ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى نەگە كەتتى؟
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-07-24
دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا، 19 نۇقتىلىق ئۆلكە، شەھەر(ئاپتونوم رايون)گە ئون نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنى يىغىش ھالقىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.
ئاتالمىش ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا «ئارتۇق تۇغۇش جەرىمانىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1994-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە «پىلان سىرتىدىكى تۇغۇت خىرجىتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى، ئايرىم ئۆلكىلەردە «ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى. 2000-يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىرلىكتە تارقاتقان ھۆججەتتە «ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى» قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، 2001-يىلى، «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» دا ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى ئاتالغۇسى ئېنىق بېكىتىلدى.
مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، 2009-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى سوممىسى 894 مىليون يۈەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى 2010-يىلى ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى سوممىسى 845 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭدىن بۇ خىراجەت ھەققىدە ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ ماتېرىيالى بايقالمىغان، مەملىكەت بويىچە يىغىلغان پۇل سوممىسىنىڭمۇ ئەزەلدىن ئېنىقلىمىسى بولمىغان.
پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى چېن ۋەنجى مۇنداق دېدى: يېزىلاردا تۈرلۈك ھەقلەر، يېزا ئىگىلىك بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلار دېھقانلاردىن يىغىدىغان بىردىنبىر ھەق بولۇپ قالدى، ئاممىدىن كۆپ يىغىپ يۇقىرىغا ئاز تاپشۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆپىيىپ، ھەق ئېلىنغاندا تالۇن كەسمەسلىك، پىلاندىن سىرت تۇغۇتقا يول قويۇش خاھىشلىرى كۆرۈلدى.
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201207/t20120724_360899.html