مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4826|ئىنكاس: 71

مۇنبەردىكى ئىمزالىرىمىز ئىلمىي بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:36:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       مۇنبەردىكى ئىمزالىرىمىز ئىلمىي بولسۇن

   ئىمزا- مۇنبەردىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز خاراكتېر- ئالاھىدىلىكىنى، تۇرمۇشتىكى قىزىقىش-ھەۋەسلىرىنى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغاق كەچمىشلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ-تىلەك ۋە ئىنتىلىشلىرىنى قىسقا، ئاددىي ئەمما چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق چۇڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە  مۇنبەرنىڭ  كىچىك سەھنسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

     ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى كىشىلەرنىڭ  قىزىقىش-ھەۋەسلىرى، ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرى، تۇرىۋاتقان يۇرت-ماكانى، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، ياش ۋە جىنىس پەرقى... قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتى، تەجرىبىلىرى، قىزىقىش-ئىنتىلىشلىرى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر مۇنبەردىكى نەچچە مىڭ، نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ مۇنبەرداشنىڭ ئۆزلىرى خالاپ، ئارزۇلاپ قوللىنىدىغان ئىمزالىرىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ روشەن ھالدىكى ئىنچىكە پەرقلەر بار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھېچكىمنىڭ قايسى بىر مۇنبەرداشنىڭ قايسى بىر  ئىمزانى قانداقلارچە ياقتۇرۇپ، ئۇنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ سۈرۈشتۈرۈش، ئۇنى ئىشلەتمەسلىككە ئۈندەش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىمزاسىنى مەزمۇن، شەكىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھالاشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇ شۇ ئىمزانى تاللاپ ئىشلەتكەن ئەزانىڭ تامامەن ئۆز  ئىختىيارىدىكى ئىش.ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىڭغىمۇ ئەسلا كۆز يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇكى، ئەزالار ئىمزانى قانداق شەكىللەردە قوللانسا بولىدۇ، چۈنكى ئەزالار قوللانغان شۇ ئىمزادىن ئىمزا قوللانغان ئەنە شۇ كىشىنىڭ خاراكتېر-ئالاھىدىلىكى، سالاھىتى، قىزىقىش-ھەۋىسى، بەلكى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر بىر تورداش ئۆزى ياقتۇرغان ئىمزانى قوللىنىشى كېرەك. ئەمما ئىمزا قوللانغاندا، مۇھىمى قوللانغان شۇ ئىمزانىڭ مەزمۇنىنىڭ چوقۇم ساغلام، سۆز-جۈملىلىرىنىڭ راۋان، ئىملاسىنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە تولۇقى بىلەن ئەمەل قىلغان بولۇشىغا  تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىمىز زۆرۈر.

