداۋ ھەققىدىكى بەزى رەسىملەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ
http://tieba.baidu.com/f?kz=1604986538



قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
                                 بۇ فىلىمدە 1930-يىلىدىكى ياپون ھاكىميىتى ئاستىدا قالغان تەيۋەن خەلقىنىڭ سەدىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ خەلقنى باشلاپ ياپون ھاكىميىتىگە قارشى چىقىشتەك مىللى قەھرىمانلىقى سۆزلەنگەن...

ئىشلىنىش جەريانى
-----------------------------------------------------------------------------------------------------

ئىجادىيەت باش ئاخىرى

  2003-يىلى مەزكۇر فىلىم رېژىسسورى 魏德圣 ئىككى مىليون تەيۋەن پۇلى سەرپ قىلىپ 5 مىنۇتلۇق تەشۋىق فىلىمى ئىشلىگەن، ئۇ مۇشۇ تەشۋىق فىلىم بىلەن مەبلەغ سالىدىغانلارنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان، ئەمما بۇ پىلان سۇغا چىلاشقان. 2008-يىلى 魏德圣 فىلىمى «海角七号» چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ «سەدىق بالەي»گە يەنە بىر قېتىم تۇتۇش قىلىش پىلانىنى باشلىغان.

قەھرىمان مونا روداغا رول تاللاش

  تارىخنى تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ مونانىڭ تاشقى قىياپى، خاراكتېرى، تەن قۇرۇلۇشى، تەسىرچانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يېرىم يىلدىن ئارتۇق مەشىق، 10 ئايدىن ئارتۇق تارتىش جەريانى قاتارلىق تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئاستىدا، رېژىسسور ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەدىق مىللىتىدىن ئادەم ئىزدىگەن، ئەمما موناغا چۈشكىدەك ئادەم تاپالماي، رول تاللاش دائىرىسىنى تايا مىللىتىگە كېڭەيتكەن، ئەڭ ئاخىردا جاپاسىغا چۇشلۇق، ئوخشاش بىر قەبىلىدىن موناغا چۈشكىدەك ئاكتىيوردىن ئىككىنى تاپقان. بۇلار دەل ئوتتۇرا ياشلىق مونانىڭ رولىنى ئالغان 林庆台 بىلەن ياش مونانىڭ رولىنى ئالغان 游大庆 ئىدى. بۇ ھەقتە 魏德圣 مۇنداق دەيدۇ:«مونا ياش چېغىدا ناھايىتى قارام بولۇپ، يېشى چوڭايغانسېرى ئېغىر بېسىقلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئۇنى تۇنجى كۆرگەندىلا كۆزىدىن ئوتتۇرا ياشلىق موناغا چۈشىدىغان بىر خىل ئۇچقۇنلارنى بايقاندەك بولدۇم، ئۇنىڭدىن باشقا خاراكتېر جەھەتتىنمۇ بىز تاللىماقچى بولغان ئوتتۇرا ياشلىق موناغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىككىلەنمەيلا ئۇنى تاللىدۇق!»

جانغا ئەسقاتقان چولپان قەھرىمانلار

  周杰伦: يىگىرمە مىليونغا بىر يۈەن ئۆسۈم ئالغان
  魏德圣نىڭ «سەدىق بالەي»نى ئىشلىشىگە جوۋ دېرىكتور ناھايىتى مەرتلىك بىلەن 20 مىليون تەيۋەن پۇلى چىقارغان(تەخمىنەن تۆت مىليون 400 مىڭ خەلق پۇلى). فىلىم رېژىسسورى 魏德圣نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سەنئەت ساھەسىدىكى كىچىك مىليونېر 周杰伦غا ناھايىتى تەسلىكتە ئېغىز ئاچقان، يەنە كېلىپ فىلىم نازارەتچىسى 吴宇森 ياردەم قىلغان، ئۇ چاغدا بىر ئايدا قايتۇرۇشنى دېيىشكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئالتە ئايغا سۆرىۋەتكەن، «周杰伦 ماڭا 20 مىليون بېرىپ تۇرغان، تېخى ئۆسۈمسىز، ئاخىرىدا شۇ قائىدىسىنى قىلىپ بىر يۈەنلا ئۆسۈم ئالغان بولدى، كېيىن قولۇمغا پۇل كىرگەندە، بىرىنچى بوپ قايتۇرىۋەتتىم.»

  徐若瑄: ئۆي ساتماقچى بولغاندا ۋېي رېژىسسور توسۇپ قالغان
  徐若瑄 مەزكۇر فىلىمدە رول ئالغاندىن سىرت باشتىلا ۋېي رېژىسسورنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، فىلىم گۇرۇپپىسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەيلا ئۆيىنى سېتىپ ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان، ئەمما ۋېي رېژىسسور ئۇنىڭغا:«قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بېرىپ تۇرۇڭ، ئۆيىڭىزنى ساتماڭ» دېگەن. ئاخىرىدا 徐若瑄 يەنىلا ئون مىليون تەيۋەن پۇلى چىقىرىپ(تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ خەلق پۇلى)، فىلىم گۇرۇپپىسىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان.

  言承旭: باش رول تەگمىسىمۇ مەردلىك بىلەن پۇل ئۆتنە قىلغان
  «سەدىق بالەي»گە ئەر باش رول تاللاش شەرتىگە چۈشكەن ئېگىز ھەم تەمبەل بولغان 言承旭 باش رول ئالىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ۋېي رېژىسسور ئاخىرىدا باش رولغا يېڭى ئادەم تاپقانلىقتىن، 言承旭 بۇ فىلىمگە قاتناشمىغان. ئەمما ئۇ ئىزچىل مەزكۇر فىلىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، ۋېي رېژىسسور قىيىنچىلىقتا قالغاندا بىر قېتىمدىلا يۈز مىليون تەيۋەن پۇلى ئىنانە قىلغان(تەخمىنەن ئىككى مىليون 200 مىڭ خەلق پۇلى).

  戴立忍 钟孟宏 لارمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇشقان
  رېژسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن 戴立忍 بىلەن بۇلتۇر ئالتۇن ئات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسورلۇقىغا ئېرىشكەن رېژىسسور 钟孟宏 لار كىنو ئىشلەش ئۈچۈن پۇل سوراشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا 戴立忍 مۇ، «不能没有你» فىلىمى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تۆت مىليون تەيۋەن پۇلى(تەخمىنەن 900 مىڭ خەلق پۇلى) ئۆتنە قىلغان؛   钟孟宏 مۇ بىرىنچى قېتىم ئىككى مىليون تەيۋەن پۇلى(تەخمىنەن 450 مىڭ خەلق پۇلى)، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئىككى مىليون خەلق پۇلى بېرىپ تۇرغان.

قىسقا خەۋەرلەر
-----------------------------------------------------------------------------------------------------
  مەزكۇر فىلىم ۋىنىس خەلقئارا كىنو بايرىمىغا كىرگەن، ۋېي رېژىسسور بۇنىڭغا ئاتاپ فىلىمنى قايتا مۇنتاژ قىلغان. 2011-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رېژىسسور، باش رولچىلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا داغدۇغلۇق قاتناشقان. باش رولچى 徐若瑄 فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىپ، ئۇچىسىغا «丛林风» مۇراسىم كىيىمى ئارتىپ سەھنىگە چىققان.



فىلىم قويغۇچىسىنى بۇ تور بىكەتتىن چۈشۈرۋىلىڭ :http://www.kuaibo.com/


توربىكەت  qvod  قويغۇچىسىدىكى فىلىملەرنى بىۋاستە قويۇشنى  قوللىمىغاچقا  پەقەت كۆرۈش ئادىرىسى قالدۇرۇلدى  .


كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3292


ھازىرچە ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىنغان  1_ىنچى قىسىمى ئىلان قىلىندى قالغان يەنە بىر قىسمى تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ .  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 07:44 PM  


ھازىرقى زامان قىزلىرىنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمى: ئۆي- ماشىنىسى بولسىكەن، ئاتا- ئانىسى ئۆلسىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 08:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 08:33:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما بۇرۇن بىر قىتىم يوللۇنۇپ بولغانغۇ دەيمەن. شۇنداق بولسىمۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت. بۇ فىلىم تەشۋىق قىلغۇچىلىكى بار فىلىم مەن كۆرۈپ بولغان باتۇرلۇق، ئەركىنلىك، باسمىچىلارغا تىز پۈكمەسلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى فىلىمكەن.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62987
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 10:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ ، ئۇيغۇرچە يىزىقدا كۆردىغان بوپتۇققە...ئاقبۈركۈتتىكى تەرجىمانلارغا رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش