ساھىپجامالنىڭ ئۆلىمى فىلىمى توغرىسىدا
بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-گۇاڭ چۈنلەن،دۈەن باۋشەن بولۇپ، فىلىمگە گۇاڭ چۈنلەن 1986-يىلى رىژىسۇرلۇق قىلىپ ئىشلىگەن. ئاساسلىق روللارنى مىرادىل ئابلىمىت، گۈزەلنۇر قۇپىدىن، مىھرىگۈل ئەمەت قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىم خەلق ئارىسىدىكى گۈزەل رىۋايەتكە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى مۇنداق: ئۈچيۈز يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى زەرەپشان دەرياسى بويىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى سېپىل شەكىللىك قورۇسى بار ئىدى. ھەسەنباي مۇشۇ قورۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇراتتى. ئارقا قورۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ قىزى-مەريەم خېنىم تۇراتتى. بىر كۈنى مەريەم قورۇنىڭ كارىدورىدا ناخشا ئېيتىۋىتىپ،نەۋرە ئاكىسى- ئەلىنىڭ ئوغۇرلۇقچە تامغا يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەريەم ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن يۈزىگە ياپقان ياغلىقىنى ئېچىۋىدى،ئەلى چۈچۈپ كېتىپ، تامدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ-دە، شۇ سەۋەپتىن ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەسەنباي ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنىڭ مىراسىنىڭ ھەممە مال-مۆلكىنى مەريەمگە تەۋە بولىدۇ، دەپ جاكالايدۇ.بۇ ۋەسىيەتنامە ئۇنىڭ كىيىنكى ئايالى-لالەگۈلنىڭ گۈزەل چۈشلىرىنى بەربات قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاچچىغىنى بېسىۋالالماي، زەھەرخەندىلىك بىلەن بىر مەيدان ئوت كېتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، مەريەمنىڭ چىرايىنى بۇزىۋىتىدۇ. ئاندىن كىيىن لالەگۈل بۇ قورۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ. قۇربان ھېيىت كۈنلىرىدە يۈنۈس ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە كىلىپ، مىھمان بولىدۇ.قەيسەر كۈتۈلمىگەندە يۈزىنى يېپىۋالغان مەريەمنىڭ بەش يىل ئىلگىرى ئاققۇ كۆل بويىدا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تونۇشقان ياخشى كۆرگەن قىزى-مەريەم ئىكەنلىگىنى بىلىۋالىدۇ. قەيسەر شۇ چاغدا كەلگۈسىدە بۇ قىز بىلەن توي قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈنۈسباينىڭ ئۆيدىكىلەر ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئىبەرتىدۇ. بۇ ئىش ھەسەنباينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ چاغدا لالىگۈل ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسۈتۈپ، دىدەك قىز پەرىدەنى ئۇنىڭ ئورنىدا يىگىتكە بەرمەكچى بولىدۇ. قىزنى يۆتكەيدىغان ۋاقىتتا ئاقكۆڭۈل سەمىمىي قىز پەرىدە قەيسەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئۆزى زەھەر ئېچىپ ئۆلىۋالىدۇ. قەيسەر غەزەپلىنىپ، مەريەمنى ئىزدەشكە ئادەم ئىبەرتىدۇ. مەريەم گۈمبەز ئىچىدە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئوقۇيدۇ. قەيسەر ئاتلىق بېرىپ مەريەمنى تاپىدۇ. ئەكسىچە مەريەم ئۇنىڭ بىلەن قايتىشنى خالىماي، ئىگىز راۋاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ياۋا گۈلنى ئاسمانغا تاشلىۋىتىپ، ئۆزىنى ئىگىز راۋاقتىن پەسكە تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ. زەھەرخەندە لالىگۈل كىيىن قىساسىنى تارتىپ، ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ تۈگەيدۇ. بۇ فىلىم گۇاڭ چۈنلەننىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىنتىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ، رىيالىزىم ۋە رومانتىزىم بىر گەۋدە قىلىنىپ، رىۋايەت شەكلىدىكى ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىلىمدە 12مۇقامنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى ۋە شوخ ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارغا ھەقىقىي مەنىۋىي زوق ئاتا قىلالايدۇ. بۇ فىلىمنى ئىشلەشتە گۇاڭ چۈنلەن سەنئەت، مۇزىكا، تاماشىبىن قاتارلىق ئۈچ ئامىلنى بىر گەۋدە قىلىپ، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىجادىيەت موھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىگەن. بۇ فىلىم ئەينى يىللاردىكى پۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ روھىنى ۋە ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. نەشىرگە تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى تېلفۇن: 13779894333 2012-يىلى 18-ئىيۇن يېزىلدى. «سىرلىق كارۋان»تارىخىي فىلىمى توغرىسىدا
