مەزكۇر يازما «
ھەممىباب يانفون ئۇيغۇرچە كىرگۈگۈچ %100 رازى بولۇپ كېتىسىز » ناملىق يازمىدىكى «
harsan » ناملىق ئەزارىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كەڭ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش يۈزىسىدىن
بىلىملەر تورى كۆچۈرۈپ كېلىندى. مىسرانىمدىكى 联想A68e ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ يانفونىنىڭ Root ھوقوقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
联想A68e يانفوننىڭ Root ھوقوقىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى
چۈشەنچە:
Root ھوقوق دىگىنىمىز يانفونىڭىزنىڭ ئەڭ چوقوق ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر سىز Root ھوقوققا ئېرىشمىسىڭىز تېلفون سېستىمىسىغا بىۋاستە تاقىلدىغان ئۆزگەرتىش ۋە دىتاللارنى ئىشلىتەلمەيسىز دىگەن گەپ. مەسلەن: ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، Rom يېڭىلاش، 360 ئېقىم مىقتار چەكلىگۈچ، 360 ئېلان توسقۇچ قاتارلىقلار.
چۈشۈرۈلمە:
دىتال چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=5712
Root ھوقوق ئېلىش دەرسلىكى:
. ئاۋال تېلفونىڭىزنىڭ تەڭشەك(设置) رايونىدىن 应用程序 گە كىرىپ، 未知来源 گە توغرا بەلگىسى ئۇرىۋېتىڭ.
. يەنە يوقارقىدەك تەڭشەك(设置) رايونىدىن 应用程序 گە كىرىپ ئاندىن 开发 غا كىرىڭ ۋە USB 调试 گە توغرا بەلگخسى ئۇرۇۋېتىڭ.
. يانفونىڭىزغا سىغىمى 256 مىگابايتتىن چوڭ بولغان سىغىم كارتىسىدىن بىرنى سېلىڭ(ئەڭ ياخشىسى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆچۈرۋېلىڭ، بىر قېتىم فورماتلىۋېتىڭ).
. سۈپەتلىك سىغىم كارتىسى لازىم بولسا،
بىلىملەر تور سودا بازىرىغا كېلىڭ باھاسى بەك ئەرزان (8 گىگابايت ئارانلا 30 يۈەن)
. ئەمدى تېلفوننى ئېچىپ usb ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ، ھەمدە قوزغاتقۇچ قاچىلاڭ (قوزغاتقۇچ قاچىلىغاندا كومپىيۇتېرغا
http://www.wandoujia.com/windows غا كىرىپ 豌豆荚 نى چۈشۈرۈپ ئاچسىڭىز قوزغاتقۇچ ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىدۇ.)
. ئەمدى بايا چۈشۈرۋالغان چۈشۈرۈلمىدنى كومپىيۇتېرنىڭ c دىسكىغا يېيىپ، ئىچىدىكى root.bat ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ. ئاندىن بىر ئاز ساقلىسىڭىز تېلفونىڭىزغا Root ھوقوق ئېلىش تاماملىنىدۇ دىگەن گەپ.