مۇنبىرىمىزدىكى ئىمزالارغا قارايدىغان بولساق، مەزمۇنى شۇنداق چوڭقۇر، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى خېلىلا  يۇقىرى، ھاياتلىقتىكى  ھەر بىر ئىش- ھەرىكەتلىرىمىزگە مىزان قىلساق ئەرزىگۈدەك ھېكمەت ئۈنچىلىرىنى ئۆزىنىڭ نادىر ئىمزالىرى قىلىپ ئىشلەتكەن، ئىشلىتىۋاتقان ئەزالىرىمىزمۇ خېلى بار. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالدىنقى يىللىرى مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم پائالىيەتچان ئەزالىرىمىز دەل مۇشۇنداق ئېسىل ئىمزالارنى يىغىپ-توپلاپ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن سۇنغانمۇ بولدى. ئەمما ئاينىڭمۇ دېغى بولغىنىغا، ئالتۇنمۇ ساپ بولمىغىنىغا ئوخشاش يەنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئىنچىكىلەپ كۈزىتىدىغان بولساق،  يۇقىرىقىنىڭ تامامەن ئەكسىچە، مەزمۇنى تولىمۇ پۈچەك،  ئەمەلىي قىممىتى يوق بولغاننى ئاز دەپ، ئانا تىل-يېزىقىمىزدا يېزىلغان بەزى ئىمزا( ئەگەر ئۇنى ئىمزا دەپ ئاتاش ئۆلچىمىگە چۈشسە) لارنىڭ ئىملاسى شۇ قەدەر خاتا، سۆز-جۈملىلىرى باغلانمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئىمزا يېزىلىغان جايغا يېزىلىدىغان ئىمزا ھەجىم جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دېمەكچى بولغان ئوي-پىكىرنىڭ ئاخىرى پاتمىغانلىقتىن مەقسەت ئېنىق ئىپادىلەنمەسلىك، بۇنى ئاز دەپ، تەۋەررۈك ئانا  تىلىمىزدا بار بولغان  بار –يوقى پەقەت مۇشۇ 32 ھەرىپنى چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ، بىر كۈندە بىردىن ئۆگىنىش ئارقىلىقمۇ بىر ئايدا ساۋادلىق بولۇپ بولۇپ، ئاندىن ئەسەر( تېما )، ئىنكاس ۋە ئىمزا يوللىماقتا يوق، يوللانغان چوڭراق ھەجىمدىكى تېما-ئىنكاسلىرىمىزدىغۇ بوپتۇ، ئىملا خاتالىقى ئانچە-مۇنچە كۆرۈلسۇن، ئەمما شۇ بىر-ئىككى قۇر ئىمزادا بولسىمۇ، ئىملاغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز، كۈلەلمىگەن نېمەڭگە ھىجايما دېگەندەك، ئانا تىل-يېزىقىمىزدا ئەنە شۇنداق چالا ساۋات تۇرۇقلۇق، ئادەمنىڭ ئۆلۈۋاتقان ھۈجەيرىلىرىنىمۇ غىدىقلايدىغان كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشىمىز راستىنلا ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنى ئەجەپلەندۈرمەي، نەپرەتلەندۈرمەي قالمايدۇ. يەنى بۇ گېپىمىزنى بىر ئاز ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، قارايدىغان بولساق، بەزى ئەزالىرىمىز ئۆز ئىمزالىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق تور بەت، بلوگ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقاتلىرىنى، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە ماس كېلىدىغان ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى تاللاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ تامامەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بۇنى قوللاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن يەنە بەزىلەرچۇ؟ قاراپ باقساق، بەزىمىز ئانا تىلىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ مۇنبەردىكى شۇ مۇبارەك نام-شەرىپىمىزنى نەچچە ھەرىپ، قايسى ھەرىپلەر بىلەن قانداق يازساق تولۇق ھەم توغرا يېزىلىدىغانلىقىدەك ئەقەللىي ساۋاتنى بىلمەيمىز-يۇ، خۇددى....ئېتىم مارجان بۈۋى... دېگەندىكىدەك بەزى ئىمزالىرىمىزنى خەلقئارالىق تىللاردا، يەنە ئاللىقانداق تىل-يېزىقلاردا ئاجايىپ-غارايىپ بىزەپ يېزىپ كېتىمىز؟! دەرۋەقە، بىز پۈتكۈل جاھان رىقابەت، خىرىس بىلەن لىق تولغان، بىلىم، ئۇچۇر يەر شارىلىشىۋاتقان يېڭى ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئانا تىلىمىزدىن باشقا، نەچچىلىگەن تىللارنى ئامالىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، خەلقئارالىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا دادىل قەدەم باسساق تامامەن بولىدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى دەۋرنىڭمۇ تەخىرسىز تەلىپى. شۇنداق بولغاچقا، باشقا تىل-يېزىقتا ئۆزلىرىگە ئىمزا يېزىۋالغانلارنىڭ بەزىلىرى دەرۋەقە، ئۆزى يېزىۋالغان شۇ ئىمزانى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەدە بولۇشى، ھەتتا ئۆزى چەت ئەللەردە تۇرۇپ ئىلىم-تەھسىل قىلىۋاتقان ئالىي ئۇقۇمۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىزدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ھازىر چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقانلارمۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ، چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ خېلى بار. ئەمما بەزىلەرچۇ؟ بەلكىم، بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى باشقا تىل-يېزىقتا قوللىنىۋالغان ئەنە شۇ ئىمزالىرىنىڭ مەزمۇنىدىن كۆرە، شۇ ئىمزا يېزىلغان شەكىلگە، ئۇنىڭ رەڭگى-كۆركىگە...قاراپ قوللىنىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، مەيلى قايسىمىز بولايلى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مۇنبەردىكى نامىمىز، شۇ كىچىككىنە ئىمزايىمىزنى ئانا تىلىمىزدا توغرا يېزىپ قوللىنالايدىغان بولۇشىمىز، ھەرگىزمۇ مەنىسىنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيدىغان بەزى قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ شەرتلىك بەلگە- ھەرىپلىرى، ئاللىقانداق يوشۇرۇن مەنىدىكى سان-سىپىرلار، ئالا-پۇلىماچ رەسىم، قونچاقلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك  «دانىشمەن» ئىكەنلىكىمىزنى زورلاپ مۇنبەر ئەھلىگە، مۇنبەر ئارقىلىق خەلقى-ئالەمگە نامايەن قىلمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەگەر بىز كۈن بولساق، بىزنى باشقىلار كۈندۈز ئاسمىنىدا، تولۇن ئاي ياكى نۇرلۇق چولپان بولساق، تۈن قاراڭغۇسىدا جۇلالاۋاتقان قىياپىتىمىزدە كۆرەلەيدۇ. چۈنكى ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك.

      يەنە تەكرار ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئىلگىرى نۇرغۇن مۇنبەرداشلارنىڭ ئېسىل ئىمزالىرى سەگەك مۇنبەرداشلىرىمىز تەرىپىدىن يىغىپ توپلىنىپ، بىر نەچچە قېتىم مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنۇلۇپ ئالقىشلاندى. بىز بۇنىڭغا ھېچقاچان ئەسلا كۆز يۇمۇۋالمايمىز ھەم ھېچكىمنىمۇ ئەنە شۇلارغا ئوخشاش ئېسىل دۇردانە ۋە مول مەزمۇنلۇق سۆز-ئىبارىلەرنى يېزىپ ئىمزا سۈپىتىدە  چىقىرىۋىلىڭلارمۇ دېمەيمىز. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، مۇبادا يەنە شۇنداق بىر پەيتلەر كېلىپ ياكى شۇنداق پەيتنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ، ئەنە شۇنداق پۈچەك، چۇۋالچاق، تېتىقسىز، ئىملالىرى خاتا، مەزمۇنى چالا، قىممىتى تۆۋەن، بەلكى مەزمۇنى ساغلام بولمىغانلىقتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش خەۋپى بار ( بۇنى يوق دەپ ئېيتالمايمىز ھەم ئېيتالمايسىز) ئىمزالارنىمۇ توپلاپ-رەتلەپ مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلساق، ئەنە شۇ چاغدا، ئۆز ئىمزايىڭىزدىن پەخىرلىنىپ سۆيۈنۈپ كېتەرسىزمۇ ياكى خىجىللىقتا قالارسىزمۇ؟ ياكى تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭىزدىن تەنتەكلىشىپ، ئەنە شۇنداق ئىمزالارنى باشقىلارنى دوراپ ياكى مەنىسىنى چۈشەنمەيلا  ئىشلىتىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزدىن ئۇيىلارسىزمۇ؟! ۋە بەلكى بۇ تۈپەيلى بىرەر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقىمۇ توغرا كېلىپ قالارسىزمۇ؟   قېرىندىشىم، مەن سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى سوراپ باقاي: سىز ئەنە شۇ ئىمزانى تاللىغاندا، مۇشۇ نۇقتىلارنىمۇ ئويلاپ باققانمىتىڭىز؟!

مەن ئەسلىي بۇ يازمامدا نادىر ئىمزالار  بىلەن ئەنە شۇنداق پۈچەك ئىمزالاردىن ئۆرنەك سۈپىتىدە كەم دېگەندىمۇ ئەللىك نەچچىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ماقالەمدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىمنى دەلىللەش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپات-ئۆرنەكلەرنى ئاللىبۇرۇن تېپىپ تەييارلاپ قويغان بولساممۇ، ئەمما شۇنداق ناباب ئىمزالارنى قوللانغانلار خىجىل بولمىغىنى بىلەن يەنىلا بۇنداق ئىمزالارنى مىسال كەلتۈرۈشكە راستىنلا يۈزۈم چىمىلدىدى.  بۇ ھەقتە 23-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مۇنبەر مەسئۇلى مىسرانىم ئەپەندى ۋە باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئارقىلىق مەسلىھەتلەشكەن بولساممۇ، مىسرانىم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ناھايىتى ئېنىق، قوللىشى شۇ قەدەر قىزغىن بولغاندىن باشقا، باشقۇرغۇچىلار توپىدىكى پەقەت بىر نەپەر باشقۇرغۇچىدىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشقا ئېتىبار بىلەن قارىيالمىدى.( بەلكىم بەزى باشقۇرغۇچىلار توپتا بولمىغاچقا، پىكىر بېرەلمىگەندۇ، ئەمما بارلىرىدىن خېلى كۆپلىرىمۇ توپتا تاغدىن-باغدىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشۇشقا ۋاقىت چىقىرالىدىكى، ئەمما بۇ ئىشقا ھېچ بىر ئىپادە بىلدۈرگۈدەك پۇرسىتى چىقمىدى). بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئادەتتىكىچە مۇئامىلە قىلغىنىدۇ. ئەمما مەن  ئىمزانى ھەر كىم ئۆزلىرى خالىغانچە، خاتا ئىملادا، بېشى بار-ئاخىرى يوق ھالەتتە ئىشلىتىۋەرسە بولىدىغان بۇنداق ئېتىبارسىز ئىش دەپ قارىمايمەن. بۇنداق قىلىش شۇ ئىمزانى ئىشلەتكەن ھەر بىر مۇنبەرداشقىمۇ، ئۆز  نۆۋىتىدە مۇنبەرنىڭ شان-شۆھرىتى، ئىناۋىتى ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، مەن نېمىلا بولمىسۇن، مۇنبەرداشلىرىمىزدىن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بۇنداق ئىمزالىرىمىز مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن توپلاپ-رەتلىنىپ مۇنبىرىمىزدە كۆرگەزمە قىلىنىشتىن ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشتىن بۇرۇن، ئامال بار چەكلىك مۇددەت ئىچىدە، ئۆز ئىمزالىرىمىزنى ساغلام مەزمۇن، توغرا ئىملادىكى ئىبارىلەر بىلەن قايتىدىن رەتلەپ چىقىشىمىزنى، شۇ ئارقىلىق  بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئانىمىزنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىغىنىمىزغا ئوخشاش ئانا تىلىمىزنىمۇ ھېچ بولمىغاندا، مۇشۇنداق ئىبرەتلىك ھېكمەتلەر جۇلالىنىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ئىمزالىرىمىزدا بولسىمۇ  ئۇنتۇپ قالماي، ئۇنى توغرا ئىشلىتىپ، تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىمىزغا تىلەكداشمەن.