بۇ فىلىم گۇاڭ چۈنلەننىڭ 1985-يىلى ئىشلىگەن بىر ئىجادىي تارىخي فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر موھىم ئىجادىيىتىدۇر. بۇ فىلىمدە گۈزەل ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر قىزى-لالە يۈسۈپ دېگەن بىر سودىگەر تەرىپىدىن خوتۇنلۇققا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر جۇپ قوشگىزەك قىز تۇغىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ، باشقا بىر خوتۇن ئېلىپ، لالەنى ئاينۇر ئىسىملىك قوشكىزەك قىز بىلەن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋىتىدۇ. ماينۇر ئىسىملىك قىزى ئۇنىڭ يېنىدا قالىدۇ. لالەنىڭ ئەسلىدە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن ئىدى. لالە بۇلاپ كېتىلگەندىن كىيىن ھەسەن كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ،سەرگەردان بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. لالە ئاينۇرنى ئېلىپ كېتىۋىتىپ، ھەسەن بىلەن ئۇچۇرشىدۇ. ئانا-بالا ئۈچەيلەن ئەمدىلا جەم بولغاندا لالە ئېغىر زەربە دەستىدىن كىسەل بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاينۇر ئاكىسىنىڭ تەربىيىسىدە بىر نەچچە يىل بىرگە بولىدۇ. كۈتۈلمىگەندە يۈسۈپ ئىبەرتىلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىدۇ ھەمدە ئاينۇر دىدەك بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەسەنمۇ تۇتۇلۇپ چاكار قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. يۈسۈپ بۇ ئىككى ئۇرۇق-تۇغقاننى كۆرۈشتۈرمەيدۇ. ماينۇر چەتئەلدە ئوقۇپ، بىر ھاكاۋۇر ئاقسۆڭەك خېنىمغا ئايلىنىدۇ. 20 يىلدىن كىيىن شىنجاڭ ئازات بولۇپ، يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىدا يۈسۈپ چەتئەلگە قاچماقچى بولىدۇ. ئۇ ھەسەننى كارۋانلارنىڭ غوجىدارى، ئاينۇرنى يېڭى كىلىن قىلىپ ياسايدۇ. 4- خوتۇنىنى گاچا دىدەك قىلىپ ياساپ، ئاينۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بەلگىلەيدۇ. ئۆزى قېرى چاكار سۈپىتىدە ياسىنىپ، بىر تۈركۈم مال-دۇنيانى ئېلىپ، سىرلىق كارۋان سۈپىتىدە يولغا چىقىدۇ. چارلاش ئەتىرتىنىڭ باشلىقى-سادىق ۋە جەڭچى باتۇر بۇيرۇققا ئاساسەن يۈسۈپنىڭ كارۋانلىرىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى توساتتىن كارۋانلارنىڭ مال-مۆلكىنى بۇلايدۇ. ئاينۇر بىلەن يارىلانغان ھەسەننى قۇتقۇزۇپ، كارۋان قوشۇنىغا كىرىدۇ. قېرى ھىلىگەر يۈسۈپ سادىق بىلەن باتۇردىن گۇمانلىنىپ، ئاۋال قول سالماقچى بولىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاينۇرنىي سادىقنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئىبەرتىپ، سادىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئاينۇر سادىقنى قاچۇرۋىتىدۇ. كارۋان ئەتىرتى سەپەر جەريانىدا ھەسەن ئېغىر يارىلانغانلىقتىن يۈسۈپ ھەسەننى تاغدىن تاشلىۋىتىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ. ماينۇر بىلەن ئۇچۇرشىدىغان جايغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا يۈسۈپ يەنە گۈلى بىلەن بىرلىشىپ، ئاينۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ھايات-ماماتلىق پەيىتتە سادىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ يېتىپ كېلىدۇ. يۈسۈپ قول-چوماقچىللىرى بىلەن قولغا چۈشىدۇ. ھەق-ناھەق ئايدىڭلىشىدۇ. ئاينۇر ۋە ماينۇر ئاچا-سىڭىل ئاخىرى جەم بولىدۇ. بۇ فىلىمدە گۇاڭ چۈنلەن ئەگرى-توقاي كۆرنۈشلەر ئارقىلىق سىرلىق ۋە رومانتىك كۆرنۈشلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوبرازلارنى ياراتقان. فىلىمدە سادىق ۋە ئاينۇردىن ئىبارەت باش قەھرىماننىڭ ئوبرازى ناھايىتى تەسىرلىك، جانلىق، يارقىن ھالدا ئىپادىلەنگەن. نەشىرگە تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى تېلفۇن: 1377698943333 2012-يىلى 18-ئيۇن كۈنى يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-24 03:51 PM
|