مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 1

«بەخت ناخشىسى» فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        «بەخت ناخشىسى» فىلىمى توغرىسىدا









cap01.jpg

cap03.jpg
cap04.jpg
cap05.jpg
cap02.jpg
cap00.jpg

(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1981-يىلى ئىشلىگەن.)

سىنارىست-گۇاڭ چۈنلەن،مەمەت تاتلىق، دوڭ جىنبۇ.

رىژىسۇر-گۇاڭ چۈنلەن.        ئاساسلىق روللاردا:

كېرىم-تۇيغۇن ئەخمىدى.گۇلنار-ھەبىبە ئابدۇللا.

تۇيغۇن- دولقۇن. ماھىرە-گۇلبەھرەم  قاتارلىقلار

فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، فىلىمدە دىھقانچىلىق ماشىنىللىرى زاۋۇتىنىڭ ياش ئىشچىسى-كېرىم زاۋۇت باشلىقى- غازى تاپشۇرغان باغۋەنچىلىك مەيدانىغا بېرىپ، سۇ تارتىش ماشىنىسىنى ئوڭشاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ۋاختىدا ئورۇندىيالماي،

بىپەرۋالىق قىلىپ، باغۋەنچىلىك ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى  ماشىنىسىغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. يەنە ئاساسسىزلا يولسىزلىق قىلىپ،بىكەتنىڭ دۇجۇرنى خادىمى- گۈلنارنى ئەيىپلايدۇ. بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى-تۇيغۇن كەچلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپ، كېرىمنىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ. كېرىم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشتىن   

خىجىل بولۇپ، يالغاندىن ئاغرىق بولۇپ يېتىۋىلىپ، باغۋەنچىلىك مەيدانىغا بارالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تۇيغۇن كېرىمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. تۇيغۇن سۇ تارتىش ماشىنىسىنى رىمۇنىت قىلىپ بولغاندىن كىيىن باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ باشلىقى- ھامۇت ئۇنى «كېرىم» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى« ياخشى يىگىت» دەپ ماختايدۇ. ھامۇت ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن ئايالى ئۇنىڭغا بىرەيلەن گۈلنارغا لايىق تاپقانلىقىنى، يىگىتنىڭ ئىسمى –كېرىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە ناھايىتى خوشال بولۇپ،كېرىمنىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ سۇ چىقىرىش ماشىنىسىنى ئوڭشاپ، بەرگەنلىكىنى ئايالى بىلەن قىزىغا ئېيتىدۇ.كەچتە گۈلنار بىلەن كېرىم تۇنجى قىتىم ئۇچۇرشىدۇ. كېرىم گۈلنارنىڭ دەل بىكەتتىكى نۆۋەتچى قىز گۈلنار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ناھايىتى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. گۈلنار دادىسىدىن ئاڭلىغان ماشىنىنى رىمۇنىت قىلىش ئىشىنى كېرىمگە ئېيتىپ، رەخمىتىنى بىلدۈرىدۇ. كېرىممۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، «ماشىنىنى مەن رىمۇنىت قىلدىم.»دەپ يالغاندىن گۈلنارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرشىۋالىدۇ.

بىر كۈنى كېرىم بىلەن تۇيغۇن ئىككىسى  گۈلنارنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا كىلىدۇ. كېرىم گۈلنارنىڭ دادىسىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ.ئەكسىنچە تۇيغۇن قىممەتلىك مىھمان سۈپىتىدە ھامۇتلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زاۋۇت باشلىقى-غازىمۇ ھامۇتنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا كېلىدۇ.

ئۇ ھامۇتقا ماشىنىنى كېرىمنىڭ خاتا قۇراشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېرىم خېجىللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامۇت ئەسلى ھەسسىلەپ رەخمەت ئېيىتقان يىگىتنىڭ كېرىم ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. جان دىلى بىلەن ئاممىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان تۇيغۇن ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. بىراق كېرىم قاغىش-ئەيىپقا ئۇچرايدۇ. رىياللىق كېرىمنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ كىيىن جەمىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان يېڭى بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى جانلىق،قىزىقارلىق.پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مۇشۇنداق بىر ئۇقۇشماسلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھى ھالىتى ۋە ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمنىڭ دەۋىر خاراكتىرى كۈچلۈك، سەنئەت ئالاھىدىكى رۇشەن، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.


يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 10:43 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ فىلىم توردا بار. كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش