QQدا ئادەم ئالداش ئەۋىج ئالدى، دىققەت !
مۇشۇ 7- ئايدىن باشلاپ يامان غەرەزلىكلەرنىڭ يەنە بىرخىل تور ئالدامچىلىق ھىلىسى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى.
بىلىملەر تورى تورداشلارنىڭ بۇ ئالدامچىلىققا ئىشىنىپ قالماسلىقىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇ.
ئالدامچىنىڭ باشقىلارنى ئالداش ئۇسۇلى:
ئالدامچى سىزنىڭ بىر قىسىم دوستلىرىڭىزنىڭ ياكى سىزنىڭ QQ پارولىڭىزغا تۈرلۈك يوللار بىلەن (ھەرخىل ياغاچ ئاتلار، قالايمىقان تور بىكەتلەر ئارقىلىق) سىزنىڭ پارولىڭىزغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن QQ دىكى يېقىن دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ جىددى ياردەم كىرەكلىكىنى، ئۆزىگە جىددى تېلفون قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى ئېلىپ بىرىشىنى ئۈتۈنۈپ ئالدايدۇ. يېقىن دوستلىرىڭىز ئالدى - سۈرۈشتە قىلمايلا قىممەت تولۇقلاش كارتا نومىرىنى قارشى تەرەپكە بىرىۋېتىپ ئالدىنىپ قالىدۇ.
ئەمىلى مىسال:
مەن مۇشۇ 7- ئاي كىرگەندىن بويان، ئىككى دوستۇمنىڭ QQ نومىرىن مۇشۇنداق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ ئۇچۇر ھەرگىزمۇ ياغاچ ئاتلار يوللىغان ئاپتۇماتىك ئۇچۇر ئەمەس، بەئەينى دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندەك ئالدامچى دوستلىرىڭىزنىڭ QQ سىنى ئېچىپ ئۆزلىرى سىز بىلەن پاراڭلىشىپ سىزنى ئالدايدۇ.
بايقاش ئۇسۇللىرى
. ئەگەر قارشى تەرەپ QQ سىدا سىزدىن جىددى پۇل سورىسا، قىممەت تولۇقلاش كارتىسى لازىم دىسە مۇشۇ تېمىنى ئەسلەڭ، چوقۇم شۇنداق قىلىڭ.
. قارشى تەرەپتىن، ئاداش تېلفون نومىرىڭ قانچىتى؟ مەن تېلفۇنىڭغىلا قاچىلاپ بىرەي دىگەندەك سوئاللارنى سوراپ دوستىڭىزنىڭ نومىرىنى جەزىملەشتۇرۇڭ.
. QQ دا ئاستىدا كۆرسىتىلگەن رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش چىقسا چوقۇم دىققەت قىلىڭ.