مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 9

لى كۇينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 05:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر لۇ جىشېن خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن لياڭشەنگە قايتىپ كېلىۋىدى، رۇەن ئاكا -ئۇكا ئۈچەيلەن سالامغا باردى. گەپ ئارىلىقىدا، رۇەن شياۋئېر:

ـــ لۇ ئاغا، ئۇقتىڭىزمىكىن، لى كۇي ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگۈدەك، ـــ دىدى.

لۇ جىشېن قاقاقلاپ كۈلۈپ:

ـــ ئۇ چوقۇم ساختا دىپلوم بىلەن سوڭ ئاغام ۋە باشقىلارنى ئالدىماقچى، بۇ نىمە دىگەن شەرمەندىلىك. مەن جەزمەن بۇ ئىشنى سۇڭ ئاغامغا مەلۇم قىلاي، لياڭشەن باتۇرلىرىنىڭ نامىنى بۇلغىمىسۇن يەنە، ـــ دېدى.

لۇ جېشىن سوڭ جياڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، دەرۋەقە لى كۇينىڭ ئىشىنى تىلغا ئالدى. سۇڭ جياڭ ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويدى.

ۋۇ يوڭ :

ـــ لى كۇي ئىنىمىز بۇ ئىككى يىلدىن بېرى جىق ئالغا باستى. بولۇپمۇ ساۋات چىقىرىشتا. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھۆججەتلەرگە سىزغان چەمبىرىكى ئىلگىرىكىدىن جىق يۇمۇلاقلىشىپ كەتتى. تېخى بىر قېتىم مەن ئۇنى سىركۇل بىلەن سىزدىمىكىن دەپ قالدىم. دىپلومغا كەلسەك، مىنىڭ بىلىشىمچە ھەممىسى راست، خەق نىمە دىمەيدۇ. ھەممىسى ئېغىزدىكى تۇترۇقسىز گەپلەر، ئىشەنچىلىك ئەمەس. لى كۇي ئىنىمىزنىڭ تىلى گال، ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، قوسىقىدىكى بىلىمنى دەرھال ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ـــ دېدى.

گوڭسۇن شېڭ مۇنداق دېدى :

ـــ مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە ئىشلەيمەن، بۇ مەسىلىگە ئۇزاقتىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. مەن سىزگە شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، لياڭشەندە تاكى ھازىرغىچە بىر پارچىمۇ ساختا دىپلوم بايقالمىدى، دىپلوملارنىڭ ھەممىسى راست. جىشېن ئىنىم، سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز.

سوڭ جياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:

ـــ جىشېن ئىنىم، مەن لى كۇيغا بىر ئاز يان باسىمەن، بۇنىسى راست. ئەمما سىز خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئۇنىڭ ساختا دىپلوم بىلەن بىزنى ئالدىشىغا، لياڭشەندىكى چوڭ ئىشلىرىمىزغا زىيان سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. ھازىر بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ، رىقابەت كەسكىن. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ساختا دىپلوم كۆتىرىۋالغانلار ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغان بولمامدۇ؟ سىزمۇ تىرىشىڭ، لياڭشەندىكى 108 كادىرنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر، ماگىستىر. شۇڭا باشقىسىنى دېمەيلا قوياي، مەن ئادەتتە يىغىن ئاچساممۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ شەرەپ ھىس قىلىمەن، ـــــ دېدى.

لۇ جىشېن سوڭ جياڭنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، ئويلىغانسىرى گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئۇدۇل لى كۇينى ئىزدەپ ماڭدى. لى كۇي بۇ چاغدا ئىشىكنى دۈملەپ، ھاراق ئىچكەچ ئىت پاچىقى يەۋاتاتتى. ئىشخانىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى پۇراپ كەتكەن ئىدى. ھەممە يەر قالايمىقان تاشلانغان گۆش ۋە ئۇستىخانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. لېكىن بىرەر پارچىمۇ كىتاپ كۆرۈنمەيتتى. لى كۇي لۇ جىشېننى كۆرۈپ قولىدىكى پاچاقتىن بىر چىشلەم چىشلىۋېلىپ:

ــــ كۈتكەن رەقىبىم ئاخىرى كەلدى. كېلىڭ، قانغۇچە ئىچەيلى، كىم بالدۇر يىقىلسا شۇ ئىت بولسۇن! ــــ دېدى بوم ئاۋازدا.

لۇ جىشېن ئالدىراپ لى كۇينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەن ئىشىنى سورىدى. لى كۇي قاتتىق كۈلۈپ كېتىپ: ــــ ھەممىسى سوڭ ئاغامنىڭ مودا قوغلاشقانلىقىنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ، زىيالىيلاشتۇرىمەن دەپ قانداق يول بىلەن ھەل قىلغان دىپلوم بولسۇن، زادىلا كارى بولمىدى، ئۇنداق قىلمىغانلارنى ئەمەلدار قىلمىدى، ئىش ئورنىدىن قالدۇرىۋەتتى. بۇ مەن تۆمۈر كالىنى تار يەردىن قىستىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆگىنىش؟ مېنىڭ كىتابقا قارىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئوبدان بىر كاتىبىم بولۇپ قاپتۇ. مەن ئۈچۈن ھەممىنى شۇ قىلىدۇ. مېنىڭ ئورنۇمدا دەرسكە قاتنىشىدۇ، ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇ سولتەك ئەلەمدە بولمىغىنى بىلەن بىلىمى خېلى چوڭقۇر. سوڭ ئاغام مېنى دەپ مەكتەبكە نۇرغۇن كۈمۈش سۈڭگۈتتى. ئاناڭنى، نىمە دېگەن ياخشى، بىر خەتمۇ تونۇمايدىغان تۆمۈر كالا ستۇدېنت بولۇپ قالدى. ھا...ھا... تېخى ئوقۇش پۇلىنى ھۆكۈمەت چىقىرىدۇ، ماڭا بىر تىيىنمۇ زىيان يوق، نىمە بولسا بولمامدۇ، ئىمتىھان بەرسەم بېرىمەن، بۇ قانچىلىك ئىشتى، لۇ ئاغا، سىزمۇ دىپلومدىن بىر قانچىنى ھەل قىلىۋالمامسىز؟ ھازىر دېگەن دىپلوم دەۋرى ئەمەسمۇ؟ بەك ئاسان، يەنە بىر تەرەپتىن سوڭ ئاغاممۇ خوش بولىدۇ، لياڭشەنگىمۇ شەرەپ، ــــ دېدى.

لۇ جىشېن قاتتىق ھەسرەت چەكتى. بۇ ئىشقا ۋۇ يوڭ، گوڭسۇن شېڭلارنىڭ دىپلومنىڭ راستلىقىغا قەسەم بېرىپ كاپالەت بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمىغىدەك. دەرۋەقە دىپلوم ھەقىقىكەن، پەقەت ئادەم ساختىكەن.

.

................................

.


يى مىڭ ئىمزالىق بۇ فىليەتون ئەسلى «ياشلار پايدىلىنىش گېزىتى» نىڭ 2002-يىلى 25- دىكابىردىكى سانىغا بېسىلغان، «مىكرو ھىكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 6- سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

سەلىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى

(تەرجىمان: لۈكچۈن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىدىن)

«تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xopur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 05:52 PM  


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76901
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 07:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دىپلۇم ھەقىقەتەن بەك مۇھىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 07:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 08:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇشۇنداق «لى كۈي» لەر ئاۋۇپ كەتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەھىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 08:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 09:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاۋا پۇل ئەمەس باراڭ پۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41220
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3853
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1191 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 09:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ساختا دىپلوم بىلەنمۇ  ئىمتاھان بەرگىلى بولامدۇ؟

ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىپلوم دەۋىرى ھازىر،شۇ قۇرۇق كىنىشكە بولمىسا ،ئۆرلەپمۇ ئوقۇيالمايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ گۇۋانامىلىرىمنى يىغسام بىر ساندۇق كىلەرمىكىن .
جەمئىيەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ھەرخىل دېپلوم،گۇۋانامىلەرنىمۇ بازاردا ساتىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدىكى خەلىقئارا چوڭ بازاردا دېپلوم دىگەننى سىۋەتتە كۆتۈرۈپ ساتىدۇ دەيدۇ

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 04:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز دىگەندىمۇ سەككىز تۇققۇز دىپلوم ئېلىپ بولدۇم`تېخى ئوقۇپ يۈرۈپ ~
بىرنەچچەيلەنگە قارىسام ئوقۇماستىن پۇلنى تۆلەپلا كىنىشكە ئېلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بالدۇر ئىشلەپ يۈرۈيدۇ~

بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن~ چوڭ ئورۇنلاردا چېنىپ قالمىسىلا

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش