|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزلەرگە ئامانلىق نېسىپ بولغاي!
ئاخىرقى كۆز ياش
پورەكلەپ ئېچىلغان خۇشپۇراق بىر گۈل،
چاقنايدۇ قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىدا.
مەست بولۇپ ھۆسنىدىن سايرايدۇ بۇلبۇل،
سۆزلەيدۇ رىۋايەت تۈننىڭ باغرىدا.
ئۇچۇشار كېپىنەك مەھلىيا بولۇپ،
ئۇنىڭدىن تارىغان مېھىر تەپتىگە.
ئوغۇرلاپ كېتىدۇ ھىدىنى شامال،
ئۇچۇرۇپ قاچىدۇ تەرەپ- تەرەپكە.
قاياقتىن كەلگەندۇر بۇ قارا قۇيۇن،
تىگىگە يېتەلمەي ھەيراندۇر ھەركىم.
پايخان بوپ كەتتىغۇ بارچە گۈزەللىك،
خۇش ھىدى دۈشمەنلىك بولغاندۇر بەلكىم.
زۇلمەت تۈن پەردسنى ئاچقاندا قايرىپ،
يىغلايدۇ كۆك ئاسمان يىغلايدۇ قوياش.
ئۆكسۈيدۇ زىمىنمۇ سىرغىپ چۈشكەندە،
سۇلغان گۈل مەڭزىدىن ئاخىرقى كۆز ياش.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-24 01:50 PM
|
|
|
|
|
|