«مەسىلەھەت چېيى» دراممىسى توغرىسىدا
(بۇ دراممىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك درامما ئۆمىگى 1980-يىللىرى ئورۇنلىغان.) ئاپتۇرى-مەمەتئېلى زۇنۇن رىژىسۇر-ئېزىز ئايۇپ، يولۋاسخان ئىمىن. ئاساسلىق روللاردا: ئاينۇرى-تاجىگۈل. ئېزىزجان-ئابلىكىم روزى. ئايخان-ئىمىگۈلسۇم. شاراپەتخان-مەريەم يۈسۈپ. ئىبرايىم ئۇستا-مەمەت مامۇت.بۇرەۋىخان-ھۆرىگۈل تۇردى. نۇربىيەم-رەشىدەم قاتارلىقلار دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىي مەزگىلىدە ئاينۇرنىڭ دادىسى- قادىر ئۇستام قارىلىنىپ، تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. ئۆينىڭ بارى-يوق ھەممە ئىشى ئايخان ئانىغا قاراشلىق بولۇپ قالغاچقا،ئىشچان، ئاقكۆڭۈل قىز ئاينۇر ئۆينىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دوپپا تىكىپ، بازارغا دوپپا ساتقىلى كىرىدۇ. ئۇ بازاردا دوپپىنى ئەمدى بىر يىگىتكە سېتىشىغا جۇسادۈي قاراقچىللىرى ئاينۇردىن دوپپىنى تارتىۋالىدۇ. ئاينۇر قارشىلىق قىلماقچى بولغاندا كۆپچىلىك ئۇنى توسۇپ قېلىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بىراق ھېلىقى يىگىتنى تۇتۇپ تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى يىگىت-ئېزىزجان ئاھالىلار كومىتىتىغا قاراشلىق كىيىم تىكىش كارخانىسىغا كىيىم تىكتۈرگىلى كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئېزىزجان ئاينۇر بىلەن قايتا ئۇچرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياشنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئوتى تۇتىشىدۇ. ئېزىزجان ئائىلسىگە قايىتقاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئىبەرتىدۇ. بىراق ئەلچىلەر مەسىلەھەت چېيى توغرىسىدا بىرلىككە كىلىشەلمەي، بىر تالاي زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخىرى كومىتىت ئاياللار مۇدىرى-بۇرەۋىخاننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئېزىزجاننىڭ دادىسى-ئىبرايىم ئۇستامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە مەسىلەھەت چېيىغا ئوخشاش كونا قائىدە تۈزۈملەر بىكار قىلىنىپ، توينى ئاددى-ساددى ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ياخشى تۈزۈم قوللۇنۇلۇپ، ياشلارنىڭ توي قىلىشتىكى تويلۇق قائىدە -تۈزۈم ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىدۇ. بۇ دراممىدىكى ۋەقەلىكلەر جىددى، پىرسۇناژلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە، ناخشا-مۇزىكىلار يارقىن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى يېزىلدى.قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 11:47 PM
|