ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى CSPN زىيارىتىدە
غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ " ئەمىن " پۇتبول كاماندىسى ( غۇلجا شەھەر ئەمىن ئۆي_ مۇلۇك چەكلىك مەسئولىيەت شېركىتى ئىقتىسادى جەھەتتە ياردەم قىلدى ) 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۇنىدىن 18- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا شەندوڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان " لۇنىڭ " لوڭقىسىنى تالىشىش ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە 9-10 ياشلىقلار ۋە 11- 12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئىككى كاماندا ئېلىپ بېرىپ، 6 مەيداندىن مۇسابىقە ئوينىدى. 9-10 ياشلىقلار گۇرپپىسى 6 مەيدان ئويناپ، 6 مەيدان غەلبە قىلىپ ،بىر قېتىمۇ ئۇتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجە بىلەن چىنپىيون بولدى. 11-12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى 6 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 5 مەيدان يېڭىپ، 1 مەيدان يېڭىلىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ چىنپىيونى بولدى. بۇلتۇرمۇ ئايخان ئانا مەكتەپ ئەزىمەتلىرى بۇ ئىككى تۇر بويىچە مۇسابىقىغە بېرىپ قوش چىنپىيون بولغان ئىدى. بۇيىل غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ " ئەمىن " پۇتبول كاماندىسىمۇ قوش چىنپىيون بولۇپ ئۇدا ئىككى يىل چىنپويۇن بولۇشتەك رېكورتنى ياراتتى .
ئۇلار مۇسابىقىدىن قايتىپ كېلىپلا كېلەر يىللىق مۇسابىقىغە تەييارلىق مەشىقىنى باشلىۋەتتى، ۋە كاماندىغا جىددى يېڭى پۇتبول مايسىلىرىنى قوبول قىلىشقا باشلىدى.
مۇسابىقە جەريانىدا ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى CSPN تەنتەربىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلدى تۆۋەندىكىسى CSPN دا بېرىلگەن زىيارەت فىلىم كۆرۈنۈشى .
ئاساسى مەزمۇنى :
ۋېيۋاڭدا ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەتلىك " لۇنىڭ " لوڭقىسىنى تالىشىش ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە شىنجاڭدىن كەلگەن غۇلجا شەھەر 12- باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، پىششىق پۇت ئاستى تېخنىكىسى، ئۆتكۈر جەڭ تېخنىكىسى ، 2003-2004 - يىللى تۇغۇلغان شىنجاڭ بالىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقى، ھەممىنىڭ دىققەت ئىتىبرانى قوزغايتتى.
موخپىرىمىز 16- مەشىق مەيدانىغا كېلىپ زىيارەتنى باشلىغاندا بۇ يەردىكى بىر توپ ئۆسمۇرلەرنىڭ بەدەن قىزىتىش مەشىقى ئۇلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ئۇلارنىڭ مەشىق ھەركەتلىرى تەرتىپلىك، جانلىق، تېتىك ئوخشاش ياشلىقلار قاتارىدىكى بالىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە پەرىقلىنەتتى. ئۇلار دەل شىنجاڭ غۇلجا شەھرىدىن كەلگەن پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئىدى.
__ بىزنىڭ 1- نىشانىمىز بالىلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى بولغان مەشىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى كەلگۈزىدە دۆلەت كاماندىلىرىمىزغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش.
مۇسابىقە باشلانغاندىن كىيىن بۇ بالىلارنىڭ ئۆلچەملىك پاسلىرى، ئۆتكۈر، ئۇنۇملۇك ھۇجۇملىرى مۇسابىقىغە يېڭى تۈس قوشتى. بۇ بالىلار ئاساسەن 9 ياشلىق بالىلار بولۇپ 2 يىلدىن ئارتۇق مەشىق قىلدۇرۇلغان ( ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەركەزلىك مەشىق قىلغان ۋاقتى 8 ئاي ) .
شىنجاڭلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىگە نىسبەتەن لۇنىڭ پۇتپول مەكتىۋى ناتونۇش ئەمەس، ئۆتكۈر مىرەخمەتلەر شىنجاڭدىن كېلىپ لۇنىڭدا تەربىيىلەنگەن. ئۇندىن باشقا بارىمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن نەمۇنىلەرنىڭ بىرسى.
مۇشۇنچىلا كۆپ ئىلغار پۇتبول مايسىلىرىغا ئىگە شىنجاڭ، مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە نىمە ئۈچۈن ئۈزۈپ چىقالمايۋاتىدۇ ؟
___ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، ياخشى شارائىت يوق. بىزنىڭ بالىلىرىمىز پۇتبولنى سۆيىدۇ. پۇتبولنى ياقتۇرۇپ ئوينايدۇ. لىكىن ئۇلاردا يېتەرلىك شارائىت يوق. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان بۇ مەشىق مەيدانىدەك مەشىق مەيدانلىرى يوق، ھەممىسى توپا مەيدان. شىنجاڭدا ھەتتا پۇتبول كۇلۇبىمۇ يوق. ئەگەر شىنجاڭدا ياخشى پۇتبول مەشىق قىلىش شارائىتى بولسا ، بالىلىرىمىز چوقۇم ئۇزۇپ چىققان بولاتتى .
لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى 2004 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ياخشى بولغان ھەمكارلىك مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى . شىنجاڭ ياراملىك پۇتبول مايسىلىرىنى تەمىنلەيدۇ. لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى بولسا سەرخىل مەشىقلىنىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇلتۇر لۇنىڭ مەكتىۋى 4 نەپەر شىنجاڭلىق ئەزىمەتنى قوبول قىلغان ئىدى. ئىشىنىمىزكى بۇ يىل مۇسابىقىدىن كىيىن لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر پەيدا بولىدۇ .