دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-07-24
زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ۋە «مەملىكەت بويىچە يەرنى تەرتىپكە سېلىش پىلانى (2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە)» نى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىدۇ.
«مەملىكەت بويىچە يەرنى تەرتىپكە سېلىش پىلانى (2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە)» غا ئاساسەن، ئېلىمىزدە «12-بەش يىل» دا، 600 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 400 مىليون مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، 24 مىليون مو تېرىلغۇ يەر تولۇقلىنىدۇ.
زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دۇڭ زۇجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەرنى تەرتىپكە سېلىش دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم مەھسۇلاتلىق ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش يەرنى تەرتىپكە سېلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىدىكەن. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق مىقدارى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
دۇڭ زۇجى مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىدا، كەنت كوللېكتىپى ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نەپ ئېلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، يەرنى تەرتىپكە سېلىش كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم مەھسۇلاتلىق ئاساسىي ئېتىز 200 مىليون مودىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلۈپ، 45 مىليون مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەر تولۇقلانغان، تېرىلغۇ يەرنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى تەرتىپكە سېلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپەيتىلىش نىسبىتى %5 تىن %8 كىچە بولۇپ، ئېتىزلارنىڭ مەھسۇلات نىسبىتى %10 تىن %20 كىچە ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201207/t20120724_360904.html