سالام خەت
بىردانەم مىنىڭ سەن
كەچۈر جېنىم ساڭا يېزىۋاتغىنىم يالغۇز سالام خەتلە ئەمەس ، ئىيۇل ئېيىدەك ئىللىق ،سالقىن،نەمخۇش يۈرىكىمنىڭ ،ئەسلىمىلىرىمنىڭ،ساڭا سېغىنىشىمنىڭ ئېلانى،سەن يۈرىكىمنىڭ قېتىدا يۈتكەن بىردانەم مېنىڭ،.قەلبىمدىكى بار يوقنىڭ ھەممە ،ھەممىنى تەخسىگە ئېلىپ ساڭا سۇنغۇم بار،
سۆيۈشلەرنىڭ داغلىرى چېچەكلىگەن ئەشۇ باغلارنى ئىستەيمەن ،بوسۇغاڭغا قەلەندەر سىياقتا بارغۇم كېلىدۇ.مەھەللىنىڭ چېتىدىكى مەجنۇنتاللار دەك بوينۇمنى قىسىپ تۇرغىنىمنى كۆز ئالدىمغا ئەپكېلىمەن .چۈنكى ۋىسال مەندىن ئېزىپ كەتمەكتە ئىدى .بۇنى ھېچكىم ھېس قىلىپمۇ بۇلالمايتتى ھەتتا سەنمۇ ھەم ،
كەچۈر جېنىم يېزى سالام خەت ئەمەس،يۈرىكىمدىن كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ ئۆرىمىسى،يىغلاپ قاخشاپ سۆيۈشلىرىمنىڭ قۇچىقىڭغا خۇددى ياپراق كەبى تۆكۈلۈشى.
يۈرىگىمنى يەپ كەتتى كېچە
شاماللاردىن ئەۋەتتىم بۇنى.
يۈرىكىمگە پاتماس ھەم ھەسرەت،
ئاۋازىممۇ قۇشۇلۇپ كەتتى.
ئاۋازىمغا ئەگەشتى ئۈمىد،
بىر سېنىلا ئىستىمەك ئۈچۈن.
سېغىنىشنىڭ ئاپئاق شولىسى،
خەنجەر ئۇردى ساڭا بەك يېقىن .
چىقسۇن جېنىم ئۈنۈڭمۇ بىر رەت،
ياكى بەرگىن ئۇنىڭدىن شەپە.
تېلفۇنلىرىم قېپ قالدى قۇرۇق،
ئۇچۇر بەرگىن ئۆزۈڭ قايەردە.
يۈرىگىمنى يەپ كەتتى كېچە،
تۇن قوينىغا سىڭىپ ئۇ تەنھا.
نەپەسلەرمۇ يىغلىدى ھۆڭرەپ،
ساڭا تەشنا ۋەدە قاياقتا.
باھار گۈللىرى ئېچىلىشقا باشلىنىۋىدى ئازابىممۇ مۇشۇ خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ خۇش ھېدلىرىغا ئەگىشىپ ئەسلىملىرىمنىڭ ئەستىلىكلىرى ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىپ كەتتى .سەن كەلمىدىڭ سەن يېنىمدا ھەم يوق ،ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ساڭا سىنىڭ يۈرىكىڭگە سىڭىپ كىرمەكتە.ئۇ شۇنچە پەرىشان ئۇنى پەپىلە،ئۇ شۇنچە مەيۇس ۋە شۇنچە نازۇك ئۇنى قوينۇڭغا ئال ...ئۇنىڭ كۆزلىرىدە شەبنەملەر يالتىراپ تۇرىدۇ لەۋلىرىڭ بىلەن يۇيۇۋەت،بىر دانەم مىنىڭ سەن بىردانەم
ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن ،بۇ يالغۇز سالام خەتلە ئەمەس،ئەمما بۇنى يۈرىكىڭگە يازغۇم بار ئىدى بۈگۈن يېنىڭدا بولالمىدىم ،شۇتاپ ماڭا پىنھانە تىكىلىپ تۇرىۋاتقان كۆزلىرىڭدىن ھېيىقىپ قوللىرىم تىترەپ تۇرىدۇ ،
قەلەملەرىم قەغەز يۈزىدە،
ئىزدىمەكتە سېنى ئەزىزىم.
ئېيتقىنا سەن قەيەردە بۈگۈن،
سەن بار جاينى ھېچ تاپالمىدىم.
خىيالىمدا سۆزلەيدۇ كۆزۈڭ،
مەندىن شۇنچە بولدۇڭ نارازى.
كۆزلىرىڭنىڭ تەكتىدە بىر سىر،
ئېغىر تىنغان ھىجران ئازاۋى .
كەچۈر دەيمەن يا دىيەلمەيمەن،
سايەمدە بار شۇ ئېغىر گەۋدەڭ.
ماراپ ئۆتتى سۇس بىر ھارارەت ،
دۇنيايىمدا سەنسىز يوق ئۆتەڭ.
يىراقتىن ھىدلىرىڭ كېلىۋاتىدۇ ،ئاڭا تۇلىمۇ تونۇش خۇشپۇراق.ماڭا سىڭىپ كەتكەن شۇ ھىدلارنى يەنىلا سېغىنغانىدىم ، يېنىمدا جىسمىمدا ھەتتا روھىمنىڭ قات- قېتىغا قۇشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەن ئۇنىڭغا تەشنا شۇنچىلىك.ئەبەدى يوقالمايدىكەن ئەبەدى ماڭىلا مەنسۇپ بولسىكەن ھەرقانداق بىرسىگە ئۇچراپمۇ قالمىسىكەن، تىنەپمۇ كېتىپ قالمىسىكەن دەيمەن .چۈنكى مەن شۇنىڭدىنلا ھاۋانىڭ ساپلىقىنى، زىمىننىڭ گۈزەللىكىنى ،ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپقان .
ساڭا بولغان چەكسىز سېغىنىشىم ئىچىدە كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا، ئايغا نالە قىلدىم ..ئۇ دېدىلەر«ھاياتتا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق ،سەن ئۆز سەزگىڭگە ئىشەن جانىم،ئۇ ساڭا ئاشىق خۇددى سەن ئۇنىڭغا ئاشىق بولغىنىڭدەك ،دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئۇمۇ ھەم سېنى سېغىنىپ ماڭا ئۇنسىز نالە قىلۋاتىدۇ ،مەندىن سېنى ئىزلەۋاتىدۇ ،سېنى سوراۋاتىدۇ،مەن دىن سېنى كۆرىۋاتىدۇ،كىچىككىنە بولسىمۇ تىنىم تاپتى شۇتاپ،كىچىككىنە بولسىمۇ يۈرىگى كۈلدى ھەم ..چۈنكى ئۇنىڭغا دېگىنىممۇ ساڭا دىگىنىم بىلەن ھەم ئوخشاش»....كۆزلىرىمدىكى مەمنۇنلۇق،يۈزلىرىمدىكى جىلۋىلەربىلەن قۇشۇلۇپ مەن خۇددى يېڭى تويى بولغان قىزدەك ئېچىلىپ كەتتىم.يۈرەكلىرىم تېپىچەكلەپ مېنى ئاشۇ يىراقتىكى نىدالار قوشۇپ ئەپ كەتتى.