    دېمەك، ھەممىمىزنىڭ مۇنبەردىكى ئىمزاسى تۈرلۈك خاتالىق، نۇقسانلاردىن خالىي ھالدىكى تاللانغان، تاۋلانغان، ئىمزا قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئىمزا بولسۇن، مۇنبەردىكى ئىمزالىرىمىز  مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئىلمىي بولسۇن.

   مۇنبەرداشلار خالىسا، بۇ ھەقتە قانداق پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا، كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرىغا قويسا، ئىلمىي مۇنازىرىلەشسە تامامەن بولىدۇ.

                                       2012-يىل 24-ئىيۇن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 12:23 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nalam + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kizzik99 + 184 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 384   باھا خاتىرىسى

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:51:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرھەق!!!
بىر ئادەمنىڭ كىچىكىنە گەپ سۆزى ،ۋە يۈرۈش تۇرۇشى شۇ كىشىنىڭ ساپاسى ۋە خاراكتېرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنگە ئوخشاش ،بىر جۈملە ئىمزا سۆزىمۇ شۇ كىشىنىڭ  ئىچىكى دۇنياسىنى ئاز تولا  بولسىمۇ ئىپادىلەپ قويىدۇ!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:58:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دىدىڭىز ..ئىمزا ئارقىلىقمۇ شۇ كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ،خارەكتىرىنى ئاز تولا چۈشەنگىلى بولىدۇ

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:59:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا،ئىنكاسلىرىنىڭ تىگىگە،ئىمزالىرىغا ئىلان قىستۇرۋالغانلار،يەنى بىلوگ،تور بەتلىرىنى تەشۋىق قىلۋالدىغانلارنىڭ مۇۋاپىق ئىمزا قويۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن!!!

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەن يەنە ئازراق سۆز قاتسام بۇلغۇدەك بىرەرتال ماقال -تەمسىل يېزىپ قۇياي ئەمسە ئۆزەمنىڭ خاراكترىنى ئىپادىلەيدىغان

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5885
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ، «تېما ئىگىسى ئىملاغا دەل دىققەت قىلغان بولسىڭىز بەزى خەتلەرنى ئوقۇيالمىدىم»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afxar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 04:43 PM  


ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5504
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:27:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرىنجى بۇلۇپ ئەزا نامىغا ئاندىن ئىنكاسقا ئاندىن ئىمزاغا قارايمەن...ھەقىقەتەن باھا بەرگىلى بۇلىدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:31:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا گەپ قوللايمەن```


Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
afxar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 12:16 PM
توغرا ، «تېما ئىگىسى ئىملاغا دەل دىققەت قىلغان بولسىڭى ...

بۇنىڭ ھېچبىر ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق. چۈنكى ھەممە سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن  سىز ئوقۇماقچى بولغان شۇ تىل-يېزىقتا يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇيالىغۇدەرەك  تولۇق  ساۋاتلىق بولۇپ بولغان بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ ئورۇنلانغان بولۇشى كېرەك.  ھېچ بولمىغاندىمۇ باشلانغۇچ سەۋىيە ھازىرلىنىشى شەرت.

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇنبەر ئىسمىمنى ئۆزگەرتسەم بۇلاتتى،باشقۇرغۇچىلاغا ئۇچۇر ئەۋەتسەم جىملا...

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش